2008/4/5

ئامېرىكا ئالىي مائارىپىدىن دەسلەپكى تەسىراتىم

ئامېرىكا ئالىي مائارىپىدىن دەسلەپكى تەسىراتىم
ئامېركىدىكى بىر ئوقۇغۇچى
مەن ئامېرىكىغا كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى. مەكتىپىم ئادەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپ بولسىمۇ، لېكىن "11-سېنتەبىر" ۋەقەسىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋە ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن مەن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان فاكۇلتېت - كومپۇتەر ئاند ئىنفورماتىئون سكىئەنكەس (كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر پەنلىرى) بۇ يىل فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى (فەدەرال گوۋەرنمەنت) ۋە دۆلەت پەنلەر فوندى جەمئىيىتى (ناتىئونال سكىئەنكە فوئۇنداتىئون) دىن 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تەتقىقات پۇلىغا ئېرىشتى، ماڭا دەرس بېرىۋاتقان بىر پروفېسسور دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (دەپارتمەنت ئوف دەفەنسە) دىن 800،000 دوللاردىن ئارتۇق تەتقىقات پۇلىغا ئېرىشتى.
بۇ مەۋسۇم تۆۋەندىكى 3 دەرسنى ئوقۇۋاتىمەن، ئۇلار:
(1 (مىكرو كومپىيۇتەر ئۇچۇر ئېغىزى ۋە قەرەلچانلىق، خاتالىقتىن خالىي ھېسابلاش)
(2 (سۈنئىي نېرۋا تورى سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل-ئىدراك)
(3 (تىل تەرجىمانى ۋە تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ياساش)
تۆۋەندە بىر-بىرلەپ بۇ دەرسلىرىمدىن ئالغان بىلىم ۋە تەسىراتلىرىمنى كۆپقىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈمەن:
(1) «مىكروكومپۇتەر ئىنتەرفاكىڭ ئاند رەئال تىمە، فائۇلت تولەرانت كومپۇتىڭ» (مىكرو كومپيۇتەر ئۇچۇر ئېغىزى ۋە قەرەلچانلىق، خاتالىقتىن خالىي ھېسابلاش)
بۇ دەرسنى ئۆتۈۋاتقان پروفېسسور دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى 30 يىل بولاي دېگەن، ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، 70-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ف-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال پروگراممىسىنى تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىكەن.
ئۇ داۋاملىق دۆلەت مۇداپىئە ۋە ھاۋا ئارمىيە تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل بۇ پروفېسسور دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن 800،000 دوللاردىن ئارتۇق تەتقىقات پۇلىغا ئېرىشىپ دەرس ئۆتكەچ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ نۆۋەتتە تەتقىقات قىلىۋاتقان تېمىسى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز جەت كۈرەشچى ئايروپىلانى (فىغتەر جەت)نىڭ يۇمشاق دېتالى بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھتا ئاسماندىن نىشانلارنىڭ سۈرىتىنى ئۇنىڭ كونترول قىلغۇقى كومپيۇتېرىغا كىرگۈزۈپ، ئايروپىلاننى ھەربىي بازىدىن ئاسمانغا قويۇۋەتكەندە، ئۇ دۈشمەن نىشانلىرى (مەسىلەن، شىمالىي كورىيە، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى، ئىراقنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتى دېگەندەك) نى بومباردىمان قىلىپ، باشقا نىشانلارغا تەگمەي بازىغا قايتىپ كېلىش ئىكەن. بۇ يىراقتىن نىشاننى بايقاش، پەرقلەندۈرۈش، ئوت ئېچىش، ئۆزىنى قوغداش، بازا بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىنى ساقلاخ قاتارلىق مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كومپيۇتېرىغا يېزىلغان يۇمشاق دېتال پروگراممىسى بىلەن بېجىرىلىدىكەن.
بۇ مەۋسۇم ئۇ دەرسلىك كىتابنى قايرىپ قويۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ف-16 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ يۇمشاق دېتال قىسمىنىڭ لايىھىلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ چىقتى. (بۇ تەخمىنەن 20 يىلدىن بۇرۇنقى ئىشلار بولغاچقا، بۇرۇن مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان بۇ تېخنىكا ھازىر ئاشكارا ئېلان قىلىنسا بولىدىغان (ئۇنكلاسسىفىئەد) ماتېرىياللارغا ئۆزگەرگەن ئىكەن.)
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار يازغان 950،000 قۇردىن ئارتۇق پروگراممىنى سىناش، خاتالىقىنى بايقاش ئۈچۈن 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ بىر خاتالىق بايقالماي، ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ، تۇنجى مودېل نېۋادا ھاۋا ئارمىيە سىناق بازىسىدا ئۇچۇرۇلغان. ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بىر نەققە مىنۇت ئۆتمەي كاشىلا چىقىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇچقۇچى ھايات قالغان.
كېيىن ئۇلار ئايروپىلان قالدۇقىدىن مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى تەكشۈرۈپ، ئايروپىلان ھاۋادا ئۇچۇش جەريانىدا ئۇنى كونترول قىلىدىغان كومپيۇتېر قىسمىدىكى پروگراممىدا نۆلگە بۆلۈش خاتالىقى يۈز بەرگەنلىكى (خ/0، دىۋىدەد بي زەرو ئەررور) نى بايقىغان ۋە مۇشۇ بىر ئاددىي خاتالىق قىممىتى مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ف-16 جەت كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى مودېلىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلگەن ئىكەن.
ئۇ دەرسلىك كىتابنى بىزگە دەرستىن چۈشكەندە ئۆزىمىز ئوقۇپ، ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا تاپشۇردى. بۇ دەرسنىڭ تاپشۇرۇقىغا بولسا ئوقۇغۇچىلار 2-3 تىن گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، دەرس تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتتىق دېتالنى كونترول قىلىدىغان يۇمشاق دېتال پروگراممىسى يېزىپ چىقىپ، مەۋسۇم ئاخىرىدا ئۇنى سىنىپتا ئاشكارا كۆرسىتىش بولدى.
بىر ئامېرىلىكىلىق ئوقۇغۇچى بىلەن مەن ئىككىمىز بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، بازاردىن بىر باتارېيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىچىكرەك چاقلىق ماشىنا ئادەم (روبوت)، كامېرا ۋە ئۈستىدە توپلاشتۇرۇلغان توك يوللىرى بار قاتتىق دېتال كارتىسى سېتىۋېلىپ (چىقىم 200 دوللاردىن ئاشىدۇ، بۇ چىقىمنى فاكۇلتېت دەرس پۇلى (كوئۇرسە فەئە) دىن بىزگە تۆلەپ بەردى)، پروگرامما يېزىشنى باشلىدۇق.
بۇ چاقلىق ماشىنا ئادەم پۈتۈنلەي ئۆزىدىكى مىكرو كونترول قىلغۇچ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاشۇ كونتىروللىغۇچقا پروگرامما يېزىش ئىدى. بۇ ماشىنا ئادەم ئۆزىگە بېكىتىلگەن كامېرانىڭ ياردىمىدە يولىنى ۋە نىشاننى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئىلگىرىلەپ، ۋەزىپىنى تاماملايدۇ.
ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا سىنىپ ئىچىگە چېچىۋېتىلگەن تىك-تاك توپ چوڭلۇقىدىكى ئاق ۋە قارا توپلارنى بايقاش، ئاق توپلارغا چېقىلماي، قارا توپلارنى ئېتىپ، ھەيدەپ سىنىپنىڭ بەلگىلەنگەن بۇلۇڭىغا توپلاش. بۇ جەرياندا ئۇ ئاددىي توسالغۇلار، مەسىلەن پارتا ئورۇندۇقلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈش، تامغا ئۈسۈۋالماسلىق، سىنىپنىڭ ھەممە يەرلىرىنى قويماي چارلاش ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىدۇ.
بۇ ماشىنا ئادەمنى باشقۇرىدىغان ئۆزىدىكى مىكرو كونتروللىغۇچقا يېزىلغان پروگرامما چوقۇم ھەقىقىي ۋاقىتلىق ھېسابلاش بولۇشى كېرەك، يەنى ئۇنىڭ "كۆزى" (كامېراسى) توسالغۇ نىشاننى ئالدىدا بايقىغان ھامان، مەلۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت چەكلىمىسى (مەسىلەن، 1 سېكۇنت) ئىچىدە قارار چىقىرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنى توختىتىدۇ، ئارقىغا چېكىنىدۇ ياكى ئىككى تەرەپكە قايىدۇ. مۇشۇ ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە ھېسابلاش ئارقىلىق قارار چىقىرىپ بولالمىسا ئۇ توسالغۇغا ئۈسۈۋالىدۇ. مانا بۇ قەرەللىك ھېسابلاشنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى.
(بۇ پەقەت ئەمەلىي بىر مىسال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى. ھەقىقىي ۋاقىتلىق ھېسابلاشنىڭ تەلىپى ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقى شەرت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاشۇ توغرا نەتىجىنى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىش.)
خاتالىقتىن خالىي ھېسابلاش ئىدىيىسى بولسا ئۇ چوقۇم ئاق توپ بىلەن قارا توپ (دۈشمەن بىلەن دوست) نى پەرقھلەندۈرۈشى كېرەك، ئاق توپقا چېقىلماي، قارا توپلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى "يوقىتىش" (بۇ مەسىلىدە ئۇلارنى بىر يەرگە توپلاش) كېرەك. ئۇنىڭ بىر يۈرۈش باتارېيەسىنىڭ توكى ئاز قالغاندا، ئاپتوماتىك ھالدا يەنە بىر يۈرۈش باتارېيەسىگە ئۇلىنىپ، داۋاملىق مەشغۇلات قىلىش.
ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك كامېرانى ئۇنىڭ كونترول تاختىسىغا قانداق ئۇلاش، كونترول تاختىسىنىڭ بۇ ماشىنىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولغان ئېلېكتىر موتورىنى قانداق كونترول قىلىش، لازېر نۇرلۇق ئورۇن سىگنالىنى ھاسىل قىلىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق نۇر سەزگۈچ لامپا (ئوپتىكىلىق مائۇسنىڭ ئاستىدىكى لامپىغا ئوھخايدۇ) نى كونتروللىغۇچقا قانداق ئۇلاش ۋە ئورۇن سىگنالىنى قانداق ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار مىكرو كومپيۇتېر ئۇچۇر ئېغىزى كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بىلىملەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تاپشۇرۇقنىڭ ئىدىيىسىنى پروفېسسور ئۆزى بىزگە قىسقىچە سۆزلەپ، سىلەر بۇنىڭغا قىزىقساڭلار قىلىڭلار دېگەنىدى. بۇ تېمىغا مېنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ساۋاقدىشىم ۋە مەن بەك قىزىقتۇق ھەم گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ ئىشنى باشلىغان ئىدۇق. ئاۋال ئادا تىلىنىڭ قەرەلچانلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، 14،000 قۇردىن ئارتۇق پىروگرامما يېزىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن ماشىنا كودىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بۇ كودنى ماشىنا ئادەمنىڭ كونترول تاختىسىنىڭ ئۈستىدىكى رام ساقلىغۇق (مەموري) ئۈستىگە كۆچۈرۈپ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. بۇ تاپشۇرۇقىمىزنى كېلەر ھەپتە سىنىپتا كۆرسەتمەكچى.
بۇ تاپشۇرۇقنىڭ ئىدىيىسى پروفېسسور ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز جەت كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېلى ئىدى. بىز كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش (ئىمپلەمەنتاتىئون) ئىشىنى قىلدۇق. ئۆزۈم دەرستىن سىرت ئوقۇغان كىتابتىكى بىلىم، پروفېسسورنىڭ دەرسى ۋە ئۆزۈم قول سېلىپ بۇ ئەمەلىيەت تاپشۇرۇقىنى ئىشلەش ئارقىلىق مىكرو كومپيۇتېر ئۇچۇر ئېغىزى ۋە قەرەللىك، خاتالىقتىن خالىي ھېسابلاش ھەققىدە ئىنتايىن قوڭقۇر بىلىمگە، تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.
جۇڭگودا ئوقۇتۇش-تەتقىقاتلار نوقۇل ھالدا نەزەرىيەگىلا تايىنىش بولۇپ ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلمايدۇ. بۇرۇن ۋەتەندە مەملىكەتلىك ئالاھىدە پروفېسسور ئۇنۋانى بار بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دەرسخانىدا كىتابتىكى قوڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىمنى توختىماي سۆزلەپ (يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، پن تۈگۈنى، ئېلېكتىرونلارنىڭ پن تۈگۈندىكى ھەرىكىتى، ئىككى، ئۈچ قۇتۇپلۇق كرىستال لامپا، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئانالوگ ۋە رەقەملىك ئېلېكتىر توك يوللىرى ھەققىدە) ئەمەلىيەتتە ئۆيىدىكى لامپۇچكىسى يورۇماي قالسا كاشىلىنى ئۆزى تاپالماي، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئوڭشىغانلىقى بىلەن بۇ يەردىكى نەزەرىيىنى ئوقۇپ، ئەمەلىيەتنى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن، ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكلەۋاتقان ئوقۇتقۇچۇم قەلبىمدە روشەن سەلىشتۇرما بولۇپ ئورۇن ئالدى. بۇ ئەمەلىيەتتە بولسا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش-تەتقىقات سۈپىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى ئىدى.
---------------------------------------------------------------------------------------- (ئىزاھات: ئەسلى ماقالە "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى"، "ئۇيغۇر تىلىدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار ئۆلچىمى" ھەمدە "ئۇلي ئىملا قائىدىسى" بويىچە تۈزىتىلدى. تۈزەتكۈچى: Biliwal.com دىكى مۇخبىر).
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com

0 باھالاش: