2008/4/5

ئاز - تولا پايدىسى بولۇپ قالار

ئاز - تولا پايدىسى بولۇپ قالار --- (1)

(چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىدىكى ياشلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب)
قەيسەر مىجىت
ئەسلى مەنبەسى: http://www.biliwal.com/postt819.html
ئاپتور ئىلاۋىسى:
يېقىندىن بۇيان، ۋەتەندە ئاليى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن خەت تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىدىم. گەرچە خەتلەرنىڭ سۆز قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ياشلارنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۆزى ئويلىغاندەك ئادەم بولۇش ئارزۇسى بىلەن ھەم تەسەۋۋۇرىدىكى ھەم رېئاللىقتىكى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش، شۇ تۈپەيلى پەيدا بولغان روھيى زىددىيەت ۋە بېسىملارنى قانداق تارمار قىلىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى سوراشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئورتاقلىقى بار ئىدى
.

ئۆزگىچە خاسلىقى بولغان بەزى خەتلەرگە ئايرىم جاۋاب قايتۇرغان بولساممۇ، ئەمما ئورتاقلىققا ئىگە سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇس ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاشۇنداق سۇئاللارنىڭ ئىچىدە چايقالغان، قايمۇققان، ۋە ئارامسىزلانغان، ئۆز ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىغان شەخسلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاش، ئۆگىنىش تەقەززاسىدا بولغان بولغاچقا بۇ خىل ئارزۇدىكى ياشلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، شۇ ۋەجىدىن سورالغان سۇئاللارغا مۇۋاپىقراق جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەمدە بۇنى كەڭ ياشلار جامائەتچىلىكى بىلەن "biliwal.com" ئارقىلىق يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى توغرا كۆردۈم.
ئەسكەرتىش ئورنىدا سەمىمىلىك بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بىلىدىغانلىرىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابلىرىمدا نۇقسانلىق ۋە نامۇۋاپىق جايلارنىڭ بولۇشى تەبىئى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتىڭىزغا باغلاپ تۇرۇپ بىر ئوقۇغۇچى قانداق روھنى ياكى قانداق بىلىمنى ئىگىلىگەندە بىر ئۆمۈر ئۆزىدىن رازى بولغۇدەك ياشىيالايدىغانلىقىنى يەكۈنلىدىڭىز؟
مېنىڭچە سۇئالىڭىزدا توختىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇنداق 3 مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بار: بىلىم، روھ ۋە رازىمەنلىك.
ئەگەر مەن "بىلىم دېگەن نېمە ياكى بىلىم دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتىسىز؟" دەپ ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە 10 ئادەمدىن سورىسام، ئېھتىمال 10 خىل جاۋابقا ئىگە بولۇشۇم مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما جاۋابلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنىڭ بەك چوڭ بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. ئومۇمەن، جاۋابلارنىڭ نېگىزىنى مۇنداق بىر ئېنىقلىمىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىلىم - شەيئىلەر ھەققىدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان مۇئەييەن بىلىش، ۋە چۈشەنچىدۇر.
ئادەتتە بىز "ئىسمەتجان بىلىملىك ئادەم" دېگىنىمىزدە، ئىسمەتجاننىڭ مەلۇم ساھەدە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك نەرسىنى بىلىدىغىنىنى، ھەممىدىن مۇھىمى بىلىدىغان نەرسىسىنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىمىز. كىشىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئېيتىلغان سۆزلەر، چىقىرىلىغان يەكۈنلەر ئادەتتە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ بىلىمى --- ئاساسلىقى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن، ۋە مائارىپ تەربىيىسىدىن كېلىدۇ. خاتالاشمىسام، سىزنىڭ سۇئالىڭىز مەكتەپتە قانداق بىلىم يەنى ئىلىم- پەن ئىگىلەشكە قارىتىلغان بولغاچقا مېنىڭ جاۋابىممۇ بۇ ھەقتە بولىدۇ.
ھازىرقى زامان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن ئۆگىتىشتۇر. ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش- كۆزىتىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق مۇئەييەن شەيئى ھەققىدە سىستېمىلىق بىلىشكە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئىگىلەنگەن ئىلىم-پەن
بىلىملىرى، مەن يۇقىرىدا قەيت قىلغان كەڭ مەنىدكى "بىلىم"نىڭ كەسمە توپلىمىدۇر.
ئالى مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەش بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەت تايىنىدىغان ئاساسلىق كۈچتۇر. بۇ خىل يەكۈن، ھەممە جەمئىيەتكە باپ كېلىدۇ. ئىختىساسلىق خادىملار ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇندا مەسىلەن ئالىم، ئىنجىنېر، مۇخبىر، يازغۇچى،
كارخانىچى، مەمۇرى خادىم سۈپىتىدە جەمئىيەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. كۆرۈش مۇمكىنكى "ئاخىرقى مەھسۇلات" نىڭ مەزمۇنى ھەر خىل بولغانلىقتىن، ئۇنى پەيدا قىلغان "تەركىبلەرمۇ" مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. گەپ، مانا مۇشۇ خاسلىقنى تېپىشتا. سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق نېمە بولماقچى؟ بۇ سىزنىڭ قانداق سۇئالنىڭ كەينىدىن "ئىز قوغلىشىڭىزغا" باغلىق.
كارل ماركىسنىڭ ھازىرمۇ نەقىل كەلتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر سۆزى بار:
"بىزنىڭ ۋەزىپىمىز -- دۇنيانى چۈشەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش".
مىسال ئۈچۈن، ئەگەر سىز "ئاي نېمىشقا 15 كۈن يورۇق، 15 كۈن قاراڭغۇ؟" دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بىر تەبىئى پەن ئالىمى بولۇپ چىقىشقا بەل باغلىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر سىز "ئادەمنىڭ ياشاشتىن مەقسىدى نېمە؟" دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئىزدەنسىڭىز، بۇ سىزنىڭ پەيلاسوپ بولۇشقا قىزىقىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ
بىشارىتى. دېمەك، سىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشەندۈرمەكچى. مۇبادا سىز، ماركىسنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەلىماتىنى قوبۇل قىلسىڭىز،
"پارىج خىتابنامىسىنى" تەھلىل قىلىش ۋە "ئىنتېرناتسىئونال شېئىرىنى" ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىسىز. دېمەك، مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، شۇنىنغا مۇناسىپ ۋاسىتە قوللىنىسىز، خۇددى، تۆمۈرچىلىك قىلىش ئۈچۈن بولقا كەتكەندەك.
ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىر مەشخۇر ئالىمدىن (ئالبەرت ئەئىنستەئىن غۇ دەيمەن) بىرسى سوراپتۇ:
---سىز شۇ قەدەر دۇنياغا مەشخۇر ئالىم، ئېيتىڭە سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز زادى قانچىلىك؟
ئالىم بورنى قولغا ئاپتۇ ۋە دوسكىغا بىر چەمبەرنى سىزىپ دەپتۇ:
"-- مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇ چەمبەرچىلىك نەرسە، ئەمما مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم مۇنۇ چەمبەرنىڭ سەرتىدىكى نەرسىلەر".
ئالىمنىڭ بۇ جاۋابى تەبىئى ھالدا "رازىمەنلىك" كە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىر مەشھۇر ئالىم شۇ قەدەر كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ چەكسىز بىلىنمىگەنلەرگە نىسبەتەن نەقەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان يەردە، سىز ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلىمەكچى بولغان بىلىمىم ھەققىدە بىر ئۆمۈر "قانائەتسىزلىك ياكى تويماسلىق ئىچىدە" ھايات كەچۈرىدىغىنىمنى قىياس قىلالىشىڭىز كىرەك؟
سىز جاۋابىمنى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش ھاياتىمغا باغلاپ سۆزلەشنى تەلەپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى كەچمىشلىرىمدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي.
كائىناتقا بولغان ھەيرانلىقىمنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىدىن بولسا كېرەك، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا قىزىقىشىم بىردىنلا تەبىئى پەنگە بۇرۇلدى.
شۇ چاغدا مەن ئويلايتتىمكى "تەبىئەت دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان سىرلار كائىناتنىڭ ئۆزىدەك چەكسىز، ئۇنى پەقەت تەبىئى پەن ئۆگىنىش ئارقىلىقلا يەشكىلى بولىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەر شەخسنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئوبيېكتىپلىققا ئىگە"، ئىجتىمائى پەن ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشاش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزگىرىشچانلىق ئامىلى چوڭ، ھەم سۇبيېكتىپلىققا ئىگە، قىسقىسى تەبىئى پەننى ئۆگىنىش قىزىقارلىق ھەم ئاسان، ئىجتىمائىي پەننى ئۆگىنىشتە غۇۋالىق كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئەت دۇنياسىغا نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈنلەر يوشۇرۇنغان، ئەگەر ھاياتىمنى مەلۇم بىر خىل نېمە ئۈچۈن گە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بېغىشلىسام، ئاخىرى بىر ياراملىق ئالىم بولۇپ چىقالايمەن " دەپ قارايتىم.
شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بەرگەندە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىمىيە ۋە تەبىئى جۇغراپىيە كەسىپلىرىدە ئوقۇش ئىشتىياقى بىلەن ئارزۇ تولدۇردۇم. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ ۋە ياكى تاسادىپىيلىقمۇ، مەن ئارزۇ قىلغان كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنماي، بەلكى ئەينى چاغدىكى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ قارمىقىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن18 ياشقا تولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ يىلى، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ناھايىتى مۇرەككەپ روھىي-ھالەت ئىچىدە ئاتلاپ كىردىم. مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىم، گوياكى تاغ قاپتاللىرىدا ئۇزۇن يول يۈرۈپ تۇيۇقسىز ھالدا پايانسىز تۈزلەڭلىككە چىقىپ قالغان ئوۋچىغا ئوخشايتتى. "قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىش كېرەك، نېمىنى نىشان قىلىش كېرەك؟"، يەنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپتە "نېمىنى ئۆگىنىشۇم كېرەك، قانداق ئۆگىنىشۇم كېرەك، نېمە بولۇشۇم ياكى قانداق ئادەم بولۇشۇم كېرەك؟" دېگەن سوئاللار مېنىڭ روھىيىتىمگە ئۈرۈمچىگە كۈز پەسلىنىڭنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا سىڭىپ كىردى.
"ئىگىلىك باشقۇرۇش" كەسپىگە تاللىنىپ قالغىنىم تۈپەيلى، مەنزىلىمدىكى پايانسىزلىققا يەنە بىر خىل نامەلۇم -پارامېتر، غۇۋالىق قوشۇلدى. نېمىشقىدۇر، مەن ئىجتىمائىئى -ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلەيدىغان پەنلەرگە بىر خىل گۇمانى نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارايتتىم، ئىچىمدە ئوتتۇزنى غۇدۇراپ، ئامال يوق ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇشنى باشلىدىم. دەل شۇ مەزگىلدە، مونغۇل يازغۇچىسى مېڭ چىبېي لو لۈلۈنىڭ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «تارىم» جورنىلىدا ئېلان قىلىندى". ئەسەر جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، بولۇپمۇ ھازىرقى زامانىمىزدىكى يېتۈك ئۇيغۇر ئالىمى--- مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى، ياش ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئۆز كەسپىدە قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى --مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى ۋە مېنى "ئۆز گۆھەرلىرىمىزنى ئاچساق، قازساق، قەدىرلىسەك، كۆپرەك ياشلىرىمىز ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس، تەبىئى پەن ئۆگەنسە، تارىختىكى يىتتۈرۈپ قويغان سەلتەنەتىمىزنى تېپىۋېلىشىمىز" نىڭ مۇمكىنچىلىكى بولىدىغىنىغا ئىشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قەتى ھالدا تەبىئى پەن ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم-دە مەكتەپكە كىرىپ يېرىم يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا بىر نەچچە رەت باردىم ۋە تەلەپ قىلدىم:
-- مەنى ياكى خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە ياكى فىزىكا، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىن بىرەرگە ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار.
دېدىكى ئۇلار:
-- سېنىڭ ھازىرقى كەسپىڭگە ئالدىراپ ئوقۇغۇچى ئالمايدۇ، ئەخمەق بولما. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىزدىن خۇش بولىسەن. خىزمەت پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. مۇشۇ كەسپىڭنى ئوقۇ".
ئۇرۇنۇشلىرىم ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەندىن كېيىن، مەن قايتا كەسپ ئالمىشىش كويىدا بولمىدىم. ئوقۇشنىڭ 2 -يىلىنىڭ ئاخىرىدا "ئىگىلىك باشقۇرۇش ھەققىدە قولغا چىققۇدەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمىدىم، قانداق قىلسام ئەمەلىي بىر نەرسە ئۆگىنەلەيمەن" دېگەن ئوي بىلەن بىر نەچچە پروفېسسورنى ئىزدەپ كۆرۈشتۈم. ھەر كىم ھەر خىل پىكىرلەرنى بەردى. ئەمما شۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسر قىلغان سۆزنى مەكتەپ ئىلمى جۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك نىجات ئەھمەتجان ئەپەندى ئېيتتى:
--ياخشى سۇئال بۇ-- دېدى نىجات ئەپەندىم نېمىشقا ئىزدەپ كىرگىنىمنى ئۇققاندىن كېيىن.
--بىلىم دېگەننىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئالىي مەكتەپتە ھەممە بىلىمنى ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، --ئەمما دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -- ئالىي مەكتەپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدىغان يەر، بىلىم دېگەن دەرىزىگە توپا قونغاندەك ئادەمگە يۇقىدىغان نەرسە، سەن ھازىر ئۆزۈڭنى بىر نەرسە ئۆگەنمىگەندەك ھېس قىلىسەن، ئەگەر سەن مۇشۇ خىل ئىزدىنىش روھىڭ بىلەن بوشاشماي ماڭساڭ، ئىشىنىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسەن ".
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تىنىپ، تەرتىپسىز ۋە ئۈزۈك بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. دەرھەقىقەت، نىجات ئەھمەتجان ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە خېلى
نەرسىلەرنى بىلىپ يەتتىم. گەرچە ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىلىدا مەندە قايسى كەسپنى تاللاش، قايسى پەننى ئۆگىنىش ھەققىدە كۆپ تەۋرىنىش بولغان بولسىمۇ، ئارىدىن بىر قەرنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، مەن يەنە شۇ "بىر ئېرىقنى چېپىۋاتىمەن". بەلكىم مېنىڭ ئىزچىللىقىم مۇشۇدۇر، "ھاشىماخۇنىكامنىڭ تۈگمىنى چۆگىلەيدۇ، چۆگىلەيدۇ، بىر قىردىن ئاشالمايدۇ" دېگەندەك. "چۆگىلەھسمۇ- ھەركەت،ھەرىكەتتە - بەرىكەت" ئىكەن، ئەينى چاغدا ئۆزۈم خالاپ كەتمەي ئوقۇغان كەسپىم بۈگۈن تۇرمۇشقا ئەسقېتىۋاتىدۇ. ئەمما، بىر مەھەل بولسىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئېيتىمەنكى، مەن تېخى ئۆزۈم كۆزلىگەن بىرەر قىردىن ئېشىپ كېتەلمىدىم. سەۋەبى، ئادەم بەزىدە ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان، قىلالايدىغان ئىشنى قىلغۇچە، تۇرمۇشتىكى قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن خالاپ -خالىماي ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالىدىكەن. تەلەيلىك يېرىم شۇكى، مەن ئەمدىلەتىن، ياشلىقىمنىڭ ئوتتۇرا ھال مەزگىللىرىدە سەپەر قىلىۋاتقىنىم ئۈچۈن، خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن "چوڭ داۋاندىن ئاشالمىساممۇ، كىچىك داۋاندىن ئېشىشقا مادار يېتىدۇ" دەپ ئۈمىد ۋە غەيرەت بىلەن ياشاۋاتىمەن.
ئەمدى مەن "روھ" ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش بىلەن بۇ سۇئالىڭىزگا بەرگەن جاۋابىمنى ئاخىرلاشتۇراي:
روھسىز ئادەم ئۆلۈككە ئوخشايدۇ.
مېنىڭچە ئادەمدە ئالدى بىلەن "ئىزدىنىش، ئىنتىلىش، ۋە ئىزچىللىق شۇنداقلا ئۆزىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ھەم ئەقىل-پاراسىتىگە ئىشىنىش روھى بولۇشى كېرەك".
ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى مەغلۇپ قىلغان ئادەمدۇر. سىزنىڭ مۇشۇ بىر قاتار سۇئاللارنى سورىشىڭىزنىڭ ئۆزى --سىزدە بۇ خىل روھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تېخىمۇ روھلۇق ۋە ئۈمىدۋار بولۇپ ئۆز كەسپىڭىزدە ياخشى ئاساس سېلىڭ ۋە ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ.
-------------------------------------------------------------------------------- ئەسەردە دëيىلگەن، «تارىم(88.11)» جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ھاجىمى كوپ بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇنى سايىلىغۇچ ئارقىلىق سايىلاپ رەسىم شاكلىدە خەلى بۇرۇن يوللىغان ئىدىم، ھازىر ئۇ بوشلۇق ئىشلىتىلمىگانلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇلى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئادىرىستىكىسىنى ئوقۇغۇلى بولىدىكەن.
http://www.arken106.com/ShowPost.asp?ThreadID=115

0 باھالاش: