2008/4/5

ئۆپكە راكى دېگەن قانداق كېسەل؟

ئۆپكە راكى دېگەن قانداق كېسەل؟ (لۇڭ كانكەر)
مەھمەت ئەمىن
ئۆپكە راكى (لۇڭ كانكەر) دېگىنىمىز بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئۆپكىدە مەۋجۇد بولغان نورمالسىز ھۈجەيرىلەرنىڭ كونترولسىز كۆپىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنى ئادەتتە ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھۈجەيرىلەر نورمال كۆپىيىش ئارقىلىق كونا ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. يېڭى ھۈجەيرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كونا ھۈجەيرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بەدەندە ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەر بەدەندە ئانچە-مۇنچە پەيدا بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق، بەدەننىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەرھال يوق قىلىنىدۇ.
راك كېسىلى بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا پەيدا بولىدۇ. 1.بەدەننىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئورگىنى بۇ نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ كونترولسىز كۆپىيىشىنى توسۇپ قالالمىغاندا. 2.بۇ نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ۋە ئۆزئارا توپلىشىپ ئۆسمە ھاسىل قىلغاندا. 3.بۇ ئۆسمىلەر داۋاملىق ئۆسۈپ ئەتراپىغا كېڭىيىپ، قوشنا ھۈجەيرىلەرنى زەخمىگە ئۇچراتقاندا.
گەرچە كىشىلەر بەزى راك پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق ماددىغا ئۇچراشقان ھامان ئۆپكىسى زىيانغا ئۇچرىسىمۇ، بىراق، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئاندىن ئۆپكە راكىغا ئايلىنىدۇ.
ئۆپكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە خىزمىتى
ئۆپكە كۆكرەكنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوڭ تەرىپى 3 قانات (لوبەس)، سول تەرىپى 2 قانات (لوبەس)، جەمئىي 5 قاناتتىن تۈزۈلگەن. كاناي كۆكرەك ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بۇ كانايچە (برونچۇس، 支气管) دەپ ئاتىلىدۇ. كانايچە ئۆپكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، نۇرغۇن كىچىك نەيچىلەرگە ۋە قىلدام نەيچىلەرگە بۆلۈنىدۇ، بۇلار ئۆپكە نەيچىلىرى (برونچىئولەس، 细支气管) ۋە قىلدام نەيچىلەر (كاپىللاري، 毛细支气管) دەپ ئاتىلىدۇ. قىلدام نەيچىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئۆپكە كۆپۈكچىلىرى (ئالۋەئولى، 肺泡) بىلەن تۇتىشىدۇ.
بىز نەپەسلەنگەن ھاۋا نەپەس يوللىرى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىدۇ. ھاۋا ئۆپكىگە كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ھاۋادىن قانغا كىرىدۇ، قاندىكى قالدۇق ماددا كاربون تۆت ئوكسىد (كو2، كاربون دىئوخىدە، 二氧化碳)قاندىن ئۆپكىگە كىرىدۇ ۋە نەپەس ئارقىلىق سىرتقا چىقىرۋېتىلىدۇ.
ئۆپكە راكىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى
ئۆپكە راكى پەيدا بولغان ھۈجەيرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆپكە راكىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە، كىچىك جەھەتتىن تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 1.كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (سمالل-كەلل لۇڭ كانكەر، 小细胞肺癌). بۇ خىل ئۆپكە راكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئەتراپقا تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىمۇ تېز بولىدۇ. دەسلەپتە بايقىغاندا كۆپىنچە كېسەل ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، داۋالاش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. 2.باشقا تۈردىكى ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (نون-سمالل-كەلل لۇڭ كانكەر، 非小细胞肺癌). بۇ خىلدىكى ئۆپكە راكى پۈتۈن ئۆپكە راكىنىڭ 80% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىشى ئاستا، داۋالاش ئۈنىمى نىسبەتەن ياخشى. بۇ خىلدىكى ئۆپكە راكى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تۈردىكى ئۆپكە راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاسراقسىمان ئۆپكە راكى (سقۇئاموئۇس كەلل كاركىنوما، 鳞癌)، بەز ئۆپكە راكى (ئادەنوكاركىنوما، 腺癌)، چوڭ ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (لارگە كەلل كاركىنوما، 大细胞肺癌)
ئۆپكە راكىنىڭ ئالامەتلىرى
كۆپىنچە ئۆپكە راكى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن تارتىلغان كۆكرەك رېنتىگېن رەسىمى ئارقىلىق بايقالغان بولۇپ، ئۆپكە راكىنىڭ دەسلىپىدە ئېنىق ئالامەتلەر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالامەتلەر بولغاندىمۇ ناھايىتى يەڭگىل ھەم باشقا ئادەتتىكى كېسەللەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمايدۇ.
ئۆپكە راكى تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 1.قان تۈكۈرۈش ياكى تۈكۈرۈكتە قان بولۇش. 2.ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان يۆتەل (كوئۇغ، 咳嗽). 3.كۆكرەك ئاغرىش. 4.نەپەس قىسىلىش، دېمى سىقىلىش. 5.ئۆپكە ياللۇغلىنىپ قېلىش. 6.ئۇشتۇمتۇت ئورۇقلاپ كېتىش ۋە ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش. 7.ئوڭاي ھېرىپ قېلىش. بۇ ئادەتتە كۆپىنچە راكلا بولىدىغان ئالامەت بولۇپ، يالغۇز ئۆپكە راكىغىلا تەۋە ئەمەس..
ئۆپكە راكىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار
1.ئۆپكە راكىنىڭ 80% ئارتۇقى تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان. 2.تاماكىنى تاشلاش ئارقىلىق ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 3.ئۆپكە راكى ئەرلەردە كۆپ بولۇپ، ئەرلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللاردىن 25% ئارتۇق بولىدۇ. 4.ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئاران 15% بالدۇر بايقىلىدىغان بولۇپ، 85% بىمار تۇنجى قېتىم دىئاگنوز قويۇلغاندا، راك ئاللا بۇرۇن ئەتراپقا كېڭىيىپ كەتكەن. 5.ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ 5 يىل ياشاش نىسبىتى 50% ئەتراپىدا، يەنى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئاران 50% 5 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. 6.ئامېرىكىدا تەخمىنەن 171500 ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، پۈتۈن راك كېسىلىنىڭ 14% ئىگىلەيدۇ. 7.ئامېرىكىدا يىلىدا ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى، پۈتۈن راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 28% ئىگىلەيدۇ. 8.1987-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەمچەك راكى سەۋىبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى. 9.جۇڭگودىكى ئۆپكە راكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 10 يىلدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشقان بولۇپ، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سان 500000 غا يەتكەن.
قانداق ئامىللار ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا ئاساسلىق سەۋەپ تاماكا چېكىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسى سەۋەبى، تاماكىدا راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىنىڭ بولغانلىقىدا. تاماكا تەركىبىدىكى بۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى (كاركىنوگەنس، 致癌物质) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ زەخمىگە ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ راكقا ئايلىنىدۇ. بىراق، قايسى تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
ئادەتتە تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1.تاماكا چەككۈچىنىڭ تاماكا چېكىشنى باشلىغان يېشى. 2.تاماكا چېكىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى. 3.كۈندە چېكىدىغان تاماكا سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى.
باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تاماكىدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر تاماك چەككۈچى تەڭلا ۋاقىتتا بۇ سەۋەبلەرگە دۇچ كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: 1.خىزمەت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاش پاختا (ئاسبەستوس، 石棉)، كۆمۈر ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى (كوئال پرودۇكتس)، (ۋىنيل چلورىدە، 乙烯氯)، (نىككەل چروماتە، 铬酸镍)، (ئارسەنىك، 砷، 砒霜)، (چلورومەتھيل ئەتھەرس، 氯甲醚) قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا (كانكەر-كائۇسىڭ ئاگەنتس، 致癌物质) بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش. 2.خىزمەت، داۋالاش ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىش، مەسىلەن كۆپ قېتىم رېنتىگېنگە چۈچۈش، بەزى كېسەللەر تۈپەيلىدىن رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار. 3.رادون گازى (رادون گاس، 氡气) بىلەن ئۇچرىشىش. رادون گازى ئادەتتە بەزى ئۆڭكۈرلەردە، غارلاردا ۋە تۇپراقتا بولىدىغان بولۇپ، بۇ گاز بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆپكىدە زەخمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر رايونىدكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار.
1.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى. ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك پۈتۈن جەمئىيەتتە بىر خىل گەلىتە مۇناسىۋەت ئۇسۇلى ئومۇملاشقان ۋە كۈنسايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، كىشىلەر ناتونۇش بىرى بىلەن تونۇشماقچى بولسا ياكى بىرەر ئىشنى بېجىرمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە تاماكا سۇنىدۇ. ھەر قانداق ئىش تاماكا بىلەن باشلىنىدۇ. ئەگەر تاماكا چەكمىسىڭىز قارشى تەرەپنى رەت قىلغان بولىسىز، ئادەمگەرچىلىك ۋە سورۇندارچىلىقىمىز بولمىغان بولىدۇ دېگەندەك كۆز قاراشلار. بۇ خىل گەلىتە ئەھۋال تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا. 2.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياشلىشىشى. جۇڭگودا ياش ئۆسمۈرلەرگە تاماكا سېتىپ بېرىش توغرىسىدا مۇكەممەل قانۇن تۈزۈم بولمىغاچقا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى تاماكا چەككۈچىلەر كۆپەيمەكتە. 3.تاماكا چېكىش رايونلىرىنىڭ مۇۋاپىق چەكلەنمەسلىكىدە، يەنى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ كەم بولۇشىدا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئولتۇرۇش، توي-تۆكۈن قاتارلىق سورۇنلاردا تاماكا چېكىش ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ سورۇنلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئەمەس، ياكى دائىرسى كىچىك. پۈتۈن مۇھىت ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ مەيلى تاماكا چەككىنى بولسۇن ياكى چەكمىگىنى بولسۇن، ئوخشاشلا زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئېغىر. 4.ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى. سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سانائەت ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلماسلىقى ياكى قوللىنىلغان چارە- تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقى. 5.ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنۋى قاتناش قورالى بولغان ۋەلسىپىت ۋە ھارۋىلارنى ئىشلىتىشتىن، ماشىنىنى قاتناش قورالى قىلىشقا تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇنىڭ نىسبىتىنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ بېرىشى. بۇنىنغا مۇناسىپ قانۇن-تۈزۈمنىڭ بولماسلىقى ۋە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقى. 6.ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشسىزلىنىشى ۋە كۆپلەپ شەھەرگە كۆچۈپ كىرىشى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ زىچلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن قىشتا ئىسسىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان ئىسىنىڭ كۆپىيىشى. 7.كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى لاياقەتلىك بولمىغان ماتېرىياللار بىلەن بېزىشى، يەنى ئىشلەتكەن خام ماتېرىياللار تەكىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى ياكى ئەرزان دەپ بەزى ئۆلچەمگە توشمىغان ماتېرىياللار بىلەن ئۆيىنى بېزىشى. 8.شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىنالارنىڭ كۆپىيىشى ۋە زىچلىقىنىڭ ئېشىشى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. 9.رادىئاكتىپلىك نۇرنىڭ تەسىرى. كىشىلەرنىڭ رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشى، دوختۇرخانىلاردا رېنتىگېننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ رېنتىگېن ئارقىلىق تەكشۈرۈش، رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشى. 10.تۇرمۇشنىڭ رىتىمسىز، تېز ۋە جىددىيلىك بولۇشى. كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ روھىي بېسىمغا ئۇچرىشى.
قانداق قىلغاندا ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ياكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1.تاماكا چەكمەسلىك ياكى تاماكىنى تاشلاش كېرەك. 2.ئۆزئارا تاماكا سۇنىدىغان ۋە باشقىلارنى تاماكا چېكىشكە زورلايدىغان ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك 3.ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا تاماكىنىڭ زىيىنىنى چەشەندۈرۈش، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تاما چېكىشىنى قاتتىق توسۇش كېرەك. 4.ئۆي ئىچىدە ياكى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنلىرى تولۇق بولمىغان مۇھىتتا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. 5.ئېغىر ئاياغ ئايال ۋە يېشىغا توشمىغان بالىلار بار سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. 6.ئۆي ياسىغاندا ئىشلەتكەن ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش، ئۆينىڭ ھاۋا ئالماستۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاش كېرەك. 7.مۇھىتنى ئاسراش، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، ياكى بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق كېرەك. 8.رادىئاكتىپلىق بۇلغانغان رايوندىن يىراق تۇرۇش، كۆپ مىقتاردا رېنتىگېن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 9.تۇرمۇش رىتىملىق بولۇش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇرۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جىددىيچىلىكىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. 10.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى زاۋۇت سالغاندا، ئىمكان بار شەھەر سىرتىغا ياكى ئولتۇراق ئاھالە ئاز جايغا سېلىش كېرەك. سانائەت رايونى بىلەن ئولتۇراق رايوننى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش كېرەك.
ئۆپكە راكىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟
ئۆپكە راكى بىلەن گۇمانلانغان كىشىلەر ياكى ئۆزىدە ئۆپكە راكىدا بولىدىغان بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەر تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك. 1.كۆكرەكنى رېنتىگېن رەسىمىگە تارتىش (چەست خ-راي) 2.كت ۋە مرى ئارقىلىق ئۆپكىنى رەسىمگە ئېلىش. 3.تۈكۈرۈكنى تەكشۈرۈش (سپۇتۇم تەست). 4.ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش (بىئوپسي، 活组织检查) 5.يىڭنە ئارقىلىق بىر قىسىم ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش (نەئەدلە ئاسپىراتىئون) 6.كانايچە ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش (برونچوسكوپي، 支气管镜检查).
ئۆپكە راكىنى داۋالاش
1.خىمىيەلىك داۋالاش يەنە دورا بىلەن داۋالاش (چەموتھەراپي، 化疗). 2.رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش (رادىئاتىئون تھەراپي، 放疗). 3.ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش (سۇرگەري، 手术治疗). ئوپېراتسىيە ئادەتتە ئۆپكە راكىنىڭ ئورنىغا ۋە چوڭ-كىچىكلىگىگە ئاساسەن كېسىپ ئېلىۋېتىدىغان ئۆپكىنىڭ دائىرسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئۈچ خىل ئوپېراتسىيە ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆپكە قانىتىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىۋېتىش (ۋەدگە رەسەكتىئون، 楔形切除术)، ئۆپكە قانىتىنى كېسىۋېتىش (لوبەكتومي، 肺叶切除术) ۋە بىر تەرەپتىكى ئۆپكىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش (پنەئۇمونەكتومي، 肺切除术) دىن ئىبارەت. 4.نۇر بىلەن داۋالاش (پھوتودينامىك تھەراپي، 光疗) 5.ئىممونىتېتلىق داۋالاش (ئىممۇنوتھەراپي، 免疫疗法)

0 باھالاش: