2008/4/9

چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىنى ئىزدەشتىن بىر مىسال

ئىلاۋە: بۇ تېما ئەسلىدە «كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇش پۇرسىتى» ناملىق يازمىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، بۈركۈت ئۇستازنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.

خۇددىي بۈركۈت ئۇستاز دېگەندەك، ئەگەر بىزدە تەييارلىقلا بولسا پۇرسەت دېگەن سان-ساناقسىز. بۇ تەييارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى بولسا پۇختا ئىنگلىز تىلى ئاساسى بىلەن كەسپىي بىلىم.

ئىنگلىز تىلى بىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشىمىز ئۈچۈنلار كېرەك بولماي، يەنە ئاشۇ پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىمۇ بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىقىغا ئوخشاش پۇرسەتلەرنى Google دىن ئىزدەش. بۇ يەردە بۈركۈت ئۇستاز مىسال ئۈچۈن Google دىن ئىزدەپ كۆرسىتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، مەخسۇس مۇشۇنداق پۇرسەت ئۇچۇرلىرىنى تەمنىلەش مۇلازىمىتىدە بولىدىغان مەخسۇس شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرى بار. بىراق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئىنگلىز تىلىدا. شۇڭا ئىنگلىز تىلى بۇ يەردە بەك ھالقىلىق ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلمىدۇق، دېگەن گەپ، مۇشۇنداق پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قالدۇق دېگەن گەپ. شۇڭا، مەيلى قاچان، قانداق كەسپتە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بولسۇن، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ۋە كەسپىي بىلمىلەردە پۇختا ئاساس سېلىپ، كەلگۈسىدىكى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

تۆۋەندە مەن «چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسى» دېگەن كىتابنىڭ قوشۇمچە قىسىمىدا تەۋسىيە قىلىنغان بىر تور بېكىتى (Peterson's) نى مىسال قىلىپ، مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ ئىزدەش يولىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمەن.

بۇ داڭلىق تور بېكەتنىڭ URL ى: www.petersons.com

ھازىر مەن ئۆزۈمنى ئامېرىكىدا كومپيۇتېر ئىلىمى كەسپىدە ماگستېرلىق ئوقۇماقچى بولدۇم، دەيلى. ئۇنداقتا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمەن:

1. ئالدى بىلەن بۇ تور بېكەتكە بارىمەن، ئەلۋەتتە. ئاندىن ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەكتەبلەرنى ئىزدەيمەن.
ئەگەردە كۆڭلۈمدە پۈكۈپ قويغان مەكتەب بولسا، Quick Graduate School Search نىڭ ئىچىگە مەكتەب نامىنى كىرگۈزۈپ، شۇ مەكتەب تەمىنلىگەن ئوقۇش پۇرسەتلىرىنىڭ تىزىملىكىگە بىۋاسىتە بارىمەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا Advanced Search نى بېسىپ، ئالىي ئىزدەش بېتىگە كىرىمەن.


2. بۇ بەتتە A, B, C دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىزدەش ئۇسۇلى تەمىنلەنگەن. A ئۇسۇلدا، تەتقىقات ساھەسى، كەسپ، ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئوقۇش ئورۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىزدىگىلى بولىدۇ. B ئۇسۇلدا، مەكتەب نامى، كەسپى ۋە ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئارقىلىق ئىزدىگىلى بولىدۇ. C ئۇسۇلدا بولسا، ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولىدىغان مۇھىم ساھەلەرنىڭ تىزىملىكى تەمىنلەنگەن. مەن بۇ يەردە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان A ئۇسۇلىنى مىسال قىلماقچىمەن.
بۇ ئۇسۇلدا ئالدى بىلەن تەتقىقات ساھەسى (Graduate School Subject Area) نى تاللايمەن، بۇنىڭدا مەن ئېنژىنېرلىق ۋە قوللىنشچان ئىلىملىرى (Engineering and Applied Sciences) نى تاللىدىم. ئاندىن يېڭىلانغان كەسىپ (Graduate School Program) لەرنىڭ تىزىملىكىدە، كومپيۇتېر ئىلىمى (Computer Science) نى تاللىدىم. ئارقىدىنلا ئۇنۋان دەرىجىسى (Degree/Award Level) تىزىملىكىدىن ماگىستېر (Master's) نى تاللىدىم. ئاخىرىدا، ئوقۇش ئورنى (Locations) دىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (United States) نى تاللىدىم. بۇلارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، شەرتلىرىمگە ماس كەلگەن مەكتەبلەرنىڭ سانى ستاتىستىكىلىنىپ، Locations تىزىملىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرسىتىلىدۇ، بۇ يەردە مېنىڭ شەرتىمگە چۈشىدىغان نەتىجىدىن 497 ى بار ئىكەن.

3. ئەمدى، SEE MY RESULTS نى بېسىپ، نەتىجە بېتىگە كىرىمەن. بۇ بەتتە، شەرتلىرىمگە ماس كەلگەن بارلىق مەكتەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ناملىرى، ھەقسىز تەپسىلىي ئۇچۇر تەلەپ قىلىش ئېلخەت ئادرېسى، مەكتەبنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى دېگەندەكلەر كۆرسىتىلگەن. ئەمدى مەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرىغا بەش قولدەك تونۇش بولغان BASIC تىلىنىڭ بۆشۈكى __ دارتماۋس ئىنستىتۇتى (Dartmouth College) نى مىسال قىلاي. بۇ مەكتەبتە تەمىنلىگەن ئوقۇش پۇرسىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن، مەن ئۇ مەكتەبنىڭ نامى ئاستىدىكى كومپيۇتېر ئىلىمى فاكۇلتېتى (Department of Computer Science) نى چەكتىم







4. بۇ بەتتە، Dartmouth College نىڭ Department of Computer Science نىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن، بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئوقۇش كەسپى (Programs of Study)
ئىقتىسادىي ياردەم (Financial Aid)
تۇرمۇش ۋە ياتاق خىراجەتلىرى (Living and Housing Costs)
بۇرۇن بۇ كەسپتە ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى (Student Outcomes)
ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتېتنىڭ قسىقچە ئەھۋالى (The College and The Department)
خەت-ئالاقە ئۇچۇرلىرى (Correspondence and Information)
تەتقىقات شارائىتلىرى (Research Facilities)
ئوقۇش خىراجىتى (Cost of Study)
ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى (Student Group)
ئورنى (Location)
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى (Applying)
ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى (The Faculty and Their Research

دېمەك، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئالدىنقى بەتتىكى ھەربىر مەكتەبكە قارىتا، يۇقىرىقىدەك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، قايسى مەكتەبتە ئوقۇسام ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بېكىتىمەن. بۇ يەردە Financial Aid بەكرەك مۇھىمراق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ خىراجىتى يۇرتۇمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا ئاز بولمىغان ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەردە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرەلەيدىغان مەكتەبلەرگە بارالىساق، ئۇ ھالدا بۇ تەرەپتىمۇ بەك قىيلىنىپ كەتمەيمىز. ئادەتتە، داڭلىق ئالىي مەكتەبلەر، تۆۋەنرەك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە قىزىق كەسپلەردە ئوقۇشتا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرىش مۇمكىنچىلىقى تۆۋەنرەك بولىدۇ، مەسىلەن، ستەنفورد، كومپيۇتېرغا ئالقىدار كەسپ، باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى دېگەندەكلەردە ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى ئېلىشتا بەك كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىشمىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئەگەردە كەسپ ۋە ئىلمىي ئۇنۋان مۇقىم بېكىتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، داڭقى بەك چوڭ بولمىغان مەكتەبلەرنى تاللىساق بولىدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى ئۇسۇل ئامېرىكىدا ئوقۇش پۇرسىتىنى ئىزدەشتىكى دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇل. بۇرۇنقى كىشىلەر 1000 بەتلىك كىتابلارنى ۋاراقلاپ يۈرۈپ، ئاندىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان قىلغان مەكتەبگە بارالايدىكەن ئىدۇق. ھازىر بولسا، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلارمۇ كۆپ ئاددىيلىشىپ كەتتى. ئەمما، يەنىلا شۇ كونا پەدە، ئىنگلىز تىلى ئاساسىڭىز چوقۇم ياخشى بولسۇن!

ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولغان بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا بالدۇرراق يېتىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
مۇناسىۋەتلىك مەنبە :بىلىك كۇلۇنى http://www.bilik.cn/dpindex.php?pagetype-bbsthread-a-tid-15708.html
تولۇق ئوقۇش

ئامرىكىغا بىرىپ ئوقۇش توغرىسىدا سۇئال-جاۋاپلار

ئامرىكىغا بىرىپ ئوقۇش توغرىسىدا سۇئال-جاۋاپلار

بۇ تىما بىلىك كۇلۇبىدا بۈركۈت ئەپەندى تەرىپىدىن يىزىلغان بولۇپ ،پايدىلىنىش قىممىتى زور ،

بۇ ساھە بۇنداق ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بەكمۇ سىرلىق تۇيۇلىدۇ. لېكىن يولىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇ ئانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. مەن ئۆزەم بۇ يولنى بېسىپ باققان بولغاچقا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ يولدا ئىزدەنگۈچىلەرگە (ھالىمغا باقماي، بىلگىنىم بويىچە) مەسلىھەت بېرىپ، يول كۆرسىتىپ كەلدىم. شۇ جەرياندا توپلانغان بارلىق سۇئاللارنى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋاپلىرىنى بۇ يەردە كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ تېمىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ، ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ۋە ياكى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئارزۇسى بارلارغا ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىسى تېگىپ قالسا، مېنىڭ ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ.

بۇ تېما قىسقا سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە داۋاملىشىدۇ. بۇرۇنقى سۇرالغان سۇئاللارنىڭمۇ، بۇ كۇلۇبتىكى تورداشلار سورىغان يېڭى سۇئاللارنىڭمۇ جاۋابى بېرىلىدۇ. سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى، يەنى، ئىسمى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، ئېلخەت ئادرېسلىرى بىردەك چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ تېمىغا ھەرقانداق پىكرىڭلار، ئىنكاسىڭلار، سۇئالىڭلار بولسا، {«ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش» قا ئىنكاسلار} دىگەن قوشماق تېمىدا بەرگەيسىلەر. بۇ تېمىغا يېزىلغان ھەر قانداق ئىنكاس بىردەك يۆتكىلىدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ!

جۇڭگۇدا ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش 1978-يىلى ئېچىلغان، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت، ئۇلۇق داھىمىز دېڭ شىياۋ پىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بېرىپ-كېلىشتە ئەركىن بولۇش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش» قاتارلىق بىر قىسىم دانا سىياسەت، يول-يورۇق، قانۇنلار ئاستىدا باشلانغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، نەچچە ئون مىليونلىغان جۇڭگۇلۇقلار ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇدى ۋە ئوقۇۋاتماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتسە، بەزىلىرى ئامېرىكىغا يەرلىشىپ قالدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق بىر چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلىرىدە كامىدا بىرەر جۇڭگۇ ئاشخانا-رېستۇرانى، ھەر قانداق بىر چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلىرىدە «جۇڭگۇلۇقلار شەھىرى» ( -- Chinatown, --唐--人--街-, 中--国--城 )، ھەر قانداق بىر ئالى مەكتەپنىڭ ھەر قانداق بىر فاكۇلتېتىدا كامىدا نەچچە، ھەتتا نەچچە ئون جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار، كامىدا بىرەر جۇڭگۇلۇق پىروفېسسور بار بولغان بىر «چوڭ، ياخشى» ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بۇ ئىش پۈتۈنلەي ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان، جۇڭگۇ گىراژدانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەنمۇ ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر جۇڭگۇ پۇقراسى. شۇڭا بۇ ھەقتە ھىچنىمىدىن، ھىچكىمدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنى يوق.

http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8776
تولۇق ئوقۇش

2008/4/6

ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش

ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش

«time management»
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى



مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن يازمامدا، دۇنياغا داڭلىق كوۋەي ئەپەندى يەكۈنلەپ چىققان يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئۆز ھاياتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. كوۋەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ داۋامى تەرىقىسىدە يەنەبىر كىتاب ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 2-كىتابىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «First things first». بۇنىڭ مەنىسى «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە يۇقىرىقى 7 ئادەتنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر سېمىنار مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا بولدى. مەن ئۇشبۇ يازمامدا «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» بويىچە، قانداق قىلغاندا ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتىمەن.

«ئىگىلىك باشقۇرۇش» دېگەننى ئىنگلىز تىلىدا «business management» دەيدۇ. ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇ سۆز بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى يەنە بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «time management». بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ۋاقىت باشقۇرۇش». ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن سۆز ئىشلىتىلەمدۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭا گەرچە مېنىڭ بۇ يازمىدا توختالماقچى بولغىنىم «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن مەزمۇن بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلۇپ قالمىسۇن، دەپ ماقالىنىڭ تېمىسىنى «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دەپ ئالدىم.

ئامېرىكىدا «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن سۆز ناھايىتى كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ. ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى شىركەت، ئىدارە، مەكتەپ ۋە ئورگانلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇددەتلىك ھالدا ئۆز شىركىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك باشلىقلارنى «ۋاقىت باشقۇرۇش» جەھەتتە تەربىيىلەپ تۇرىدۇ. مەن بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىتاب ساتىدىغان داڭلىق شىركەت www. amazon. com نىڭ تور بېتىگە كىرىپ، «time management» دەپ كىرگۈزۈپ باقسام، جەمئىي 73272 ئىزدەش نەتىجىسى چىقتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ «ۋاقىت باشقۇرۇش» قا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق» دېگەن يازمىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

نەقىل:
1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىنلاندىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (Manner Heim) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن- كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دېمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويۇۋېلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن



بۇ ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ تور ئادرېسى:

http://www.meripet.com/Academy/NaxshaUsulMilliti.htm

ئىنگلىزچىدا مۇنداق بىر سۆز بار: «The good is often the enemy of the best» بۇنىڭ مەنىسى «ياخشى بولۇش كۆپىنچە ھالدا ئەڭ ياخشى بولۇشنىڭ دۇشمىنى بولىدۇ.» ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى كەڭ، يىمەكلىكى مول، ئۆز يۇرتىدىن سىرتقا چىقماي ياشىغاندا ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوق بولغاچقا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشىنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئانچە بىلىنمىگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش باشقىلارغا بېقىندا بولماي، باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمەي، داۋاملىق ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىماي، ئۇخلاش ۋە يېيىش جەھەتتىكى ماددىي تۇرمۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ، راھەت ۋە خۇشال-خۇرام ياشىغىلى بولغان بولسا، چوقۇم ۋاقىت كۆز-قارىشىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىۋېرەتتى. ئەمما، رىئااللىق شۇكى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى شىددەتلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ھازىر چوقۇم باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمىسە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىپ قويىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى. مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھازىر ئۇرۇمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز- قارىشىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىۋېتىپتۇ. لېكىن، ئۆز پەرىزىمچە ئۇيغۇرلاردا «ۋاقىت باشقۇرۇش» تېخىچە بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگىنى يوق. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، «ۋاقىت باشقۇرۇش» قا ئائىت ئىنگلىزچە كىتابتىن 17 مىڭدىن كۆپرەكى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچىسىدىن قانچىسى بار؟

مەن بۇ بىر ماقالىدە «ۋاقىت باشقۇرۇش» ئىلىمىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مېنىڭ بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغىنىم كوۋەي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پايدىلانسا، چوقۇم ياخشى ئۈنۈم قازىنالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ بىلىملەرنىڭ ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى مەسىلىنى توغرا تونۇپ يېتىش، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.


1. سائەت بىلەن كومپاس


ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە «ئالدىرىغان يولدا قالار» دېگەن ماقالنى ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاساسەن بولمىسا كېرەك. مەنمۇ بۇ سۆزنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدىلا ئاڭلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسىمدىن چىقىرىپ باقمىدىم. ئىش قىلغاندا ئىزچىل تۈردە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈرئەت قوغلىشىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مەن بۇرۇن بۇ سۆز توغرىسىدا ئانچە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ماتېرىيال كۆرۈش جەريانىدا، بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى «ئالدىراش» دېگەن سائەت، ۋاقىت، ۋە ئىش قىلىش سۈرئىتى دېگەنگە قارىتىلغان بولۇپ، «يولدا قېلىش» بولسا بىر ئىشنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ياكى نەتىجىگە قارىتىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتنى سائەتكە ئوخشىتىدۇ. ۋاقىتنى ئىش قىلىش سۈرئىتى ئاساسىدا قەدىرلەيدۇ. لېكىن، ۋاقىت بىلەن ئىش قىلىش سۈرئىتىگە قارىغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ۋە نەتىجە تېخىمۇ مۇھىم. كومپاس بىر ئىشنى قىلىپ ئېرىشكەن ئۈنۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ بىر ئىشنى قىلىشتىكى يۆنىلىش، مەقسەت، دانالىق، توغرا ھۆكۈم، ۋە تەڭپۇڭلۇق چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كومپاسنى قەدىرلەيدىغان ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ قىممىتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن: «مەن ھازىر ئۆز ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەنمۇ؟ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلار قايسىلار؟ بار ۋاقتىمنى ئاشۇ مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن قانچىلىك سەرپ قىلىۋاتىمەن؟ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ مەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك پايدىسى بار؟» سوراپ تۇرىدۇ. ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋاتقان ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، پۈتۈن ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قارىتىدۇ.

ياخشى تەربىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ئاڭ ئادەم ئۈچۈن بىر ئىچكى كۆزەتكۈچى ۋە يول باشلىغۇچى سىستېمىسى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئىشنى ئۈنۈملۈك قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم «سائەت» ئۇقۇمى ئاساسىغا قۇرۇلغان روھىي دۇنيادىن قۇتۇلۇپ، «كومپاس» ئاساسىدىكى روھىي دۇنيانى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىشنى قارىغۇلارچە تەز قىلىش، ياكى «ئالدىراش» ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قىلغان ئىشىنى ئانچە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ياكى «يولدا قالىدۇ». سۈرئەت قوغلاشماي ئۈنۈم قوغلىشىش ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشقىمۇ ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشكىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلغان ۋاقىتتىمۇ سۈرئەت قوغلاشماسلىقىڭىز كېرەك.


2. ۋاقىت ماترىتساسى—پائالىيەتلەر


كوۋەي ئەپەندى كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىر ۋاقىت ماترىتساسىدىكى 4 كۇئادراتقا بۆلگەن. بۇ يەردىكى «ماترىتسا» بىلەن «كۇئادرات» دېگەن سۆزلەر ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى بولۇپ، ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئوقۇرمەنلەر «بىر 4 كۇئادراتلىق ماترىتسا» دېگەن سۆزنى «بىر 4 كاتەكلىك جەدۋەل»، دەپ چۈشەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن بۇ ماترىتسانى 1-رەسىمدە چۈشەندۈردۈم. ئوقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن بۇ رېسىمدىكى ھەر بىر كۇئادراتنىڭ مەزمۇنىنى قايتا تىزىپ چىقىمەن:

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار
قىستاپ كەلگەن ئىشلار
كىرىزىسلار/قورقۇنچلۇق ئىشلار
پۈتتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىشلار

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار
ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى
مۇناسىۋەت ئورنىتىش
پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش
سىستېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش
كەسپىي بىلىملەر ئىگىلەش
كۆڭۈل ئېچىش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار
ئورۇنسىز كاشىلا ئىشلىرى
ھاجەتسىز دوكلاتلار
مۇھىم ئەمەس يىغىن ۋە تېلېفونلار
باشقىلارنىڭ كىچىك ئىشلىرى
كەڭ تارالغان ئىشلار

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس ئىشلار
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار
ئالدىراش ئىشلار
مۇناسىۋەتسىز تېلېفونلار
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلار
«قۇتۇلۇش» ئىشلىرى
چېكىدىن ئاشقان تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت
ھەددىدىن ئارتۇق ئارام-ئېلىش


1-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۇرىدىغان تۆت كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ 2×2 ئۆلچەملىك ماترىتسا بىزگە جىددىيلىك چۈشەنچىسى بىلەن مۇھىملىق چۈشەنچىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىمىزنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ماترىتسانى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىڭىز كېرەك. يەنى سىز ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىنقى يازمامدىكى 7 ئادەتنىڭ ئىچىدىكى 2-ئادەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ئوبدان قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلار مۇھىم ئىشلار، قايسى ئىشلار جىددىي ئىشلار ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيسىز.

بىرىنچى رەسىمدىكى ماترىتسا سىز ۋاقىت سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى 4 كاتېگورىيىگە ئايرىپ بېرىدۇ. بىرىنچى كۇئادراتتىكى ئىشلار ھەم جىددىي ھەم مۇھىم ئىشلار بولۇپ، ئۇلار سىز چوقۇم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق سىز كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلىشالايسىز ياكى ئۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شۇڭا ئۇلار مۇھىم ئىشلار. سىز بۇ ئىشلارنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار جىددىي ئىشلار. مەسىلەن، بۇ يىل يازدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى قالغان 3 كۇئادراتقا قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدە ئوبدان ئويلانمىسىڭىز بولمايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر «جىددىي» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن 3-كۇئادراتقا ئاسانلا كىرىپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى يېگەن بىلەن سىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزگە ھېچ بىر تۆھپە قوشمايدۇ. ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنىڭ 2-كۇئادراتتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. پىلانلاش، تەييارلىق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، كىتاب ئوقۇش، كەسپىي بىلىمىنى كېڭەيتىش، ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش قاتارلىقلار مۇشۇ كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ بىر قىسىم مىساللىرىدۇر.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسى ئاساسىدىلا 2-كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلاردىن ھەقىقىي تۈردە پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 1- ۋە 2-ئادەتنى ئوبدان يېتىلدۇرىشىڭىز كېرەك. يەنى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 3- ۋە 4-كۇئادراتتىكى ئىشلارغا «ياق» دەيدىغان بىر كۈچلۈك كىشىلىك خارەكتېرنى يېتىلدۈرىشىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تولۇق ۋە توغرا بايقاپ چىقىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىسىڭىز يۇقىرىقى 4 كۇئادرات مەۋجۇد بولمايدۇ.

مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىر قىسمىنى 70-يىللاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار: (1) دۇنيادا قانچىلىك ئوقۇش بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش، (2) ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، (3) بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت 3 ئىش ئىدى. بۇ قېتىم مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ، 1986-يىلى مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بىلەن ياپونىيىدە بىرگە بولغاندا ئۇ كىشى ماڭا دېگەن مۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى: «بىر ئەر كىشى ئۈچۈن مۇھىم نەرسىدىن ئۇچى بار: بىرىنچىسى بىلىم، ئىككىنچىسى پۇل، ئۈچىنچىسى بىر ياخشى خوتۇن.» يەنى، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان مۇھىم ئىشلار بىلەن تەخمىنەن 15 يىلدىن كېيىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىدىن ئاڭلىغان مۇھىم ئىشلار بىر-بىرسىگە يېقىن چىقىپتۇ. مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمدىن ھاياجانلىنىپ، شۇ كۈنى ئاخشىمى بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۇخلىيالماي قالدىم.

بىزگە سېمىنار بەرگەن مۇتەخەسسنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر 75% ۋاقتىنى 2-كۇئادراتقا، 20% ۋاقتىنى 1-كۇئادراتقا، پەقەت 5% ۋاقتىنىلا 3-كۇئادراتقا سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، 4-كۇئادراتقا ئاساسەن ۋاقىت سەرپ قىلمايدىكەن.


4. ۋاقىت ماترىتساسى—نەتىجە


يۇقىرىقى 4 كۇئادراتتىكى ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەن 2-رەسىمدە ھەر بىر كۇئادراتقا ماس كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ مىساللىرىنى تىزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن 2-رەسىمدىكى نەرسىلەرنى يەنە بىر قېتىم تىزىپ چىقىمەن.

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار
كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلىش
قاتتىق ھېرىپ كېتىش
ئەندىشىگە پېتىش
قىيىن مۇناسىۋەتلەرگە دۇچ كېلىش
سالامەتلىكى ناچارلىشىش

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار
يىراقنى كۆرۈش
توغرا ھۆكۈم چىقىرىش
ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش
ياخشى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش
مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىكتە ياخشى بولۇش
خىزمەتتە ئۆسۈش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار
ئىشنى باشقۇرالماي قېلىش
تىت-تىت بولۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش
خىزمەتتە چەكلىمىگە ئۇچراش
باشقىلار بىلەن سۈركىشىش
نارازىلىق قىلىش
باشقىلارنىڭ قۇربانى بولغاندەك ھېس قىلىش

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس ئىشلار
مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش
باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش
ۋاقىتقا ئىچ ئاغرىتىش
ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش



2-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان تۆت كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.
ئەگەر يۇقىرىقى تىزىملىكنى ئوبدان تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىمىز: 1-كۇئادراتتىكىسى زۆرۈر ئىشلار. 2-كۇئادراتتىكىسى ئۈنۈم بېرىدىغان ئىشلار. 3-كۇئادراتتىكىسى ئادەم گوللايدىغان، ئادەمنى قۇربان قىلىدىغان ئىشلار. 4-كۇئادراتتىكىسى بولسا ئىسراپچىلىق ھېسابلىنىدىغان ئارتۇقچە ئىشلار.


5. تۆت ناچار ئادەت ۋە 3 مۇھىم ئىش


مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلىشىمغا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر توردىشىمىز بىلىك مۇنبىرىدە سورىغان مۇنداق سوئاللار تۇرتكە بولدى: «مەن قانداق قىلىمەن؟»، «بىز قانداق قىلىمىز؟». بۇ توردىشىمىزنىڭ سوراۋاتقىنى «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقى سوئالنى كۆرگەندىن كېيىن، مەندە ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر فورمۇلالاشتۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. مەن چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان، ئۆزۈم كۆرگەن، ئاڭلىغان، ۋە ئوقۇغان نەرسىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك بىر قىسىم ناچار پسىخىكا، روھىي ھالەت، مىجەز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە قاچاندىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ كەلدىم. ھەمدە يېقىندا بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بەزى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئالدىنقى يازمامدا ئازراق بايان قىلدىم. شۇڭا ئۇنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. ئەگەر بىز ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، باشقىلار ئەمەس ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىر ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزىۋاتقان چوڭ ناچار ئادەتلەردىن مۇنداق تۆتنى بايقىيالايمىز:
1) كىتاب ئوقۇماسلىق
2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق
4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىش
تۆۋەندە مەن بۇ 4 ئادەتنىڭ ھەر بىرسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئوتىمەن.

1) كىتاب ئوقۇماسلىق. بۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بىرسى بىر كىتاب يېزىپ ئېلان قىلسا، ئۇنىڭدىن ئاران 3 مىڭدىن 5 مىڭ دانىغىچە سېتىلىدىكەن. ئون مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئۈچۈن بۇ بىر نومۇس قىلىدىغان ئىش. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق يازما «سۆھبەت» تىمۇ بىر ئاز توختالغان. بۇ قېتىم بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن.

2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ۋە ئامراق، ھەمدە ئويۇنخۇمار ۋە مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر ئۇيغۇرلار يوقاپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچار بولماي، دۇنيادا بىر ئاز يۇز-ئابرويغا ئىگە ھالدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولغان بولسا، يۇقىرىقى ئەھۋال ھەرگىزمۇ بىر ئەيىپلەشكە تېگىشلىك ئىش بولالمايتتى. لېكىن، ھازىرقى رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرنىڭ قايسى دەرىجىدە ناچار ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ناخشا-ئۇسسۇل ۋە سورۇن پائالىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتقان ئىنتايىن نامۇۋاپىق ئورنى ۋە ئويناۋاتقان زىيانلىق رولى توغرىسىدا يالقۇن رۆزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىسىدە ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ ماقالە

http://www. meripet. com/Academy/

دېگەن تور بېتىدە بار بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. ھازىر مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئايىغى چىقماستىلا ئۇسسۇل ئويناشنى دوراشنى باشلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىنىدۇ، ھەمدە ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. شۇنداق، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈدىغىنى سىزنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بولغاندىكىن، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنى سىزنىڭ "ئويناڭ بالام ئويناڭ" دېگەن دەۋىتىڭىز بولغاندىكىن، بالىڭىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بولىدۇ. ئاق تەنلىكلەر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورنىدا بالىلىرىغا ئاشۇنداق كىچىك يېشىدىلا قايسى ئىشنى ئۆگىتىدۇ، بىلەمسىز؟ كىتاب ئوقۇشنى! بەزى ئانىلار قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر بىر كىچىك شەھەرلەرگە سېلىنغان شەھەر كۇتۇپخانىلىرىغا بارسىڭىز، نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئانىلارنىڭ 5 ياشتىن كىچىك بالىلىرىنى شۇ يەردە بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بەزىلىرى بالىلىرىغا كىتابنى ئۆزى ئوقۇپ بېرىدۇ. بەزىلىرى بولسا كىتابنى بالىسىغا ئوقۇتۇپ، ئۆزى يېنىدا چۈشەندۈرۈپ ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ بېرىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. ياپونلۇق ئانىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەت ئىككى: بالا تەربىيىلەش ۋە ئېرىنى كۈتۈش. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئولتۇرۇش ئاساسەن يوق بولۇپ، ئۇ ئانىلار ئۆمۈر بويى ئولتۇرۇش ۋە مېھماندارچىلىققا ئاساسەن بېرىپ باقمايدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقى ساپاسى بىلەن مىللىي روھىي مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. سىز بالىڭىزغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز بالىڭىز ئۇسسۇلغا ۋە باشقا ئويۇنغا ئامراق، ئۇلاردىن ئىنتايىن ھوزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. توپ ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز توپقا ئامراق ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەتسىڭىز بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسا تۇرالمايدىغان، بىر ئاز كىتاب ئوقۇمىسا ئاخشىمى ئۇخلىمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ: ئاخىرىدا قايسى خىلدا چوڭ بولغان بالا ئۇتۇپ چىقىدۇ؟ مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، تېلېۋىزوردا كىچىك بالىلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنى كۆپ قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىلىم مۇسابىقىسىمۇ بارمۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆگىنىۋاتقان ئۇسسۇل بىلەن ناخشىلىرى يېتىشمەمدىكەن؟ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بىر دەۋرنى خەلقئارادا «سانائەت دەۋرى» دەپ ئاتايتتى. ھازىرقى دەۋرنى بولسا «بىلىم ئىشچىلىرى دەۋرى» (ئىنگلىزچە «knowledge worker age») دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار قايسى دەۋەردە ياشاۋاتىدۇ؟ «مېھماندارچىلىق سورۇن دەۋرى» دە دېسەك توغرا بولامدۇ؟ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئولتۇرۇش-مېھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، بۇ ھادىسىنى مۇۋاپىق تەسۋىرلەش ئۈچۈن مەن ھازىر «قالاقلىق» دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بالا تەربىيىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن ئاز.

ناخشا-ئۇسسۇل ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان بىر نەرسە، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردىن ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرى كۆپلەپ چىقسا، ھەمدە بۇ چولپانلار پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنسە، ئۇلار ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتالىشى ھەقىقەتەن مۇمكىن. ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. لېكىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر مىللەتنى پۈتۈن دۇنيا تونۇغان بىلەن، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئېتىبارغا ئىگە بولۇشى، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى ناتايىن. مەسىلەن، سىگانلارنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ھېچ كىم كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بايلىرىدىن بىر قانچىسى بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىمۇ غەرب ئەللىرى ئانچە كۆزگە ئىلمايدۇ. سەۋەبى ئۇلاردا پۇل بولغىنى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقۇدەك قۇدرەت يوق. ياپونلۇقلار نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. يەھۇدىيلار بىر كىچىك مىللەت بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا غەرب ئەللىرى ئۇلارنى خېلى ئەتىۋارلايدۇ (يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتايىن ناچار تەرەپلىرى، ھەتتا ئىنسانلارغا قىلغان جىنايى ئىشلىرىمۇ خېلى كۆپ، لېكىن ئۇلار مەن بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، ئۇلار ئۈستىدە توختالمايمەن). نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل ۋە سورۇن پائالىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىغاندا، ئوز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن تېخىمۇ بەكرەك زورۇردۇر.

مەن ئۇيغۇر ئولتۇرۇشى مەسىلىسى ئۈستىدە بۇرۇنمۇ ئازراق توختالغان. قىزىقىدىغانلار ئۇنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرسە بولىدۇ (يازما سۆھبەت 2-قىسىم 12-سوئالنىڭ جاۋابى):

http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=2916&extra=&page=5

3) ئۇيۇشالماسلىق. مەن ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى مەمەتئېلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ «قوش مەسچىت» دېگەن ئەسىرىنى بىر ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:

http://www. bilik. cn/dpindex. php?pagetype-bbsthread-a-tid-17004. html

مەن بۇنىڭدىن 6-7 يىل ئىلگىرى، بىر غەرپلىك تارىخشۇناس يازغان ئىنگلىز تىلىدىكى تارىخ كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم. بۇ كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى يېزىلغان ئىكەن. مېنىڭ شۇ كىتابنى ئوقۇپ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىم تۇرغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشمايدىكەندۇق (ئەگەر مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى خاتا بولغان بولسا، توغرىسىنى بىلىدىغانلار مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىسىدا ئەسكەرتىپ قويغان بولسا). مەن كىتابنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىنتايىن ھەيران بولغان ئىدىم: 30 مىڭ ئەسكەر قانداق قىلىپ نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى شۇنچە ئۇزاق بېسىپ تۇرالىغاندۇ؟ مېنىڭ كېيىن چۈشىنىشىمچە، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئاشۇنداق قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى، يۇقىرىقى «قوش مەسچىت» دېگەن ئەسەردە بايان قىلىنغان، بىرلىشىپ دۈشمەنگە قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق» دەپ ئۆز-ئارا پاش قىلىشىپ، ئۆز-ئارا ئورا كولىشىپ، ئۆز-ئارا قەستلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى تەڭ ھالاك بولغانلىقى ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، بىرلىشىپ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق ئەھۋالى ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ، چەت ئەلدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد، بۇ ناچار ئادەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.

4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىش. بۇ ناچار ئادەت توغرىسىدا شەبنەم مۇنبىرىدىكى «تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل» دېگەن ماقالە بىلەن يۇقىرىقى «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىدا يېتەرلىك مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئالدىنقى ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:

http://bbs. xabnam. com/read. php?tid-49315. html

شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە كۆپ توختالمايمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل بىلەن ۋاقىتنى سورۇن پائالىيىتىگە ھازىرقىدەك سەرپ قىلىشى، «ناچار ئادەت» دەرىجىسىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك قالاقلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، دېسىمۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇلى بىلەن ۋاقتى ئاساسەن سورۇن پائالىيەتلىرى بىلەن تۈگىگەنلىكتىن، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەشكە ۋاقتى بىلەن پۇلى يوق، ئۆزى كىتاب ئېلىپ ئوقۇيدىغانغىمۇ ۋاقىت بىلەن پۇلى يوق، بالىلىرىمۇ ياخشى تەربىيە كۆرەلمەي، ئۆزلىرىمۇ «ھەرىنى بىلەپ تۇرۇش» ئىشى بىلەن شۇغۇللىنالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تەرەققىي تاپقان مىللەتلەردە ھەممىدىن بەك ئومۇملاشقان ئادەت كىتاب ئوقۇش ئادىتىدۇر. سورۇن مەدەنىيىتى ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى، پارلامېنت ئەزالىرى، بىلل گايتىسكە ئوخشاش كارخانا چولپانلىرى، سپورت چولپانلىرى، كىنو چولپانلىرى، ۋە سەنئەت چولپانلىرىنىڭ كۆپلىرى مۇددەتلىك ھالدا يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ، ياش-ئوسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، ئىلىم-پەننى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىدەك ئادەم بولۇپ چىقىشقا قىزىقتۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھەر ئايدا نەچچە قېتىم ئەتراپتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا كائىنات بىلىملىرى ۋە كائىناتنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدا بىلىم سۆزلەپ، ئۇلارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەبىئىي - پەن ۋە ئېنژېنىرلىك كەسىپلىرىگە قىزىقىدىغان قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كۆپ گەپ قىلماي. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ.

ئەگەر بىز باشقىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، يۇقىرى سۈپەتلىك لىدېرلارنىڭ كەملىكى ۋە ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلار مىللىي روھنىڭ باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق،، تىل ۋە دىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنىڭ ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتگە دۇچ كېلىشىگە بىلىپ-بىلمەي يول قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 4 ناچار ئادەتنى يوقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلاردىن تۆۋەندىكى 3 ئىشنى ھېس قىلدىم:


مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش


بۇ ئىشلار «بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن سوئالغا جاۋاب بولىدىغان، يۇقىرىقى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا تەۋە بولغان مۇھىم ئىشلاردۇر. مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىقى 4 ناچار ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن. مەن ئەسلىدە يۇقىرىقى 3 مۇھىم ئىشقا «زامانغا ماسلاشقان ئالىي سۈپەتلىك لىدېرلارنى يىتىلدۇرۇش» دېگەن 4-ئىشنى قوشۇشنى پىلانلىغان ئىدىم. كېيىن ئويلاپ باقسام، مىللەتنىڭ ساپاسى ئۆسۈپ، مىللىي روھى ئۇرغىسا، ھەمدە لىدېر ۋە داھىي يېتىشىپ چىقىش ئۇچۇن زۆرۈر بولغان شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلسە، ئۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا بىر قىسىم ئالىي سۈپەتلىك لىدېرلارمۇ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىر ئايرىم ئىش قاتارىغا كىرگۈزمىدىم.


7. ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەكلىپ


ھىندىستاننىڭ ھەمدە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر داھىيسى ماھاتما گەندى مۇنداق دەيدۇ: «بىز قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىز قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دۇنيا مەسىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەل قىلىۋېتەلەيدۇ.» بۇ سۆز ماڭا نىسبەتەن خۇددى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىيىلگەندەكلا تۇيۇلدى. يەنى، ئەگەر بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، شۇ تېپىپ چىققان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، بىزنىڭ ھەممە مەسىلىلىرىمىز ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى. بۇ يازمىدا ھازىرغىچە بايان قىلغان نەرسىلەرنى ئىككى ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش. مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز بارلىق دىققىتىمىزنى «مۇھىم ئىشلار» غا مەركەزلەشتۈرۈش بولۇپ، «ئىجرا قىلىش» دېگىنىمىز ئاشۇ مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى 4 چوڭ ناچار ئادىتى بىلەن 3 چوڭ مۇھىم ئىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بۇ ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇھىم ئىشلارنى تەدرىجىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ستراتېگىيىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئېنىق ستراتېگىيەنىڭ بولۇشى بىر ئىش، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنە بىر ئىش. يۇقىرىقى نەرسىلەرنى مەن دېمىسەممۇ بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ بۇرۇن ئوتكەن دانىشمەنلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق ستراتېگىيىنى تەپسىلىي ئويلاپ چىققان ۋە ئوتتۇرىغا قويغانلاردىنمۇ كۈرمىڭ تولا. ھازىرقى گەپ، «بىر ئىشنى بىلىپ ئۇنى قىلماسلىق، ئۇنى بىلمىگەنلىك بىلەن باراۋەر» دىن ئىبارەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ، مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياشلىرى باشلامچى بولۇشى كېرەك. ھەمدە ئىشنى ھازىر ئەمدى تۇغۇلۇۋاتقان ۋە يېشى كىچىك بالىلاردىن باشلاش كېرەك. مەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىنى سورايمەن: «ھازىردىن باشلاپ مەن سورۇن پائالىيىتىمنىڭ يېرىمى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن ئىقتىساد قىلغان ۋاقىتنى بالا تەربىيىلەشكە ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئىشلىتەلەيمەنمۇ؟» مەن بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى ئەمەس. مەن پەقەت بوش ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سورۇن پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنىلا بالا تەربىيىسى ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ، دېدىم. ئالدى بىلەن مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئىش باشلىسىڭىز، مېنىڭچە چوقۇم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئۇزۇن مۇددەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى بالىلارنى سورۇنغا ئامراق ئەمەس، كىتابقا ئامراق قىلىپ يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساق، بىز ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ھەل قىلالايمىز.

مېنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىغا بېرىدىغان تەكلىپىم مۇنداق: ئالدىنقى يازمامدا تونۇشتۇرغان، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ 4 قىسمىنى بىر قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇ 11 نەرسىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا بىردىن سىز بۇنىڭدىن كېيىن قىلىپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلغان ئىشنى يېزىپ قويۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 4 ناچار ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى، ھەمدە مۇشۇ 3 مۇھىم ئىش دائىرىسىدە سىز قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ يەنە بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ھەر قېتىم سىز توڭلاتقۇنى ئاچقاندا، بۇ 7 ئادەت، 4 ئۆلچەم ۋە سىز ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرىسىز. شۇ ئارقىلىق سىز ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.


8. ئاخىرقى سۆز


مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، دۇنياغا داڭلىق بىر ئەربابنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى تىلغا ئالغان ئىدىم: «ۋاقىتنى سېكونت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.» بۇ سۆز پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىشقا قارىتىلغان. مەن ئاشۇ سوھبەتنىڭ يەنە بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا بولسا، ئاشۇ ۋاقىتلاردىن قانداق پايدىلانغاندا قىلغان ئىشىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالدىم. يەنى، مەن ھازىرغىچە ۋاقىت توغرىسىدا توختالغان مەسىلىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 1) پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىت مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتىش ئۇسۇلى. 2) تاپقان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى. 3) ئۇ ۋاقىتلارنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۇسۇلى. بۇ ئاخىرقى مەسىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەن يەنە ئادەم بىر ئىش قىلغاندا سائەتنى ئويلىماي، كومپاسنى ئويلاشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

ئىنگلىز تىلىدا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «priority» دېگەن بىر سۆز بار. ئۇنىڭ مەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ئىككى مەنىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «ئىشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى، مۇھىملىق تەرتىپى»، يەنە بىرسى بولسا «قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار». مەسىلەن، بەزىدە ماڭا بىزنىڭ ئىدارىدىكى 3-4 باشلىقتىن تەڭلا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەر چۈشىدۇ. مەن ھېچ ئىشنى باشلىماي تۇرۇپ، ئۆز باشلىقىمغا بىر ئېلخەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن «بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىملىق تەرتىپى قانداق؟» دەپ سورايمەن. بۇ دېگىنىم ئەمەلىيەتتە قايسى ئىشنى ئەڭ ئالدىدا قىلىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسىنى قىلىمەن، ... دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئىشنى شۇ بويىچە قىلسام، مېنى باشقا باشلىقلار ئاۋارە قىلالمايدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، «مېنىڭ ئىشىم پۇتتىمۇ؟» دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا «ياق. مېنىڭ تىزىمىمدا سېنىڭ ئىشىڭ 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئالدىرىساڭ، باشلىقىمنى ئىزدە. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنىڭ مۇھىملىق تەرتىپىنى ئالدىغا سۇرۇپ بەرسۇن.» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بۇ يۇقىرىقى سۆزنىڭ 1-مەنادا ئىشلىتىلىشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ئۆزۈمدىن: «مەن بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مېنىڭ 1-، 2- ۋە 3-مۇھىم ئىشلىرىم قايسىلار؟» دەپ سورايمەن. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ھەم شۇنداق. «مېنىڭ 1-مۇھىم ئىشىم» دېگەننى ئىنگلىزچىدا «my first priority» دەپ ئاتايدۇ. مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا، يەنى ئىدارەمدە، ئۆيۈمدە، مەن كۆرىدىغان كىنولاردا، مەن ئاڭلايدىغان رادىئودا ۋە مەن ئوقۇيدىغان ماتېرىياللاردا بۇ «priority» دېگەن سۆز بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاشۇنداق كۆپ ئىشلىتىشى مەن بۇ قېتىم توختالغان ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئاشۇنداق مۇھىملىق تەرتىپىگە ئايرىش ئارقىلىق، جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، قىلغان ئىشلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. شۇڭا مەن بۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشىنى سورايمەن. ئەگەر بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار مىللەت ساپاسى، روھى ۋە مەۋجۇتلىقى قاتارلىقلارنى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا كىرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئۆز مەۋجۇدلۇقىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسى ھازىر 1-كۇئادراتقا كىرىپ قالمايتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-يىلىدىن 322-يىلىغىچە ياشىغان دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ «ئارىستوتېل» (http://en. wikipedia. org/wiki/Aristotle) مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق 3 ئاساسىي قەدەمنى چوقۇم بېسىشىڭىز كېرەك:
(1) مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ
(2) سىز ئۈچۈن «مۇۋەپپەقىيەت» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە توغرا ئېنىقلىما بېرىپ چىقىڭ
(3) ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭ ئۇتۇقى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ
بۇ قەدەم-باسقۇچلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى قوزغىتالىشىنىڭ سىرىدۇر. بىز ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى قوزغاتقۇچى كۈچ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنى، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ
تولۇق ئوقۇش

2008/4/5

ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنىڭ 1-شەرتى ئىنگلىز تىلىنى بىلىش. ئەگەر سىز ئامېرىكىغا ياكى ياۋروپادىكى باشقا بىر مەملىكەتكە بېرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئىمكانىيەت يار بەرسىلا، كىچىكىڭىزدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلاڭ. ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئىنگلىزچە ئۆگىتىدىغان مەكتەپ-كۇرسلار كۆپ ئىكەن. ئىنگلىزچىنى شۇلارنىڭ بىرىدە ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتۈلسە، شۇ دەرس ئارقىلىق ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە، مەكتەپنىڭ ئۆتكەن دەرسلىرىگە تايىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغىدەك سەۋىيەگە يەتمەك ئاسان ئەمەس. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىڭىزدىنمۇ ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا قانچە بۇرۇن تۇتۇش قىلسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر توئەفل(托福考试) دېگەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىمتىھان بۇرۇن لەنجو ۋە شىئەنلەردە ئېلىناتتى. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا توئەفل ئىمتىھانى مەركىزى بار كەن. ئۇنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان يەردىلا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ نىشانىڭىز مۇشۇ ئىمتىھاندا قەغەز ئىمتىھانى بويىچە 550 تىن يۇقىرى، كومپيۇتېرلىق ئىمتىھان بويىچە 213 تىن يۇقىرى نومۇر ئېلىش بولۇشى كېرەك.

بەزىلەر "مەن ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆگەنسەممۇ بولامدۇ؟" دەپ سورىشىۋاتىدۇ. ئۇنداق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۇ يولدا ماڭسىڭىز مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بار:

ئامېرىكىدا تىل ئۆگىنىش جۇڭگودا تىل ئۆگىنىشكە قارىغاندا كۆپ قىممەتكە توختايدۇ. كۆپىنچە مەكتەپلەرنىڭ بىر ئايلىق ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆزىلا 1000 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ.
چەت ئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزچە ئۆتۈش سەۋىيەسى جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، گرامماتىكا جەھەتتە ئوخشاش سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن چەت ئەلدە ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ. ئاڭلاش ۋە سۆزلەش جەھەتتە چەت ئەلدە ئوقۇغاننىڭ كۆپ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. ئەمما، ئاڭلاش-سۆزلەشلەرنى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بەرىبىر ئۆگىنىۋالالايسىز.
ئامېرىكىغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن ۋىزا ئېلىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق. ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولغىنى بىلەن، بۇرۇن جۇڭگودىن تىل ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن كەلگەنلەر ئاساسەن قايتىپ كەتمىگەن بولغاچقا، ھازىر جۇڭگولۇقلارنىڭ تىل ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن ۋىزا ئالالىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. سىز جۇڭگودا ئەمەس، باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش مەقسىتىدە بىر ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كېلىپ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز، سىز جۇڭگو گىراجدانىلا بولسىڭىز، سىزگە ئاساسەن ۋىزا بېرىلمەيدۇ.
شۇڭلاشقا، ئەڭ ياخشىسى بۇ يولغا ماڭمىغان تۈزۈك. ئۇنىڭدىن باشقا، گرە ۋە گمات قاتارلىق ئىمتىھانىلارنىمۇ جۇڭگو ياكى ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىدىن باشقا چەت ئەلدىلا بېرىپ تۈگىتىپ، ئاندىن ئامېرىكىغا كەلگىنىڭىز ياخشىراق. بۇنىڭ سەۋەبى يۇقىرىدا ئېيتىلغان 1- ۋە 2-سەۋەبلەر بىلەن ئوخشاش.

ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشتا، مۇنداق بىر قانچە قىيىن ئۆتكەل بار:

ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش.
ئوقۇش چىقىمىنى ھەل قىلىش.
ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئامېرىكىغا كىرىش ۋىزىسى ئېلىش.
بۇ 3 ئۆتكەلنىڭ ھەممىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش ئۈچۈن، 1) سىز ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، چوقۇم ئەلا دەرىجىلىك ئوقۇش نەتىجىسىگە ئېرىشىڭ. 2) توئەفل، گرە ياكى گمات قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىڭ. جۇڭگودىكى خېلى بايلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈنمۇ، ئامېرىكىدىكى ئوقۇش پۇلىنى ئۆز يېنىدىن تۆلەش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ئامېرىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يۇقىرىقى 2 شەرتنى ھازىرلىسىڭىز، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغىمۇ چوقۇم ئېرىشەلەيسىز. شۇڭلاشقا، سىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش غايىسىنى تۇرغۇزغان كۈندىن باشلاپ، يۇقىرىقى 2 شەرتنى ھازىرلاش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىڭ. توئەفل، گرە ياكى گمات دېگەن ئىمتىھانلارغا تەييارلىق كۆرۈشنى قانچە بۇرۇن باشلىسىڭىز شۇنچە ياخشى. ئەگەر يۇقىرىقى 2 شەرتنى ھازىرلاپ، ئامېرىكىدىكى بىرەر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ھەمدە ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغىمۇ ئېرىشەلىسىڭىز، سىزنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ۋىزا ئېلىشىڭىزمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ.


تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىش كېرەك:

بىر قانچە مەكتەپكە خەت يېزىپ، ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە باشقا ئوقۇشقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلىش.
توئەفل بىلەن گرە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش.
بىر قانچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش. يەنى، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى ۋە "ئىلتىماس پۇلى"نى سىز كىرمەكچى بولغان بىر قانچە مەكتەپنىڭ ئادرېسىغا ماڭدۇرۇش.
مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە قىسمىدا، يۇقىرىقى 3 قەدەمنى بىر قەدەر تەپسىلىيرەك چۈشەندۈردۈم. شۇڭا بۇ 3 قەدەمنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەگەر يەنە باشقا سۇئال-تەلەپلىرىڭىز بولسا، ماڭا تارتىنماي ئە-مائىل يېزىڭ. مەن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە جاۋاب يازىمەن.
تولۇق ئوقۇش

مەكتەپ ھاياتىدىن پايدىلىنىش

[
ئەركىن سىدىق] مەكتەپ ھاياتىدىن پايدىلىنىش
مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋىسىيە ئەركىن سىدىق2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىھۆرمەتلىك «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسۈم ۋە كومپيوتېر» نى يازغان ئۇكام،مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدىلا كۆرۈپ، سىز سورىغان سوئاللارغا ئازراق جاۋاب بېرىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق جاۋاب بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بولالماي، بۇ ئىشنى سەل ئۇزۇنغا سۇزىۋەتتىم. مەن ئەمدى ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. مېنىڭچە سىز سورىغان سوئاللارنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن : (1) قانداق قىلغاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان بولىدۇ؟ (2) ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىر ئادەم قانداق قىلغاندا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي چۈشكۈنلىكتىن تېز ۋە ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؟ (3) ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟مەن ئۇشبۇ يازمامدا، 1-سوئالغىلا بىر ئاز جاۋاب بېرىپ ئۆتەي. ئۈچىنچى سوئالدا بىر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلار خېلە كۆپ. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالغان ئىدىم. بىر ئاز نۇقتىلىق توختالغان بىر يازمام http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina8.htm دە بار. سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش باشقا ياشلارغا پەقەت مۇنداق بىر مەسلىھەتىم بار: «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.» (بۇ غەربتىكى بىر داڭلىق ئەربابنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ.) ئەمدى يوقىرىقى 2-سوئالغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ جاۋابى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. يەنى بىر-ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۇ توغرىسىدا بىر ئايرىم يازما تەييارلىشىم مۇمكىن. تۆۋەندە يوقىرىقى 1-سوئالغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.سىزنىڭ ئەمىليىتىڭىزدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ياش مۇنداق ئىككى يولغا دۇچ كېلىدۇ: (1) ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش. (2) ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش. بۇ يەردىكى «ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» دېگىنىمىز مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تەلەپ قىلغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئۆتۈلگەن بارلىق دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمدى ئىككىنچى ئىشقا كەلسەك، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق؛ سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەش سىز ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغان ئىشتۇر. مەكتەپ ھاياتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ياشلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى جەھەتتە مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار:(1) ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە توغرا تىزىپ چىقالايدۇ.(2) ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئالدى بىلەن «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» ئەمەس، بەلكى «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ. ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا نۇرغۇن قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» نى قىلىپ ئېشىنغان ۋاقتى بىلەن زېھنىنىلا «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» غا سەرپ قىلىدۇ.(3) ئۇلاردا داۋاملىق قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پۇزىتسىيە بولىدۇ. يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشالايدۇ. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بىر ئەھۋال ئىچىدىن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق يېڭى پۇرسەتلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ.يوقىرىدا تىلغا ئالغىنىم بىر مۇكەممەل تىزىم بولماستىن، ھازىر ئېسىمگە كەلگەن بىر قىسىم خاراكتېرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇلاردىن باشقا، «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» مۇ ھەر بىر ياشنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا خېلە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا تىرىشىپ بېقىڭ.سىزنىڭ ھازىر كومپيۇتېرغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىشىڭىز خاتا ئىش ئەمەس. لېكىن، مېنىڭچە سىزنىڭ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىمىنى كۆپرەك ئىگىلەش ئۈچۈن قالغان دەرسلەرنى نورمال ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشقا تەسىر يەتكۈزۈشىڭىز مۇۋاپىق ئەمەس. ئەگەر كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە چوقۇم يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئىگىلەپ ماڭماي، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىلىملەرنىلا ئۆگەنسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۇرۇشىنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار تەمىنلىگەن ئىقتىسادىي ياردەم، ھەمدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئاجراتقان مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئىسراپ بولىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم شۇ مەكتەپتىكى بارلىق شارائىتتىن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشقا تىرىشىشى كېرەك. مەن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر جەمئىيەتكە چىققاندا جانغا ئانچە ئەرز قاتمايدىكەن» دېگەن چۈشەنچىدىكى ياشلارنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە بۇ چۈشەنچە توغرا ئەمەس. مەيلى سىز باكلاۋېر، ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇڭ، مەكتەپ ھەرگىز سىزگە كېرەكسىز دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ. كېرەكلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئۆگىتىپ بولالمايدۇ. مەكتەپ پەقەت سىزگە بىر قىسىم ئاساسلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، شۇ ئارقىلىق سىزنى كەلگۈسىدە يېڭى بىلىملەرنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان، شۇ ئارقىلىق سىز خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار ھەرگىز مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ئاساسلىق دەرسلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. مەن سىزنىڭ «بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيۇتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېگەن كۆز-قارىشىڭىزغا تولۇق قوشۇلۇپ كەتمەيمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىشىدا كومپيۇتېر مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى، لېكىن، بىردىن-بىر ئامىل ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىگىلىك ئىشلىرى تەكشى تەرەققىي قىلمىسا، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، بەلگىلىك مەكتەپ تەربىيە ئاساسى بولمىغان بىر ئادەمنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مىللەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى كومپيۇتېرغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشىڭىزدىن توغرا پايدىلانسىڭىز، كەلگۈسىدە ئاشۇ ساھەدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايسىز. دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرگىز بىر ئىشنى سىناپ باققان 1-قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئەمەس. كۆپۈنچە ئەھۋالدا كىشىلەر نەچچە قېتىملاپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۆز مەغلۇبىيىتىدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى قايتا سىناپ، مۇشۇنداق بىر جەرياننى نۇرغۇن قېتىملاپ تەكرارلاش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. سىزنىڭ «قۇت بىلىك » دەپ كومپيوتېر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ باققىنىڭىز بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ. ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، بۇ ئىشنى قايتىدىن باشلاڭ. ھەمدە ئۇنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ. شۇ ئارقىلىق سىز مۇشۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىدا كەلگۈسىدە بىرەر شىركەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىڭىزمۇ مۇمكىن. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپىم مۇنداق:(1) ئەتراپىڭىزغا ئىقتىدارلىق، ھەمدە ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى سىزنىڭكى بىلەن ئوبدان ماسلىشالايدىغان ياشلاردىن 5-6 نى توپلاش. ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى ئۆز-ئارا چىقىشالايدىغان ئادەملەرنى يىغىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە مىجەزى قالغانلار بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر ئادەم بولسا، ئۇ يالغۇز ئۆزى بۇ گۇرۇپپا ئۈچۈن ھېچ بىر قىممەت يارىتالمايلا قالماي، گۇرۇپپىدىكى قالغانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىگىمۇ زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بەزىدە ھەتتا پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ مەغلۇپ بولىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.(2) ئۆز گۇرۇپپىڭىزدىكى ياشلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر شىركەت-كارخانا ئىگىلىكلىرى ئۈستىدە بىر تەپسېلى تەكشۈرۈش ئەلىپ بېرىش. شۇ ئارقىلىق ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ چوڭ كۆلەمگە ئېرىشكەن كەسىپ، شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنى تېپىپ چىقىش. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇلارنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىش.(3) يوقىرىقى ئىگىلىك ئورگانلىرىدا كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىش. ھەمدە تېخىچە كومپيۇتېر ئىشلىتىلمىگەن، ئەمما كومپيۇتېر ئىشلىتىلسە ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدىغان شىركەت، كارخانا، ئورگانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت خىزمەت تۈرلىرىنى تېپىپ چىقىش.(4) گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزالارنى ئىشقا سېلىپ، ئوخشىمىغان كەسىپ تۈرلىرىگە بىردىن «ئۇچۇر دەپتىرى» (ئىنگلىزچە «Information Booklet ») تۈزۈپ چىقىش. بۇ ئۇچۇر دەپتىرىدە ئاشۇ بىر كەسىپ ياكى خىزمەت ئورنىدا قايسى خىلدىكى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئىش ئۈنۈمىنى قانچىلىك ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بولىشى كېرەك.(5) يوقىرىقى شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ھېلىقى «ئۇچۇر دەپتىرى» نى بېرىپ، ئۇلارنى بۇ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش. ئەگەر سىز بۇ گۇرۇپپا ئاساسىدا بىر شىركەت قۇرغان بولسىڭىز، يوقىرىقى ئورۇنلارنى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش، يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش، ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىش جەھەتتە تەربىيىلەش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز بولىدۇ. ھەمدە بەزى ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللارنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئىشلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، «MicroSoft Excel » دە كىچىك كۆلەملىك شىركەتلەرگە زور پايدا يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن پروگراممىلارنى تۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنداق پروگراممىلارنى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ئاسان بولۇپ، ئۇلارنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. «MicroSoft Excel» نى پۇختا بىلىدىغانلارغا بۇ بىر ئاددىي ئىش. لېكىن ئۇنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يوقىرىقى قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق سىز ئۆز شىركىتىڭىزگە خېرىدارمۇ توپلىيالايسىز.مەن ئەسلىدە بۇ جاۋابنى بۇنچىۋالا ئۇزۇن يېزىشنى پىلانلىمىغان ئىدىم. كاللامغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىشقا تىرىشىپ ئۇنى بىر ئاز ئۇزۇن قىلىۋەتتىم. ئاخىرىدا مەن ئوقۇرمەنلەرگە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى «Bill Gates» ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەندە ئوتتۇرىغا قويغان «ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى» نى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. ئەگەر مېنىڭ تەرجىمەمدە خاتالىق ياكى يېتەرسىزلىكلەر بولسا باشقا تورداشلارنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.ئەگەر بۇ يازمىنى باشقا تور بەتلىرىگە چىقارماقچى بولسىڭىز، «مەنبەسى: http://www.meripet.com/Sohbet/» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپ چىقىرىۋېرىڭ. مەندىن سوراش ھاجەتسىز. ھاياتنىڭ 11 قائىدىسىBill Gates1. ھايات ئادالەتلىك ئەمەس. ئۇنىڭغا كۆنگىن.2. بۇ دۇنيا سېنىڭ ئۆز-ئۆزەڭگە بولغان ھۆرمىتىڭگە (ياكى غۇرۇرىڭغا) پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ دۇنيا سەندىن ئۆزەڭگە نىسبەتەن بىر ياخشى ھېسىياتقا ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن بەزى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭنى ئۇمىد قىلىدۇ.3. سەن تولۇق ئوتتۈرىنى پۈتتۈرۈپلا يىلىغا 40 مىڭ دوللار پۇل تاپالمايسەن. سەن بىر شىركەتكە ماشىنىسىدا تېلېفونى بار مۇئاۋىن رەئىسمۇ بولالمايسەن. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنى سەن ئۆزەڭ قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك.4. ئەگەر سەن «مۇئەللىمىم بەك قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن» دېسەڭ، سەن بىر شىركەتنىڭ باشلىقىنىڭ قولىدا ئىشلەپ باق. ئۇ باشلىق ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بەشىدىن ئۆتكۈزگەن «سىناق مەزگىلى» نى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ.5. «ئاشخانىدا ئىشلىسەم غۇرۇرۇمغا تەسىر يېتىدۇ» دېمە. سېنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭ بىر ئاشخانىدا ئىشلەشنى «پۇرسەت» دەپ ئاتايتتى.6. ئەگەر سەن بىر ئىشنى بۇزۇپ قويساڭ گۇناھ ئاتا-ئاناڭدا ئەمەس. شۇڭا سەن ئۆزەڭنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن غۇدۇرلىماي، ئۇلاردىن ساۋاق ئالغىن.7. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتا-ئاناڭ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن ئەمەس. ئۇلار ھازىر سېنىڭ چىقىمىڭنى كۈتۈرۇپ، كېرلىرىڭنى يۇيۇپ، ھەمدە سېنىڭ ئۆزەڭ توغرۇلۇق ئاتقان پولىرىڭنى ئاڭلاپ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن. شۇڭا سەن ئاتا-ئاناڭ ياشىغان دەۋرنى تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭنىڭ كېيىملىرىدىكى پىشت-سىركىلەرنى تازىلىغىن. 8. مەكتىۋىڭ غالىبىيەتچى ۋە مەغلۇبىيەتچىلەردىن قۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ھايات ئۇنداقلاردىن تېخى قۇتۇلمىدى. بەزى مەكتەپلەر ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغان ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، سەن توغرا جاۋابنى قانچە قېتىم سورىساڭ ئۇلار ساڭا شۇنچە قېتىم دەپ بېرىدۇ. لېكىن بۇنداق ئىش رىيال تۇرمۇشتا ئازراقمۇ يوق.9. ھاياتلىق مەۋسۇمغا بۆلۈنگەن ئەمەس. سېنىڭ يازلىق تەتىلىڭ بولمايدۇ. ساڭا ئۆز-ئۆزۈڭنى توغرا تونۇشقا ياردەملىشىدىغان شىركەتلەرمۇ ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىشلارنى ئۆزەڭنىڭ ۋاقتىدا قىلمىساڭ بولمايدۇ.10. تېلېۋىزوردىكىسى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. ھەقىقىي تۇرمۇشتا كىشىلەر كافىخانىدىن ئايرىلىپ ئىشقا بارمىسا بولمايدۇ.11. دۆت كىشىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇنداقلارنىڭ بىرسىنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
In'glizchisi: The Eleven Rules of Life By Bill Gates RULE 1Life is not fair - get used to it.RULE 2The world won't care about your self-esteem. The worldwill expect you to accomplish something BEFORE you feelgood about yourself.RULE 3You will NOT make 40 thousand dollars a year right outof high school. You won't be a vice president withcar phone, until you earn both.RULE 4If you think your teacher is tough, wait till you get aboss. He doesn't have tenure.RULE 5Flipping burgers is not beneath your dignity. Yourgrandparents had a different word for burger flippingtheycalled it Opportunity.RULE 6If you mess up,it's not your parents' fault, so don'twhine about your mistakes, learn from them.RULE 7Before you were born, your parents weren't as boring asthey are now. They got that way from paying your bills,cleaning your clothes and listening to you talk abouthow cool you are. So before you save the rain forestfrom the parasites of your parent's generation, trydelousing the closet in your own room.RULE 8Your school may have done away with winners and losers,but life has not. In some schools they have abolishedfailing grades and they'll give you as many times asyou want to get the right answer. This doesn't bear theslightest resemblance to ANYTHING in real life.RULE 9Life is not divided into semesters. You don't getsummers off and very few employers are interested inhelping you find yourself. Do that on your own time.RULE 10Television is NOT real life. In real life peopleactually have to leave the coffee shop and go to jobs.RULE 11Be nice to nerds. Chances are you'll end up working forone

ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسۈم ۋە كومپيۇتېر
يول مېڭىشنى سورىساڭ پىشقان قەدەمدىن سورىغىن ، بىلىم ئېلىشنى سورىساڭ پىشقەدەمدىن سورىغىن . ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى .مەن شىنجاڭ پىداگوگىكائونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خخخخخ بولىمەن(كەچۈرسىلەر ئىسمىمنى ھازىرچە ئاشكارلىسام بولمايدۇ ) ، كەسپىم كومپيوتېر 2005- يىلى بۇمەكتەپكە قۇبۇل قىئىلنغاندىن باشلاپ بۇكەسىپ بۇكومپيوتېردۇنياسىغا شۇنداق شۇڭغۇدىمكى ئەيھانناس بۇدۇنيادا يەنەبىر ، يەنەبىر كەسىپكە بۇنداق كۆيمەستىم .مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن دەسلەپ كەلگەندىكى قق نى ئاچالمايدىغان سەۋيەدىن بۈگۈنكى توردا بىمالال مەشۇلات قىلالايدىغان ،كومپيوتېربۇزۇلسا ئوڭشىيالايدىغان ،ھەرخىل سىستىمىلارنى يۇمشاق دىتللارنى بىراۋنىڭ ياردىمىسىز توردىن ئىزدەپ تاپالايدىغان ھەم چۈشۈرۈپ قاچىليالايدىغان ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم ،تۇنجى يىلى كازىۋەنگە كەلگەندىن تارتىپ باشلانغان بۇئىشتىياق مىنى ھەرقىسمەتلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرقىلدى ،باۋيې(包夜) دېگەن بۇنەرسىنى قانداق ئۆگەنگنلىكىمنى بىلمەيمەن ،شۇنەرسىنى ئۈگەندىمما بولدى مەن كومپيوتېرغا مەستانە بوپ قالدىم. كومپيوتېرمىنى ئۆزىگە شۇنداق مەپتۇن قىلدىكى نە تاماق، نەدەرىس ،نە بۇئۈستى بېشىم ...ھەمىسىنى ئۇنتۇدۇم ،ھەپتىدە ئازبولغاندا 3قېتىم باۋيې(包夜) قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولدى .كىچىسى ھۇقۇش بوپ ئۇخلىماي چىقتىم ،كۈندۈزى كالا بوپ ئويغانماي چىقتىم ،كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئايدا كەلگەن 400كوي يا تاماققا يا باۋيې(包夜) گە يەتمەي بۇكۈنلەر ئۆتۈپ كىتىۋەردى، مىنىڭ بۇكومپيوتېرغا بولغان قىزقىشىم، بۇمەستانىلىقىم ھىچ ئاجىزلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،مىنىڭ كۆيگىنىم ناخشا ئەمەس ،ئويۇن ئەمەس ،كىنومۇ ئەمەس ،چ چ دا پاراڭلىشىشمۇ ئەمەس پەقەت توردىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈپ ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ نىمگە ئىشلەيدىغانلىقىنى ،نىمىنى كىرگۈزۈپ نىمنى چىقرىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئىدى ،بۇ بەيدۇ تۈرىدىكى مەزمۇنلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .ئىزدە ئىزدە ..يەنە ئىزدە ....توختىماي ئىزدەش توختىماي باۋيې(包夜) قىلىش ئۇدا داۋاملاشتى .....1ئاي ئەمەس 2ئاي ئەمەس 1يىل داۋاملاشتى ..ساق بىريىل ..نىمەئىش بولغىنىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولغان بۇلشىڭىز مومكىن بىريىل ئۇدا كومپيوتېرخانىدىن چىقماي كۈن بويى باۋيې(包夜) قىلغان كىشىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى يەنە نىمە بولماقچى .....ئەتە سەۋىيە سىناش ئىنتاھانى ئالىدۇ دىسمۇ تاس قالدى يەنە باۋيې قىلغىلى ....شۇنداق قىلىپ مىنىڭ 1يىللىق جاپالىق ھالدا تىرشىپ باۋيې قىلىشلىرىم مىنىڭ سىنىپ قېلشىم بىلەن ئاخىرلاشتى .مەن لىيۇجى (留级) قالدىم .....مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوست بۇرادەر ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى خۇشال ھالدا مەركىزى ئوقۇتۇش رايونىغا(本部) كەتتى ،بىچارە مەن كازىۋەندە يالغۇز قالدىم ..ئاھ بۇقايتا ئوقۇش تۇنۇمايدىغان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇش ...مىنى كۈتمەكتە ..توختا توختا ئىش بۇلارلام ئەمەس بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈش بىر يىل ئارتۇق ئوقۇش 5يىللىق ئالىي مەكتەپنى 6يىلدا تاماملاش ..بەزىلەر تىياۋجى(跳级) قىلىپ 5يىللىق ئوقۇشنى 4يىلغا چۈشەرسە مەن ئارقىغا تىياۋجى(跳级) قىلىپ 6يىلدا تاماملايدىغان بولدۇم ...كومپيوتېرنىمە؟ تورنىمە ؟بەيدۇ نىمە ؟بۇ رىيانلىقتىكى سىنىپ قېلىش (留级) قېلىش نىمە ؟مەن ئېغىرئويلاندىم ،مەن بۇبىر يىلدا نىملەرنى قانچىلىك بىرنىملەرنى ئۆگەندىم ؟يەنە نىملەرنى يوقاتتىم ؟مىنىڭ يوقاتقىنىم بىريىللىق ئۆمرۈم ،بىريىللىق ئوقۇش ،خىراجەت ھەققى ،يەنەنۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ساۋاقداشلىق مىھرى ....نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھىسياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ......ئىرىشكىنىم كومپيوتېردۇنياسىدىكى نۇرغۇن مەۋھۇملۇقلار..ئېلىپ چىقىپ بىركىمگە مانا مىنىڭ ئۆگەنگەن نەرسەم دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان مەۋھۇملۇقلار .... مىنىڭ كازىۋەندىكى ئازاپىق بىر يىلىم شۇنداق قىلىپ باشلاندى ئەمما بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا دىمەسلىك قارارىغا كەلدىم ..ھەم دىمىدىم ،ئاتا ئانام بالام ھسكىنتاھاندىن ئۆتتىڭمۇ دەپ سورىغاندا بۇئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىدىم ،مەن ھەئە ئانا مەن ئۆتۈپتىمەن دىدىم ..شۇچاغدىكى ئاشۇ بىر ئېغىز ھە دېگەن گىپىم ئۈچۈن مەن ھازىرغىچە ئازاپلىنىمەن. نىمىشقا دەمسىز؟ شۇنچە يىل ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىمەي ئالىي مەكەپكە چىقىپ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تۈرۇپ ئاتا-ئانامغا يالغان سۆزلىدىم ...شۇنچە مىھىر بىرىپ باققان ئانامغا يالغان سۆزلەشكە نىمە ھەققىم بارمىنىڭ؟ ...شۇئازاپ شۇ ھىسياتلار ئىچىدە مىنىڭ 2-يىللىق خەنزۇتىلى ئۆگنىشىم باشلاندى .بىرىنجى مەۋسۇم كازىۋەندە قالسام بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرىم ،ساۋاقداشلىرىم ئېنىقلام بىلىپ قالدۇ .ئۇلاربىلسە بۇگەپ ناھايىتى تىزلا يۇرتقا ئاندىن دوست يارەنلەر ئارقىلىق ئاتا ئانامنىڭ قۇلقىغا يېتىدۇ .بۇئىشلارنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن مەن بېنبۇغا يېنىپ كەلدىم ،ئاغىناللىرىمنىڭ ياتىقىدا ياتتىم . بىرماۋسۇم ئۇرلۇپ سوقۇلۇپ بەزىدە بوش كاۋات بار بەزىدە يوق دېگەندەك بىردە كىيملىرىم بىلەن ياتسام بىردە دوستلىرىم بىلەن بىر گە يېتىپ دېگەندەك،كازىۋەن بىلەن بېنبۇ (本部) ئوتتۈرسىدا قاتناپ يۈرۈپ بىرماۋسۇمنى تۈگەتتىم. بۇخىل ئىككى مەكتەپ ئارسىدا پالاقشىپ قاتناپ ئوقۇغان ، خاتىرجەم تۈراي دىسە ياتىقى يوق ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى قانداق بولماقچى ئىدى ،بىرىنچى مەۋسۇم مانا مۇشۇنداق دەرىسلەردە نەتىجىژ ئۆتۈپ كەتتى ،بىرماۋسۇم شۇنداق خارلىق، زارلىق، موھتاجلىق، ھەرخىل ھىسيات توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئاشۇ كۈنلەرنى كۆرۋاتقان ھەربىر ۋقتىمدا ئۆزۈمدىن سورايتىم ،مەن نىمىشقا مۇشۇكۈنگە قالدىم؟نىمىشقا ھەتتا ئاتا ئانامغىمۇ يۈرەكلىك تېلفۇنمۇ قىلالمايدىغان بوپ قالدىم ...جاۋابى ئەشۇ كومپوتېر ئەشۇ باۋيې(包夜) ئەشۇ دەھشەت قىزقىشلار ئىدى ......
2-ماۋسۇم ئاتا ئانام ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى دوست يارەنلىرىمنىڭ ھىچ قايسىسى بىلمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن كازىۋەنگە بېرىپ ھىچ يەرگە بارماي ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدم ،5ئاينىڭ 21گىچەتورخانىغا(网吧) دەسسىمەسلىكە قەسەم قىلدىم .ئادەم بۇدۇنيادا قىلمەن دىسە قىلالمايدىغان ئىشى يوق .مەن شۇنچە ياخشى كۆردىغان كومپيوتېرنى ئاشۇ تور ئاشۇ توردىن چۈشىۋاتقان دىتالارنى ئۇنتۇپ دەرىسكە كىرشىپ كەتتىم ،ماڭا بۇ مەن شۇنچىلىك ئامراق بولغان شۇنچە مەستانە بولغان كومپيوتېردىن ئايرىلىش شۇنچە تەس كەلسىمۇ مەن كۆتۈمنى غىت قىسىپ ئولتۈرۇپ خەنزۇتىلى ئۆگەندىم ...ئىنتاھان كەلدى... يۈرەك دېگەن سۇ .....ناۋادا يەنە ئۈتەلمىسەمچۇ ؟؟؟ ئاھ خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت ..نەتىجىمۇ چىقتى .مۇئەلىم نەتىجىنى ئوقۇماقتا ..8دەرجە بولغانلار ..7دەرجە بولغانلار ..ئىسمىم يوق ئاھ خۇدا نىمە كۆرگۈلۈك بۇ ..6دەرجە بولغانلار ..يوق يوق ..ئەڭ ئاخىردا خخخخخخ ....ئاھ خۇدا مەن ئۆتۈپتىمەن ..مەن ئۆتتۈم ...سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشماقتا ،ھەممىسى مەن ئۈچۈن خۇشال بولماقتا ئىدى ...مەكتەپ ئىچى بىنا ئالدى ئالدىنقى يىلى ماڭا سىنىپ مەسئۇلى (班主任) بولغان مۇئەللىم :خخخخخ ئۆتۈپسەنما ..؟؟؟
ھە مۇئەللىم ..
.ھە ئەمدى كەسىپنى تىتىۋىتىسەنغۇ ؟ياخشى ئوقۇغىن ؟مەنچە سەن ئەمدى كەسىپنىڭ ئالدى بوپ ئوقايسەن .ھاراسىت مىنىڭ كومپيوتېرىمدىكى سىستىمىدىن چاتاق چىققان ۋاقىت چىقرىپ ئوڭشاپ بەرگەن بولساڭ ؟؟؟......
مانا بۇمىنىڭ تۇنجى كومپيوتېر بىلگىنىم ئۈچۈن ئىرىشكەن خۇشاللىقىم ..مىنىڭ مۇئەللىم مىنى ئۆزىنىڭ كومپيوتېرنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلماقتا ..بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلماقتا .....مانا بۇ بىلىمنىڭ ھۆرمتى ،شۇنداقلا ئىززىتى ئىدى ...مەن شۇندىلا تېخىمۇ تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىمنى بوپمۇ بۇبىريىلنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .مەن ھازىر 2006يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەمما مەن 2006يىللىتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، 2005-يىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەمەس، 2004-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزۈمگە رىقابەتچى قىلىپ تالىشىم كىرەك ....
شۇنداق قىلىپ مەن يەنە بىر قېتىم كومپيوتېرغا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان بۇ ھارامزادىگە يېقىنلاشتىم .ھەم شۇنداق تىرىشتىم ئاساسىي بىلىمدىن تارتىپ سىستىما قاچىلاش ،سىستىمىنى بۇزۇش ،تىزىملاش جەدىۋىلنى پىششىق ئىگەللەش ،ھەرخىل خەنزۇچە ئېنگىلىزچە دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇلارنى يەنە قايتا ئوراپ قاچىلاش پىرگىراممىسى تۈزۈش ،ئاپتوماتىك قاچىلىندىغان ئوپتېك دېسكا ياساش ،غوست خپتەخسىسى ياساش ،خپتوپلاشتۈرما دېسكىسى ياساش ،قۆزغاتقۇچ دېسكا ياساش ،ئۈن سىن يۇمشاق دىتاللىرىدىن پايدىلنىپ ئېلىكتىرونلۇق ئالبوم ياساش قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆزلىكىمدىن كېچى كىچلەپ باۋيې(包夜) قىلىپ دېگەندەك ئۆگەندىم .بىركىچە باۋيې قىلسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ئاشۇ ئانام بىلەن دادامنى ئالدىغانلىقىمنى ،بىريىل قايتا ئوقۇغانلىقىمنى ،خەقنىڭ مەندىن ئېشىپ كىتۋاتقىنىنى ئويلىسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ھامىنى بىر ئۆلۈم ئۆلۈپ كىتىدىغان جانغا نىمىشقا ئۇخلايتتىم ھېلىمۇ يىتە ئۇخلىغىنىم دپ ئويلايتىم ...ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ بەك ئاچىچىغى بارئىدى شۇڭا ئامال بار كومپيوتېركىتاپنى يېنىمدىن ئايرىمايتىم ،(گەرچە خەنزۇتىلى سەۋيەم يىتىشمەي لىيۇجى(留级) قالغان بولساممۇ ئەمما كومپيوتېرغا ئائىت مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چۈشنەلەيتم )ئەنە شۇنداق ئۆگۈنۈشلەر داۋاملاشماقتا ،تور قۇرۇش ،كومپيوتېرلانى ئۆزئارا تورلاشتۈرۇش ،توربەت ياساش ،بۇنەرسىلەرنىمۇ خېلى بىريەرگە ئاپپاردىم ،تېخى دۆۋلەتلىك 1-دەرجە ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ دۆۋلەتلىك بىرىنجى دەرىجە كىنىشكىنىمۇ ئالدىم ،خۇشالىقلار ئەمدى ماڭا ياربولماقتا ،ئاينىڭ 15قاراڭغۇ 15يۇرۇق ،يامغۇردىن كىيىن كۈننىڭ چىقىشى تەبىي ،مىنىڭ باھارىم يىتىپ كەلگەن ئىدى ،مەن يازلىق تەتىلدەكومپيوتېرنىڭ ئالدىدا كۈنىگە 15سائەتتەك ئولتۈردۇم ،ۋاقىت ماڭا ناھايىتى جىددىي ئىدى 45كۈنلۈك بۇتەتىل مەن ئۈچۈن ئالتۇنغا تىگۈشكۈسىز ئىدى .شۇڭا كىچە سائەت بەشكىچە كومپيوتېرئۈگۈنۈپ ئاتتىگەن سائەت ئونلاردا ئورنۇمدىن تۈرۇپ دېگەندەك ئۈگەندىم ..ئاتا-ئانام بىچارىلەر ئۇخلا بالام ئۇخلىۋال دەپ قاخشايتى مەن بولسام مانا ھازىر ،مانا ھازىر دپ تاڭ ئاتىئۇزىۋىتەتتىم ،ھەرقېتىم ئۇخلىۋال بالام دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ كىتەتتىم .ياق مەن ئۇخلىمايمەن ...ئانا دادا ئەگەر سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ بۇكۆرگەن كۈنلىرىنى بىلسەڭلەر ئىدى ئاندىن مىنىڭ نىمىشقا ئۇخلىماي شۇنچە ئۆگىنىدىغانلىقىمنىڭ سەۋبىنى چۈشنۈپ يەتكەن بولاتتىڭلار ...خەيرىيەت .يېپىق قازان يېپىق بويىنچە قېلىۋەرسۇن ،ئاتا ئانامغا نىمە دەپ دەيمەن ،مىنڭ نىمە يۈزۈم بار شۇگەپلەرنى دەيدىغانغا ...ئەگەر .ئۇلارمىنىڭ 1يىلنىڭ ياغى ئۇلارنى ئالداپ كەلگەنلىكىمنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر .ۋاي داشۆگە ئۆتكەن ئوغلىمىز دەپ چوڭ بىلگەن ئوغلىنىڭ مۇشۇ ئەھۋامىنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر .....مەن زادىلا بىلەلمىدىم ..قانداق قىلىشنى زادىلابىلەلمىدىم .....؟؟؟؟؟؟
خۇدانىڭ رەھمىتىدە مىئىنىڭ داشۆھاياتىمنىڭ 3يىلى باشلاندى ...يېپىق قازان يېپىق ...
مەن سىنىپقا شۇنداق تەستە كىردىم ،سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلكى مىنى بىلدىغان بولۇپ مىنىڭ قايتا بىر يىل ئوقۇغانلىقىمنى ،مىنىڭ كومپيوتېردا خېلى بىرنىملەرنى بىلدىغانلىقىمنى بىلەتتى ،كىيىن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم ،ھەممە ئىشلا بىرقاتالىقچە ئىزىغا چۈشكەن ئىدى .ئەمدى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان ،تىرشىدىغان پەيىت يىتىپ كەلگەندى ...مەن تېرشىۋاتىمەن ...مەن بىلىك تورىدىن ئەركىن سىدىق ،پەخىردىن قارلۇق ،قۇدىرەت ياقۇپ قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ غەيرەتكە ،تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرادىگە كەلدىم ...بولۇپمۇ پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئۇيغۇركومپيوتېرئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىش ،ئۆملىشىش ،بىرلىكتە ئىشلەش كىرەك دېگەن شۇئارىنى كۆرگەندىن كىيىن بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيوتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم .بىلىم ماكانى بولغان بۇبىلىك تورى مىنىڭ كەلگۈسىمنىڭ بىرقىسمىنى ياراتتى .مەن ھازىر كۈندە سەھەردە ئورنۇمدىن تۈرۇپ بىلىك تورىنى ئاچىدىغان، يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن يۈزۈمنى يۇيۇپ ناشتىغا ماڭىدىغان بولدۇم .مەن خۇددى بۇتوردىن ئاتا-ئانامغا نىمە دىسەم بولدىغانلىقى چىقىدىغاندەكلا ھىس قىلمەن ،چۈنكى مەن ئىشىنىمەن بۇيەردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ،كىلەچەك ،ئانام ئۈگەتمىگەن دادام ئۈگەتمىگەن ،مۇئەللىملىرىممۇ ئۈگەتمىگەن ئۈگۈتۈشكە ئامالسىزقالغان ئاشۇ بىلىملەرنىڭ مۇشۇ ئورۇندىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ..مەن كەلگۈسنى قانداق بەلگىلەيمەن ،مەن يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،مەن ھازىر كىم ،بۇرۇن كىم ئىدىم كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم ،بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،مەن بىرلىشىنى نەدىن باشلايمەن (قۇت بىلىك دەپ كومپيوتېرخىزمەت گۇرپىسى قۇرغان ‹بىرلىكتە ئۆگىندىغان ،ئۆگىتىدىغان ھەقسىزمۇلازىمەت قىلدىغان › بىرئايغا بارماي پارچىلنىپ كەتتى ،بەلكىم ياخشى باشلىيالمىغاندىمەن )،كىملەر بىلەن بىرلىشىمەن (مەن بىرلەشكەنلەر كومپيوتېركەسپىدىكى سىنىپنىڭ ئالدى باللىلار ئىدى‹يەنىللا پارچىلنىپ كەتتۇق ،بەلكىم ئوبكىتنى توغرا تاللىمىغان ئوخشايمەن›)،يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،كىملەرگە ئۆگتىمەن (ھازىرچە سىنىپتىكى يېڭى ئۈگەنگۈچى ساۋاقداشلىرىمغا كومپيوتېردىن ئاساس قىسمىنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرۋاتىمەن)،قانداق ئۆگىنىمەن ،قانداق ئۆگىتىمەن ،ئانام ئۈگەتكەن دادام ئۈگەتكەن ئاشۇ ئىسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلايمەن ،قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈزكىلەلەيدىغان بولىمەن ؟مانا بۇ مەن ئىزدېگەن بىلىكتىن تېپىلدىغان بىلىملەر .....
دىن ،مىللەت ،دۆۋلەت ،ئوتتۈرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىنى ۋە مەندك نۇرغۇن سىتودىنىتلارنى بۇجەميەتتە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنى كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ،مىللەتلەر كەلكۈنسىمان قۇشۇلۋاتقان ،خەنزۇلار مەدەنىيتى ئۆزلىگىدىن غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسىسىمالىتسىيە بولۋاتقان ،ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى خەنزۇلار مەدەنىيتى ۋە غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسسىمالتسىيە بوپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى بۇدۇنيادا مەن يەنىللا ئانامنىڭ ئوغلى بولالامدىم ،مەن نىمىشلارنى قىلسام قىلسام قايسى يولدا ماڭسام ئانام مەندىن رازى بوپ بالام جاپا چەكتىڭ تېرىشقىن تاللىغان يولىڭدىن ۋازكەچمەي داۋاملاشتۈرغىن‹يولۋاس ئىزدىن ،يىگىت سۆزدىن يانماس › دەيدىغان بولىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟
جاۋاپ بەر بىلىك ھەممىسىگە جاۋاپ سەندىن چىقدۇ ...جاۋاپ بەر ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكىن ......مەندەك ئازغانلارغا يول كۆرسەتكىن ئەمدى ئازمىسۇن ...بۇدۇ ئازسا گۇناھ سەندە ....چۈنكى سەن ھازىر مىللەتنى يىتەكلەۋاتىسەن ....
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
(بىلىك تورىدىكى پىشقەدەملەرنىڭ ، ئۇستازلارنىڭ ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشنى سەمىمى ئۈمۈد قىلمەن )
<>باشقۇرغۇچىلارغا :بەلكىم قويغان ماۋزۇ مەزمۇنغا ئانچە بەك مۇۋاپىق كەلمەسلىكى مومكىن ..ناۋادا ئۇستازلار تېخىمۇ ياخشى تىما قويۇپ يوللىسا خوش بۇلىمەن ،مۇۋاپىق كۆرسەڭلەر تۈرىۋەرسىمۇ مەيلى ،،مەزمۇننىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنى ۋە باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلىشىنى خالىمايمەن .(ئاخىرقى ئابزاسنى ئۆچۈرۋېتىڭ ،بىر قېتىم يوللىسام تور سۈرئىتى يىتىشمەي تور ماڭمىدى ،بىرقانچە قېتىم يوللىدىم ،بەلكىم بىرقانچە قېتىم يوللىنىپ كەتكەندۇ ئەپۇ قىلغايسىلەر ...)
تولۇق ئوقۇش

ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك




[ئەركىن سىدىق]ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك
ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك
ئەركىن سىدىق2007-يىلى 28-نويابىر
مەن ئۆزۈمنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن تېمىدىكى يازمامدا، يەنى مۇشۇ يازمىنىڭ 1-بۆلۈمىدە، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تالانت»، «ئىقتىدار»، «قىزىقىش»، «ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇش» دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم مۇھىم تەركىپلەر بار. تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىزدەك، بۇ تەركىپلەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىنى توغرا تاللىشىدا، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇ يازمىنىڭ 1- بۆلۈمىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن 1-بۆلۈمنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن.
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=14578ۋەتەندىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دىكى ھەممە شەرتلەرنى تولۇق ئورۇنلاش ئىمكانىيىتى يوق. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، مەسىلەن، يېزىدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز، ئۇ شەرتلەرنى ھازىرلاشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، «مۇۋەپپەقىيەت» بىر نىسبىي ئۇقۇم بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا سىزنىڭ بەزى ئىشلاردىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتكە قايسى دەرىجىدە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ باھالىشىغا باغلىق. ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى ھازىرلىيالمىغان بولسىڭىز، كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا تولۇق يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقمىسىڭىز، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئېھتىماللىق نۆل بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولىدىكەنسىز، چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ تىرىشىشىڭىز كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدە ئىشلەتكەن قوشۇش، ئېلىش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە، لېكىن ئۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش بەلگىلىرى ئۇ تەڭلىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى «مۇۋەپپەقىيەت = كۆزلىگەن بىر نىشانغا يېتىش» دېگەندىن ئىبارەت ئېنىقلىما، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى تەركىپلەر، شۇنداقلا ئاشۇ تەركىپلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چۈشەندۈرۈشلەردىن ئىبارەت. سىزدە نېمە باركەن، نېمە كەم ئىكەن، شۇنى بىر ئېنىقلاپ بېقىش، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن قايسى جەھەتلەردە تىرىشسىڭىز بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ھەممىدىن مۇھىم. مېنىڭچە ئۇ تەڭلىمىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى مۇشۇ جەھەتتە بولۇشى مۇمكىن.مەن بۇ يازمامنىڭ بېشىدا ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن يەنە بىر ئىش بار. تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ئېلېكتر ئىنژېنېرلىكى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئىنژېنېر بولۇپ، بىرەر ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. مېنىڭ ماقالىلىرىمنىڭ ھېچ قايسىسى ئۆزۈم ئېلىپ بارغان بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا يېزىلغان ئەمەس. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىشىنى، مېنىڭ يازمىلىرىمغا پەقەت بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى ياكى تەكلىپ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىشىنى سورايمەن. مېنىڭ يازغانلىرىم ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، ياكى بىر ئادەمنىڭ ھەممە ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ياشلارغا بەلگىلىك پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن تۆۋەندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى قانداق تاللىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئوقۇرمەنلەردە كېيىنكى مەزمۇنلارنى ئەسلى مەنىسى بويىچە توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس يارىتىشتۇر.
ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ۋە كەسىپ تاللاش جەھەتتىكى ئەھۋالى
ھايات باسقۇچىغا قاراپ تۇرۇپ، كەسىپنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپتىكى كەسىپ. يەنە بىرسى خىزمەتتىكى كەسىپ. گەرچە ئۇيغۇرچىدا بۇ نەرسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى «كەسىپ» دەپ ئاتىلىدىغان بولسىمۇ، ئىنگلىزچىدا ئۇلارنىڭ ئاتالغۇسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يەنى، مەكتەپتىكى كەسىپ «major» دەپ ئاتىلىدۇ. خىزمەتتىكى كەسىپ ئۈچۈن بولسا «career, profession, occupation, vocation» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە بىر خىزمەت كەسپىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە خىزمەت ساھەلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، داۋالاش كەسپىنىڭ ئىچىدە كېسەل كۆرىدىغان دوختۇر، چىش دوختۇرى، سېسترا، جىسمانىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم داۋالاش (ئىنگلىزچە «physical therapist») كەسپى، دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىدىكى تېخنىك، مال دوختۇرى، ۋە دورىگەرچىلىك دېگەنگە ئوخشاش كەسپىي ساھەلەر بار.مەن تا ھازىرغىچە بىر ئادەم ئۆزى ئۈمىد قىلغان كەسىپنى ئوقۇش، ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش، ۋە بىر كەسىپتىن يەنە بىر كەسىپكە يۆتكىلىش جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ قېتىم مۇشۇ يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىغا ھەيران قالدىم. ئوقۇرمەنلەر جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىنىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئامېرىكىدا ھەر بىر ياش - ئۆسمۈرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر كەسىپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىدىغان بىر مۇنتىزىم قۇرۇلما بار. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپماقچى بولغانلارغا، ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارغا كەسىپ تاللاش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدىغان «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بار. بۇ كىشىلەر كەم دېگەندە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، ژورنالىزىم ياكى جەمئىيەت ئىلمى دېگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولىدۇ. كۆپىنچىلىرى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ياش ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مەسلىھەتچىلىك كەسپى توغرىسىدا باشقىدىن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەسلىھەتچىلىك ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلار ئىنگلىزچە «career counselor» ياكى «career advisor» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىرەر يىل قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كەسىپ نىشانىسى ۋە كەسپىي قىزىقىشىنى ئۇ كىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىقماقچى بولغانلار ئۆزىگە لايىق كەسىپنى بېكىتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلار كەلگۈسىدە خىزمەت كەسپى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالىشى ئۈچۈن قايسى كەسىپتە ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ كەسپىنى بېكىتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ ئىشلار مۇتلەق ئەمەس. كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىگىنى ئۆز ئالدىغا ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بېكىتىپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن قىلچىمۇ تەۋرىمەيدىغان ياشلارمۇ كۆپ.كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن بىر كەسىپنى تاللاپ بولغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆزى تاللىغان كەسىپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىماي تۇرۇپلا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار «كەسىپنى بېكىتمىگەن ئوقۇغۇچىلار» (ئىنگلىزچە «undecided students») دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى يېڭى مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 20 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكىچە ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى بىر يىل ئىچىدە ئۆزى قىزىقىدىغان 4-5 تەك كەسىپلەرنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن دەرس تاللاپ ئوقۇپ بېقىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايسىسىغا ئەڭ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بىر كەسىپنى تاللايدۇ. مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن «مەكتەپ كەسپى» نىڭ ئىنگلىزچە سۆزى «major» نىڭ ئەسلى مەنىسى «ئاساسىي كەسىپ» بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يەنە «قوشۇمچە كەسىپ» مۇ بار. بۇنى ئىنگلىزچىدا «minor» دەپ ئاتايدۇ. يەنى، سىز بىر ئالىي مەكتەپتە بىر كەسىپنى ئاساسىي كەسىپ، يەنە بىر كەسىپنى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇپ، ئىككى كەسىپتىن تەڭلا باكالاۋر ئۇنۋانى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدا «قوش كەسىپلىك» (ئىنگلىزچە «double-majored») ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتايدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇيدىغىنى ئاساسەن ئومۇمىي كەسىپ بولۇپ، ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2 يىللىق دەرسىلا ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار 5 يىل ئىچىدە 2 كەسىپتىن باكالاۋر ئۇنۋانى ئېلىپ بولالايدۇ. بۇ 2 كەسىپ بىر - بىرىگە يېقىن كەلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. يەنى سىز ئاساسلىق كەسىپ ئۈچۈن فىزىكا ئوقۇپ، قوشۇمچە كەسىپ ئۈچۈن تارىخ ئوقۇسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سىز بىر ئالىي مەكتەپكە كەسىپ تاللاپ بولۇپ كىرىپ، بىرەر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇرۇن تاللىغان كەسپىڭىزنى ياخشى كۆرمەي، باشقا بىر كەسىپكە ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭغىمۇ پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ كامىدا بىر قېتىم كەسىپ ئۆزگەرتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەن.ھەر بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ بىردىن «كەسىپ مەركىزى» (ئىنگلىزچە «career center») بار بولۇپ، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان مەخسۇس خادىم بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كەسىپ تاللاش ياكى ئۆزگەرتىش ئىشىدا مەسىلىگە يولۇققانلارغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش. شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت تېپىش جەھەتتە ياردەمدە بولۇش. يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجى بار شىركەت ۋە ئىدارىلەر ئۆزلىرىگە قانداق ئادەم كېرەكلىكى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇچۇر تەييارلاپ، ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇنداق «كەسىپ مەركىزى» گە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ مەركەزلەر بولسا بۇنداق خىزمەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەتلىك ساقلايدۇ. ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندىكى ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ئىشىغا، ھەمدە ئۆز - ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان «قىسقىچە تەرجىمىھالى» (ئىنگلىزچە «Resume») نى تەييارلاشقىمۇ ياردەملىشىپ بېرىدۇ.ئامېرىكىدا «ئۆمۈرلۈك كەسىپ» دېگەن نەرسە ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەس. پۈتۈن ئۆمرىنى پەقەت بىرلا ئىدارە ياكى بىرلا شىركەتتە ئىشلەپ ئۆتكۈزىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھازىر ھەر بىر ئادەم پۈتۈن ھاياتى جەريانىدا ئۆز كەسپىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5-6 قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. ئايالىمنىڭ شىركىتىدە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بۇ شىركەتتە بولسا يۇمشاق دېتال بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشى بار ئىدى. دېمەك، ئامېرىكىدا مۇشۇنداق ئوقۇغان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بىر - بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپ بار.يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز مۇنداق بىر قانچە نەرسىنى چۈشىنىۋالالايمىز: 1) كەسىپ تاللاش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىر ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە نۇرغۇن ۋاقىت بىلەن نۇرغۇن ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. 2) كەسىپنى توغرا تاللاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز - ئۆزىنى توغرا بايقاش كېرەك. تۆۋەندە مەن ئەمدى ئەسلى مەزمۇننى باشلايمەن.مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشقا ئۆزىگە لايىق بىردىن كەسىپ تاللاپ بېرىش ئەمەس. مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشنى ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى، قايسى قەدەم - باسقۇچلارنى بېسىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى زۆرۈر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش. مەن گەپنى ئەمدى كەسىپلەرنى بىر قانچە كاتېگورىيىگە ئايرىشتىن باشلايمەن. سىز بۇ كاتېگورىيىلەرنى ئوبدان چۈشەنسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسىسى ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلەلەيسىز. ئاندىن ئاشۇ سىز مۇھىم دەپ قارىغان كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللىيالايسىز. مەن ھازىر تەسۋىرلىمەكچى بولغان كەسىپ «مەكتەپ كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن، «خىزمەت كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلارنى ھەر 2 خىل كەسىپكە تەتبىقلاشقا بولىدۇ.
1. سىز ئەڭ قىزىقىدىغان كەسىپ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان كەسپىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. سىز مەلۇم بىر كەسىپنىڭ سىز چەكسىز قىزىقىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ: سىز ئاشۇ كەسىپ بىلەن كىرىمسىز شۇغۇللىنىشنى خالامسىز؟ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئۆزلىرى ئۈچۈن كىرىم قىلىپ جان باقىدىغان بىر خىزمەتنىڭ يوقلىقى. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ياشلارنىڭ ھەقسىز قىلىشنى خالايدىغان كەسپى بولماسلىقى ئېنىق. لېكىن، بۇ يەردىكى سىناقنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى باي، باشقا كىرىمگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، دەپ ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز ئاشۇ دەرىجىدە قىزىقىدىغان كەسىپتىن قايسىلىرى بار ئىكەن؟ بۇنى بىر تىزىپ بېقىڭ. بولسا ئاشۇنداق كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، بىر قەغەزگە تىزىپ چىقىڭ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىدىغان بىر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىزمەت جەھەتتە ئۆمۈر بۇيى خۇشال ئۆتەي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
2. سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتى ۋە ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر دەرسنى ئىنتايىن ياخشى ئۆتەلەيدۇ. بەزىلەر بالىلارنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەيدۇ. بەزىلەر باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا باي بولىدۇ. بەزىلەر ناخشىنى ياخشى ئېيتالايدۇ. يەنە بەزىلەر سازنى ياخشى چالالايدۇ. مانا بۇلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارى تۇغما بولىدۇ. مەن بۇنى ئالدىنقى يازمامدا «تالانت»، دەپ ئاتىدىم. ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى بولسا كېيىن يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. ھازىرقى مەزمۇنغا تەتبىقلىغاندا، بۇنداق ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ نورمال مەنىدىكى ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى، ھۈنىرى، ۋە بىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز تۇغما تالانتىڭىز، بارلىق ئىقتىدارىڭىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئوقۇش ۋە خىزمەت جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرنى يارىتاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
3. سىز ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار كەسىپ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كەسىپتىن بىرسى ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودىكى داڭلىق ئەرباب لۇ شۈننى ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىدىغان كەسپى دوختۇرلۇق بولۇپ، ياپونىيىگە ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى قىممىتى ئەڭ چوڭ ئىش قەلەم ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىنى تاشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مەشھۇر ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىمىيە كەسپىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىمىيىگە قارىغاندا پەلسەپىنىڭ قىممىتى يۇقىرى، دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ تونۇشلىرىم ئىچىدە، پەقەت قىممەت نۇقتىسىدا تۇرۇپلا ئۇيغۇر تارىخى كەسپىنى تاللىغان، گۈزەللىك ئىلمى كەسپىنى تاللىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان، تېببىي پەن كەسپىنى تاللىغان، ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىغان ۋە خەلقئارا سىياسەت، ژورنالىزىم ياكى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى تاللىغانلار بار. مەن تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بىلەن توردا پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يادرو فىزىكىسى كەسپىنى تاللىغىنىنى سورىسام، ئۇنىڭ بۇ قارارى پۈتۈنلەي ئاشۇ كەسىپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى قىممىتى ئاساسىدا بولغانلىقىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرىم «ئەگەر سەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى تاللىغان بولساڭ، ھازىر سەن خېلى يۇقىرىغا ئۆسۈپ كەتكەن بولاتتىڭ»، دەيدۇ. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بىر يىلدىن ئارتۇق ئويلانغان ئىدىم. مەندە ئادالەتسىزلىككە، ھەققانىيەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە ۋە كەمسىتىشكە دەھشەت ئۆچ بىر مىجەز بار. مەن ئۇنداق ئىشلارغا ئازراقمۇ چىداپ تۇرالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى ۋە ھېسسىياتىمنى يوشۇرالماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چىرايىم ئارقىلىق نامايان قىلىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىممۇ بار. ئەگەر مەن ئۆز پرىنسىپىم ۋە ئۆز مىجەز - خاراكتېرىم بويىچە «ياخشى باشلىق» بولغان بولسام، مېنىڭ باشلىقلىقىمنىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايتتى. ئۆز پرىنسىپى ۋە ۋىجدانى بويىچە ئىش قىلالمايدىغان باشلىق بولۇپ، ھوقۇقىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتەلمەي ياشىغان ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ بىر قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ ئۆز كەسپىم جىق قەدىرلىك ئىدى. شۇڭا مەن مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىدىن شۇ ۋاقىتتىلا ۋاز كەچكەن ئىدىم. ماڭا ھازىر خەت يازىدىغان ياشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىر قىممىتى بار ئادەم بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىزھار قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. دېمەك، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن پۇل - بايلىق، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، يەنە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تالانتى ئەڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قىممىتى ئەڭ مۇھىم. شۇڭلاشقا «قىممەت» مۇ بىر كەسىپ تاللاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇشى كېرەك. بۇنداق كەسىپنىڭ قىممىتى ئۆز ئائىلىسى، ئۆز يۇرتى، ئۆز مىللىتى ياكى ئۆز ۋەتىنى قاتارلىق ئوخشىمىغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئىنتايىن كۆپ. ھازىر بىزدە كەم كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ھازىر بىزدىكى بوش ئورۇننىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك كەسىپ بولالايدۇ. بۇنداق كەسىپنى ئۈنۈملۈك تېپىش ۋە توغرا تاللاشنىڭ بىردىن - بىر ئالدىنقى شەرتى، ئۆز مىللىتىنىڭ پۈتۈن تارىخىدىن خەۋەردار بولۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۈگۈنىنى مۇكەممەل چۈشىنىدىغان بولۇشتۇر. ئەگەر سىزگە نىسبەتەن مىللەت ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئەڭ مۇھىم بولسا، سىز ئۆز - ئۆزىڭىزدىن: «مەن قايسى ساھەدە مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايمەن؟» دەپ قايتا - قايتا سوراڭ. ھەمدە ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىزدىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپتىن بىرنى تاپالايسىز.ئەگەر خالىسىڭىز، ئۆزىڭىز قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى باشقىلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئاساستا تارىخقا يېزىلاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
4. چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ
ئامېرىكىدا «ئادۋۇكاتلىق» بىلەن «(كېسەل داۋالايدىغان) دوختۇرلۇق» تىن ئىبارەت 2 كەسىپ چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئادۋۇكات سانىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئادۋۇكاتلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى باشقا مائاشلىق كەسىپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئىككى كەسىپكە كىرىشتىكى شەرتى باشقا كەسىپنىڭكىدىن يۇقىرى، ئوقۇش بەدەل پۇلىمۇ باشقا كەسىپلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ 2 كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن كېتىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، بالىلىرى ئەقىللىق بولغان نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا مۇشۇ 2 كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە دەرس چۈشەندۈرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم. شۇ ئارقىلىق سائىتىگە 12 دوللاردىن پۇل تاپتىم. شۇ چاغدا مەن دەرس چۈشەندۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پات ئارىدا ئالىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئامېرىكىدا ئادۋۇكاتلىق بىلەن دوختۇرلۇقتىن قالسا ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان يەنە بىر كەسىپ شىركەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، شىركەت قۇرغاندا، بىر ئادەمنىڭ باي بولۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭسا، سىز ئىنتايىن باي بولۇپ كېتىسىز. ئەگەر شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭمىسا، سىز ۋەيران بولىسىز. مەن بۇرۇن ئوقۇغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ 1- قول باشلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 280 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. جۇڭگودىكى ھازىر ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپلەر نېمە؟ مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھازىرقى شارائىتتا باشلىق بولغانلار چوقۇم باي بولالىشى مۇمكىن. مەن ھازىرچە ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. باشلىق بولۇشنىمۇ بىر كەسىپ، دەپ ئاتىغىلى بولامدۇ؟ ئۇ توغرىسىدىمۇ بۇ يەردە بىر نەرسە دېگۈم يوق. بۇ يەردىكى قالغان بوشلۇقنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرۇۋېلىشنى سورايمەن.ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئادۋۇكاتلىق ياكى دوختۇرلۇققا ئوخشاش چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان بىرەر كەسىپتىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، بىر رەسمىي كىرىمگە ئېرىشكۈچە 7 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ھايات ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولۇپ، چىقىمىمۇ بەكلا يۇقىرى. شۇڭا بۇنداق يولنى تاللىغان كىشى چوقۇم ئىدىيە جەھەتتىن تولۇق تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى جۇڭگو بولسۇن، ئەگەر سىز يۇقىرىقى 1-، 2- ياكى 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن بىرنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىسىڭىز، يەنى ئۆز كەسپىڭىزدە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالالىسىڭىز، سىز تەبىئىي ھالدا بايمۇ بولالايسىز.
5. جەمئىيەت ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ
بۇنداق كەسىپنى «ئاسان خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلار ئىچىدە، مەندىن مۇشۇنداق كەسىپنى سورىغانلارمۇ خېلى كۆپ. 1998- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا يۇمشاق دېتال شىركىتى قۇرۇش دولقۇنى باشلاندى. ئۇ چاغدا كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان ئادەملەر يېتىشمەي، نۇرغۇن شىركەتلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپى كومپيۇتېرغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان، ئەمما كومپيۇتېردىن ئانچە - مۇنچە خەۋىرى بار كىشىلەرنى ئۆز شىركىتىگە ئىشقا ئېلىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كەسىپ ئۆزگەرتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتتى. لېكىن، 2002- يىللىرىغا كەلگەندە، يۇمشاق دېتالنىڭ كەلگۈسىدىكى رولى توغرىسىدىكى نۇرغۇن پەرەزلەر خاتا چىقىپ قېلىپ، يۇمشاق دېتال ياكى «döt-kom» شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە مۇشۇ كەسىپتە يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بىراقلا پاخاللىشىپ، بىر قانچە يىل خىزمەت تېپىشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 1999- يىلىدىن باشلاپ نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى شىركەتلەر دولقۇنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرمۇ 2003- يىلىغا كەلگەندە ۋەيران بولۇشقا باشلىدى. 1999- يىلىدىن تارتىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان 3000 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ سانى، 2003- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بىر نەچچە يۈزگىلا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە كىرىمنىي جىلغىسى ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى 2.3 ترىلىيوندىن ئېشىپ كەتتى. ئوپتىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىشسىز قېلىپ، خىزمىتىنى ساقلاپ قالغانلارنىڭ يىللىق مائاشىمۇ كەم دېگەندە 20 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئامېرىكىدا جەمئىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ كەسىپ تاللايدىغانلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.مېنىڭ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بىر دەۋر، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شەرت - شارائىتى، تېخنولوگىيىلىك يۈكسىلىشى ۋە ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر كەسىپ بۈگۈن «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بولالىغىنى بىلەن، ئەتە ئۇنداق بولالماسلىقى، سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» لىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» ئىچىدىن تاللىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەگەر سىز مەن يۇقىرىدا تىزغان 1-، 2- ۋە 3- كاتېگورىيىدىكى خىزمەتلەردىن بىرنى ياكى ئاشۇلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزۈپ چىقالىسىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت تاپالىشىڭىز ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالمايدۇ. سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايسىز. ئۇنداق قىلماي، جەمئىيەت ئېھتىياجى بويىچە كەسىپ ئۆزگەرتىپلا يۈرسىڭىز، سىزنىڭ ئۆمرىڭىز ئىنتايىن جاپالىق، ئىنتايىن ھارغىنلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
6. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن پايدىلىق كەسىپ
مەن ئەسلىدە بۇ كەسىپنى ئايرىم بىر كاتېگورىيە قىلماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، ماڭا خەت يېزىپ مەسلىھەت سورايدىغانلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق كەسىپ توغرىسىدا سوئال سورايدىغانلار خېلى كۆپ بار. شۇڭا ئۇنى بۇ يەرگە ئايرىم تىزىپ قويدۇم. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقتىن ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرسى ئىقتىساد. يەنە بىرسى تىل ۋە ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇغان ۋاقتىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياشنىڭ ۋەتەندىكى تولۇق كۇرس ئوقۇشى جەريانىدا تىل ۋە كەسپىي ئوقۇشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئىشتا قانداق قىلىپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خېلى كۆپ توختالغان ئىدىم. بۇ يەردە ئۇلارنى تەكرارلىمايمەن. ئۇ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە بار بولۇپ، مەن چەت ئەلدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ياشنىڭ ئۇلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن:
http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina11.htmhttp://www.meripet.com/Main/QAUyghur2.htmhttp://www.meripet.com/Oqush/Bölüm1.htmölüm1.htm
مېنىڭ بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىشنى تەكىتلەپ قويغۇم بار:1) ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە تەييارلىقنى پۇختا قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى بار. ئىنگلىزچىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «scholarship»، يەنى «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى». يەنە بىرسى «financial aid»، يەنى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى. ئەگەر سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسىڭىز، تېخى چەت ئەلگە چىقماي تۇرۇپلا ئاشۇنداق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز، ھەمدە 1- يىلىدىن باشلاپلا ئۆيىڭىزدىكىلەردىن ھېچ قانداق پۇل سورىماي ئوقۇيالايسىز: (1) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى مەكتەپ كەسپىڭىز توغرا تاللانغان بولۇش. بۇ ھەقتە يۇقىرىقى تور بەتلىرىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار. (2) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتىجىڭىز ياخشى بولۇش. (3) ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن بولۇپ، خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بولغان TOEFL دىن 550 تىن يۇقىرى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولغان بولۇش. بۇ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق بولۇپ، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. يەنى، بۇ ئۆز ئىقتىدارىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى پۇرسەت يارىتىش جەريانى. بۇنداق پۇرسەت يارىتىش يولى ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق. ئاخىرى قانداق بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەسىلەن، مەن تېخى يېقىندا www. meripet. com تور بېتىگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۋېتسىيىگە بېرىپ پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا بىر ئۇچۇر چىقىرىپ قويدۇم. ئەگەر سىزنىڭ تولۇق كۇرستىكى كەسپىڭىز بىئولوگىيە، فىزىكا ياكى ماتېماتىكا بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدىكى كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ھەمدە ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولسىڭىز، كېلەر يىلى 9- ئايدىن باشلاپ سىز شۋېتسىيىدە پۇلسىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇيالايسىز. بۇ يولنى ئاشۇ دۆلەتكە بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاچتى. مەن ئاشۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان پروفېسسور بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق كۆرۈشتۈم. ھازىر ئۇ پروفېسسور شەرتى توشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 2) ئۆزىڭىز مۇستەقىل ئىش كۆرۈش مەسىلىسى. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىشىدا ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەندىن ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىۋاتىمىز. لېكىن، بىزنىڭمۇ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىمىز ياكى ئوقۇشىمىز، ھەمدە خەۋەر ئالمىساق بولمايدىغان ئائىلىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز بار بولغاچقا، بەزىدە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز. ھازىر ئىنتېرنېت بەك تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت ھەممە ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېتتىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەن http://www.meripet.com/غا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭدا بىر خەنزۇچە قوللانمىمۇ بار. بۇ قوللانما ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياش ئاشۇ قوللانمىنى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا، ئۇنىڭ زور پايدىسى بولىدۇ. ئاڭلىسام بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى كىتابخانىلاردا كىتاب قىلىپ سېتىلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسىدىنمۇ بىر قانچىسى بار ئىكەن. بۇ كىتابلاردا نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلار خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىڭىز راست بولسا، سىزدە مۇشۇنداق كىتابتىن كەم دېگەندە بىرسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىزدە ئۇنداق كىتابنى تېپىپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا، http://www.meripet.com/ دىكى قوللانمىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەرىپەت تور بېتىدە ياۋروپادىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئېھتىماللىقى بار مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە تور بەت ئادرېسى بار. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنى قانداق ئىزدەش ئۇسۇلى بار. ئۇيغۇرلار ئالالايدىغان بەزى ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. ھەمدە نۇرغۇن سوئال - جاۋابلار بار. مەن ئۇ تور بېتىگە يېڭى ئۇچۇر بولسىلا دەرھال چىقىرىپ تۇرىمەن. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر غايىگە ھەقىقىي تۈردە يەتمەكچى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ياش ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن ئۆزى تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلارمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك. بۇ سىزگە قويۇلغان ئەڭ ئاددىي بىر تەلەپ. ئەگەر سىز ئىنتېرنېتتىن ئۆزىڭىزگە لازىم ئۇچۇرلارنى تېپىشقا ئېرىنىپ، ياكى ئۇنداق قىلىش خوشياقماي، ھەر بىر ئىش توغرىسىدا بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، ياخشى بولمايدۇ. سىز باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان كىشى سىز ئۆزىڭىز. شۇڭا سىز ئىمكان قەدەر ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز قىلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئىقتىدار چەت ئەلدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۆزىڭىز تىرىشىپ بېقىپ، پەقەت ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا، بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەتتە بولىمىز. بەزى ياشلار كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئاسانراق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپى ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ياكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلىدىن بىرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. چەت ئەل تىلى ئۇيغۇر دىيارى ياكى جۇڭگودا بىر كەسىپ بولالايدۇ. لېكىن ئۇنى ئاشۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان دۆلەتنىڭ ئۆزىدە بىر كەسىپ قىلىپ جان بېقىش ئانچە ئاسان ئەمەس. مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن يېڭىۋاشتىن باشقا بىر كەسىپنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولدى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چەت ئەلدە تۇرۇپ قالماقچى بولسىڭىز، ۋەتەندە ئەڭ ياخشىسى بىر مەخسۇس كەسىپنى ئوقۇڭ. چەت ئەلدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن چەت ئەل تىلى بىر قورال بولۇپ، ئۇنى كەسىپ قىلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئوقۇشىدا ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن.
مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى
مەن يۇقىرىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك بىر كەسىپنى تاللاپ چىقىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇ سىزدىن بىر قانچە يىللىق، ھازىرقى رىياللىققا ماسلاشقان ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سىزگە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى بىر تەكلىپ تەرىقىسىدە سۇنماقچىمەن:(1) يۇقىرىقى 5 كاتېگورىيىدىن سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنى تاللاڭ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-، 2- ۋە 3- نى تاللايدۇ.(2) ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا سىز ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىڭ. ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ، ئەڭ ئاز بولغاندا بەشى بولسۇن.(3) ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپ ئىچىدىن، سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ مېڭىڭ. يەنى، 1- دىن بىرنى، 2- دىن بىرنى، ئاندىن 3- دىن بىرنى ئۆچۈرۈڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەرياننى يەنە تەكرارلاڭ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەر كاتېگورىيىدىن پەقەت بىرلا كەسىپ قالسۇن. شۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا قولىڭىزدا 3 لا كەسىپ قالغان بولىدۇ.(4) ئەگەر يۇقىرىقى ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان 3 كەسىپ ئوخشاش بىر كەسىپ بولسا، سىزنىڭ تاللايدىغىنىڭىز ئاشۇ بولسۇن. ئەگەر ئۇ ئۈچى باشقا - باشقا كەسىپ بولسا، سىز ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر كەسىپ تۈزۈپ چىقىڭ. مەسىلەن، سىزنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان (1- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ماتېماتىكا، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان (2- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ باشقىلارغا دەرس ئۆتۈش، سىز ئۈچۈن مىللەتكە ئەڭ قىممىتى بار (3- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئوبدان تەربىيىلەش بولسۇن. ئۇنداقتا سىز بىر باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇڭ. يەنە بىر مىسال: سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ناخشا ئېيتىش، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش، سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مىللەت ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا، ئۇسۇل ۋە مۇزىكىلىرىنى سىرتقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش بولسۇن. ئەمما سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ياخشى ئەمەس بولغاچقا، بىر ناخشىچى بولالمايدىكەنسىز. ئۇنداقتا سىز بىر سەنئەت ئۆمىكىگە خىزمەتكە كىرىپ، سەھنە لايىھەلەش، سەھنە تەييارلاش ۋە سەھنە باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلەڭ. ھەمدە كەلگۈسىدە ئاشۇ ئۆمەككە چوڭ باشلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ.نۇرغۇن كىشىلەر ياش ۋاقتىدا 1- ۋە 2- كاتېگورىيىدىكى كەسىپنى بەكرەك ئويلىشىدۇ. يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپكە بەكرەك بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ھاياتىنى مۇشۇنداق كەسپىي باسقۇچلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بىرمۇ - بىر تىزىپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ JPL دە ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىم مەن ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ. مەن ھازىر قوشۇمچە قىلىۋاتقان، ۋەتەندىكى ياشلارغا مەسلىھەت بېرىش، ئۇلارنى مۇشۇنداق يازمىلىرىم ئارقىلىق بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ئازراق ياردەمدە بولۇش بولسا مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار، ئۆزۈم ئىنتايىن قىزىقىدىغان ھەمدە ئۇ جەھەتتە مەن ئازراق قابىليەتكىمۇ ئىگە بىر ئىش. يەنى، مەن ئۆزۈمنىڭ JPL دىكى خىزمىتى ئارقىلىق تولدۇرالمىغان «مىللەتكە بولغان قىممەت» نى يۇقىرىقىدەك قوشۇمچە ئىشلار بىلەن تولدۇرىۋاتىمەن.
ئاتا - ئانىلارنىڭ رولى
مەن يۇقىرىقى كەسىپنىڭ 6 كاتېگورىيىسى ئىچىگە «ئاتا - ئانىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ» دېگەننى كىرگۈزمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بەزى چاغلاردا ئاتا - ئانا ياكى دوستلار تاللاپ بەرگەن كەسىپكە سىز قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭدا سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنداق تاللىغان كەسىپ سىزنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ئۆزى تاللىغان يول بىلەن مېڭىپ، بەزى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، ئۇ ئۆزى تاللىغان يول بولغاچقا، يامان ئاقىۋەتكە چىداپ، يەنە مەلۇم دەرىجىدە خۇشال ياشاپ كېتىۋېرىدۇ. لېكىن، باشقىلار تاللاپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، باشقىلاردىنمۇ قاتتىق رەنجىپ، ئۆز ئىچىدىمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ كېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئاتا - ئانا بالىسىنى مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاشقا مەجبۇرلىسا، ئۇ كەسىپنى بالىسى ئۈچۈن ئۆزى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قىممەت قارىشى باشقا مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئۆلچەمنى ئۇيغۇرلارغا ئەينەن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ھەرگىز ئاتا - ئانىغا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقى بىر كەسىپنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى بولماسلىقى كېرەك. ئۇ كەسىپنى قىلىدىغان كىشى بالا بولغاندىكىن، ئۇ كەسىپ چوقۇم بالىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. غەربنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، بالىنى ساغلام ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىقتىدارلىق قىلىپ چوڭ قىلىش ئاتا - ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بالا ئاتا - ئانىنىڭ بىر مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. بالا 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ بىر مۇستەقىل ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەممە قارارلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مېنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە دېگۈم يوق. لېكىن، مېنىڭ ھەر بىر ئاتا - ئانىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، سىز بالىڭىزغا ئۆمۈر - بويى باقىۋەندى بولالمايسىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز بالىڭىزدىن بۇرۇن كېتىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىڭىز ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالمىسا بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى (كەسىپ تاللاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) قارار قىلغاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەختىنى ئەمەس، بالىڭىزنىڭ بەختىنى ئويلاڭ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئېغىر بەدەللەرنى، ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىڭىز، ئۇ سىز ئۆزىڭىز تاللىغان يول. سىزنى ئۇنداق قىلىشقا بالىڭىز مەجبۇرلىغان ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز تۆلىگەن بەدەلنى دەسمايە قىلىپ، ھەممە ئىشتا بالىڭىزدىن سىزنىڭ ئۆز ئىرادىڭىز بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇ بىر ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بىر ئۆسمۈرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئاتا - ئانا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا - ئانىسى يېقىندىن ياردەم بېرىدىغان ۋە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» يوق. ئالىي مەكتەپلەردە بولسا «كەسىپ مەركىزى» يوق. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاتا - ئانىلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتسا بولمايدىغان بىر بۇرچى، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بالىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، نېمە تالانتى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بارلىقىنى ئەستايىدىل ۋە ئىزچىل تۈردە كۆزىتىش ۋە بايقاش. ھەمدە شۇ ئاساستا بالىسىنى ئۆز ئىقتىدارلىرى ۋە تالانتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شۇ ساھەدىكى بىرەر كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش. بىر خىزمەت كەسپىگە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ كەسپى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئوخشىمىغان كەسىپتە ئوقۇغان بىر قانچە كىشىلەرمۇ ئوخشاش بىر خىزمەت كەسپىدە ئىشلىيەلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز مەلۇم بىر خىزمەت كەسپىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپىدىن قايسىسىنى تاللىشىنى بىلەلمەي قالسا، سىز ئاشۇ خىزمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەردىن بىر - ئىككىنى تېپىپ، بالىڭىزنى شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ. شۇ ئارقىلىق بالىڭىزغا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىڭ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. مېنىڭ بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىم پەقەت شۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بارلارغا قارىتىلغان.
بىز قانداق قىلدۇقمېنىڭ قىزىم دىلنارە باشلانغۇچ 1- سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا، ھېسابقا ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، ئايالىم جۇڭگونىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، بۇ 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسىغا 2- ۋە 3- يىللىقنىڭ ھېسابلىرىنى ئىشلىگۈزدى. شۇڭا دىلنارە باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە يىللىرىنى ھېسابقا ناھايىتى ئۇستا ئوقۇغۇچى قاتارىدا ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاش ئۈچۈن، دىلنارە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا، بىز ئۇنى گىمناستىكىغا بەردۇق. ئۆيگە كونا پىئانىنودىن بىرنى ئېلىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن بىرنى ياللاپ، 3 يىلدەك ۋاقىت پىئانىنو ئۆگەتتۇق. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆز تەلىپى بويىچە، دىلنارەنى بىر 2 ئايلىق كىنو ئارتىسى يېتىشتۈرىدىغان مەخسۇس كۇرستا ئوقۇتتۇق. دىلنارە ئۆز مەكتىپىدە يەنە مەكتەپ ئۇسۇل ئەترىتى ۋە مەكتەپ سۇ ئۈزۈش ئەترىتى قاتارلىقلارغىمۇ قاتنىشىپ باقتى. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئۆزى ئىزدەپ، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالا باقىدىغان ئىشتىن بىرنى تاپتى. شۇ ئىشلىگەنچە قۇشۇمچە ئىشلەشنى زادىلا توختاتماي، ئۆزىنىڭ پارچە - پۇرات خەجلەيدىغان پۇلىنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ ماڭدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچە، ئۇ پۇل مۇئامىلىسىگە خېلى پۇختا بولۇپ قالدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىقتىساد كەسپىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى تولۇق كۇرۇستا ئىقتىساد (ئىنگلىزچە «finance») نى ئاساسلىق كەسىپ، بوغالتىرلىق (ئىنگلىزچە «accounting») نى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇشنى قارار قىلدى. بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىگە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقاپ، پەقەت ئىقتىساد كەسپىنىلا ئوقۇش قارارىغا كەلدى. ھازىر ئۇ ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات 1- سىنىپتىن تارتىپ ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ كەلدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ تېببىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، رەسىمچىلىك، تەنتەربىيە ۋە تەشكىللەش قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە مېنىڭ تەشەببۇسۇمغا ماقۇل بولۇپ، ئۆزىنى تېببىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە بەكرەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇيدىغان بولدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، مەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئامېرىكىدا يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدىن بىرنى قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدى. شۇڭا ئۇ ئۆزى 2800 دوللارلىق كومپيۇتېردىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر كومپيۇتېر رېمونت قىلىدىغان ۋە كومپيۇتېر ساتىدىغان شىركەتتىن بىرسىگە كىرىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دىسنېي باغچىسىنىڭ بىر چوڭ مىلياردېر ئەمەلدارىنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسىنىڭ «ياخشى ئوقۇپ، ئادۋۇكات بول» دېگەن گېپىنى ئاڭلىماپتۇ. بالىلارغا ئامراق، ھەمدە بىر ئاددىي لېكىن خۇشال ھاياتنى ياقتۇرىدىغان بولغاچقا، ئوغلۇمنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇئەللىم بولغان ئىكەن. ئۇ كىشى ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھە دېسىلا ئامېرىكا سىياسىتى ۋە خەلقئارا سىياسەت توغرىسىدا بىلىم بېرىپتۇ. ئوغلۇم ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرى بىلەن بىراقلا خەلقئارا سىياسەتكە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى مەن بىلەن ئوخشاش گېزىت ئوقۇيدىغان، ئىنتېرنېتتىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى بىرنىمۇ قويماي ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى. ھەمدە كەلگۈسىدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا ھەتتا: «دادا، ئەگەر مەن ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولسام، كەلگۈسىدە چوقۇم ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇشقا تىرىشىپ باقاتتىم»، دېدى (ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن، ئۇ كىشى چوقۇم ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك). بۇ يىل 1- ئايدىن باشلاپ ئۇ بىز ئولتۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىغا بىر ئوقۇغۇچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشقا كىردى. ئۇ يەردە تېلېفون ئېلىش، ھۆججەت - ماتېرىياللارنى باشقۇرۇشتىن سىرت، ئۇ يەنە بەزى مۇھىم يىغىنلارغىمۇ قاتناشتى. ھەر كۈنى بىر خىل كىيىم كىيىپ، گالستۇك تاقاپ، ئۆزىمۇ خۇددى بىر باشلىقتەك ئىشقا بېرىپ يۇردى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى باشقۇرۇپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. قارارى پۈتۈنلەي پىشمىغان بولغاچقا، ئۇ ئالىي مەكتەپ كەسپىنى تاللىغاندا، دەسلەپتە پۈتۈنلەي كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىكى كەسپىنى تاللىدى. كېيىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن، بىرەر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇسا ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئاڭلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان «غەربىي نۇقتا» تىكى «ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسى» (ئىنگلىزچە « United States Military Academiy at West Point») دېگەن مەكتەپكىمۇ ئىلتىماس قىلدى. (بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ داڭلىق ھەربىي مەكتەپ بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر گېنېراللار ۋە پىرىزدېنتلار مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان) بۇ مەكتەپكە كىرىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇ مەكتەپتىن ئادەم كېلىپ، دىلشات بىلەن 3 قېتىم سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن 2 قېتىم تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئىمتىھان ئالدى. دىلشات مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، غەربىي نۇقتىنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى 19 كىلومېتىر يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپكە كىرىدىغانلارنى شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىۋاسىتە تاللاپ بەرمىسە بولمايدىكەن. بىزنىڭ رايوندىن ئۇ مەكتەپكە 15 تەك ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ بىر گۇرۇپپا ئادەملىرىنىڭ قاتتىق تاللىشى نەتىجىسىدە، دىلشات ئەڭ ئاخىرى ئۇتۇپ چىقىپ، غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىگىمۇ قوبۇل قىلىندى (تۆۋەندىكى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرىقىغا قاراڭ). 2007- يىلى 18- مارت كۈنى، غەربىي نۇقتىنىڭ لوس ئانژېلىس رايونىدىكى مەكتەپداشلار جەمئىيىتىنىڭ بىر يىغىلىشى بولدى. ئۇنىڭغا تەكلىپ بويىچە دىلشات بىلەن ئىككىمىز 100 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. بۇ پائالىيەتكە ئىراقتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بىر چوڭ گېنېرالمۇ قاتناشتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى «سىلەر غەربىي نۇقتىدا ئوقۇساڭلار بىر يېڭى تارىخ يارىتىپلا قالماي، بەلكى ئاشۇ يېڭى تارىخنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىسىلەر»، دېدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا بىز بۇرۇن ئاشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھەربىي ئىچىدە 5 يىل ئىشلەش بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئادەتتىكى كەسىپكە ئالماشقان كىشىلەر، ھازىر بالىلىرى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا - ئانىلار، ھازىر ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە دىلشات بىلەن بىر قاتاردا ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتۇق. شۇ جەرياندا دىلشات ئۇ مەكتەپتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغىنى كەسىپ ئەمەس، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كەسىپتىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئارزۇسى بولغاچقا، بۇ مەكتەپتىن سەل سوۋۇپ قالدى. 2007- يىلى 4- ئايدا، دىلشاتنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەكتەپ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسى لوس ئانژېلىس رايونىدىن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىغىلىش قىلدى. ئۇنىڭغا دىلشات، ئامانگۈل ۋە مەن ئۈچىمىز باردۇق. 5- ئايدا شىمالىي كالىفورنىيىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مەكتەپنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن يەنە بىرسى بولدى. بىز ئۇنىڭغىمۇ 500 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. شۇنىڭدىن كېيىن دىلشات غەربىي نۇقتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، بېركېلىيدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىدى. غەربىي نۇقتىدىكى ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دىلشاتقا ھەر ئايدا مىڭ دوللاردىن مائاش بېرەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر دىلشات غەربىي نۇقتىغا بارغان بولسا، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يىلىغا 10 مىڭ دوللاردەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بېرىدىغان بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، يىلىغا بىزدىن 30 مىڭ دوللاردەك چىقىم بولىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىنى تاللىدى. ئۇ ھازىر كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىر يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن، ئۇ ئۆز كەسپىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا مىللەتكە بولغان قىممىتى جەھەتتىن غەربىي نۇقتا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خېلى كۆپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم. لېكىن دىلشات ھازىر ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇسا تېخىمۇ چوڭ قىممەت يارىتالايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ زور ئىشەنچىسى بار. بىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزى تاللىغان يولىنى قوللاپ كەلدۇق. دىلشات توغرىسىدا بىلىك تور بېتىدە بىر قىسىم قوشۇمچە ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى:http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=13065&extra=page%3D2ئاخىرقى سۆزيېقىنقى بىر قانچە ئاينىڭ مابەينىدە، مەن بىر قىسىم ياشلاردىن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئىشىدا ياردەم سوراپ يازغان ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بەزىلىرىنىڭ خېتى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار خەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئىمكان قەدەر تولۇق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشقان. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشەنسەممۇ، ئۇلارغا پەقەت كەسىپ تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىلا دەپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كەسىپ تاللاپ بەرمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالمىسام، ئۇلارغا كەسىپ تاللاپ بەرسەم ھەرگىزمۇ بولمايتتى. ئاشۇنداق ياشلارغا بىر ئاز پايدىسى بولسۇن، دەپ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمىگەن بىر ياشقا نىسبەتەن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش بىر ناھايىتى قىيىن ئىش. بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئاتا - ئانىلار ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ئىشتا ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ھەر بىر قارارنى ئۆزلىرى چىقىرىپ بەرمەسلىكىنى سورايمەن. ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا ئۆزلىرى قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مەن بۇ ئىشنى ۋەتەندىكى ياشلار بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇ ھەرگىز بالىڭىزغا نىسبەتەن كۆيۈنۈش بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بالىڭىزغا قىلغان بىر زىيانكەشلىك بولىدۇ. بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئوبدان ئالالايدىغان بولسۇن دېسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭدا ھەممە ئىشنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بىر



ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ

1-رەسىم: ئوغلۇم دىلشات «غەربىي نۇقتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسى» دىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرىقنامىسى.

.
تولۇق ئوقۇش