2008/4/5

ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى

ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com
مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:


ھۆرمەتلىك رىياسەتچى: مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سابىق ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى قاھار قادىر بولىمەن.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى سىلەر ئۇيۇشتۇرغان «ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت بىلەن سۆھبەت»نىڭ نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشقان بولساممۇ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىرلەرنى دېيىشكە پۇرسەت بولمىدى.
سىلەرنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيىتىڭلار ناھايىتى ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى. ھازىر ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماتېماتىكىغا قىزىقماسلىق، تىرىشىپ ئۆگەنمەسلىك، نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.
ماتېماتىكا پېنى پۈتۈن تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى، قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، لوگىكىلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئۆگەنمىگەندە باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىشكە ناھايىتى چوڭ تەسىر يېتىدۇ.
ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى ماتېماتىكا پېنىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن تىپىك تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى: ئەگەر بىر ئادەم قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئوزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدەنسە چوقۇم بىر پەننى ئىگىلىيەلەيدۇ ۋە يۇقىرى پەللىگە چىقالايدۇ.
مەن 1979-يىلى فاكۇلتېتىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چىقىپ، ئابدۇرېشىتنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەتلىك ئىمتىھاندىكى نەتىجىسى 576 بولۇپ، مىللىي ئىمتىھان مەيدانلىرى بويىچە ھالقىش خاراكتېرىدە يۇقىرى نومۇر ئىدى، مەملىكەت بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىزگە كېلىپ ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇزۇنغا بارماي «خەلق گېزىتى»دە ئىسمىنى ئاتاپ ئوبزور بەرگەن ئىدى. بۇ نومۇر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى --- مىللىتىمىزدىن كۈچلۈك بىر تالانت ئىگىسى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ تالانتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، بارلىق پەنلەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە پۇختا ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ ماتېماتىكىنى زور قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن پۇختا ئۆگەنگەن.
ئابدۇرېشىت مەكتىپىمىزنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا كەلگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ماتېماتىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن ياخشى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن "مەن خۇئا لۇئوگېندىن ئېشىپ كېتىمەن"، ماتېماتىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چوقۇم چىقىمەن، دېگەن ئالىيجاناب روھنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ فاكۇلتېتىمىزدىكى 5 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، تىرىشىپ ئۆگىنىپ بارلىق پەنلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى ۋە ئۇزۇنغا قالماي ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى.
ئۇ ياپونىيەدىكى 7 يىللىق تەتقىقات-ئۆگىنىش ئارقىلىق ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ۋە ياپونىيەنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ئالىملىرى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى، شۇنداقلا بۇ قامۇسقا ئىسمى كىرگەن تۇنجى چەت ئەللىك بولۇپ قالدى. بۇلار ئابدۇرېشىتنىڭ چوڭ نەتىجە ۋە شان-شەرىپى، ياش ئالىمنىڭ شان-شەرىپى ئىدى. ئۇ زەپەر قۇچۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ 1-سېپىدە ئىشلەپ، پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ياش ئالىم ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىدا مەسئۇل خىزمەت ئىشلىگەندىن باشقا، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ تېخى ياش، پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل بىر ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تېخى پۇرسەت بار.
بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ ئالىم چوقۇم تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ.
ياشلار ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى خوجايىنلىرى، ئۇلارنىڭ زېممىسىدىكى ۋەزىپە ئېغىر ۋە شەرەپلىك، بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى، بولۇپمۇ ئۆتكۈر پەن-تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى زۆرۈر.
ياش ئالىم ئابدۇرېشىت بۇ جەھەتتە ياشلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە سەركەردىسى. ياشلار ئۇنىڭ ئالىيجاناپ روھى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشى كېرەك.
بىز ياشلارنى ئابدۇرېشىتتىن ئۆگىنىڭلار دەپ تەۋسىيە قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: قاھار قادىر 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

0 باھالاش: