2008/4/5

فرانسىيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

فرانسىيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز
تەررەقى تاپقان ئەللەردە بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان ياشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن فرانسىيەدىكى ئوقۇش ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتمەكقىمەن. خۇددى ھەر بىرىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك چىگرا ئاتلاپ قىلىنىدىغان سەپەر باشلانغان تۈنجى كۈندىن ئېتىۋارەن سىز ئىلگىرى زادىلا ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىشلارغا دۇق كېلىسىز، ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنى ئۆز يولىدا ئۆزىڭىزگە تايىنىپ بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن سىز فرانسىيەنىڭ پارىس شاغلې دۆ گول ئايرۇدۇرۇمىغا قونغاندىن باشلاپ ئالدى بىلەن چىگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش (بۇ توغۇرلۇق رەسمىيەتلەرنىنىڭ ھەممىسىنى ئايرۇپىلەنغا چىقىشتىن ئىلغىرى پۈتتۈرۈپ بولىدىغان بولغاچقا ئادەتتە بۇ يەردە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ- چۈنكى سىز فرانسىيە نىڭ بەئىجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدىن ئالىدىغان ۋىزا دەل شۇنىڭ ئۈچۈن)، ئاندىن بولۇپمۇ كىيىنكى قەدەمدە نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشتەك بىر قاتار موھىم مەسىلىلەرگە دۇق كېلىسىز، ناۋادا كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ توغۇرسىدىكى تەييارلىقلارنى پۇختا قىلغان بولسىڭىز ( مەسىلەن سىز بارىدىغان شەھەر، تۇرىدىغان ياتاق دىگەندەكلەر)، تېخىمۇ تەلەيلىك بولسىڭىز ناۋادا ئايرۇدۇرۇمغا ئالدىڭىزغا چىقىدىغان ئادىمىڭىز بار بولسا، يۇقاردا مەن دىگەن ئىشلار مەسىلە ھېساپلانمايدۇ. ناۋادا ھەچ كىمنى تونۇمىسىڭىز ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەنىڭ قاتناش تورلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ناۋادا پارىجدەك شۇنچە چوڭ شەھەردە قولىڭىزدا بىر پارچە مەترو خەرىتىسى بولسىلا ئۆزىڭىز يېتىپ بارماقچى بولغان يەرنى بىمالال تېپىپ بارالايسىز. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىق مۇنداق بىر مەسىلە بار، يەنى تىل مەسىلىسى، بۇ زىمىنغا ئاياق باسقان تۈنجى دەقىقىدىن باشلاپ بۇنىڭ ئىنتايىن موھىملىغىنى ھەس قىلىسىز (ئوقۇشتىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغىچە)، فرانسىيەدە ئېڭىلىسچە بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، بىلگەنلىرىمۇ ئالدىراپ بۇ تىلنى سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئىشىنىڭىز فرانسوس تىلى بىلەن بولىدۇ. فرانسوس تىلىنى جوڭگودىكى چاغدا ئازراقلا ئۈگۈنۈپ داۋامىنى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۈگەڭەنلەر، بۇمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنىڭغا كېتىدىغان ئوقۇش پۇلى ناھايىتى كۆپ، ئادەتتە ھەر 3 ئاي ئۈچۈن 15 مىڭ يۈئان ئەتراپىدا ھەق ئېلىنىدۇ (ئەمما كەسىپكە كىرگەندىن كېيىن ئېلىنىدىغان ھەق بىر يىللىق ئۈچۈن 3 مىڭ يۈئان ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ پۇل يىلدىن يىلغا ئۆسىۋاتىدۇ، ئەمما كۆپ ئەمەس، يىلىغا 1-2 ياۋرودىن ئۆسۈپ بەرىۋاتىدۇ).
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر فرانسوس تىلىنى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن بەئىجىڭ دىكى داڭلىق چەتئەل تىلى مەكتەپلىرىدە 1 يىلدىن 2 يىلغىچە مۇنتىزىم ئۈگۈنۈپ ئاندىن فرانسىيەگە كېلىپ تىل ئۈگۈنۈش باسقۇچىنى ئۆتكۈزمەيلا كېسىپكە كىرىشىپ كەتتى، گەرچە فرانسوس تىلىنى مۇنتىزىم ئۈگەڭەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يېڭى كېسىپ باشلىغان چاغدا خېلى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانمۇ بولدى، فرانسوس تىلىدىكى ئاساسى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا بۇ قىيىنچىلىقلار ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلار قىسقا ۋاقىتتا ئوقۇشتا كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىپ، ناھايىتى ياخشى نېتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپقىلىكى دوكتۇرلۇققا ئېرىشتى، بەزىلەر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. دىمەك مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم بۇ يەردە تىل مەسىلىسى ئىنتايىن موھىم، مېنىڭچە فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدا ئۈگەڭەن بىلەن بۇ يەردە ئۈگەڭىنىڭىزنىڭ ھەچ قانداق پەرقى يوق، سىز ھەرگىزمۇ ئۇ تىلنى فرانسىيەگە بېرىپ ئۈگەنسە بەك تېز ئۈگەڭىلى بولدۇ (بالىلارنى ھەساپقا ئالمىغاندا) دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇ يەرگە ناۋادا تىل جەھەتتە ھەچ نىمىنى بىلمەي كەلسىڭىز سىز كوچىدا ئاڭلىغان سۆزلەردىن تارتىپ رادىئو-تېلېۋىزوردا ئاڭلايدىغان سۆزلەرگىچە سىز ھەچ نىمىنى چۈشەنمىگەچكە قۇلۇقىڭىزغا مۇش ئۇرگاھندەك ئاڭلىنىدۇ، بۇ يەردىكى مۇئالىملارنىڭ سىزگە بىر نەچچە ئايدىلا فرانسوس تىلىنى قۇيۇپ ئىچۈرۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئەمدى مەن فرانسىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆتەيدىغان موھىم رەسمىيەتلەر توغۇرسىدا ئازراق توختىلاي.؟ بۇ يەردە دەسلاپ قىلىپ بېجىرىدىغان نەرسىلەردىن بانكا رەسمىيىتى (بانكا كارتىسى، چەق دىگەندەكلەر) بېجىرسىز، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئىش كەتمەيدۇ، پەقەت سىزنىڭ تۇرىدىغان يەرىڭىز، ئوقۇيدىغان ئوقۇشىڭىز ۋە ياكى باشقا پائالىيىتىڭىز بولسىلا فرانسىيەدە بار بانكىلارنىڭ خالىغان بىرىگە بەرىپ ھېساپ ئاچقۇزۇپ بانكا رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىپ ھەچ ئېلىنمايدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئەڭ موھىم بولغان نەرسە فرانسىيەدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش كېنىشكىسى (كارتە دە سېجوئۇر)، بۇ ناھايىتى موھىم بۇ نەرسىڭىز بولمىسا فرانسىيەدە تۇرالمايسىز، ئادەتتە يىلدا بىر قېتىم بېجىرلىدۇ (2007-يىللىق فرانسىيە رەئىس جۇمھىرى سايلىمىدىن كېيىن بۇ ھەقتە مەلۇم ئۆزگەرتىشلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بار، مەسىلەن سىز دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، يىلدا بىر قېتىم ئەمەس 3 يىلدا بىر قېتىم بېجىرىش، بۇ مەلۇم دېرىجىدە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن ئەمما نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولدۇ، يەنە مەسىلەن سىز ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردىن بىرەر ئىش تېپىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تۇرۇش ۋاقتىڭىزنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىپ بېرىش دىگەندەك).
بۇ كېنىشكىنى بېجىرىش ئۈچۈن سىز تۇرىۋاتقان ئۆي ياكى ياتاق ئىسپاتى، مەكتەپكە تىزىملاتقان ئىسپات قەغىزى، سىز يېڭى كەلگەن يىلى يەنە سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ ئىسپات قېغىزى دىگەندەك نەرسىلەرنى سورايدۇ، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر يىلى بۇ رەسمىيەت ئۈچۈن ئوخشاشلا 2 سۇڭلۇق رەڭسىز چۈشكەن رەسىمىڭىزنى سورايدۇ، بۇ رەسىمنى بۇ رەسمىيەتنى قانچە قېتىم بېجىرسىڭىز شۇنچە قېتىم سورايدۇ، ئەڭ ياخشىسى رەسىمگە چۈشۈپ كېلىڭ، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن رەسىمگە چۈشسىڭىز قىممەت توختاپ كېتىدۇ (ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى دىگەنلەرگىمۇ رەسىم كېتىدۇ، بۇنىڭغا رەڭلىك رەسىم بولسا ياخشى، ئادەتتە بىر سۇڭلۇق رەسىم ئىشلىتىلىدۇ، 2 سۇڭلۇق بولسىمۇ بولدۇ)، ئەمدى ئۇ كىنىشكىگە كېرەكلىك يەنە بىر ھەممدىن موھىم ھەساپلىنىدىغان نەرسە قالدى، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ بۇ يەردە ياشىشىڭىز ئۈچۈن كېتىدىغان پۇل، يېڭى كەلگەندە بۇنىڭدا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى سىز نۇرغۇن پۇل بىلەن كېلىسىز، ئۇ پۇلنى بانكىغا قويىسىز، بانكا سىزنىڭپۇلىڭىز توغۇرسىدا ئىسپات چىقىرىپ بەرىدۇ، ئادەتەت بىر يىللىق ئۈچۈن 5 مىڭ ياۋرويىڭىز بولىشى كېرەك، ئۇنىگدىن جىق بولسا تېخى ياخشى لىكىن ئاز بوپ قالسا بولمايدۇ، بانكىدا پۇلىڭىز بولسا بانكا پۇلىڭىز توغۇرلۇق ئىسپات قىچىرىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىئۇشلار ناھايىتى چىرايلىق ھەل بولدى، بىراق كېيىن يىللىرىچۇ؟ ناۋادا ئاتا-ئانىڭىز باي بولسا ئۇلار سىزگە ئەۋەتىپ بەرىدۇ، بولمىسا ئۆزىڭىز يازلىق تەتتىللەردە ئىشلەپ پۇل يىگىسىز، ناۋادا پۇلىڭىز ئاز بوپ قېلىپ، تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئۆزىڭىزنىڭ كۆزى يەتكەن تەقدىردىمۇ ئالىدىغان ھەلىقى تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش كېنىشكىسىنى بەجىرەلمەيسىز، بۇنداق ئەھۋالدا ناۋادا مۇئالىمىڭىز ۋە ياكى مۇقىم خىزمىتى (كىرىمى) بار بىرەرسى سىز ئۈچۈن كېپىل بولسا بۇ رەسمىيەتنى ئۇلار سىزگە بېجىرىپ بېرىدۇ، ئەمما كېپىل بولىدىغانغا ئادەم تاپماق ناھايىتى تەس، بېزىدە سىزنىڭ مۇئالىملىرىڭىزمۇ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ناۋادا بىرسى سىزگە كېپىل بولۇپ سىزدىن مەسىلە چىقسا كېپىل بولغان شۇ كىشى قانۇن ئالدىدا بارلىق مەسۇلىيەتنى ئۈستىدە ئېلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىز ناۋادا بىئەرە ئىش تېپىپ (ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلەشكە يول قويۇلىدۇ) ھەر ئايدا مەلۇم دەرىجىدە كىرىپ تۇرىدىغان مۇقىم كىرىمىڭىز بولغان شارائىتتا ئۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ كىنىشكىنى بەجىرىشكىمۇ بولدۇ.
داۋالاش بىخەتەرلىك ئىستاراخۇئانىيەسى، بۇ ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز بېجىرلىدۇ، ناۋادا سىز دوختۇرغا كۆرۈنسىڭىز ياكى دورا دۇكىنىدىن دورا سېتىۋالسىڭىز (فرانسىيەدە دورا پەقەت دورا دۇكىنىدىلا دوختۇرنىڭ رەتسىپىگە ئاساسەن سېتىپ بەرىلىدۇ، دوختۇرخانىلاردا دورا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە بىر قىسىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرنى ھەساپقا ئالمىغاندا) ئۇنى سىزگە ئاتقوت قىپ بېرىدۇ، ياكى داۋالىنىش كىنىشكىڭىز ئارقىلىق پۇل تۆلىمەي ئالىسىز، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەققىمۇ ئوخشاش بولدۇ، ئەمما ئۇ چىقىمنىڭ ھەممىسىنى ئىستراخۇئانىيە شىركىتى 100% كۆتۈرمەيدۇ. (ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىستراخۇئانىگە ئىستىراخۇئانى ھەققى تۆلەيدۇ، ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان بەلگىلىمىلەر بار ناۋادا سىز 100% لىك ئىستراخۇئانىگە ھەققى تۆلىگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ داۋالىنىش چىقىمىڭىز 100% ئاتچوت قىلىنىدۇ، بىئارق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستراخۇئانىيەسى ھەقسىز بولغاچقا ئات چوت قىلىنىدىغان پۇل 100% ئەمەس). بەلگىلىمە بويىچە سىز كىنىشكە بىلەن پۇل تۆلىمەي دوختۇرغا كۆرىنىسىز، پۇل تۆلىمەي دورا ئالىسىز ئەمما سىز تۆلەشكە تېغىشلىق قىسمىي كېيىن بانكا ئارقىلىق سىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزدىكى پۇلدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
ئەمدى مەن سىز تۇرىدىغان ياتاق ئىشى توغۇرلۇك ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي، بۇ يەردە پۇلنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ياتاققا كېتىدۇ، ناۋادا بىر نەچچە ئادەم بىرگە تۇرۇش مۈمكىنچىلىك بولسا بۇنىڭدا ياتاق خىراجىتى كۆپ ئەرزان توختايدۇ. سىز ئىجارىگە ئالغا ياتاق ئايكى ئوينىڭ سىزنىڭ چەتئەللىك بولۇشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ھەممىگە ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ ئوي ئىجارىسىگە بېرىدىغان يارىدەم پلۇئى بار، بۇنى ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلىسىز، ناۋادا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز بۇ پۇلنى سىزگە بەرمەيدۇ، بەرىدىغان يارىدەم پۇلىنىڭ ئاز كۆپلىكى سىز تۇرغان ئوينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، ئىشقىلىپيارىدەم پۇلى دەپ بېرىلىدىغان بۇ پۇل ئاز پۇل ئەمەس. بىرەر جەيدىن ئۆي تاپسىڭىز ئۆي ئىگىسى بېكىتكەن پۇلنى بېرىشىڭىز كېرەك، ئۇ پۇلنى سودىلىشىپ چۈشۈرەلمەيسى، ئەمما يەنە بىر ئامال بار ئۇ بولسىمۇ ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنى زىرىكمەي ئىزدەش كېرەك، بۇنىڭدا ئېنىق بىر ئۆلچەم بولمىغاچقا گايىدا ناھايىتى ئەرزان ئۆيلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئەمدى مەن ئوقۇشقا تىزىملىتىش ئىشى توغۇرلۇق سۆزلەي، بۇ يەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش گۇۋانامىسىغا ئەرىشكەن ھەر قانداق بىر گىراجداننىڭ ئىمتاھانسىزلا ئۆزى خالىغان شەھەردىكى، خالىغان ئالىي مەكتەپ، خالىغان كەسىپكە تىزىملىتىپ كىرىپ ئوچۇش ھوقوقى بولىدۇ، بۇ تۈزۈم چەتەلللىكلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش قوللىنىلىدۇ، بۇلاردا ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئوتتۇر مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دىپلوم دىيىلگەرن بولسا چەتئەللىكلەر ئۈچۈن شۇنىڭغا باراۋەر دىپلوم ياكى ئىسپات بولسا بولىدۇ دەيدىغا تۈزۈم بار، شۇ سەۋەپتىن سىزنىڭ بۇ يەردە ئالىي مەكتاپلارنىڭ بىرىگە تىزىملىتىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ئوتتۇر مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى ئورنىغا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقان نەتىجە قەغىزى ياكى بىرەر ئالىي مەكتاپنىڭ چاقىرىق قەغىزى تەلەپ قىلىنىدۇ. فرانسىيە نوپوسى ئاز بولغاچقا ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆز تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قەلىش ئۈچۈن ئوقوغۇچى قوبۇل قىلغاندا سىزنى فرانسىيەلىك ۋە ياكى چەتئەللىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار چەتئەللىك ئوقوغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئامراق، بۇ جەھەتتە سىز خاتىرجەم بولسىڭىز بولدۇ.
يەنە بىر مەسىلە ئىش تېپىپ ئىشلەش مەسىلىسى، بۇنىڭغا بەزى جايلاردا پەقەتلا مۈمكىنچىلىك يوق، ئەمما پارىج شۇنداقلا فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا بۇنىڭغا ھەر ھالدا مۈمكىنچىلىك تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن پارىجدا پارىجغا كېلىۋاتقان جوڭگولۇقلار كۆپ بولغاچقا خەنزۇچىنى بىلگەچكە پىرگازچىك بولغانلار بار. فرانسىيەنىڭ جەنۇ رايونى ھار خىل مىۋە-چىۋە ۋە ئەكىنزارلار بىلەن تولغان بولغاچقا، ياز كۈنلىرى ئۈزۈم ۋە مىۋە -چىۋە ئۈزىدىغان ئىشلار چىقىدۇ، ناۋادا سىز تۇرىۋاتقان جايدىن ئىش چىقمىسا يازلىق تەتىللەردە دەل مانا مۇشۇ جايلارغا بېرىپ ئىشلاشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ئىشلارنى ئادەتتە كۈنىدە 8 سائەت قىلىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىي ئۈچۈن 50 ياۋرو ئەتراپىدا ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.
ئىلىم-ھېكمەت سىزگە يار بولسۇن!
فرانسىيەدىن: ھىجران2006-يىلى 15-فەبرال
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com

0 باھالاش: