2008/4/5

فرانسوسلارنى چۈشۈنەمسىز؟

فرانسوسلارنى چۈشۈنەمسىز؟
يېقىندا، «ئۇيغۇر بوي» نامىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ تور ئارقىلىق دۇنيادىكى قېرىنداشلاردىن ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ يازغان خېتى ۋە ئۇنىنغا جاۋابەن بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ قالدىم. مەنمۇ ئاشۇ ئۇكامدەك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش، خىزمەت قىلىش، ياشاش قىسقىسى، رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان چايقىلىپ ئۆتۈشتەك جەريانلارنى باشتىن كۆچۈرگەچكە بۇ ئۇكام ۋە بۇ ئۇكامغا ئوخشاش ئارزۇسى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدىكى بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىپ چىقتىم.
سۆز بېشى:
ئەسلىدە بۇ ماقالىنى يېزىش نىيىتىم يوق ئىدى، بىراق بىلىۋالغا يوللانغان يوللانمىلار ئىچىدىن تاسادىپىيلا "فرانسىيىدە يازلىق تەتىل ئۈچ ئاي" دىگەن سۆزگە كۆزۈم چۈشۈپ خەلىغىچە خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدىم، قارىغاندا كاللامدا شەكىللەنگەن ئۇ نەرسىلەرنى يازمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. خوش، ئۇنداق بولسا گېپىمنى داۋاملاشتۇراي (ئون ي ۋا - فرانسوسچە سۆز). ئەمەلىيەتتە "فرانسىيىدە يازلىق تەتىل ئۈچ ئاي" دىگەن بۇ سۆز ھەرگىز خاتا ئەمەس، بىراق، يامان يېرى بۇ سۆز مەن تۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ئومۇملۇققا ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، 3 ئاي تەتىل قىلىدىغان بىر قىسىم مەكتەپ، بىر قىسىم كەسىپلەر بار ئەلۋەتتە ئەمما مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، مانا مەنىڭ فرانسىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ يازدا 3 ئاي تەتىل قىلىپ باقمىدىم، مەن بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىرىممۇ قىلىپ باقمىدى (دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلارغا ئادەتتە 4 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە يازلىق تېتىل بولىدۇ، مۇئەللىملەرنىڭ دەم ئالىدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق بولۇشى سىز مەلۇم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىڭىز مۇئەللىم تەتىلگە كەتكەن ۋاقىتتا سىزنىڭ يالغۇز تەتقىقات ئېلىپ بەرىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ، ئادەتتە شۇنداق، ئەمما بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس، مەسىلەن دوكتورلۇقنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى تەتقىقاتقا پىشقان ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىم بولمىغان شارائىتتىمۇ تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ).
خوش، ئۇنداقتا مۇنداقلا ئېيتىپ قويغان "فرانسىيىدە يازلىق تەتىل ئۈچ ئاي" دىگەن بۇ سۆزنىڭ نىمە يامىنى بار؟! مەسىلە دەل مانا مۇشۇ يەردە، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدا بولۇپ يۇرگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئىنتىلگەن ئاشۇ جايلاردىكى ئىشلارنى قىسمەنلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس ئومۇملۇق ئۇقتىئىنەزەرىدىن چۈشىنىش ھوقۇقى بار ئەلۋەتتە، ئەمما كۆپىنچە چاغلاردا بۇنداق قىسمەنلىك نۇقتىئىنەزىرىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، بۇ ئادالەتسىزلىك، مانا بۇ دەل مېنى ئويلاندۇرۇپ قايغان مەسىلە، شۇ سەۋەپتىن فرانسىيەلىكلەر توغرىلق يازماقچى بولۇپ قالدىم، مېنىڭ يازماقچى بولغانلىرىمدىمۇ قىسمەنلىكتىن ساقلىنىشىم قىيىن. تۆۋەندە مەن تىلغا ئالماقچى بولغان شەخىس ۋە ھادىسىلەر ئايرىم ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن، بىراق خۇددى ياخشى ئادەملەر بىلەن يامان ئادەملەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، بىر كىچىككىنە ئىش ئارقىلىق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش يارىمايدۇ، ياخشى ئادەملەر يېنىلا يامان ئادەملەردىن كۆپ، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ، خوش ئۇنداقتا مەن سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان فرانسۇزلار دىققىتىڭىزدە بولسۇن.
(1)
فرانسۇزلار خاراكتىر جەھەتتە مۆتىدىل كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپىنى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق ئىشلاردىن تارتىپ ھەتتا چوڭ ئىشلارغىچە ئاسانلا كۆرىۋالالايسىز. ئۇلاردىكى بۇ خۇسۇسىيەت ئۇلارنىڭ ئوڭايلا زىيان تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك قورالىغا ئايلانغان. ئۇلار گاھىدا سۈرلۈك كۆرۈنگەن بىلەن كۆپ ھاللاردا ئوچۇق قىراي كېلىدۇ، ئاياللىرى ئەرلىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ئىشچان، ئائىلە ئىشلىرىنى كۆپ ھاللاردا ئاياللار ئۈستىگە ئالىدۇ.
فرانسۇزلار چاقچاق خۇمار خەق بولۇپ، ناۋادا سىز ئوچۇق-يورۇق بولسىڭىز ئۇلار بىلەن ئوڭايلا چىقىشىپ كېتەلەيسىز. خېلى ئېغىر چاقچاق قىلسىڭىزمۇ ناۋادا ئۇ كىشى سىزنىڭ چاقچاق قىلغىنىڭىزنى بىلسىلا كۆڭلىگە ئالمايدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى سىزنىڭ باشلىقىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ.
مەن ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى تېخى ئەنىق تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلدىم. مەسىلەن ناۋادا سىز پارىجدىن باشقا جايلارغا بېرىپ قالسىڭىز (پارىج شەھەر مەركىزىدە كىشىلەر كۆپىنچە ئىگىز بىنالاردا ئولتۇرىدۇ، ئايرىم گûللىكى بار داچا ئۆيلەرنى پارىجدا ئوڭايلىقچە كۆرەلمەيسىز)، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ گۈللىكى بار داچا ئۆيلىرىگە كۆزىڭىز چۈشىدۇ، ئۇ ئۆيلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان بولسىڭىز، ھويلىسىنىڭ قورا تېمى ناھايىتىمۇ پاكار (ئۇ تاملارنىڭ بېزىلىرى تومۇر رىشاتكىدىن، بەزىلىرى كېسەكتىن، يەنە بېزىلىرى قېنىق ئوستۇرۇلگەن كوچەتلەرنى تام شەكلىگە كىرگۈزۈپ ياسالغان )، ئۇ تاملاردىن داچا ئوينىڭ ھەممە تەرىپى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بېزى ئۆيلەرنىڭ ھويلا دەرۋازىسى ئوچۇقلا تۇرىدۇ، ئەمما دىققىتىڭىزنى سەل نېرىسىغا ئاغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئويلىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىڭ دايىم دىگۈدەك مەھكەم ئېتىكلىك تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. دىمەك ئۇلاردا سىز يەچىنلىشلايدىغان تەرەپلەرمۇ، سىزنىڭ ھەتتا خوشنىسىنىڭمۇ يەقىنلىشالمايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. مەن تۇرىۋاتقان تەجرىبىخانىدا چەخىسلوۋاكىيەدىن تەكلىپ بىلەن كېلىپ دەرس بېرىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. ئۇ توختام بويىچە ھەر يىلى يېرىم يىلدىن مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە كېلىپ دەرس بەرىپ كېلىپ-كېتىپ يۈرەتتى. مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ توختام ۋاختى توشۇپ 7 يىل بولغاندا ئۇنىڭغا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتىش باشقا يول قالماي دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى. ئۇ كىشى ئۆزى كەسىپتە پىشقان، ناھايىتى چىقىشقاق ئادەم بولغاچقا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن، بىراق ئاخىرقى ھېساپتا ئۆز دۆلىتىگە قايتىشتىن ئابشقا يول تاپالمىدى، ئۇنىڭ توختام ۋاختى توشقان مەزگىللەردە مەكتەپتە بىر ئورۇن بىكار بولۇپ ئۇنىڭغا بۇ يەردە قېلىپ قېلىش شارايىتى چىققان ئىدى. بىراق مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە بۇ يەردىكىلەردىن ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانغا بىئەرەمۇ ئادەم چىقمىدى. كېيىن بەزىلەردىن ئۇنى-بۇنى سوراپ باقسام، ھەممىسى دىگۈدەكلا "ئۇ بۇ يەردە ئىشلىسە فرانسوسلار نىمە ئىش قىلىدۇ؟" دىگەن جاۋاپ چىقتى. ئەمىليەتتە بۇ جاۋاپ مېنى بەكمۇ ئەجەپلەندۈرۈپ كەتمىدى، چۈنكى چەتئەللىكلەر ئىشلىسە فرانسوسلار نىمە ئىش قىلىدۇ دەيدىغان ئىددىيە بۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا خۇددى ھەممىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بىرلىككە كەلگەن ئىددىيە ئىدى.
مېنى ئەجەپلەندۇرگىنى مەن بەكلا ھۆرمەت قىلىدىغان خىزىر سۈپەت بىر پروفەسسور بار ئىدى، بىر كۈنى بۇ توغۇرلۇق ئۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، نەتىجىدە ئۇ كىشىمۇ ئوخشاشلا جاۋاپ بەردى. بىراق ئامىتى كېلىپ ئانچە-مۇنچە ئىش تېپىپ ئىشلىگەنلەرمۇ يوق ئەمەس، مەسىلە سىز قىلىدىغان ئىشتا ئۇلار ئامالسىز قالغا چاغلاردا بۇ ئامەت سىزگە نىسىپ بولىدۇ. پارىجغا ھەر كۈنى كېلىپ-كەتىپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ساناقسىز دىگۈدەك كۆپ، جوڭگونىڭ ئىختىزادىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ فارنسىيەگە ساياھەتكە كېلىدىغان جوڭگولۇق ساياھەتچىلەرمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ ئۇ ساياھەتچىلەردىن كىرىدىغان كىرىم فرانسىيە ساياھەتچىلىكىدە خېلى موھىم ئورۇننى ئىگەللەيدىغان ۋەزىيەت شەكىنلەڭەندىن بېرى فرانسوسلار بەزى بىر ئىشلاردا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، مەسىلەن بۇ يىلدىن باشلاپ فرانسوس ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قوشۇمچە ئۈگىنىدىغان چەتئەل تىلى قاتارىغا خەنزۇ تىلى كىرگۈزۈلدى. فرانسوس تىلى، خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغان بىر قىسىم جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ سەۋەپتىن سدا سېتىق ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئېلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى. پارىج دىكى ئەڭ چوڭ سودا سارىيى ھېساپلىنىدىغان لافايېت سودا سارىيى (گالەرىئەس لافايەت- فرانسوسچە)دا پىگازچىكلىق قىلىدىغان جوڭگولۇقلارمۇ بار. مەلۇم بىر زھورنالدىن لافايېتنىڭ ئەتىرلىرى توغۇرلۇق يېزىلغان: "ھەر كۈنى ئەتتىگەن دۇكانغا توپ-توپ بولۇپ كىرگەن ياپونلوق، جوڭگولۇق خېرىدارلار تۈپەيلى دۇكانغا ئالدىنقى كۈنى كەچتە قويۇلغان فرانسىيە ئەتىرلىرى چۈشكە يېتىپ بارماي پاك-پاكىز قۇرۇغدۇلۇپ، دۇكاندارلارنى چۈشتىن كىيىن ئىسكىلاتقا يۈگرەپ مال تولۇلاشقا مەجبۇرى قىلدى" دىگەن جۈملىلەرنى ئوقۇغان ئىدىم.
پارىجدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلەر ساياھەتقىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان "ئالتۇن قارتىغا" ئايلانغان بولۇپ، بۇ توغۇرلۇق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دىگۈدەك ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمىلەر، ساياھەت خاتىرلىرى ھەر كۈنى يېڭىدىن يېزىلىپ تۇرىدۇ. مەن بىر كۈنى بۇ يەردىكى بىرسى بىلەن ئەففەئىل مۇنارى توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ كىشى ماڭا مۇشۇ ياشقا كەلگىچە ئەففەئىل مۇنارى يىراقتىن بىر قېتىم كۆرگەننى ھېساپقا ئالمىغان ئۇنى يېقىندىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئەمما يازغۇچىلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ كارامەت تەسۋىرلىۋېتىدۇ. مەن جوڭگو دىكى خېلى كوپ يازغۇچىلار جەمىيەتلىرىنىڭ پارىج دا ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، ھەر قايسى جەمىيەتلەر ئۆزىگە تەۋە يازغۇچىلارنى پارىجغا تۇرمۇش ئۈگۈنىش ئۈچۈن قەرەللىك ئېلىپ-كېلىپ تۇرىدىكەن.
فرانسوسلار يۇرتىمىزدىكى كىشىلەردەك مەرت ئەمەس، بۇ يەردە مۇئاشقا تايىنىپ جان باقىدىغان كىشىلەر ئىچىدىن بىر ئايلىق مۇئاشىنى مەرتلىك بىلەن بىر ئاخشامدا رەستۇراندا ئۇچۇرۋېتىدىغان ئادەمدىن بىرىمۇ يوق، ناۋادا شۇنداق ئادەم چىقىپ قالغان تېقدىردە ئۇلار بۇنداق كىشىنى ئەقلىدىن ئازغان كىشى دەپ ھېساپلايدۇ. رەستۇرانغا بىرەر ئىشنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مېھمانغا چاقىرىدىغان ئىش بولۇپ قالسا (بۇنداق ئىشلار ئادەتتە بەك ئاز)، ئاخىرىدا تاماق پۇلىنى مېھمانغا كەلگەنلەر تەڭ چىقىرىپ تۆلەيدۇ. رەستوران، قاۋاقخانىلاردا قاي پۇلى بېرىدىغان ئىش بار، ئەمما بۇ شەرىت ئەمەس، بەرمىسىڭىزمۇ بولدۇ (ئادەتتىكى رەستۇران، قاۋاقخانىلاردا شۇنداق، 5 يۇلتۇزلۇق دىگەندەك كاتتا سورۇنلاردا قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم)، بەزىلار ئېشىپ قالغان نەچە موچەن، نەچچە كويچەن دىگەندەك پارچە پۇللارنى چاي پۇلى دەپ تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ، 5 ياۋرو، 10 ياۋرو بېرىدىغانلارمۇ بار. چاي پۇلى توغۇرلۇق سۆزلەۋىتىپ بىر ئىش ئېسىمغا كېلىپ قالدى. يۇرتۇمدا بىر فرانسوس بىلەن كاتتا رەستۇرانلاردىن بىرىگە كىرىپ غىزالاندۇق، تاماقتىن كېيىن ھېلىقى فرانسوس قىرايلىق كىيىنىۋالغان كۈتكۈچى قىزغا بىر سوم پۇلنى چاي پۇلى دەپ تەڭلى، ئۇ قىز بىر كىشىگە قاراپ، بىر بىر سوم پۇلغا قاراپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. مەن ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ فرانسوسقا جوڭگودا قاي پۇلى ئالىدىغان ئادەت يوق بولغاچقا ئۇ قىز پۇلۇڭنى ئالالمايدۇ دەپ چۈشەندۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش تۈگىدى، مەنىڭچە ئۇ فرانسوسمۇ باشقىچە ئويلىمىدى بولغاي. يۇرتۇمدىكى چاغدا بىر نەچچە قېتىم فرانسىيەلىك ئۆمەكلەرگە يول باشلىغۇچى بولۇپ ساياھەت نوختىلىرىنى ئايلاندۇق، مەن ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ رەسمىي ئادىمى بولمىغاچقا ئۇلار ماڭا مۇئاش بەرمەيىتتى، "مېنىڭ ئىش ھەققىمنى قانداق قىلىمىز؟" دەپ سورىسام، چاي پۇلى، ئۇلار سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئۆشرىسى دىگەندەكلەردىن چىقىرۋالىسەن دەپ جاۋاپ بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، بىر قېتىم بىر ئۆمەك بىلەن 5 كۈن بىللە بوپتىمەن، كېچە سائەت 3 بولغاندا "دۇنھۇئاڭ" پويىز بىلەن يولغا چىققان بۇ ئۆمەكنىڭ ئالدىغا چىقىمەن دەپ قاتتىق بوراندا داخېيان پويىز ئىستانسىسىغا چىققىنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇلار 20 دەك ئادەم ئىدى، ئۇلار بىلەن فرانسىيەدىن بىللە كەلگەن بىر خەنزۇ قىز ئۇلارنىڭ ئۆمەك باشلىغى ئىدى. بىز شۇنداق قىلىپ بۇ 5 كۈن ئىچىدە ساياھەت ئورنى ئالدىن بېكىتكەن بېرىشقا تەغىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىگە باردۇق، مېنىڭ ياتىقىمنىڭ چىقىمىنى ساياھەت ئىدارىسى چىقاردى، تامىقىمنىنىڭ خىراجىتىنى ئۆمەك تاماق يىگەن رەستۇران كۆتىرۋەتتى. گەرچە جوڭگودىكى مال باھاسى فرانسىيەدىكى مال باھاسىدىن 10 ھەسسە دىگۈدەك ئەرزان بولسىمۇ بۇ ئۆمەكتىكى كىشىلەر تۈزۈك بىر نەرسە سېتىۋالمىغاچقا ئۆشرە پۇلى دىگەن نەرسىدىن قۇرۇق قالدىم، ئۆمرۈمدە شۇ چاغلاردىكىدەك ھېرىپ كەتكىنىم ئېسىمدە يوق، ئەتتىگەندىن كەچكىچە شۇ 20 نەچچە ئادەمنىڭ ھەممە ئىشىغا (ساياھەت نوختلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋەلىش،ساياھەت نوختلىرىنى چۈشەندۈرۇش، ئۇلارنىڭ تامىقى، ياتىقى ھەتتا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغىچە) ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار ماڭا 20 نەچچە ئادەم ئۈچۈن 5 كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن قاي پۇلى ھەساپلاپ 100 سوم خەلىق پۇلى بەردى، ساياھەت ئىدارىسىغا ھېساۋاتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېرىپ، "مېنىڭ ئىش ھەققىمچۇ؟" دىسەم، ئۇلار كۈنىگە 20 سومدىن كوماندۇرۇپكا ھېساپلاپ 5 كۈن ئۈچۈن 100 سوم بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە مەن ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپتىمەن، ئۇلارنىڭ شۇنچە ئەرزان نەرسىلەرنى نىمە ئۈچۈن سېتىۋالمىغانلىقى توغۇرلۇق نۇرغۇن قىياسلاردا بولدۇم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى فرانسوسلار مەيلى قايسى جايغا ساياھەتكە بارمىسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزى بارماقچى بولغان جاي توغۇرلۇق ئۇچۇر ئىگەللەيدۇ، بۇ توغۇرلۇق كىتاپ-ماتىرياللار بار ياكى بولمىسا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىپ بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر بۇ نەرسىلەر شۇ قەدەر ئەرزان بولسىمۇ قىممەت ئېلىپ قېلىپ زىيان تارتىپ قېلىشتىن قورقۇپ ھەچ نەرسە ئالمايلا ئىشنى ئاددىيلاشتۇرغان، ھېلىچى ئۆمەك باشلىغى بولۇپ بىللە كەلگەن قىزمۇ ئۇلارغا بارىدىغان جايغا يېتىپ بەرىشتىن ئىلگىرى ئۇ جاي توغۇرلۇق مېلۇمات بېرىدۇ ئەلۋەتتە.
فرانسوسلار بىلەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىنى ساياھەت قىلىش توغۇرلۇق سۆزلىشىپ قالسىڭىز، ھەر قانداق بىر فرانسوس ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سىزنىڭ ساياھىتىڭىزگە نۇرغۇن ئوڭايلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ناۋادا سىز بىر ئوقوغۇچى بولۇپ قېلىپ مۇئالىمىڭىزدىن روخسەت ئالالمىغاندا ئۆزىنىڭىزنىڭ فرانسىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھرىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ، ئۇ مۇئالىم قىلچە ئىككىلەنمەيلا خۇشاللىق بىلەن سىزگە روخسەت بېرىۋېتىدۇ. مەن پارىج دا بىر مومايدىن بىر كوچىنى سورىسام ئۇ مېنى تۇتىۋېلىپ شۇ كوچا توغۇرلۇق زوخ-شوق بىلەن توپ-توغرا بىر سائەت توختىماي سۆزلىگەن ئىدى، سىز بۇنىڭغا قاراپ فرانسوسلارنى چەتئەللىكلەرگە ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
مانا بۇ مەن بىلىدىغان فرانسوسلار، گەرچە يەنە بۇ ھەقتە يېزىشقا تېگىشلىك ئىشلار نۇرگۇن بولسىمۇ بۈگۈن يەنىلا مۇشۇ يەرگىچە يازاي.
(2)
فرانسوسلار ناھايىتى ئىختىزاتقان، تىجەتلىك كېلىدۇ، ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە ھەتتا بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىنىڭمۇ ئىچى سېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارشىلىقىنى ئىئاپدىلىگىسى كېلىدۇ.
بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان مەمۇرى رەسمىيەتلەر خەت ئارقىلىقلا بېجىرلىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئىشىنى بېجىرىدىغان ئادەمنىڭ شۇ مەمۇرى ئورگانغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۆزى بېرىپ ئولتۇرىشىنىڭ ھاجىتى. يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئالدىن ۋاقىت بەلگىلەپ بېجىرلىدۇ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن ئاددىيسى چاچ-ساقالنى ياسىتىنتىن تارتىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ساياھەتكە بېرىش دىگەندەك ئىشلار، ناۋادا باشقا يىراق جايلارغا ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز، كۆپىنچە كىشىلەر نەچچە ئاي بۇرۇن تىزىملىتىپ رەسمىيەت بېجىرىپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا، قاتناش، ياتاق ۋە باشقا چىقىملارنى كۆپ تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن يەنە بىر ئىش، بۇ يەردىكى پويىزنىڭ بېلەت باھاسى جوڭگوغا قارىغاندا كۆپ قىممەت ناۋادا ئۇ بېلەتنى 3 ھەپتىدىن بىر ئايغىچە بۇرۇن ئېلىۋالسىڭىز (بېلەت سېتىش ئورنىدىن، ياكى بانكا ھېساۋات نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئويىڭىزدە ئولتۇرۇپلا تور ئارقىلىق ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۆپىنچە ھالدا يېرىم باھادىن بەھرىمان بولالايسىز (بۇ باھا كۆپىنچە پارىج بىلەن باشقا شەھەرلەرگە بىۋاستە قاتنايدىغان شەھەرلەر ئارىسىدا شۇنداق بولىدۇ، ئەممە پارىجنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئۇ شەھەر بىلەن بۇ شەھەر ئوتتۇرسىدىكى قاتناشقا بۇ تۈزۈم ئىشلەنمەيدۇ).
دىمەكچى بولغىنىم فرانسوسلار كۈندىلىك تۇرمىشىدىكى ئىشلارنى ناھايىتى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشتا (ھەتتا يېقىن كىشى بولسىمۇ) ئالدىن پۈتۈشۈپ ھەر ئىككىلا تەرەپ قوشۇلغاندىن كېيىن بېرىش كېرەك، ئۆزىچىلا ئۈسسۈپ كىرىشكە بولمايدۇ، ئىسراپچىلىققا ئۆچ، پۇلنى ناھايىتى تېجەپ ئىشلىتىدۇ.
بىر قېتىم بۇ يەرلىك بىر ئەپەندى بىلەن ماشىنىدا باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ قالدىم، گەرچە ئۇ فرانسوس بولگىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئۇ شەھەر ئانچە تونۇش ئەمەس ئىدى، ماڭا تېخىمۇ شۇنداق. بىر كۈن ماشىنىدا يول مېڭىپ ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان ۋاختىمىزغا خەلىلا كېچ بوپ قالغان ئىدى، ئالدى بىلەن ئەچىپ كوكىراپ كېتىۋاتقان قورساقنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنى بىر جايغا توختىتىپ قويۇپ ئىككىمىز يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ كوچا ئايلاندۇق. خېلىلا كەچ كىرىپ قالغاچقا نۇرغۇن جايلارنى تاقىۋەتكەن ئىدى. توساتتىن بىر كوچىغا كىرىپ قارىساق ئەرەپلەر كوچىسىغا كىرىپ قاپتۇق، بۇ يەردە نۇرغۇن ئاشخانىلار ئوچۇق ئىدى. مەن بۇلارنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم. ھەچ بولمىغاندا بىرىنچىدىن ئەرزان، ئىككىنچىدىن ئەرزان بۇ تائاملارنى باشقا يەردىكى تائامغا قارىغان خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يىيەلەيىتتىم. بىراق ئۇ فرانسوس بۇ يەردىكى ئاشخانىلارغا كىرىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دىد: "ئاۋۇ دولىسىنى چىقىرىپ تۇرغان ئەرەپلەرنى كوردىڭمۇ، بۇ كېچىدە بۇ يەردە تاماق يىسەڭ، بىرەرسى ساڭا پىچاق تەڭلەپ سېنى بۇلاشتىن يانمايدۇ"، مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردىكى تاماقلارنىڭ ئەرزانلىقىنى ئەيتىپ مۇشۇ يەردە يەيلى دىسەم ئۇ ئىللا بىللا ئۇنىمى. توۋا دەيمەن، مۇشۇ كەمگىچە بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشقا يولۇقۇپ باقماپتىمەن، بۇ فرانسوس ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپ ئۇ ئاخشانىلاردا ئىشسىز دولىسىنى چىقىرىپ تۇرغان ئەرەپلەردىن نىمانچە قورقىدىغاندۇ؟ دىمەك بۇ بىر مەسىلە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ دولىسىنى چىقىرىپ تۇرغان كىشىلەر ئالدىدا بىئەرە قىسىلىدىغان يېرى بولمىسا نىمىشقا ئۇ تونىمىغان كىشىلەردىن شۇ دەرىجىدە قورقىدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن تېلىۋىزورلاردا بېرىدىغان بېزى ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئوقۇشنى جىق ئوقۇغان، دىپلومى بەك كۆپ بىرسىنىڭ ئىسمىنىڭ نادىرە ( ئەرەپلەرنىڭ ئىسمى )، بوپ قالغانلىقىدىن خىتمەت ئىزدەپ يوللىغان 200 پارچە خېتىنىڭ، ھەممە جاۋاپتا ئوخشاشلا كەچۈرۇڭ خانىم نوۋەتتە بىزدە ئادەم تولۇق دىگەن جاۋاپقا ئېرىشىپ رەت قىلىنغانلىقىنى، ئەممە ئۇ ئىسمىنى ناتاشا غا ئۆزگەرتىپ خەت ئەۋەتكەندە ئۇنىڭ خىتمەتكە ناھايىتى تېزلا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدى. بۇنداق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇخبىرلار ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق نەق مەيدان سىنىقىدا قارا تەنلىك بىرىنىڭ نۇرغۇن رەستۇرانغا كۈتكۈچى بولىمەن دەپ بېرىپ رەت قىلىنغانلىقىنى، ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش رەستۇرانغا ئاق تەنلىك بىر مۇخبىر بارگاھن، "ئەپەندى ئىشنى ھازىرلا باشلىيالامسىز؟" دىگەن جاۋاپقا ئەرىشكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. (ئەمىليەتتە بۇ يەرنىڭ قانۇنى بويىچە ئالغاندا خوجايىنلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ناۋادا بۇ ئىش سېزىلىپ قالسا ئۇلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ، بۇ خوجايىنلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ). يۇقاردا ئېيىتقانلىرىم، مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئېرىقتا بولمىسۇن، فرانسىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن فرانسىيە گىراجدانلىرى توغۇرسىدىكى ئىشلار.
(3)
ھەر قېتىم "بۈۋى مەريەم چېركاۋى" توغۇرلۇق پاراڭ بولغاندا كاللامغا فرانسىيەدە بولۇپ ئۆتكەن بېزى ئىشلار كىرىۋالىدۇ. ئەمىليەتتە فرانسىيەدە "بۈۋى مەريەم چېركاۋى" دەپ ئاتىلىدىغان چىركاۋلار بەكمۇ كۆپ بولۇپ بۇنداق نامدىكى چىركاۋلار فرانسىيەنىڭ ھەممە شەھرىدە بار، بەزى شەھەرلەردە تېخى بىر نەچچىسى بار. ئۇنداقتا فرانسىيەلىكلەر بۇ چىركاۋلارنى بىر-بىرىدىن قانداق پەرىقلەندۈرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ پارىج دىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى "پارىج بۈۋى مەريەم چېركاۋى" دەپ ئاتىلىدۇ، باشقا شەھەردىكىلىرىمۇ بۇ ئىسىمنىڭ ئالدىغا شۇ شەھەرنىڭ نامى قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ. پارىجدا "پارىج بۈۋى مەريەم چېركاۋى" دەك داڭلىق چىركاۋلاردىن يەنە باشقىلىرىمۇ بار، مەسىلەن پارىج شەھرىنىڭ 18-رايونىغا جايلاشقان "مۇقەددەس يۈرەك" چېركاۋى (ساكرې كوئەئۇر-فرانسوسچە) مۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ناۋادا سىز كەچلىرى 18-رايونغا كېلىپ بىنا توسىۋالالمايدىغان بىرەر جايدىن ئىگىز دوڭنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بۇ چېركاۋغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، بۇ چېركاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەڭگا-رەڭ چىراقلارنىڭ يارىدىمىدە فرانسىيەلىكلەر ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن بۇ ئاجايىپ مۆجىزىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايسىز.
مىلاد بايرىمى (نوëل-فرانسوسچە) ھارپىسى كەچ سائەت 6 لەر بولغان چاغ ئىدى. مەن فرانسىيەگە يېڭى كەلگەن بىر بۇرادىرىم بىلەن (ئۇ فرانسوسچىنى يېڭىلا ئۈگۈنىشكە كىرىشكەن بولغاچقا فرانسوسچىنى ئانچە ياخھى بىلمەيىتتى) "پارىج بۈۋى مەريەم چېركاۋى" دا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇراسىمنى كۆرۈپ كېلىشكە باردۇق، چېركاۋ زالى گەرچە ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ بايرام ھارپىسى بولغاچقا چېركاۋ ئىچى خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى ۋە بىر قىسىم ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئەيساغا ئاتاپ ئېيتىۋاتقان مەدىيە ناخشىسى بۇ سۈرلۈك زالنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ سۈرلۈكلەشتۈرۋەتكەنتى. مەن گەرچە بۇ مەدىيە ناخشىسىنىڭ تەكىختىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنۇپ كورگەن بولساممۇ ھەچقانچە بىر نەرسىنى چۈشىنەلمىدىم، بۇنداق ئەھۋالدا پارىجغا يېڭى كەلگەن ئۇ بىرادىرىمنىڭ بۇ ناخشىنى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالىشى ناتايىن ئىدى (فرانسىيەدىكى چېركاۋلار خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي پالىيەت سورۇنى بولۇپ، ئەدەتتە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىپ بېرىلىدۇ). بىر چاغدا مەن ئۇ بۇرادىرىمگە: "ئەمدى بولدى قىل! قايتايلى!"دىدىم. بىراق بۇ سۆزۈمگە ئۇ شۇ دەرىجىدە سەت خاپا بولۇپ كەتتىكى ئەلپازىدىن ھېلىلا مېنى دەسسىۋىتىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بىر چاغدا ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ماڭا بولغان تاپا تەنىسىنى باشلىدى: " مەن بۇ يەردە شۇنداق بىر ئالاھىدە سېزىمنى ھەس قىلىپ، ئۇنىڭغا غەرىق بولۇپ تۇراتتىم، سەن مېنىڭ بۇ سېزىمىمگە كاشىلا قىلدىڭ!..." مەن ئۇ بۇرادىرىمگە قاراپ "توۋا دەيمەن، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرۈيدىغان بۇ قېرىندىشىم خىرىستىيان مۇرۇتلىرىنىڭ مەدىيە ناخشىسىدىن نىمىنى ھەس قىلماقچى بولگاندۇ؟! بۇ ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەڭەن بولسىچۇ كاشكى! توۋا، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئىشلار بولىدۇ دىسە.... " دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم.
كېيىنكى كۈنلەرنى ئۇ نىمىنى سەزمەكچى بولغان بولغىيدى دىگەنلەرنى كۆپ خىيال قىلدىم. ئوبدانراق ئويلاپ باقسام يۇرتۇمىزدا "بۈۋى مەريەم چېركاۋى"نىڭ خېلى داڭقى بار، بۇنىڭ بۇنداق بولىشىغا يېنىلا ۋىكتور ئۈگو (ۋىكتور ھۇگو-فرانسوسچە) نىڭ "پارىج بۈۋى مەريەن چېركاۋى" دىگەن رومانى سەۋەپچى بولغان، ئۇ رومان كېيىن كىنو قىلىپمۇ ئىشلەڭەن، ئۇنىڭدا سۆزلىنىدىغان ۋەقەلىك 15-ئەسىردە پارىجدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىك بولۇپ، ھېكايىدى باش پىرسۇناجلاردىن چىرايلىق قىز ئەسمېيغالدا (ئەسمېرالدا-فرانسوسچە) بىلەن ئۇ قىزغا كۆيۈپ قالغان ناھايىتىمۇ بەت-بەشىرە دوك پىرسۇناج كازىمودو (قۇئاسىمودو-فرانسوسچە) لارنىڭ ھېكايىسى دەل مۇشۇ چېركاۋدا بولۇپ ئۆتكەن. بۇ ھېكايىنى يۇرتىمىزدىكى كىشىلەر ئەمەس دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرمۇ بەك ئوبدان بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن خىرىستىيان دىنى مۇسلىسلىرىڭ دىنىي سورۇنى ھېساپلىنىدىغان بۇ چىركاۋنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتكەن. دۇنيادا مەلۇن بىر رومان، مەلۇم بىر كىنو ۋە ياكى مەلۇم بىر ناخشا بىلەنلا بىر كېچىدىلا داڭقى چىقىپ كېتىتىغان ئىشلار بەك كۆپ، بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان يۇرتىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرگە (بولۇپمۇ ياشلارغا) تونۇش بولغان مۇنداق بىر مىسال بار. ئۇ بولسىمۇ كاسابۇلانكا. بۇ ئىسىمنى تىلغا ئېلىشىم بىلەن بېزى دوستلارنىڭ كالىسسىغا شۇ ناملىق كىنو ياكى شۇ ناملىق ناخشا دەررۇلا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. بۇ شۇنداق. كاسابۇلانكىنىڭ نامىنى چىقارغان نەرسە دەل شۇ نەرسە، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا كاسابۇلانكا دىگەن نە؟ ئۇ ئافرىقىدىكى ماراكەش دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەپ دولىتىگە جايلاشقان ئادەتتىكى بىر شەھەر، بۇ شەھەر ھەتتا ئۇ دۆلەتنىڭ پايتەختىمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ داڭلىق، ئۇنىڭ داڭقىنى سەنئەتكارلار چىقارغان.
ئەمىليەتتە فرانسىيەدە "پارىج بۈۋى مەريەم چېركاۋى"دىنمۇ داڭلىق يەنە بىر بۈۋى مەريەم چېركاۋى بار. بۇ چېركاۋنىڭ داڭقىنى فرانسىيەلىكتىن باشقا كىشىلەر ئىچىدە بىلىدىغان ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇنداق بولسا ئۇ قايسى چېركاۋ؟ فرانسىيەدە پارىج شەھرىنىڭ شەقىي شىمالىدىن 140 كم كېلىدىغان جايدا غەنس (رەئىمس-فرانسوسچە) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كىچىك شەھەر بولۇپ ئۇ يەردە "غەنس ئەۋلىيا-جاك بۈۋى مەريەم چېركاۋى" ( نوترە دامە سائىنت-جاكقۇئەس دە رەئىمس-فرانسوسچە)دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر چىركاۋ بار.
فرانسىيەلىكلەر "پارىج بۈۋى مەريەم چېركاۋى"نى "غەنس ئەۋلىيا-جاك بۈۋى مەريەم چېركاۋى" سېلىنىپ خەلى ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن ئۇنى نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇخسىدىدەكلا ھالەتتە ئوخشۇتۇپ ياساپ چىققان. ئەمما ئەينى زاماندىكى فرانسىيە خاقانلىرى ھەر قېتىم تاج كىيىشتىن ئىلغىرى "غەنس ئەۋلىيا-جاك بۈۋى مەريەم چېركاۋى"غا كېلىپ چوقۇنۇپ كېتىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. "غەنس ئەۋلىيا-جاك بۈۋى مەريەم چېركاۋى" نىڭ كىرىش دەرۋازىسى ئورۇنلاشقان تامدا "پەرىشتىنىڭ كۈلكىسى" ناملىق داڭلىق بىر تاش ھەيكەل بار بولۇپ، بۇ داڭلىق كۈلكە ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقاپ كەتكەن، يەقىنقى يىللاردا بۇ "پەرشتىنىڭ كۈلكىسى" قايتا رېمۇنېت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
ئەمدى مەن فرانسىيەدىكى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش ئىشى توغۇرسىدا ئازراق يازاي. شۇنداق بىر ئىش بولۇپ ئوتكەن زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەن يۇرتۇمىزدىن ئوقۇغىلى كەلگەن ئوقوغۇچىلارنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزەم تۇرىۋاتقان باشقا بىر شەھەرگە باردىم. بۇ يەرگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار كىچىكى 16 ياشتىن چوڭى 20 ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلار ئىدى. بىر چاغدا ئۇلاردىن ئىككىسى خەلى كەچ بولغاندا قايتىپ كەلدى.
"كەچ قالدىڭلارغۇ؟"دەپ سورىسام، "بىر ئاشخانىدىن ئىش تاپقان، شۇ يەردە ئىشلەپ ئەمدى قايتىشىمىز"دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ بالىلارنىڭ فرانسىيەگە كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغاچقا ئوقۇشنى تىل ئۈگۈنۈشتىن باشلاپ فرانسوس تىلى ئۈگۈنۈۋاتقان بالىلار ئىدى. بۇ يەردە بىرەر ئىش تاپماقنىڭ ئىنتايىن مۇشاقەتلىكىنى مەن بەك ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا ئۇلاردىن يەنە سورىدۇم: - ئاشخانىدا نىمە ئىش قىلىسىلەر؟ - قاچا يۇيىمىز. - بۇ ئىشنى قانداق تاپتىڭلار؟ - ھەممە ئاشخانىلارنى ئارىلاپ كىرىپ ئاران تاپتۇق. - بەك ياخشى بوپتۇ، قانچە بېرى؟ - سائىتىگە 3 ياۋرو. - نىمانچە ئاز؟ - بىزنىڭ رەسمىيەتلىرىمىزنى تولۇق بېجىرىپ بولالمىغان بولغاچقا " ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىش" كىنىشكىسىنى ئالالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن خوجايىنمۇ بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان ئەممە سائىتىگە بېرىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى 7 ياۋرونىڭ ئورنىغا 3 ياۋرو بەرىدىغان بولدى. بىراق بېرىدىغان پۇل بەك ئاز.
- ئا ھوي، بىر سائەت ئىشلىگەڭە 3 ياۋرو بەرسە ئاز كۆرىۋاتامسىلەر؟ ئۇ پۇلنى جوڭگوغا ئاپارساڭلار 30 سوم بولمامدۇ؟ - دىدىم مەن، چاقچاق قىلىپ. - جوڭگوغا بارغىچە قورساقنى ئاسقىغا ئەسىپ قويۇپ يۈرگىلى بولمايدۇ-دە!
دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ دىگىنى راست ئىدى. ئۇلار يەنە بۇ ئىشنى ھەپتىسىگە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2-3 سائەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى قاچىنى گەرچە پەلەي كىيىپ يۇيىدىغان بولسىمۇ قاچا يۇيۇپ يېرىلىپ كەتكەن قولىنى ماڭا كۆرسەتتى. ئۇنىڭ چىرايى شۇ قەدەر سەبىلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەنمۇ ئۇ قىزغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئەممە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆز چانىقىم نەملىشىپ كەتىۋاتاتتى. نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ قىزنىڭ كۆزىدىكى ئاشۇ سەبى كۈلكىدىن شۇنداق بولغاندۇ ۋە ياكى بولمىسا بۇ بالىلار بېشىدىن كەچۈرگەن كۈنلەرنى مەنمۇ ئوخشاشلا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولىشىمۇ مۈمكىن. توساتتىن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ يولغا چىقىش ئالدىدكى بەزى ئىشلار ئەسىمگە چۈشۈپ قالدى.
شۇ چاغدا ماڭا بەزى بىرادەرلىرىم ئىختىزاتتىن غەم قىلما، ئالدى بىلەن رەسمىيىتىڭ پۈتمىسۇنمۇ ۋاختى كەلگەندە بىز بار، دەپ پو ئاتقان. ئەممە راستىنلا ماڭىدىغان بولغاندا خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىختىزادىي قىيىنچىلىقىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بۇ جاھاتتا ماڭا ھوزۇرخالىق قويۇشقان ئىدى. بىر كۈنى مەن مەلۇم شىركەتىنىڭ دىرېكتور ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆزەمنىڭ مۇداسسىنى قورۇنۇپ تۇرۇپ سۆزلىدىم. نەتىجىدە ئۇ كىشى ماڭ گېپىنىڭ بەشىنى مەنى تېخىمۇ قورۇندۇرىدىغان مودا سۆزلەردىن باشلاپ مۇنداق دىدى: "ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بەك ياخشىكەن، ئەمما شۇنى بىلىپ قەلىڭكى، بىز دىگەن سودىگەر، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مىللىي كارخانا، ھەرغىزمۇ پاراۋانلىق ئورنى ياكى خەيرى ساخاۋەت ئورنى ئەمەس!". دېرىكتورنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن سالپىيىپ يېنىپ چىقتىم. كېيىن يەنە كىملەردۇر قايسى بىر شىركەتنى سايە قىلدى، نەتىجىدا كاتىپ "دىرېكتورنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن" دىگان جاۋاپنى بېرىپ ئۇ دىرەكتور بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە زادىلا ئەرىشەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن " كىشىنىڭ يۇرتىدا ئاقلىقتىن ئۆلۈپ قالمىساملا بولدى، بۇ ئوقۇشنى زادى ئوقۇغۇنۇم ئوقۇغان!" دىگەننى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ بۇ ئوقۇشقا يۈرۈپ كەتتىم. شۇنداق بىر نەرسىنى چىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەيتى، فرانسىيەدە ماڭا ئوخشاش دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان فرانسوسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئېيىغا 15 مىڭ يۇئان ئەتراپىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولىدۇ. بۇ پۇل بۇ يەردىكى ئادەتتى بىر خىزمەتچىنىڭ ئايلىق مۇئاشىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنداقتا فرانسىيەلىكلەر ئالىدىغان بۇ پۇلنى كىم چىقىرىدۇ؟ بۇ پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ بولۇپ مەسىلەن مائارىپ، پەن-تەتقىقات مىنىستىرلىكى، رايون، شەھەر، دۆلەت ۋە شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار، ئاممىۋىي تاشكىلاتلار دىگەندەك ئورۇنلار چىقىرىدۇ، ھەر قايسى ئورۇن چىقىرىدىغان پۇلنىڭ مىقتارى ئوخشىمايدۇ، ناۋادا بىر ئورۇن چىقارغان پۇل ئېيىغا 15 مىڭ يۇئاڭە توشمىغان ئەھۋالدا بۇ پۇلنى تولۇقلاش ئۈچۈن بىر نەچچە ئورۇن بىرلىشىپ چىقىرىدۇ. ئەممە چەتئەللىكلەردىن بۇ پۇلغا ئېرىشىدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.
قەتەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن پەرمەنلارمۇ بار (فرانسىيە گىراجدانىغا بۇ تۈزۈم ئىشلىتىلمەيدۇ) بولۇپ، ئادەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىنىڭ ھەپلىك ئىشلەشكە روخسەت قىلىش ۋاختى ھەپتىسىگە 20 سائەت، ئۇنىڭ ئېشىپ كەتسە بولماي، يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە 2 ئاي پۈتۈن كۈندىن ئىشلەشكە بولدۇ. ئەمما ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا ناۋادا سىز چەتئەللىك بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان ئورۇندىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىدىن "ئىشلەشكە روخسەت قىلىش" كىنىشكىسى بېجىرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا قىلغان ئىشىڭىز قانۇنسىز قىلمىش ھېساپلىنىپ بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقۇپ قېلىشىڭ مۈمكىن. ئۇنداقتا بۇ كىنىشكىنى قانداق ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ كىنىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىش تېپىشىنىڭىز ھەمدە سىزنى ئىشلەتمەكچى بولغان خوزھايىننىڭ بۇ خەقتە سىزگە يېزىپ بەرگەن ئىسپاتى بولۇشى كېرەك، ئادەتتە بۇ ئىسپاتقا سىز قىلىدىغان ئىشنىڭ تۈرى، ئورنى، ۋاختى، مۇددىتى، ھەتتا سىزگە بېرىلىدىغان ئىش ھەققىغىچە بولغان نەرسىلەر پۈتۈلۈدۇ.
فرانسىيەدىن: ھىجران2006-يىلى 11-فەبرال
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com

0 باھالاش: