2008/4/5

نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى -- مەدىنە ئابلىكىم

نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى -- مەدىنە ئابلىكىم
يازغۇچىسى : ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرەھىم
ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان .
ئۆتمۈشتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان پۈتۈنسۈرۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى گەۋدىسى ۋە ئېتنىك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىنمۇ پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا.
ئەنە شۇ ئالىملار ۋە تۆھپىكارلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى ، ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال دوكتور ئاشتى ( پوستدوكتور ) ، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە .مەدىنە ئابلىكىم 1986 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىملىق پاراڭ ئوبيېكتى ئىدى . ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى قارار چىقىرىپ سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتتى . تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىزچىل "" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "" بولۇپ باھالاندى . 1990 - يىلى مەدىنە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيىۋى فىزىكا ، مەيدان نەزەرىيىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى . ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويدى . ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى . ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆگەندىن تاشقىرى ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ماتېرىيال كىتابلارنى كۆپلەپ كۆردى . " زامان ، ماكان بىپايان ، كېزىپ چىقالماس ئىنسان . كىتابەت قەترىسىدە بىلىم قۇياشى ئايان " دېگەندەك ، ئۇنىڭ كەسىپكە ۋە كىتابقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىغا پۇختا ئاساس سالدى . ئۇ بىر تەرەپتىن كىتاب - ماتېرىيال دېڭىزىغا غەۋۋاس كەبىي چۆكسە ، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئاساسى بولغان تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىش مېتودىغا ھەر ۋاقىت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئەڭ ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدى . ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىغا ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي ماتېرىيال توپلىدى ھەمدە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى . 1994 - يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ، 9 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاھىدە تاللاپ بېكىتىشى ئارقىسىدا ئىتالىيىدىكى خەلقارالىق نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزىگە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئاتلاندى . شۇ يىلى بۇ مەركەزگە جۇڭگودىن پەقەت مەدىنەلا بارغان بولۇپ ، ئۇ جۇڭگودىن بارغان تۇنجى ئوقۇغۇچى ئىدى . تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ ، دەرس مەزمۇنى قىيىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ئەگەر ئۆتۈلىدىغان دەرستىكى ئىككى پەندىن لاياقەتلىك بولالماي قالسىلا جۇڭگوغا بېرىلىدىغان سان بىكار قىلىنىپ كېتەتتى - دە، شۇنىڭ بىلەن مەدىنەنىڭ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتەتتى . شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەمەس ۋەتەننى ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلاپ ئالاھىدە تىرىشتى . كۆپ ھاللاردا تاڭلارنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتى . كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كۆز ئەينەك تاقاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىنىپىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئوقۇيالماي دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى ، بۇ ھال مەدىنەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى زا چاۋچىڭ ئەپەندى بۇ مەركەزگە ئىككى ئايلىق خىزمەت بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ مەدىنەگە : " مەدىنە ، سەن جۇڭگودىن ، يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى ، سېنىڭ بۇ ئوقۇشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش - ئاياغلاشتۇرالماسلىقىڭ دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ، ئەگەر سەن ئوقۇشنى لاياقەتلىك تۈگىتەلمىسەڭ ، تەتقىقات مەركىزى بىزگە بېرىدىغان ساننى بىكار قىلىپ ، بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ " دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سەككىز خىل دەرستىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى . بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا يول ئېچىلىپ ، شىنجاڭدىن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ مەركەزگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى . مەدىنە شۇ جايدا تۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ ، ئوقۇش ھارپىسىدا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ۋە 1995 - يىلى ئەنگلىيەگە ئاتلاندى . ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتى 170 يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپ بولۇپ ، زەررىچىلەر فىزىكىسى كەسپىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى . مەدىنەنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى ، ماتېماتىكا - فىزىكا ئالىمى ئى كورىگىن ئەپەندى ئىدى . مەدىنە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي زەررىچىلەر فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى . مەدىنەنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسى ئىدى ، ئۇ مۇشۇ تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆردى ، ئىزدەندى ، كونكرېت ھېسابلاش ئېلىپ باردى . ئۆگىنىشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئىرادىسىنى قەتىي بوشاشتۇرۇپ قويمىدى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇردى ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيەدە ئېچىلغان يازلىق كۇرسقا ، جۇڭگو ، شوتلاندىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيەدە ئېچىلغان خەلقارالىق ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى ، كەسپىي جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى .
نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسى ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ئالىي ئۆلچەمگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئېنىقلىق ، ئىنچىكىلىك ۋە لوگىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىك بىلەن ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، مەلۇم نوقۇل نۇقتىنى تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىدىغان ئىلىم بولۇپ ، ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىدىن زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ۋە ئىلمىي مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەل باغلىغان ھەر بىر كىشىدە خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ، مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى تېئېس ئېللىئوت ئېيتقاندەك : " ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن بىر ئىشنى قىلىشتا ، ئادەمدە كۆيۈپ تۈگەيدىغان شامدەك ھېسسىيات بولۇشى كېرەك " . مەدىنە تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى 1999 - يىلى 11 - ئايدا "" چېگرالىق سىنھ-گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممېترىك كېڭەيتىلىشى "" ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىنى يېزىپ تۈگەتتى . نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا مەدىنە پەۋقۇلاددە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .
مەدىنە ئابلىكىم 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاش داۋامىدا ئەنگلىيىدىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيەت ئەزالىرىنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئېنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە باھالاش ھەيىتىدىكىلەر بىردەك يۇقىرى باھا بەردى . ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەدىنە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ، ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە تۇنجى دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى بولدى . مەدىنەنىڭ دېسسىرتاتسىيە باھالاش پىكرىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : " چېگراسىز بوشلۇق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سىنھ-گوردون مودېلىنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتچى ئالىملار تولۇق تەتقىق قىلىپ بولغان ئىدى ، لېكىن مودېلنىڭ بوشلۇق جەھەتتىن شەرت قويۇلغان چېگرالىق ھالىتىنى تېخى مۇكەممەل تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى . مەدىنە كزىنىڭ دېسسىرتاتسىيىسىدە چېگرالىق سىنھ-گوردون زەررىچىلىرى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى قايتىش مىقدارىنى ھېسابلاپلا قالماستىن ، بۇ مودېلىنى ئۇلترا سىممېترىك ئەھۋالغا كېڭەيتىپ تەتقىق قىلدى . بۇ خىزمەتنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىكى چېچىلىش مىقدارىدىكى خاتالىقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى . ئىككىنچى ، ئۇلترا سىممېترىك شارائىتتا بوزۇن زەررىچىلىرىدىن باشقا يەنە فېرمىئون زەررىچىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ، فېرمىئوننىڭ ئىككى نۇقتىلىق گىرىن فۇنكسىيىسىنىڭ چېگرالىق شەكلىنى مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى . بوزۇن ۋە فېرمىئوننىڭ چېچىلىش مىقدارىنى ھېسابلاش گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خىزمەت بولسىمۇ ، مەدىنە ئۇنى ھېسابلاپ چىقتى . بۇ مۇشۇ ساھەدىكى قالتىس بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى كۆز قارىشى بىلەن تۆھپە قوشتى . مۇشۇ ئىلمىي نەتىجە ئۈچۈن دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشكە قوشۇلىمىز " .
مەدىنە ئابلىكىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقات نەتىجىسى خەلقارالىق ھازىرقى زامان جۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنگلىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە يېرىم يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى ، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقارالىق جۇرناللاردا يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇردى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچىسى خەلقارالىق يىغىنلاردا ئوقۇلغان بولۇپ ، يىغىنلارنىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى . مەدىنە 2000 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ ، ئەنگلىيەدە قېلىش پۇرسەتلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىماي ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى . مەدىنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 2000 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ بۇ يەردە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقارالىق ئىلمىي جۇرناللاردا بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى . مەدىنە ئابلىكىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە ئىگە تۇنجى ئايال تەتقىقاتچى . ئۇ بەس خەلقارالىق ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ئالىمنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تىزىلغان . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئۇنىڭ پەنگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش جەريانىدىكى سەۋرچانلىقى ، قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن بولغان ، خالاس . ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئانا يۇرتىدىن ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كىشى يۇرتىدا مۇساپىرچىلىق ، غېرىبلىق مىنۇتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئالدىدكى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قەتىي بوشاشمىدى ، جاپالار ئۈستى - ئۈستىلەپ كەلگەن چاغدا يۇرتىنى ، ۋەتىنىنى ، ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشى ، قېينىئاتا - قېينىئانىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋە پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى ۋە ئوقۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ، ئۇستازلىرىنىڭ ئەجرى ، يولدىشى ۋىدات مىجىتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بولمىغان بولسا ، مەدىنەنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى تەس ئىدى . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئاتىسى ئاگرونۇم ، ئاپىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ رىغبەتلەندۈرۈشى مەدىنەنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى . بۇ ھەقتە مەدىنەنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى يېتەكچى ئۇستازى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : " مەدىنە ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يولىمۇ، قوللايدىغان ئارقا تېرىكىمۇ يوق . ئۇ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆگەندى ، تىرىشتى . ئۇنىڭ بىرلا kemchiliki ئويۇن - تاماشىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئاخىرىدا مۇشۇنداق نەتىجە مەدىنەگە مەنسۇپ بولدى " . دەرۋەقە ، مەدىنە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئالىملارغا خاس خىسلىتىنى نامايان قىلدى . چەت ئەللەردە تۇرغاندا كەسپىي جەھەتتىلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماستىن ، ئەخلاقى - پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى . ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى ئايال ئالىم بولۇپ ، تارىختىن بېرى بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالىم بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى . ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى تارىخىغا يېزىلىشقا تېگىشلىك . ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، ياشلا ئالىملىق شۆھرىتىگە ئىگە بولدى . ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سەنەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدە نەتىجە قازىنىپلا قالماي ، بەلكى تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىمۇ زور ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلدى . ئۇنىڭ چەتەلدىكى ئىلمىي پائالىيەت ۋە نەتىجىلىرىدىن كۆپلىگەن چەتەللىكلەر يېڭى يىپەك يولى باغرىدىكى ئىسلاھات قاينىمىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرانە جاسارىتىنى كۆردى . ئۇ ئېرىنمەي تەتقىق قىلغاچقا ، ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان ۋە تەر سەرپ قىلغاچقا ، ئالىملىق تاجىنى كىيدى . شۇنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇكى ، ئۇ ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتتىكى مەھلىيا قىلغۇچى سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىزدەندى . بىز فىزىكا ئالىمەسى ، ئۇيغۇر قىزى مەدىنە خانىمنىڭ تەبىئەت پېنى بولغان ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنى بوشاشتۇرماي ، تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە قىيىن بولغان ، پەن بىناسىغا ئۇل سالىدىغان ئىلىم قەسىرىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يەنىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

0 باھالاش: