2008/4/5

HIV بىلەن ئائىدس كېسىلىگە دائىر كۆپ سورىلىدىغان سۇئاللار
مەھمەت ئەمىن
1.ئائىدس بىلەن HIV نىڭ پەرقى نېمە؟ ئۇلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ھىۋ ۋىرۇسى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئەڭىلىزچىدە "ئاپەس"، خەنزۇچىدا "猿" دەپ ئاتىلىدىغان، مايمۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل ھايۋاننىڭ بەدىنىدە ياشاۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە مىڭ يىل بولغان بولۇپ، بۇ خىل ھايۋان بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلمايدۇ.
ئادەم بەدىنى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىپ، بىرنەچچە يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ؛ يەنى ھىۋ بولسا ئائىدس كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس.
2.ھىۋ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟
ھىۋ قان، پلاسما قانتارلىق قان مەھسۇلاتلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ، ئۇندىن باشقا نەم، تازىلىقى ناچار، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان شارائىتتىمۇ بىرنەچچە سائەتتىن بىر نەچچە كۈنگىچە ياشىيالايدۇ، قۇرغاق ھاۋادا، كۈن نۇرى ئاستىدا بىر نەچچە مىنۇتتىن بىرنەچچە ئون مىنۇتقىچىلا ياشىيالايدۇ، بىراق بۇ پۈتۈنلەي مۇتلەق ئەمەس.
3.ئائىدس/ھىۋ ئاساسلىقى قانداق يوللار ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدۇ؟
ئائىدس كېسىلى ئاسالىقى قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3 خىل يول ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقملانغۇچىلار ئىچىدە 88.60% زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۇۋالغان؛ 3.6% جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغان، قالغانلىرى ئانىدىن بالىغا ۋە باشقا نەمەلۇم يوللار ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغان.
4.ئادەم بەدىنىدىكى قايسى سۇيۇقلۇقلاردا ھىۋ بولىدۇ؟
قاندا، ئەرلەرنىڭ مەنىيسىدە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىدا ۋە سۈتىدە ھىۋ بولىدۇ. تەردە، ئېغىز سۇيۇقلۇقى ياكى شۆلگەيدە، چوڭ كىچىك تەرەتتە، كۆز يېشىدا ئادەتتە ھىۋ بولمايدۇ.
5.ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا قانچە كىشى ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان؟
شىنجاڭ خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكىتىكى سانى 9346 گە يېتىپ، ئائىدس كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مۆلچەرلىنىشىچە 2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 80 ~ 90 مىڭ كىشى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.
6.قانداق كىشىلەرنىڭ ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ؟
زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر، ئوكۇل ئۇرۇشتا بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەن ياكى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا ئىشلەتكەن كىشىلەر، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار كىشىلەر ياكى باشقىلار بىلەن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر، كۆپ قېتىم قان سالدۇرغان ياكى قان ئالغان كىشىلەر، لاياقەتسىز دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل ئۇردۇرغان، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ۋە ياكى بەدەننى مەلۇم جەھەتتە زەخمە قىلىدىغان بەزى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
7.ئائىدس/ھىۋ بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
ئادەم ھىۋ بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا، كۆپىنچە كىشىلەردە كۆپ ئالامەتلەر بولمايدۇ، بەزى كىشىلەردە قىزىش، بېشى ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بىئاراملىق ھېس قىلىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىق زۇكامدا بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ خىل ئالامەتلەر 2~4 ھەپتىلا داۋام قىلىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، بۇ ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
8.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەڭ ئاخىردا ئائىدس كېسىلىگە تەرەققى قىلىدۇ. ھىۋ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپىيىپ قانغا كىرىدۇ. ھازىر بار بولغان ھىۋ ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار پەقەت قاندىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەيلمەيدۇ. ھىۋ ۋىرۇسى ھۈجەيرە ئىچىدە ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، قانغا چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە داۋالاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىدس كېسىلىگە تەررەققى قىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆمۈرى داۋالاتمىغانلارغا نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق ھامان ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.
9.ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە قانچە يىل بولىدۇ؟
ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنى ئائىدس كېسىلى ۋىرۇسى يەنى ھىۋ بىلەن تۇنجى يۇقۇملىنىپ تا ئائىدس كېسىلىگە تەرەققى قىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئادەتتە 1 يىلدىن 12 يىلغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ 3~5 يىلغىچە بولىدۇ. ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كىشىلەرنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ھىۋ نى قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، داۋالىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە قان سېلىش ئارقىلىق ھىۋ نى يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىمۇ قىسقا بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ھىۋ نى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭ ئەسلى ساغلاملىق ئەھۋالى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ناچارلاشقان بولسا، بۇنداقلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىمۇ قىسقا بولىدۇ، يەنى ھىۋ نى يۇقتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئائىدس كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىشى تېز بولىدۇ. ھىۋ گە يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق داۋالاتمىغان كىشىلەرنىڭمۇ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، ئۆمۈرى قىسقا بولىدۇ.
10.ئائىدس كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟
ئادەم بەدىنى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىپ، بىر نەچچە يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋىرۇس بەدەندە تېزدىن كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ بىمارنىڭ ئائىدس كېسىلى باسقۇچىغا رەسمى قەدەم باسقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق كېسەلدە بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت كونترول قىلىش قىيىن بولغان قىزىش، ئورۇقلاش، نەمەلۇم ئۆسمە قاتارلىقلار.
11.ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟
1981-يىلى تېببىي ئالىملار تۇنجى قېتىم ئائىدس كېسىلىنى بايقىغاندا، ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپىنچە كېسەللەر بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ھازىر، ھىۋ ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتا ۋە ئۇنىڭدىن ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك دورىلار دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇنلىغان كېسەللەر خېلى ئۇزۇن ياشاۋاتىدۇ. بىراق، ئائىدس كېسىلى يەنىلا جاننى ئالىدىغان كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ھازىرچە ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا، 5 يىل ياشاۋاتىدۇ، بىراق بۇ سان داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
12.ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك. قان ئېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەردە، ئىمكان بار بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى قوللىنىش كېرەك. ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەر-ئايال، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك. ئەگەر ئىمىۋاتقان بالىسى بار ئايالنىڭ ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.
13.زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئائىدس كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئائىدس كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار، كېيىنچە زەھەرلىك چېكىملىكنى نەپەس يولى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشتىن تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 88.60% زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان.
14.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالا تۇغۇشى خەتەرلىكمۇ؟
ئەلۋەتتە خەتەرلىك. ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايال بالىلىق بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ھەممىسى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىشى ناتايىن، بىراق، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغا قەدەر ئائىدس كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۇك داۋاسى بولمىغاچقا، بالىنىڭ بالاغەتكە يەتمەيلا يېتىم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا، ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك.
15.قان سېلىش خەتەرلىكمۇ؟
ئائىدس كېسىلى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن كىشىلەر قان سېلىش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا سىستېمىلىق تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قان سېلىش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ دەرجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار. (1) شارائىتى ناچار رايونلاردا، بولۇپمۇ بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا تەلەپ يۇقىرى ئەمەس. ئۇلار سىستېمىلىق تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان قان باشقىلارغا سېلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. (2) ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغىلى 3 بولمىغان بولسا تەكشۈرۈشتە ھىۋ يالغان ئىنكار قىلىنىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. (3) قاننى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، توشۇش ۋە كېسەلگە سېلىش جەريانىدا ھىۋ بىلەن بۇلغىنىش.
16.ئەگەر ناتونۇش بىرى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟
ئەڭ ياخشىسى ئائىلىڭىزگە سادىق بولۇڭ، ئەخلاق پەزىلىتىڭىزنى پاك تۇتۇڭ. ناتونۇش كەلسە-كەلمەس كىشىلەر بىلەن ياكى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزمەنلەشتۈرەلمەيدىغان كىشى بىلەن ئامال بار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭ. ساغلام جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. ئامال بار ئۆزىڭىزنى قوغداش چارىسىنى قوللىنىڭ، كوندوم ئىشلىتىڭ.
17.ئەگەر مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلار ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مېنىڭ بالامغا يۇقامدۇ؟
ياق، يۇقمايدۇ. ئادەتتىكى نورمال ئۇچرىشىش، مەيلى ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، خەتىرى يوق. بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىش بارلىق كوللېكتىپ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
18.ئەگەر رېستۇراندا تاماق ئەتكۈچى ئاشپەز ياكى كۈتكۈچى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مەن ئۇ رېستۇراندا تاماق يېسەم خەتەرلىكمۇ؟
ياق، خەتەرلىك ئەمەس. رېستۇراندا تاماق يېيىش ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرمايدۇ. ھازىرغا قەدەر ھىۋ نىڭ تاماقتىن يۇققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق.
19.ئەگەر بەدىنىم ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانسا، مەن چوقۇم ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىمەنمۇ؟
ئەگەر بەدىنىڭىزدە ھېچقانداق زەخمە بولغان جاي بولمىسا، سىز ئادەتتە ھىۋ بىلەن يۇقۇملانمايسىز، بىراق شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ.
20.چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەھسىي بۇيۇملىرىمنى چوقۇم باشقىلاردىن ئايرىم ئىشلىتىشىم كېرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ بۇيۇملار قان بىلەن بۇلغىنىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ھىۋ ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ئەمەس.
21.بىر كىشىنىڭ ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بىر كىشىنىڭ ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى قاندىكى ھىۋ غا قارشى "كاڭتى" ياكى "ئانتىبودي" تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئادەم ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بەدەندە كاڭتى ياكى ئانتىبودي ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مەلۇم كىشىنىڭ قېنىدىن بۇ خىلدىكى كاڭتى ياكى ئانتىبودي تېپىلسا، بۇ كىشىنى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. بىراق، ئانىسى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان يېڭى تۇغۇلغان بالىغا بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
22.ھىۋ ئۆزئارا كۆرۈشۈش ياكى قۇچاقلىشىشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقامدۇ؟
ھىۋ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇش، سىلاش، قۇچاقلاشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقىمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىۋ، بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قان ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقى، ئانا سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقايدۇ.
23.ھىۋ سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقامدۇ؟
تەتقىقات ئارقىلىق ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان بەزى كىشىلەرنىڭ شۆلگەي ياكى ئېغىز سۇيۇقلۇقىدا قىسمەن ھىۋ ۋىرۇسىنىڭ بارلىقى بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ھىۋ ۋىرۇسىنىڭ سۆيۈش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىغا تېخى تولۇق ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى كىشىلەرنى ھىۋ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى سۆيگەندە، فىرانسۇزچە سۆيۈشتىن ياكى قاتتىق سۆيۈشۈشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق سۆيگەندە ئېغىزدىن قان چىقىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
24.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش بىخەتەرمۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئائىلىلەرنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ھىۋ ۋىرۇسى قاچا-قۇچا، لۆڭگە، كارىۋات، يوتقان-كورپە، ئوبىرنى قاتارلىق ئۆي سەرەمجانلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقمايدۇ. ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش خەتەرلىك. شۇڭا ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك.
25.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش بىخەتەرمۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش خەتەرلىك ئەمەس. ئەگەر ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلاشسىڭىز، ھىۋ ۋىرۇسى سىزگە يۇقىدۇ..
26.يۆتەل ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىق ھىۋ ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟
زۇكام قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر يۆتەل ۋە چۈشكىرىش ئارقىلىق تارقايدىغان بولسىمۇ، بىراق ھىۋ ئۇ يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ.
27.پاشا ھىۋ ۋىرۇسىنى تارقىتامدۇ؟
تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ھىۋ ۋىرۇسى پاشا ۋە باشقا ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقمايدۇ.
(ھەرقانداق پىكىر ۋە تەلەپلەر بولسا، در_مەمەت@yahoo.com غا خەت يېزىڭ)
ئەسلى مەنبەسى: http://www.biliwal.com/

0 باھالاش: