2008/4/5

شىۋىتسىيەدە ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار

سۋىتسىيەدە ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم،
ئەگەر سىز مۇشۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان ياكى ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ئاسان كېرەلەيدىغان، ئوقۇش پۇلى تۆۋەن ياكى ئۇيغۇرلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى بىلسىڭىز، ماڭا «ئەركىنسىدىق @ gmail.com» ئارقىلىق ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىۋەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز. مەن ئۇنى مەرىپەت تور بېتىگە چىقىرىپ قويسام. شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز بۇ ئۇچۇردىن پايدىلانسا. مەن سىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان بۇ ياخشى ئىشىڭىز ئۈچۈن ئالدىن-ئالا رەخمەت ئېيتىمەن. ئەركىن سىدىق.
سىۋىتسىيەدە ئوقۇش پۇلى تۆلىمەي ئوقۇش پۇرسىتى
سالام ئىنى-سىڭىللار:
سىۋىتسىيەدىكى «مالمۆ ئۇنىۋەرسىتي» دە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 2008-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش پۇلى تۆلىمەي ئوقۇش پۇرسىتى بار ئىكەن. شەرتى توشىدىغان قەرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلتىماس قىلىشىنى سورايمەن. سىۋىتسىيەدىكى بۇ ئوقۇشقا ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدىغان بولۇپ، تۇرمۇش پۇلىنى يەنىلا ئۆزى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. سۋىتسىيە كونسۇلخانىسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن 10 ئايلىق ئوقۇش جەريانىدا زۆرۈر بولىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 10 مىڭ دوللاردەك پۇلى بارلىقىغا ئىسپات تەلەپ قىلىدىكەن. مەن ھازىر ئۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى تېپىش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق، شۇنى سۈرۈشتۈرىۋاتىمەن. ئۇ توغۇرلۇق بىر ئاز ئۇچۇرغا ئىگە بولسام، ئۇنىمۇ بۇ يەرگە چىقىرىپ قويىمەن.
1. بۇ ئۆقۇشنىڭ شەرتلىرى:
كەسىپتولۇق كۇرۇستا ئوقۇغان كەسپى ماتىماتىكا، فىزىكا ياكى ماتەرىيال ئىلمى بولىشى كەرەك. سىۋىتسىيەدىكى ئوقۇش ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئۈچۈن بولىدىغان بولغاچقا، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچى چوقۇم باكلاۋر ئۈنۋانىنى ئەلىپ بولغان بولىشى كەرەك. شۇنداقلا، سىۋىتسىيەگە كەلگەندىن كەيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كەسپىنى بىيولوگىيە ماتەرىياللىرى ساھەسىگە تەتبىقلاپ تەتقىقات ئەلىپ بەرىشنى خالايدىغان بولىشى كەرەك.
تىلتەلەپ قىلىنىدىغان تىل پەقەت ئىنگلىز تىلىلا بولۇپ، تەلەپ ئامەرىكىنىڭكىدەك يوقۇرى ئەمەس ئىكەن. توئەفل ياكى باشقا بىر ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، تەپسىلاتى توۋەندىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇردا بار.
2. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىئەگەر سىز ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، مەن سىزنى ئاشۇ مەكتەپتىكى مۇشۇ پروگرامغا مەسئۇل پروفەسسور بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويىمەن. مەنىڭ ئەلخەت ئادرىسىم: ئەركىنسىدىق@gmail.com
3. باشقا ئۇچۇر«مالمۆ ئۇنىۋەرسىتي» نىڭ ماگىستىرلىق پروگرامىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكى تور بەتىدىن تەپسەلىي ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز:www.edu.mah.se/sys_admin/Xhtml_utbildningsplan?ladok=VAMSM&revnr=1.000
ئەركىن سىدىق
http://www.meripet.com/Europe/Sweden.htmبۇ يەردىن كۆرۈڭ

0 باھالاش: