2008/4/5

زەھەرلىك چىكىملىككە مۇناسىۋەتلىك كوپ سورىلىدىغان سۇئاللار

زەھەرلىك چىكىملىككە مۇناسىۋەتلىك كوپ سورىلىدىغان سۇئاللار
مەھمەت ئەمىنزەھەرلىك چىكىملىك دىگەن نىمە؟
زەھەرلىك چىكىملىك دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن، نىرۋىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ، ھاياجانلىنىش، زوقلۇنۇش، بىشى قىيىش، يەڭدەش، ئۇيقۇسى كىلىش، ھاۋادا لەيلىگەندەك بولۇش قاتارلىق تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى كوزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئادەم بۇ خىل ماددىلارنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، بەدەندە بىر خىل تايىنىش پەيدا قىلىپ، بەدەن بۇ خىل ماددىدىن ئايرىلالمايدىغان بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئوتۇشىگە ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئەزالار بۇ خىل ماددا تەرىپىدىن بىۋاستە زەھمىگە ئۇچىراپ، بەدەن زەيىپلىكى كىلىپ چىقىدۇ.
دوختۇرھانىدا ئىشلىتىلىدىغان مەس قىلىش دورىسى، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى، نىرۋىنى ھاياجانلاندۇرۇش، زوقلاندۇرۇش دورىسى، نىرۋىنى تىچلاندۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلارمۇ زەھەرلىك چىكىملىك ياكى زەھەرلىك چىكىملىك كاتىگورىيەسىگە كىرىدىغان ياكى كونتۇرۇل قىلىنىدىغان مادىلار تۇرىگە كىرىدۇ.

زەھەرلىك چىكىملىكنى يەنى خىرويىننى تۇنجى قىتىم چەككەندە قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
كىشىلەر بىلىپ بىلمەي تۇنجى قىتىم ھىرويىننى چەككەندىن كىيىن ئۇزۇن ئوتمەيلا ھاياجانلىنىش، زوقلۇنۇش، تىرىسى قىززىق ياكى قىززىرىپ قىلىش، ئەغىزى قۇرۇش، باش ئاغرىش ياكى باش قىيىش، ئۇيقۇسى كىلىش قاتارلىق تۇغيا ياكى ئالەمەتلەر كورۇلىدىغان، بىر نەچچە سائەت داۋام قىلغاندىن كىيىن ئاستا ئاستا يوقاپ كىتىدۇ، ۋە پۇتۇنلەي ئەسلىگە كىلىدۇ.

كىشىلەر زەھەرلىك چىكىملىككە قانداق ئۇگۇنۇپ قالىدۇ؟
كىشىلەر زەھەرلىك چىكىملىككە دەسلەپتە ئۇچۇراشقاندا، قىززىقىش ۋە ھاياجان تۇيغۇسى بولىدۇ. كوپۇنچە كىشىلەر بىرەر قىتىم چەككەڭە ھىچ نىمە بولمايدىغۇ دەپ قارىشىدۇ. بىر نەچچە كۇن ئوتكەندىن كىيىن يەنە بىرەرنى چەككۇسى كىلدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەتلا روھى جەھەتتىكى بەزى قىززىقىشتىن باشقا، بەدەن جەھەتتە ئالاھىدە تايىنىش بولمايدۇ. كىشىلەر ئەگەر ئىرادىگە كىلىپ، ئىككىنجى يىقىن كەلمەي دىسە، ئاسانلا تاشلاپ كىتەلەيدۇ. ئەمىلىيەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىككىنچىلەپ ئىغىزىغا ئالمىسىمۇ، بىراق كوپۇنچە كىشىلەر ئۇنداق قىلمايدۇ. بۇ كىشىلەر زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ پەيدا قىلغان سىزىمىگە قىزىقىش، باشقىلارنىڭ زورلىشى، كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى كوڭەلسىزلىك قاتارلىق ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە دەسلەپكە روھى ئىھتىياجدىن تەرەققى قىلىپ، كىيىنچە بەدەننىڭ ئىھتىياجىغا ئايلىنىدۇ. نەپەس يولى ئارقىلىق ئىستىمال قىلىشتىن بىلەكتىكى قان تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىشقا تەرەققى قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە زەھەرلىك چىكىملىكنى تاشلاش سەل قىيىنغا توختايدۇ، بىراق ئىرادە بولسا يەنىلا داۋالاپ ساقايىتقىلى بولىدۇ.


زەھەرلىك چىكىملىككە رەسمى خۇمار بولۇپ قىلىش ئۇچۇن قانچە ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ؟
زەھەرلىك چىكىملىككە يەنى خىرويىنغا خۇمار بولۇپ قىلىش دىگىنىمىز خىرويىن چەككۇچىلەرنىڭ خىرويىنغا بولغان روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى تايىنىشىنى كوزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئادەم خىرويىنغا رەسمى خۇمار بولغاندىن كىيىن خىرويىن چىكىشنى دەرھال توختاتسا نۇرغۇن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كورۇلىدۇ.
ئادەم زەھەرلىك چىكىملىك يەنى خىرويىن بىلەن تۇنجى قىتىم ئۇچىراشقاندىن باشلاپ پۇتۇنلەي خۇمار بولۇپ قالغىچە بولغان ۋاقىت ئوخشىمىغان كىشىلەردە ئوھشاش ئەمەس بولۇپ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ بەدەن ئىغىرلىق ۋە قەددى قامەت ئەھۋالى، چەككەن زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ساپلىق دەرىجىسى، ھەر قىتىمدا چەككەن مىقدارى، ھەر كۇنى چەككەن قىتىم سانى ۋە ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى يەنى نەپەس يولى ئارقىلىقمۇ ياكى تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىقمۇ دىگەندەك كوپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە 2، 3 ئاي ئەتىراپىدا ئاندىن رەسمى خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر خىرويىن چەككۇچى ئورۇق ۋىجىك بولسا، چەككەن خىرويىننىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولسا، ھەر قىتىمدا چەككەن مىقدارى كوپ بولسا ياكى ھەر كۇنى چەككەن قىتىم سانى كوپ بولسا خۇمار بولۇش تىز بولىدۇ. ئەگەر خىرويىن چەككۇچى قەددى قامەتلىك بولسا، بەدەن ئىغىرلىغى ئەغىر بولسا، چەككەن خىرويىننىڭ ساپلىقى توۋەن بولسا، ئارىلاپ ئارىلاپ چەككەن بولسا خۇمار بولۇش ئاستا بولىدۇ، خۇمار بولۇش ئۇچۇن كەتكەن ۋاقىت ئۇزۇن بولىدۇ.

زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلاردا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
كىشىلەر زەھەرلىك چىكىملىككە ئۇگۇنۇپ قالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئوزىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغانلىقىنى ناھايتى مەخپى تۇتىدۇ، ھەمدە ئالاھىدە ئالامەتلەر بولمايدۇ، شۇڭا باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان سىزىلمەيدۇ. كىيىنچە زەھەرلىك چىكىملىك چەككەن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى، ۋە ئىستىمال قىلغان زەھەرلىك چىكىملىك مىقدارىنىڭ كوپىيىشىگە ئەگىشىپ، خۇمار قىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋەندىكى ئالامەتلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كورىلىدۇ.
1. تولا ئەسنەش، ئۇيقۇسى كىلىش.
2. بۇرنىدىن ۋە كوزىدىن سۇ ئىقىش، ياكى زۇكامدا بولىدىغان ئالامەتلەر كورۇلۇش.
3. كوزى ۋە بۇرنىنىڭ ئەتىراپى، باشتا قىزىرىۋىلىش، كىيىن سەل قارىداپ قىلىش.
4. يۇرەك سوقۇش ۋە نەپىسى تىزلىشىش
5. باش چىڭقىلىپ ئاغرىش.
6. بەدەنلىرى سىقىراپ ئاغرىش
7. مۇسكۇللار قىتىشىش ياكى بوشاپ كىتىش.
8. كوزلىرى ئولتۇرشۇپ كىتىش، ئورۇقلاپ كىتىش.
9. پۇت قولى ياكى بەدىنى تىتىرەش.
10. قان تومۇر بولۇپمۇ كوك قان تومۇرى يىپىشىپ قىلىش، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق.
11. ئەقىل پاراسەت، تەپەككۇر، ئىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى ئاجىزلاش ۋە ياكى يوقاش.
12. نەپەس قىيىنلىشىش، دىمى سىقىلىش.
13. ياندۇرۇش ۋە ياكى ئىغىزىدىن كوپۇك يىنىش.
14. خىرويىن چەككۇسى كەلگەندە ياكى خۇمارى قوزغالغاندا ئاسان ئىچى سۇرۇلۇش.
15. ئەغىر ئاياق بولسا، بالىسى چۇشۇپ كىتىش، ئولۇك ياكى غەلىتە بالا تۇغۇپ قىلىش.
16. ئاسان ئوپكە يالغى بولۇپ قىلىش ياكى بەدەن ئاسان ياللۇغلىنىپ قىلىش.
17. ئەغىر بولغاندا، نەپەس ئىغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچىراپ ئولۇپ كىتىش.

زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى نىمىلەردىن ئىبارەت؟
ئادەم زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشكە ئۇگۇنۇپ قالغاندا نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، ئوزىگە، ئاھىلىگە ۋە جەمىيەتكە تەسەۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
1. يالغانچىلىق ۋە ئادەم ئالداش.
2. ئويىدە پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى سىتىپ، تاماكىغا ئالماشتۇرۇپ چىكىپ تۇگۇشتۇش.
3. ۋىجدان، ئەقىل پاراسەت، تەپەككۇر، غۇرۇر، مەسۇليەتچانلىق دىگەنلەرنى يوقۇتۇش.
4. تىخىمۇ كوپ كىشىلەرگە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشنى ئۇگۇتۇش.
5. ئوغۇرلۇق قىلىش، ئادەم بۇلاش، ۋە ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىش.
6. ئىنسان قىلىپىدىن چىقىش، مەيلى ئاتا ئانا، ئاكا ئۇكا ۋە ئاقا سىڭىللار بولسۇن، ھىچقانداق ئىنساننى نەزىرىگە ئىلماسلىق ۋە ياكى ئۇلاردىن تەپ تارتماسلىق.
7. ئائىدس كىسىلىنى ئوزىگە يۇقتۇرىۋىلىش ۋە ئۇنىڭ جەمىيەتتە تارقىلىشىغا تۇرتكە بولۇش.
8. پۇل ياكى ئاق تاماكا ئۇچۇن ئادەم ئولتۇرۇش.

ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىستىمال قىلىنىلىۋاتقان زەھەرلىك چىكىملىكلەر ئاساسلىقى نىمىلەردىن ئىبارەت؟
ئۇيغۇر رايۇنىدا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى نەپەس يولى ئارقىلىق ياكى بىلەككە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىۋاتقىنى خىرويىن ياكى ھەيلويىن (ھەروئىن ، 海洛因، 二乙酰吗啡) بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئاق تاماكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا نەشە، باش چايقاش كومىلەكچىسى (يائو توئۇ ۋان)، بىڭ دۇ قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرمۇ بار.
خىرويىن موفى (مورپھىنە، 吗啡) دىن ياسالغان بولۇپ، تەبى ئوسىدىغان ئەپىيۇن گۇلى (پوپپي پلانت، 罂粟) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوسۇملۇكتىن تاللاپ ئىلىنىدۇ، ئادەتتە پارشوكسىمان بولۇپ، ئاق ياكى قوڭۇر رەڭلىك ئىككى خىل بولىدۇ، ئاق رەڭدىكىسى، ئەلا سۇپەتلىك بۇغداي ئۇنىغا ئوھشايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدكى زەھەرلىك چىكىملىك چەككۇچىلەرنىڭ كۇنسايىن ئىشىپ بىرىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار نىمىلەردىن ئىبارەت؟
1. قانۇن تۇزۇمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىغى، يەنى قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىلارنىڭ چىرىكلىكى ۋە قانۇننىڭ تولۇق ئىجىرا بولماسلىغى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك قانۇندا زەھەرلىك چىكىملىكنى ئىلىپ سىتىش قانۇنسىز دەپ ئىنىق بەلگۇلەڭەن بولسىمۇ، بىراق زەھەرلىك چىكىملىك ساتقۇچىلارنىڭ كوپ قىسمى يەنىلا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلمايۋاتىدۇ.
2. كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت ئولچىمىنىڭ توۋەنلىشىشى، ياشلار ئارىسىدىكى دىنى تەربىيەنىڭ كەم بولۇشى ۋە دىنى ئىتىقاتنىڭ سۇسلىشىشى.
3. ئىھتىزادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ باي كەمبىغەللىك پەرىقىنىڭ چوڭىيىشى، نامىراتلىق ۋە ئىشسىزلىقنىڭ كوپىيىشى.
4. ياشلارنىڭ جەمىيەتكە ۋە كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ توۋەنلىشىشى، روھى جەھەتتىن چۇشكۇنلىشىشى ۋە ئۇمۇتسىزلىك قاراشتا بولۇشى، تۇرمۇشتا مەلۇم نەرسىلەرنى ياكى سىزىمنى قوغلۇشۇپ، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىشى.
5. ئاتا ئانىنىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ ئاجىزلىشى، ئاتا ئانانىلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بالىلارغا سەرىپ قىلغان ۋاھتىنىڭ ئازلاپ كىتىشى، ئەنەنىۋى ئاتا ئانا ۋە بالا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۇسلىشىشى.
6. كىشىلەرنىڭ جەھەرلىك چىكىملىكنىڭ شەخسىگە، ئاھىلىگە ۋە جەمىيەتكە ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىغا بولغان تونۇشىنىڭ توۋەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىشى.

قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك چىكىملىككە ئۇگۇنۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالگخىلى بولىدۇ؟
1. ھوكۇمەت قانۇنى تۇزۇمنى مۇكەممەللەشتۇرۇشى ۋە ساغلاملاشتۇرۇشى، قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى تۇگۇتۇشى، زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق جازالىشى ۋە زەھەرلىك چىكىملىنىڭ جەمىيەتتە يامىراپ كىتىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى كىرەك.
2. كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلەت ئولچىمىنى يۇقۇرى كوتۇرۇش، ياشلارغا دىنى جەھەتتىن تەرىبىيە ئىلىپ بىرىپ، ئىتىقادنى كۇچايتىش كىرەك.
3. دىننىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى ۋە كۇچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىچىت ۋە دىنى سورۇنلاردا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشنىڭ ئىككىلا دۇنيادا ئىغىر گۇنا بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش كىرەك.
4. مەكتەپلەردە مەيلى باشلانغۇچ ۋە ئوتۇرا مەكتەپتە بولسۇن، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ جەمىيەتكە ۋە ئاھىلىگە ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تەشۋىق قىلىش، بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنى كۇچايتىش كىرەك.
5. ئاتا ئانىلار بالىلىرىغا كوپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىشى، بالىلىرىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىغىغا كوڭۇل بولۇشى، ئۇلار بىلەن بولغان ھىسىياتنى كۇچايتىشى ۋە ئوز ئارا ئىشەنچ پەيدا قىلىش كىرەك. شۇنداقلا بالام تىھى كىچىك، زەھەرلىك چىكىملىك دىگەن نەرسىنى بىلمەيدۇ دىمەي، 5 يىلنىڭ 10 يىلنىڭ كىيىنكى ئىشلارنى كوزدە تۇرۇپ، كىچىك ۋاھتىدىن تارتىپ تەربىيەنى كۇچايتىش كىرەك.
6. ئاتا ئانىلار يىشىغا توشمىغان بالىلارنى پۇل تىپىش ئۇچۇن باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كەينىگە سىلىپ قويماسلىغى لازىم.
7. باي كەمبىغەلىق پەرىقنى توۋەنلىتىپ، كەمبىغەللىك ۋە ئىشسىزلىقنى تۇگۇتۇش كىرەك.
8. زەھەرلىك چىكىملىك چەككۇچىلەرگە ھەرگۇز يۇمشاق كوڭەللىك قىلماسلىق، كونتۇرۇل قىلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكتىن بالدۇرراق قول ئۇزىشىگە ياردەم بىرىش كىرەك.
9. توغۇرا دۇنيا قاراشنى تىكلەپ، تۇرمۇشقا توغۇرا مۇھامىلە قىلىش، ئوزىگە، ئاھىلىسىگە، مىللىتىگە ۋە جەمىيەتكە مەسۇل بولۇش روھىنى تىكلەش كىرەك.

ئادەم زەھەرلىك چىكىملىككە يەنى خىرويىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كىيىن چىكىشنى دەرھال توختاتقىلى بولامدۇ؟
ئادەم بىر مەزگىل زەھەرلىك چىكىملىك يەنى خىرويىن چەككەندىن كىيىن، خىرويىننىڭ مىقدارىنى ۋە چىكىش قىتىم سانىنى ئۇزلۇكسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن ئوز ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بۇ زەھەرلىك چىكىملىك يەنى خىرويىن چەككۇچىلەرنىڭ خىرويىنغا بولغان جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى تايىنىشىنى كۇنسايىن كۇچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىز خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا خىرويىن چەككۇچى خىرويىن چىكىشنى دەرھال توختاتسا، بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئۇھلىيالماسلىق، مۇسكۇل ۋە سوڭەك قاتتىق ئاغرىش، ئىچى سۇرۇلۇش، قۇسۇش، تىتىرەش، توڭلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلىدۇ، ۋە بۇ ئالامەتلەر 48 سائەتتىن 72 سائەت ئارىلىقىدا ئەڭ يۇقۇرى باسقۇچقا يىتىدۇ، بىر ھەپتىدىن كىيىن ئاستا ئاستا ياخشى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا خىرويىننى تاشلاشقا ئىرادە قىلغان كىشى قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ، مۇشۇ بىر ھەپتىگە بەرداشلىق بىرىشى كىرەك.
ئەگەر ئادەم بەدىنىڭ خىرويىنغا بولغان تايىنىشى ناھايتى ئىغىر بولسا، يەنى ئۇزۇن مۇددەت خىرويىن چەككەن ئادەم خىرويىن چىكىشنى دەرھال توختاتقاندا ھاياتى ھەۋەپكە ئۇچۇرىشىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كورۇنۇپ، دوختۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خىرويىن چىكىشنى ئاستا ئاستا تاشلىشى كىرەك.

زەھەرلىك چىكىملىككە يەنى خىرويىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنى داۋالاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۇنۇملۇك ئامالى ئىرادە، يەنى قاتتىق ئىرادە بولغاندىلا ئاندىن داۋالاش ئۇنۇملۇك بولىدۇ، ھەرقانداق داۋالاش ئىرادىسى كوچلۇك بولغانلاردىلا ياخشى ئۇنۇم بىرىدۇ. كۇچلۇك ئىرادە بولمايدىكەن، ھەرقانداق داۋالاشنىڭ ھەممىسى باكار. خۇمار بولغانلار بىر مەزگىل داۋالىنىپ، ساقايغاندەك قىلغان بىلەن، داۋالاشتا ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ ھەممىسى يەنە مۇشۇ خىلدىكى دورىلار بولغاچقا، خۇمار بولغۇچىنىڭ ئەڭ ئاھىرقى ئاقىۋىتى يەنىلا ئىرادىگە باغلىق بولىدۇ.
ھازىر قوللىنىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئارىلاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئاستا ئاستا خۇماردىن توھتۇتۇش بولۇپ، داۋالاش ۋاھتى، زەھەرلىك چىكىملىك چەككۇچىنىڭ تارىھىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ تۇرى، ساپلىق دەرىجىسى ۋە ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىش تارىھى قانچە ئۇزۇن بولسا، چەككەن زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ سۇپىتى قانچە يۇقۇرى ۋە ساپ بولسا، ھەر كۇنى ئىستىمال قىلغان مىقدارى قانچە كوپ بولسا، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەڭەن بولسا، داۋالاشقا كىتىدىغان ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ، داۋالاش ناھايتى قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئوزىنىڭ ھاتا يولغا مىڭىپ قالغانلىغىنى سەزگەن ھامان ياكى زەھەرلىك چىكىملىك چەككىنىگە پۇشايمان قىلغان ھامان، دەرھال قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ، ۋاھتىدا داۋالىنىپ، بۇ ئاق ئالۋاستىدىن ۋاھتىدا قول ئۇزۇش كىرەك.
ئاھىردا قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، بىزنى ھىچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم ئوزىمىزگە، ئاھىلىمىزگە، ئوز ھەلقىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە مەسۇل بولۇشىمىز، ئوزىمىزنى، ئوز ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىشىمىز، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىگە ۋە ئىستىقبالىغا كوڭۇل بولۇشىمىز كىرەك. بولمىسا ئاھىردا زىيان تارتقۇچى ئوزىمىز بولىمىز، پۇشايمان مەڭۇ ئورنىغا كەلمەيدۇك.

(ھەرقانداق پىكىر ۋە تەلەپلەر بولسا، Dr_Memet@yahoo.com غا خەت يېزىڭ)

0 باھالاش: