2008/4/5

چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1. "بوسوغا ئاتلاپ چىقىش"نىڭ ماھايىتىنى چۈشۈنۈشىڭىز كېرەك.
"بوسۇغا ئاتلاپ چىقىش" دىگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ نىمە دىگەن گەپ؟ بۇ جۈملىگە بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتۈش مېنىڭچە ئاقىنارلىق ئىش ھېساپلانمىسا كېرەك. ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمنى بۇ تىمىدىن بىر ئاز چەتكە ئېلىپ تۇرۇپ سۆزۈمنى يەنىلا ئاددىي ئىبارىلەر بىلەن داۋاملاشتۇراي. ھەممە نەرسە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان بۈگۈنكى جەمىيىتىمىزدە مۇشۇ جەمىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ھېساپلىنىدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ، بېزىلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى، كۆزگە تۇتىيا قىلىپ سۈرتسىمۇ ئازلىق قىلىدىغان ئەزىز يۈرتىنى تاشلاپ ئەنە شۇ بىلىم تەشنالىقىدا دېڭىز-ئوكيا،، تاغۇ-دەريالاردىن ئۆتۈپ ئۆز ئەزلدىن قەدەم بېسىپ باقمىغان ياقا يۇرۇتلارغا يول ئېلىشى نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ تىللاردا داستان قىلىشىغا ئەرزىگۇدەك ئۇلۇغ ئىش. بۇ نوختىنى ھەر قانداق بىر ئىنسان، ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى تونۇپ يېتىشى كېرەك. مانا بۇ "بوسوغا ئاتلاپ چىقىش"نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى>.
ئۇنداق بولسا سىز "بوسوغا ئاتلاپ چىققان"دىن كېيىن سىزنىن قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇشى مۈمكىن؟! بۇمۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاپ بەرگىلى بولمايدىغان قىيىن سۇئاللارنىڭ بىرى. بىراق شۇ نەرسە ئەسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز "بوسوغا ئاتلاپ چىقىش" قا جۈرئەت قىلغان ئىكەنسىز، بىلىم ئېلىش يولىدىكى كېيىن كۈنلەردە سىز يولۇقۇش ئەھتىمالى بولغان ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئىددىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك، ناۋادا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇققىدەك بولسىڭىز بەل قويۋەتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ھەچ بولمىغاندا بىرەر ئىشنى قارار قىلىش توغرا كەلگەندە ئالدى بىلەن كاللىڭىزدىن بۇ قىيىنچىلىقلارنى بىر نەچچە ھەپتە بولسىمۇ چىقىرۋېتىپ ھەچ ئىش قىلمىغان تەقدىردىمۇ بەل قويۇۋەتمەي ۋاقىت كۈتۈڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز قارار چىقىرىش توغرا كەلگەندىمۇ ئاقىلانە قارار چىقىرالايسىز (كەيپىياتى ناقار چاغدا چىقىرىلغان قارار كۆپىنچە ھالدا ئادەمنى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم قىلىدۇ). بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سىزگە زور قىيىنچىلىق بىلىڭەن ئاشۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىغان تەقدىردىمۇ، توساتتىن بۇ ئىشنىڭ ئەمىليەتتە بىر ئەرزىمەس ئىش ئىكەنلىكىنى ھەس قىلىپ قالىسىز، مانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى قارىسى، موھىمى مەسىلە دەل سىزنىڭ شۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىڭىزغا باغلىق بولدۇ. ئەمىليەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار بۈگۈن كىشىلەرگە ناھايىتى داغدۇغۇلۇق بىلىڭىنى بىلەن ئەتىسىلا ئۇ بىر ئەھمىيەتسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالدۇ. شۇڭا دىمەكچى بولغۇنۇم "بوسۇغا ئاتلاپ چىقىش" تىن بۇرۇن سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئاشۇ جايغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق يۈز بېرىشى مۈنكىن، ئەمما ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك، دەيدىغان توغرا چۈشەنچە بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بوسوغا ئاتلاپ چىقماڭ، چۈنكى ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جايدىكى بەزى ئىشلارنى ھەچ بولمىغاندا مولچەرلىيەلەيسىز.
"بوسوغا ئاتلاپ چىقىش" تىن بۇرۇن قىلىدىغان يەنە مۇنداق بىر موھىم ئىش بار، يەنى ئويدىن چىقشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىز بارماقچى بولغان جايغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەللەڭ، بۇنى قانچە كۆپ بىلىۋالسىڭىز، بۇ ئىشنىڭ سىزگە ئەلىپ كېلىدىغان پايدىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھازىر بۇنداق ئۇچۇرلارغا ئەرىشىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىڭ، مەتبۇئاتلاردا ئەلان قىلىنغا ماتىرياللارنى كۆرۈپ بەقىڭ، تور ئارقىلىق ئىزدىسىڭىزمۇ بولدۇ.
مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ئۇ ئادەتتە دەرسلەردە تىرىشچان ئىدى، بۇمۇغۇ چوڭ گەپمۇ ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىنمۇ تىرىشچان ئىدىم، ئەمما ئۇ توغۇرلۇق مېنىڭ سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغۇنۇم، ئۇنىڭ بەكلا ئالاھىدە بىلىنىدىغان ئارتۇقچىلىقى: باشقىلار ئۇچۇر ئىگەللەش ئىدى، ئۆزى قىززىقىدىغان ئىشتىن ھەۋەردار بىرەرسىنى تېپىۋالىدىغان بولسا ئۇ كىشىنى مېھمان قىلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىراقلا سۇغۇرۋالاتتى. ئۇ بۇ ئەۋزەللىكى بىلەن ھەممە ئىشتا باشقىلاردىن بىر قەدەم ئىلگىرى ماڭاتتى، ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇراتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ فرانسىيەگە كەلدى، مانا خەلى يىللاردىن بېرى ئۇ بۇ يەردە ناھايىتى ئوبدانلا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇۋاتىدۇ، ھال-كۈنىمۇ بەك ئوبدان.
ئەمدى مەن ئۆزەم كۆرگەن ئىشلاردىن ئازراق سۆزلەپ بېرەي. مەن ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ تۈنجى بولۇپ فرانسىيە تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كۈنۈم ھاۋا تۇتۇق ئىدى. تامۇجنا رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولۇشقا 2 سائەتلاردەك ۋاقىت كەتتى (مەن بىر ئادەم ئۈچۈن 2 سائەت كەتمىدى، ئايرۇپىلاندىن چۈشكەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ئۆچىرەت ساقلاپ 2 سائەت كەتتى)، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ناھايىتى كôپ يۈك-تاقلىرىمنى سۆرەپ دىگۈدەك ئايروپورتتىن سىرىتقا چىقىپ شەھەر ئىچىگە بارىدىغان ئاپتۇۋۇز بېكىتى بار جاينى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن بىلەن بىر ئايرۇپىلاندا كەلگەنلەر يېرىم سائەتكە ئالدىغا چىققانلار بىلەن ماشىنا-ماشىنىلاردا نەلەرگىدۇ يۈرۈپ كېتىپ، بىر چاغدا ئۇ جايدا چامىدانلىرىم بىلەن مەنلا قالدىم. ئەسلىدە شەھەر ئىچىگە ئەلىپ بارىدىغان مەترونىڭ بارلىقىنى بىلەتتى، مەتروغا چىقاندا ھەم قولايلىق ھەم تېز بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم، بىراق شۈنچە جىق نەرسىلەرنى ئۆزەم يالغۇز مەترونىڭ ئاپتوماتىك كىرىش ئىشىغىدىن قانداق ئوتكۈزىمەن؟! بۇ بىر باش قاتۇرىدىغان مەسىلە ئىدى. ئاپتۇۋۇزغا چىقىمەن دىگىنىمدە، نەرسىلىرىمنى ئاپتۇۋۇزغا ئەلىپ چىقىشتا ھەچ بولمىغاندا باشقا يولوچىلار ھەتتا شوپۇرنىڭ ياردەم قىلىش ئەھتىماللىقى بار ئىدى. مەن ئاپتۇۋۇز بېكىتى ئىزدەپ قارىسام ئايروپورتتىن چىقسىلا بىر نەچچە ئاجيدا ئاپتوۋۇز بېكىتى بارلىقىنى كۆردۈم، ئەمما شوپۇرلاردىن سورىسام ئۇ مەن بارىدىغان جاينىڭ ئاپتۇۋۇزى بولماي چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چامىدانلىرىمنى تاشلىۋېتىپ ئۇ ياق-بۇياققا يۈگۈرسەم بولمايدۇ، ھەلىمۇ ياخشى يېرى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنلا فرانسوس تىلىنى ياخشى بىلەتتىم، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سورۇدۇم يەنىلا قاملاشمىدى، شۇ تەرىقىدە ئاپتوۋۇز بېكىتى ئىزدەپ ئايروپورتتىلا يەنە 2 سائەت ۋاقتىم ئۆتۈپ كەتتى. كېيىنكى چاڭلاردا مەن شۇ جايدىن قايتا ئۆكەندە مەن تەرەپ-تەرەپكە يۈگۈرگەن شۇ جايغا يەنە بىر قېتىم تەپسىلى قارىغىنىمدا ئۆزەمنىڭ شۇ چاغدىكى بىچارە ھالىتىمگە كûلگۈم كەلدى، نىمىشقا دىسىڭىز، نۇرغۇن بىكەتلەر بار ئاشۇ جاينىڭ دەل ئۆزىگە ھەر قايسى ئاپتۇۋۇزلارنىڭ مېڭىز لىنىيەسى ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان ئىكەن، مەن گەرچە فرانسوسچىنى ئوبدان بىلسەممۇ تۇنجى كەلگەن كۈنى ئۇ خەتلەرنى كۆرمەپتىمەن، بولمىسە شۇنچە ئوبدان قارىغاندەك ئېسىمدە نىمىشقا كۆرمەي قالدىمكىن-تاڭ، مانا بۇ مەن ئۇچراتقان تۈنجى ئىش.
كېيىن ئاپتۇۋۇزنىڭ ئاران تەپىپ پارىج شەھرىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ كەلگىنىمدە نىمىلەرنى ئويلۇغۇنىمنى بىلەمسىز؟ شۇ ۋاقىتتا "پۇتائىن" (فرانسوسچە ئادەم تىللىغان سۆز) دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن. قارىسام پارىج مەن كېچە-كۈندۈز تەسسەۋۋۇر قىلىپ كەلگىنىمگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. مەن كۆرىۋاتقان بۇ شەھەردە خۇددى توكيو دىكىدەك ئاسمانغا تاقىشىدىغان ئىگىز بىنالار يوق ئىدى، يانا كېلىپ ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا (پارىج دا كۆپىنچە ھالللاردا ھاۋا تۇتۇق بولدۇ، تۇرۇپ يامغۇر قۇيىۋەتسە، بىر دەمدىلا ھاۋا ئېچىلىپ كۈن قىچىپ كېتىدۇ، يەنە ناھايىتى تېزلا ھاۋا تۇتۇلىۋالىدۇ، سىز بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن بولسىڭىز ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرگە يولۇقۇپ قالسىڭىز تەلەيلىك ھېساپلىنىسىز) كۆزۈم شۇ قەدەر مىسكىن كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ئەتىسى ئۆزەمنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن، شەھەرنى ئايلىنىپ چىقتىم، توساتتىن كۆز ئالدىم يورۇپ كەتكەندەك بولدۇ، چۈنكى بۇ شەھەردىكى سان-ساناقسىز گۈللەر بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى-جىمىغا لايىق "گۈل شەھرى" ئىكەنلىكىگە شاھىت بولۇپ تۇراتتى. يەنە تەخى سېلىنغىنىغا نەچچە يۈز يىللار بولغان ئاشۇ بىنالارنىڭ ھەر بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەنئەتلىك نەقىشلەرنىڭ ئۆزى بىر نادىر ئەسەر ئىدى. ناۋادا سىز پارىج نى كۆرگەن بولسىڭىز، مەن "ھەر كۈنى مەكتىۋىمگە ماڭغىچە لۇكسۇنبۇرۇغ باغچىسىنى كېسىپ ئۆتەتتىم" دىگەن بىر جۈملىنىلا يازسام، ئاشۇ گۈزەل باغچا كۆز ئالدىڭىزدا دەررۇلا نامايەن بولۇپ ماڭا كەلگەن بۇ ئامەتكە ھەسەپ قىلغۇڭىز كېلىدۇ.
مانا بۇ مەن كۆرگەن پارىج.
2. سىز بارغان ئاشۇ جاينىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا رۇئايە قىلىڭ
قانۇن-پەرمانلارغا رۇئايە قىلىڭ دىگىنىم ئەمىليەتتا ھەمما ئادەم ئۈچۈن پايدىلىق سۆز. سىز ھەچ بىر ئادەمنى تونۇمايدىغان، يۆلەنچۈكسىز تۇرىۋاتقان ئاشۇ يات جايدا باشقىلارنىڭ قانىنىغا رۇئايە قىلىپ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قوغدىسىڭىز نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئوقۇشۇنىڭىزنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايسىز.
"ياۋاشنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىغى بار" دىگەن بۇ سۆزنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تەدبىقلاشقا بولدۇ. سىز ناۋادا نەزىريە دەرسلىرىنى ئاڭلاۋاتقان بولسىڭىز مەن تۆۋەندە دىمەكچى بولغان بېزى-بىر ئىشلار سىزگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما سىز مەلۇن بىر تەتقىقات ئورنىغا ياكى تەجرىبىخانىدا تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، بۇ ئىش تولىمۇ روشەڭەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن فرانسىيەلىك ئوقۇغۇچىلار تەتقىقاتىنى دەم-ئەلىش، بايرام،شەنبە-يەكشەنبىلەردە ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ (ئاز ساندىكىلىرىنى ھەساپقا ئالمىغاندا)، ئەمما سىز جوڭگولۇق بولسىڭىز ئۇلار سىزنى دەم لەئىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىتىشكە قادىر كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار پايدىلىنىدىغان نۇرغۇن يوچۇقالار بار، مەسىلەن سىزنىڭ بۇ جايدا ھەچ نىمىڭىز يوق يالغۇز بولۇشىڭىز، بايرامدا ئىشلىمىسىڭىزمۇ بەرىبىر ۋاقىتنى قىلىدىغان ئىش يوق بىكار ئۆتكۈزۈدىغانلىقىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقا جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردا دەسلاپتا كەلگەندە بولىدىغان ئوقۇتقۇچى نىمە دىسە قىلچە قارچىلىق قىلماي ئۇ ئىشنى بجانىدىل ئورۇنلاش پىسخىكى، ئۇلار بۇنى سىز دەسلاپتا كەلگەندە سىناپ باقىدۇ، مەسىلەن شەنبە-يەكشەنبە قىلىدىغانغا ئازراق ئىش ئورۇنلاشتۇرىدۇ (باشقا قىلىدىغان ئىشىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئەيتىپ بۇنىڭ رەت قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ)، سىز ئۇنى بىجانىدىل ئورۇنلايسىز، كېيىن بۇ ئىشلار پەيدىن-پەي كۆپۈيىدۇ، ئاندىن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىز تەجرىبىخانىدىن باش كۆتۇرەلمەيدىغان بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىسىز، ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى ئىشلىمەيمەن دىسىڭىز بۇ چاغدا تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. بۇنىڭدا مۇنداق بىر مەسىلە بار، ناۋادا سىز بۇ ئىشنى توغرا تونۇپ، مەن بۇ يەرگە ئوقۇغۇلى كەلگەندىن كېيىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك بىر نەرسە ئىگەللىۋالسام زىيىنى يوق، دىگەن ئىددىيە بىلەن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ئۇنىڭ سىزگە لېئىپ كېلىدىغان سەلبى تەرىپىدىن ئىجابىي تەرىپ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، دىمەك بۇنىڭغا قانداق قاراش ئۆزىڭىزگە باغلىق.
3. مەردانا يۈرۈڭ، باشقىلارغا قۇيرىقىڭىز تۇتتۇرۇپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا مۇنداق بىر رىۋايەت ھېلى-ھەممۇ تارقىلىپ يۈرۈيدۇ. ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلغىر بىر جوڭگولۇق ئوقوغۇچى بوپتىكەن، ئۇ ئوقوغۇچى بىر كۈنى كەچتە مۇئالىمىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇئالىمىنىڭ تېلېفونىدا جوڭجودىكى تۇققانلىرى بىلەن توپ-تائوغرا 3 سائەت سۆزلۈشۈپتۇ. كېيىن تەلەگراپ ئورۇنلىرىنىڭ فاكتورى ئارقىلىق بۇ ئىش ئوتتۇرغا چىقىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۇئالىم بۇ ئوقوغۇچىنى ئەتىسىلا جوڭگوغا قايتۇرۋېتىپتۇ. مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىش، ئەمما بۇ ئىش بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىدىغان تىمىسى بولۇپ قالغان، چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىلا ماختاپ باشقىلارنى ھەرگىز ماختىمايدۇ، ناۋادا بىرەرسىنىڭ كۇكۇلىسىنى تۇتىۋالىدىغان بىرەر ئىشنى تېپىۋالسىلا ئۇنى ھەممىلا يەردە سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرۈشكە ئامراق.
مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم دەل مانا مۇشۇ مەسىلە، مەردانا بولۇڭ دىگىنىم قىيىنچىلىققا باش ئەگمەڭ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ھەرگىز بىچارە ھالەتتە كۆرسەتمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىز تەرىپىنى باشقىلارغا ئېيتىش بەكمۇ ئەقىلسىزلىق ( چۈنكى كۈنلەرنىڭ بېرىدە بەئىزلەر سىزنىڭ شۇ ئاجىزلىقىڭىزدىن ئاپيدىلىنىپ سىزنى ۋەيران قىلىدۇ)، چۈنكى بۇنداق بىر ھالەتنى ھەچكىممۇ ياقتۇرمايدۇ. مەسىلەن ئاشۇ جوڭگولۇق ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن تەلەفون ئۇرۇشنىڭ باشقا بىر ئۇسۇلىمۇ بار ئىدى، مەسىلەن ئوقۇتقۇچىسىدىن سوراپ ئۇرۇش، ناۋادا ئۇ ئوقۇتقۇچى رەت قىلسا باشقا ئوقۇتقىدىن سوراپ بەقىش، ئىشقىلىپ بۇ بەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس، ئۇ ئەنە شۇنداق ئالدى بىلەن سوراپ ئاندىن ھەتتا 10 سائەت ئۇرغان بولسىمۇ، گەرچە ھەلىقى فرانسىيەلىكنىڭ ئىچى ئاققىق بولغان تەغدىردىمۇ ئەغىزىنى ئاچالماي قالاتتى، ئۇ ئوقوغۇچىنى قايتۇرۋېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇمۇ كۆزلىگەن مەخسىدىگە يېتەلەيىتتى، بۇ ئىشتا يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدا ئەرىشىدىغان نەتىجە بەرى-بىر ئوخشاش، سىز ئوخشاشلا ئاشۇ مەخسەتكە يېتىسىز، ئەمما ئالدىنقى ئۇسۇلنى تاللىغان ئۇ ئوقوغۇچى بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان ئوقۇشىدىن قۇرۇق قالغان. دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بەكمۇ كۆپ، ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
4. ئوچۇق-يورۇق بولۇڭ.
ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھرى-شەپقەت سۇسلاشقان غەرىپ ئەللىرىدە بۇ مەسىلە كىشىلەر ئالاھىدە قارايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. مەسىلەن سىز ئوخشاش سېۋىيەدىكى 2 ئادەم بولسىڭىز، بۇ ئىككى ئادەم ئىچىدكى ئوچۇق-يورۇق كىشىنىڭ ھەر قانداق ئىشى ئوڭغا تارتىدۇ، باشقىلارمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان سىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بولدۇ. سىز ئۆز يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغان ئىكەنسىز بۇ يەردە سىز ئېكىلەپ بۇتناپ بەرىدىڭىز، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز قېرىندىشىڭىز بولمايدۇ، ناۋادا شۇنداق يامانلاپ يûرىۋەرسىڭىز يەرلىك كىشىلەر ھەچ قاچان زىيان تارىتمايدۇ، زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سىز بولسىز. كۆڭلۈڭىزگە ياقمىغان ئىشلار ئوچۇق-يورۇق ئوتتۇرغا قويۇڭ، ئۇنىڭ سىزگە ھەچ قانداق خېتىرى يوق، رەت قىلىشقا تېغىشلار ئىشلارنى كۈلۈپ تۇرۇپ رەت قىلىڭ، بۇ ئاشۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇ كىشىلەر ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تاقابىل تۇرسىڭىز ھەرگىز زىيان تارىمايسىز.
5. چەتئەلدىكى ئوقۇشتىن نىمىگە ئېرىشىش رامكىسى ئېنىق بولۇشى كېرەك
بىر كۈنى بىر جوڭگولۇق ساۋاقداش ماڭا:" بۇ يەردە بىر-ئىككى يىل ئوقۇيدىكەنمەن، بۇ يەردىن زادى نىمىنى ئېلىپ قايتىشنى بىللەلمەۋاتىمەن" دىۋىدى، مەن ئۇنىڭغا " نەچە قامىدان ياۋرو ئېلىپ كەت!" دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ مېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ ككۈلۈپ كەتتى. ئەمىليەتتە بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەنمۇ شۇ كۈنلەردە بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ يۈرەتتىم.
80-يىللاردا جاپونىيە گە چىقىپ ئوقۇپ كىرگەنلەر رەڭلىك تېلىۋوزۇر كۆتۈرۈپ كېلىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە بىرەرسى ئاشۇ ئىشنى يەنا تەكارلايدىغان بولسا ھەممە ئادەمنىڭ كۈكىسىگە قالىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداق بولسا نىمە قىلىش كېرەك. بىر-ئىككى يىلدا ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىرەر ئىلغار تېخنىكىنى ئەگەللەپ كەتكىلىمۇ بىر-ئىككى چامىدان ياۋرونى چامىدانغا قاچىلاپ ئېلىپ كەتكىلىمۇ بولمىسا، بۇ تازىمۇ بىر ئىش بولدى-دە ئەمدى. بىراق ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئەمىلي ئەھۋالىغا شاريىتىغا قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك، باشقىلارنى شۇ كىشىنىڭ قېلىپى بىلەن دوراپ چىقىمەن دىيىش تولمىمۇ بىمەنىلىك. مەسىلەن پارىجدىن خىزمەت تېپىپ موھىم نوقتىنى پۇل تېپىشقىلا قاراتقانلار بار، بۇمۇ خاتا ئەمەس، شۇ كىشىدە شۇنداق ئىقدىدار بولغان ئىكەن ئۇنىڭ شۇ يولدا مېڭىشى تامامەن توغرا، بەزىلەر ئوچۇشنى ئىشلەشنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى، بۇمۇ ئاقىنالىلىق، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى بىرلا ۋاقىتتا ھەممە ئىشنى تەڭ قىلىپ ھەممە ئىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇنۇم ھاسىل قىلىمەن دىيىشكە بولمايدۇ. يەنە بېزىلار تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ پۈتۈن ۋاقتىنى ئوقۇشقا سەرىپ قىلغانلار بار، بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىۋە بېرىشى مۈمكىن، بىراق شۇ نەرسىنى قوشۇپ قويغۇù كېلىۋاتىدۇ، قايسى كۈنى كېچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېتىپ قورسىغىم شۇنداق ئېچىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشقازىنىممۇ ئاغرىۋاتاتتى. شۇنچاغدا نىمىنى ئويلۇدۇم بىلەنسىز؟! "بىر پارچە قېتىپ كەتكەن نان بولغان بولسا-ھە!" دىگەن نەرسە كاللامدىن كەچتى.
يەنە شۇ قانداق نەرسىنى ئېلىپ قايتىش مەسىلىسى، مەن ئوقۇشۇمنى باشلىغان تۈنجى يىلى قىيىنقىلىق ناھايىتى كۆپ بولدى، تېخنىكىلىق، تىل دىگەندەكلەر، بۇ چاغلاردا نىمىنى ئېلىپ قايتىشىمنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتىم. 2-چى يىلى ئۆزەمنى باشقىچە يەڭگىل سېزىدىغان بوكدۇم، ئىلىم جەھەتتە ئەلىپ قايتىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى كاللامدا شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ نەرسە ماڭا شۇنداق ئېنىق بىلىنىشكە باشلىدى، يىلدىن-يىلغا قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىنىڭ سالمىقى ئەشىپ بېرىۋاتاتتى. گايىدا ئويلاپ كېتىمەن يېڭى كەلگەندە بۇ نەرسىنى بىلمەيىتتىم، ماڭا نىسبەتەن ئايغا چىققاندىنمۇ قىيىن بىلىنىدىغان بۇ نەرسىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىگەللەپ كېتىش كۆزۈم يەتمەيىتتى. مانا بۈگۈن ئۇ نەرسە ماڭا خۇددى ئويۇنچۇقتەكلا بىلىنىدىغان بولدى، ھەتتا كالللامدا بۇ نەرسىنى مەن باشقىلارغا ئۈگەتكەن بولسان ناھايىتى تېزلا ئۈگۈتىۋېتەتتىم دىگەندەك خىياللار شەكىللىنىشكە باشلىدى. مانا بۇ نەرسە مەن ئۈچۈن مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ يۈگەن قايىتقاندا ئېلىپ قايتىدىغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى.
6. ئورۇنسىز جاننى ئۇپرۇتۇش قەھرىمانلىق ھېسابلانمايدۇ.
بىر كۈنى باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بوپ قېلىپ ئۇ يەردە مەن تونۇيدىغان بىر بىرادىرىمنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ شۇنداق خوش بوپ كەتتىم. ئۇ جايغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخسىدىمنىڭ ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم، ئۇ جايدا ئۇمۇ ئۆزى يالغۇز يۈرگەن ئىكەن، مېنىڭ خەۋىرىمنى ئاڭلاپ ئۇ خۇددى بىر قېرىدىندىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقاندەك قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى. ھەم مېنىڭ ئۆزىنىڭ ياتىقىدا تۇرۇشۇمنى، يەنە تېخى ئىككىمىز بىر ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىمۇ بىللە ئايلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردى. مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ تەكلىۋىدىن ئەنىڭدىن شۇنداق رازىمەنلىك ھەس قىلدىم، يەنە كېلىپ مانا مۇشۇنداق يۇرۇتتىن نەچچە 10 مىڭ كىلىئومېتىر يىراق جايدا بۇنداق بىر بۇرادەرنىڭ چىققانلىقى بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بارغان جايدا ناۋادا ياتاقتا يېتىپ قالسام نۇرغۇن چىقىمدار بولۇپ كېتىدىغانلىقىم ئېنىقلا گەپ، بىراق مانا ئەمدى ياخشى بولدى، بىر نەچچە كûن ئۇنىڭ ياتىقىدا بىللە تۇرىدىغان بولدۇم، يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا ساياھەت يېتەكچىسى بولىمەن دىدى؟ بۇنداق بولغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن جايلارنى كۆرگۈلى بولاتتى. جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش بولمىسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدىغان كۈنمۇ يېتىپ كەلدى، ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا ئالدىمغا چىقىپ تۇرغان ئىدى. ئىككىلىمىز شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ياتىقىغا قايىتتۇق، قارىسام ئۇ ياتاق بەكلا كىچىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2 ئادەمنىڭ ئۇخلۇشىغا كېرەكلىك نەرسىلەرمۇ يوق ئىدى. ئۇ كۈنى كېچىسىنى ئىككىلىمىز ئۇخلايدىغان يەرنىڭ ئويقلىقىدىن تۈنەپ دىگۈدەك ئۆتكۈزدۇق، يەنە ئەتىسى ئۇ دەرسكە باراتتى. ئۇ چۈشكىچە دەرسىنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن چۈشتىن ئىككمىز بىللە ئايلاندۇق، يەنە كەچ بولدى، مەن ئۇنىڭغا ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى قىيىنچىلىقنى ئەسكەرتىپ " بولمىدى، مەن ئەڭ ياخشىسى مېھمانخانىغا كېتىپ ياتاي"، دىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ شارايىتىنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىدىن قورۇندۇمۇ، مېنىڭ مېھمانخانىغا كېتىشىمگە ئىللا-بىللا ئۇنىمىدى، ئۇ: "ناھايىتى يەنە 2-3 ئاخشامنىڭ ئىشى، ئوغۇل بالا دىگەن بۇنچىلىك ئىشقا چىداش كېرەك، نەچچە كۈن ئۇخلىمىغانغا ئادەم نىمە بولاتتى" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئالدىمنى توسۇپ تۇرىۋالدى.
ئەتىسى مەن ئۇنىڭ ئاران دىگەندە قايىل قىلىپ يۈرۈپ مېھمانخانىغا بېرىپ ئورۇنلاشتىم. شۇ چاغدا گەرچە قىممەت بولسىمۇ مېھمانخانىدا ئوتكۈتزەن نەچچە ئاخشام ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن رازى ئىدىم. مەن ئۇ بۇرادىرىمگە شۇ ۋاقىتتا مۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. " ئادەم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇپراتماسلىقى كېرەك، ناۋادا ئىككىلىمىز ئۇخلىماي ئۇرۈپ بىرەرسىزمىز ئاغرىپ يېتىپ قالىدىغان بولسا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، مۇشۇ تاپتا مېنىڭ مېھمانخانىنى تۆلەشكە قۇدرىتىم يېتىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىر نەچچە تەڭگە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىش تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش. يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بەلكىم ئىختىزادىم پۈتۈنلەي تۈگەپ كوچىلاردا قېلىشىممۇ مۈمكىن ھەم مۈمكىنمۇ ئەمەس، كېيىنكى ئىشلارنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، قولدا بارنى سىقىپ ئۆتكەندىن، ئۇنى خەجلەپ تۇرۇپ كېيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن ئىزدىنىش، ئۇنىڭ يولىنى ئىزدەش، ئىشلەپ پۇل تېپىش كېرەك، مانا بۇ ھەقىقىي قەھرىمانلىق."
ئىلىم-ھېكمەت سىزگە يار بولسۇن!
فرانسىيەدىن: ھىجران2006-يىلى 20-فەبرال
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com

0 باھالاش: