2008/4/5

قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى

قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى
يېقىندا، «ئۇيغۇر بوي» نامىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ تور ئارقىلىق دۇنيادىكى قېرىنداشلاردىن ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ يازغان خېتى ۋە ئۇنىنغا جاۋابەن بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ قالدىم. مەنمۇ ئاشۇ ئۇكامدەك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش، خىزمەت قىلىش، ياشاش قىسقىسى، رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان چايقىلىپ ئۆتۈشتەك جەريانلارنى باشتىن كۆچۈرگەچكە بۇ ئۇكام ۋە بۇ ئۇكامغا ئوخشاش ئارزۇسى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدىكى بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىپ چىقتىم.

سالام ئۇيغۇر ئۇكام،
ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ھەققىدە دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
ئەگەر يېقىن مەزگىلدىكى نىشانىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشلا بولسا مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى نىشانىنغىزغا قاراپ تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقىڭىزدۇر. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنسان باشقىلارنىڭ ياردىمىگە، مەسلىھەتىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ، مەسلىھەت بېرىدۇ. ياردەمنىڭ چوڭى بولىدۇ، كىچىكى بولىدۇ، مەسلىھەتنىڭ توغرىسى بولىدۇ، نامۇۋاپىقى بولىدۇ. گەپ، شۇ شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرالىشىدا، باشقىلار بەرگەن مەسلىھەتلەر ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشىدا.
شۇ ۋەجىدىن، مەن سىزنىڭ قېرىنداشلارغا خەت يېزىپ ھەل قىلالمىغان ئىدىيىۋى مەسىلىلىرىڭىز ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقىڭىزنى قوللايمەن، ئۆز نۆۋىتىدە، ۋاقىت ئاجرىتىپ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب يازغان قېرىنداشلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.
گېپىڭىزنىڭ ئورامىدىن كارىغاندا، 20-22 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ھاياتقا سوئال قويۇپ، ئويلىنىپ ياشايدىغان يىگىت ئوخشايسىز. مانا بۇ سىزنىڭ بايلىقىڭىز. ياشلىق، ئىنتىلىش، جاسارەت ---- توغرا نىشان ۋە ئىزچىل ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكەندىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. سىزدە ئالدىنقى ئۈچ خىل ئامىل بار ئىكەن، ئەمدى كېيىنكى ئىككى خىل ئامىل ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىمكانىيىتى ئاساسىدا قارار چىقىرىپ، ھەرىكەتكە ئاتلىنىڭ، يەنى بوشاشماي، تىرىشىپ ئۆگىنىڭ.
ئىشىنىڭكى، ئاللاھ - تىرىشچان، توغرا نىيەتلىك بەندىسىنى ئارمىنىغا يەتكۈزگۈچىدۇر.
مېنىڭ سىزگە بۇ دەرىجىدە مۇراجەت قىلىشىمىنىڭ سەۋەبى شۇكى-ھاياتتا بىز نۇرغۇن قەدەملەرنى باسىمىز، ئەمما ھاياتىمىزغا، تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە قەدەم ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم، ئاشۇنداق مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرىنى سىزنىڭ يېشىڭىزدىكى چاغلاردا باسىدۇ. خۇشاللىنارلىق يېرى، سىز قەدەمنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئېلىۋېتىپسىز. دىققەت، بۇ سىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى مەقسەت قىلغىنىغىڭىزلا توغرا يۆنىلىش دەپ كەسكىن ئېيتقىنىم ئەمەس، بەزىلەر چەت ئەلگە ئوقۇشكا چىقماي تۇرۇپمۇ، بەزى چەت ئەلگە چىققانلارغا قارىغاندا ۋەتىنىمىزدە ئەھمىيەتلىك، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياشايدۇ. ئالايلى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بەزى ئېسىل پەزىلەتلىك ئىنسانلار بار. ئۇلار ئۆز شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ پاك ۋە ساپ بولۇشى، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ داۋاملىشىشى، يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تۆكۈۋاتقان تەرلىرىنىڭ، بېرىۋاتكان قۇربانلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۆزۈممۇ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بىلدىم. مېنىڭ سىزنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپسىز دېگىنىمدە، سىزنىڭ بىلىم ئېلىشكا قىزىقىدىغانلىقىڭىز، كەلگۈسىڭىزنى ياخشى قىلىشقا ئىنتىلىدىغىنىڭىزنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ بىر خىل ساغلام پسىخىكا ۋە ئاكتىپ بولغان كىشىلىك قاراشتۇر. سىستېما نەزەرىيىسى بويىچە پىكىر يۈرگۈزگەندە، "توپنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىقتىدارى ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى يەككە ئامىللارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك". ياشلار مانا مۇشۇ توپنىڭ موتورى. ئەپسۇسكى، ئەتراپىمىزغا باقساق، سىز دىمەتلىك نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىمىز بار، بىراق قانچىسى سىزدەك ئارزۇ-ئىستەكتە؟ سىزدەك ئىنتىلىشتە؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك روھىي ھالەتتە بولسا ياخشى بولاتتى، ئەمما رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئىجتىمائىيىتىمىزدە، جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا، ئاكتىپ بولغان يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغان مېخانىزم بىزدە ئاشۇ يۇقىرىدا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن بىر قىسىم ياخشى ئىنسانلىرىمىزنىڭ تىرىشقىنىغا باقماي تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپلەيلى، كۈنسايىن سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن، بىر مىللەت، بىر جەمئىيەت زىددىيەت ۋە بېسىم ئىچىدە ياكى تەرەققىي قىلىدۇ ياكى غايىپ بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۈچۈن يول بىرلا---ئۇ بولسىمۇ يامانلىقتىن غالىپ كېلىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىش. كىشىلىرىمىز ئارىسىدا جاھان كۆرگەنسېرى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كۈچەيگەنسېرى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ ئۆزىنىلا ئەمەس، كۆپنىمۇ ئويلايدىغان، خەلقىگە جۈملىدىن ياشلارغا قولىدىن كەلسىلا ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن ھىس قىلىش مۇمكىن. ۋاھالەنكى، سىزدەك بىلىم ئىزدىگۈچىلەرنى قوللاشنى كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىز بۇرچ ۋە شەرەپ دەپ بىلسىمۇ، ئەمما قوللاشنىڭ دەرىجىسى ۋە مەزمۇنى كىشىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يەردىكى شارائىتى ۋە ئىمكانىيىتىگە بەقىپ ئوخشاش بولمايدۇ. سىز خۇدا بۇيرۇپ ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ چەتئەل تۇپرىقىغا قەدەم باسقاندا ئاشۇلارنى ھېس قىلىسىز. ئىشىنىڭكى، بوشاشماي تىرىشچانلىك كۆرسەتسىڭىزلا چەت ئەلگە چوقۇم كېلەلەيسىز، مەن ئۆزۈم تونۇيدىغان «چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن» دەپ نىيەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىرىنى بىلىمەن. دېمەك، ئۇ تامامەن مۇمكىن ئىش. مەن دېھقاننىڭ بالىسى، ئىقتىسادىي ئاساسىم يوق دەپ مەيۈسلەنمەڭ، مەنمۇ تاغلىك رايوندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ، ئاندىن توفەل، گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشكا كەلگەن. مەن تونۇيدىغان كىشىلەردىن بىر نەچچىسىمۇ قەشكەر، ئاكسۇنىڭ، كورلا، تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا، كىچىك بازارلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كەيپى-ساپانىڭ، ھوزۇر-ھالاۋەتنىڭ كەينىدە بولماي، تىرىشىپ ئوقۇپ چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئىقتىساد مەسىلىسى ئەلۋەتتە سىزنىڭلا ئەمەس، ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن مائاشلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كىرىم پەرقىنى ۋەتەندە چوڭراق دېيىشكە بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردكى تۇرمۇش ۋە باھا سىستېمىسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئاساسەن ئوخشاش. يەنى، ئاتا-ئانىسى دېھقان بولغان ۋە كادىر بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى چەت ئەلدە ئوقۇشنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ قەدىمىنى ئاساسەن ئوخشاش پەللىدىن باشلايدۇ.
سىز ئاۋال تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تەييار بولۇڭ، پۇرسەت، تەلەي، رىسقى دېگەنلەر ئاندىن سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. توردىكى بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك، چەت ئەلگە ھەر خىل ئامال بىلەن كەلگىلى بولۇشى مۇمكىن. كېلىشنىڭ ھەر خىل سەۋەبلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، قويۇق جامائەتچىلىك بولۇپ ياشاپ كەلگەن خەلق. مېنىڭچە، چەت ئەلنىڭ مۇھىتى ھەرقانچە ئەركىن،گۈزەل ۋە باياشات بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇھىتنى، ئىجتىمائىيلىقنى سېغىنىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائى مۇھىتنى، كەيپىياتنى مەلۇم سان ۋە سۈپەت پەيدا قىلىدۇ، دېمەك بۇ خىل مۇھىت ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بولسىمۇ، چەت ئەلدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى ئىش. سىزدەك ياشلارغا نىسبەتەن، ئوقۇش يولى بىلەن كېلىش تامامەن مۇمكىن، گەرچە ئۇنىڭ جەريانلىرى مۇرەككەپ، جاپالىق، ئۇزۇن ۋە قىممەت بولسىمۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش ۋە تىجارەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەلگە چىقىشى 1980-يىللاردىن كېيىن يىلسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 80- ۋە 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چەت ئەلگە چىققانلارغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى يۈزە كۆزەتكەندە، يىپەك يولى ۋادىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دالالىرىدا ئاتا - بوۋىلىرى خەلقئارا سودا-تىجارەت بىلەن شۇگۇللىنىپ، خەلقئارا ئالاقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ كەلگەن، ئەمما ئۇزۇن بىر مەزگىل سولچى، بەكىنمە سىياسەتنىڭ تەسىرىدە نادان ۋە نامرات قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ، دەماللىققا چەت ئەلگە چىقىشنى ماددىي جەھەتتە مەنپەئەت ئېلىشنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملىك يولى دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىقتىسادنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنىڭ بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدىغاندەك، ياكى يامغۇر ياغسا يەرنى ھۆل قىلىدىغاندەك ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە يۈرۈش قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ياپونىيەگە يۈرۈش قىلدى. ياپونىيەدەك ئەمگەك كۈچى قىممەت، مائاشى ئۈستۇن ۋە مال باھاسى يۇقىرى دۆلەتتە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇپ، دەرستىن سىرت چاغلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ ۋەتەنگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبەتەن "باي" ھالەتتە پەيدا بولۇشى، بەزى كىشىلىرىمىزگە چەت ئەلگە چىقىش خۇددى ئۇيغۇر خەلك چۆچەكلىرىدىكى "ئېچىل داستىخىنىم، ئېچىل" دىكىدەك، چەت ئەلگە چىقىش بىلەن پۇل، بايلىق ئۆزى كېلىدىغاندەك تەسىر بەردى. ئەمەليەتتە، ئۇ خىل تەسىرلەرنىڭ بەزىلىرى مۇھىت ۋە شارائىت ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدىلا راست بولۇشى مۇمكىن. (يەنى سىز ئامېرىكا، ياپونىيەدەك دۆلەتلەردە پۇل تېپىپ، شۇ دۆلەتلەردىكى چېغىڭىزدا ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشاپ، مەلۇم مىكداردىكى پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە ياكى قەشقەرگە قايتسىڭىز). ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىز پاكىستاندەك ئۆز پۇخرالىرىنىڭ قورسىقىنى تولۇق باقالمىغان، بىر مۇستەقىل دۆلەت بولسىمۇ بەزى جەھەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن قالاق، ئارقىدا قالغان دۆلەتكىمۇ چەت ئەل دەپ چىقىپ بېقىشتى. بۇنداق دۆلەتلەرگە چىققاندىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەگە چىقىپ كۆرۈپ باققان ياخشى، ئەگەر ئوقۇش ئۈچۈن بولمىسىمۇ.
ئىلاۋە-1: ئارىمىزدا بەزىلەر ئېھتىمال بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ «بۇ بەكلا ماتېرىيالىستىك قاراشقۇ، بىز قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار تۇرسا» دەپ ئېيىبلەش نەزەرىدە قارىشى مۇمكىن. توغرا ، بىز ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن «ئەھمىيەتلىك» ئىشلار بار. سۆزلەپ كەلسەك، «توغرا ئادەم بولۇپ ياشاشتىن تارتىپ، ئىمانلىق مۇسۇلمان بولۇپ ياشاشقىچە، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشتىن تارتىپ، ئەۋلادلارغا ئابىدە تىكلەشكىچە» بەزى مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىشتىن قىلغاندىن كۆرە ھەر كىشى ئۆز لايىقىدا ئىش قىلغان ياخشى.
ئەمما چەت دۆلەتلەر قانچە تەرەققىي قىلغان بولمىسۇن، ئۇلاردىن يەنىلا ئالدىراپ كۆپ ئۈمىد كۈتمىگەن ياخشى. مۇشۇنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مەن تۆۋەندىكىلەرنى سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ئىستەكتىكى كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم:
چەت ئەلگە كېلىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش.
چەت ئەلگە كېلىپ ئوقۇش ياخشى ئىش، ئادەم بىر تەرەپتىن بىلىم ئالىدۇ، بىر تەرەپتىن جاھان كۆرىدۇ.
دۇنيانى، شەيئىلەرنى چۈشىنىشى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاش جەريانىدا ئىنسانلىق خاراكتېرى مۇستەھكەم بولۇپ يېتىلىپ بارىدۇ. لېكىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش---بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتتا كۆزلىگەن مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمەس، ئەكسىنچە باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر قېرىندىشىمىز "ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئوقۇغۇچى بۇ يەردە تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزەلەيدۇ، مەسىلەن، ئازادە ياتاق، خۇسۇسىي كومپيۇتېرغا ئىگە بولىدۇ" دەپ يېزىپتۇ. ئۇنىسى راست، ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچىنى ئادەتتە بىكارلىق ئوقۇش ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا $1500 دوللاردىن ئوقۇش تەمىنات پۇلى بىلەن بىر يىلدا 9 ئاي تەمىنلەيدۇ. (بۇ ئوقۇشلار ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلىشى ئادەتتە 2-5 يىلغىچە ئىنتەرۋالدا بولىدۇ) ئەگەر 2-3 ئوقۇغۇچى بىلەن ياتاقداش بولۇپ ئېيىغا ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن 400-500 دوللار تۆلەپ، تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ يېسىڭىز، ئۇ پۇلدا تېخى كومپيۇتېرلا ئەمەس، ماشىنىمۇ ئالالايسىز. ئەگەر ئائىلىڭىز بولسا يەنە باشقا يەردە ئاز-تولا ئىشلىمىسىڭىز بۇ يەردە ئۇ پۇل بىلەن ھەتتا ئۈرۈمچىدە بار بەزى تۇرمۇش سەۋىيىڭىزنىمۇ ساقلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى بۇ پۇللار بۇ يەردە ئۇنقىۋالا كۆپ پۇلمۇ ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ شەخسلەرنىڭ ئىستېمالنى تاللىشىغا باغلىق.
ئىلاۋە-2: مۇشۇ ئىشلارنى يېزىۋېتىپ بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئامېرىكىدىن تەتىل قىلىپ ۋەتەنگە قايتقاندا، بىر نەققە بۇرادەرلەر بىلەن بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇردۇق. بۇرادەرلەردىن بىرى ماشىنام بار-يوقلۇقىنى سورىدى. "يوق" دەپ جاۋاب بەردىم مەن ۋە چۈشەنقە بەردىم. "خالىسام، 600$ غىمۇ 6000$ غىمۇ ماشىنا ئالالايمەن، لېكىن ھازىر زۆرۈرىيىتى يوق، مەن ئۈچۈن ماشىنا دېگەن ھەۋەس ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت بولسا ئالىدىغان نەرسە". دېمىسىمۇ، ئامېرىكىدەك ئىستېمال خاھىشى كۈچلۈك دۆلەتتە 3000-4000 دوللار پۇلىڭىز بولسا، يېڭى ماشىنا ئالالايسىز. چۈنكى، ئىناۋەتلىك كارتا(كرەدىت كارد) شىركەتلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمالچىلارنى ئۆسۈمسىز (قىسقا مەزگىللىك) ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش ئەمەليەتتە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىنقە قەرز ئېلىپ ئىشلىتىش بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا مەۋجۇت مۇھىم 6-7 خىل قەرز شەكىللىرى يەنى ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش (مورتگاگە)، ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش( ئائۇتو لوئان) لارغا ئوخشاش. ئەمما ئىناۋەتلىك كارتا ئاركىلىق قەرز ئۈچۈن تۆلەيدىغان ئۆسۈم ئۆي ئېلىش ئۈچۈن، ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشلار تۆلەيدىغان ئۆسۈمگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ) بۇ خىل تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ قىزىقتۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى باھالىق توۋارلارنى سېتىۋالغانلار مەلۇم ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، خالاس.
ئەپسۇسكى، ئوقۇش تۈگىگەن ھامان، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىڭىزمۇ توختايدۇ. دېمەك، مەيلى ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ ياكى دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ، خۇددى بۇ تاغقا چىققاندەك بىر ئىش. تاغقا چىققاندىن كېيىن ھەمىشە تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇۋالىدىغان ئىش بولمايدۇ، بەرىبىر چۈشمەي ئامال يوق. مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە. ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستېرلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىل، دوكتورلار بىر يېرىم يىل ئۆز كەسپىدىن پراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بار، ئەگەر شۇ جەرياندا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تېپىپ شىركىتىنىڭ قوللىسىھىغا ئېرىشەلىسە، ئامېرىكىدا تۇرۇش سالاھىيىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بولمىسا كەلگەن يېرىگە كەتمەي ئامال يوق، كەتمىسە، قوغلىۋەتمەيدۇ، ئەمما قانۇنسىز بولۇپ ھەر جەھەتتىن قىينىلىدۇ. ئامېركىغا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋال ئوقۇيدۇ، ئۇنۋاننى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ۋە چەت ئەللىكلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ خىزمەت تاپىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇپ خىزمەت تاپالمىغىنى يوق ئىكەن، دېمەك بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇپ خىزمەت تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ. (ۋەتەنگە قايتىپ كەتمەي تۇرۇپ قالىدۇ دېگەن پەرەز ئاستىدا). مېنىڭچە باشكا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇشۇنىنغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇشقا كەلگەندە، ئوقۇغاندا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئويلىنىپ، كەسپنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە ئىككىلەنمەي تەڭشەپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدغان كەسپلەرنى ئوقۇش كېرەك. كاپىتالىستىك ئىقتىساد-ئىكتىسادى دەۋرىيلىك ئاساسىدىكى ئىگىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا قەرەلسىز ھالدا ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، كاساتلىق ۋە گۈللىنىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنگەن چاغدا ئەمگەك بازىرى ئومۇمىيۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئازراق تېخنىكىلىك بىلىمىڭىز ۋە تەجىربىڭىز بولسىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كېتىسىز. ئىقتىساد ناچارلاشقاندا يەنى تۇرغۇنلۇق ۋە كاساتلىشىشقا يۈزلەنگەندە ئىشسىزلىق كۆپىيىپ، شىركەتلەر ۋەيران بولغاندا خېلى ئوبدانلا تەجرىبىڭىز ۋە قابىليىتىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ئىش چىقماي قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، بۇ جەھەتتە ئەھۋال كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقىنى پۇل-مۇئامىلە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېرغا ئالاقىدار كەسپلەردۇر. ئۇنداقتا،بۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلار ئۈچۈن زادى قانداق كەسپلەرنى ئوقۇغاندا ئاندىن نىسبەتەن خاتىرجەم خىزمەتكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بەزىلەر مۇشۇ سۇئالنى قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئېنىق ۋە مۇتلەق جاۋاب يوق. ئەمما مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، سەھىيە، تېببىي داۋالاش، دورىگەرلىك، بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ۋە بوغالتىرلىق، ئاكتۇئارىئال كەسپلىرىنى ئوقۇغانلار ھەمدە نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇك ئوقۇپ، نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغانلارنىڭ (ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتكۇچىلىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ) خىزمەتكە ئېرىشىشى ۋە خىزمەتنى ساقلاپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى.
ئىلاۋە-3: ئەلۋەتتە، بۇ مۇتلەق ئىش ئەمەس، يەنىلا كونكرېت شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە تالانتى بىلەن ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دورا شىركەتلىرىدە، سانائەت شىركەتلىرىدە، پەن-تېخنىكا ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ شۇلارنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلاملىرىغا كىرەلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ بار.
ئادەتتە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا، ئوقۇشقا كەلگەن بىر ياش،ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندە، ئۆيلۇك-ئوچاقلىق بولىدىغان مەزگىل بولىدۇ-دە، توي قىلىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ بىر ئۆينى باشقا كىيىدۇ، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، چەت ئەلگە كېلىپ ئوقۇپ، ئىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارماق ئوڭايمۇ ئەمەس. قەشقەر-ئاتۇشتا، ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش بىلەن نەۋ-يوركتا ياكى توكيودا ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىشنىڭ پەرقى كۆپ. يەنە بىر قېرىندىشىمىز «جاھاندا قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت» دەپ يازدى، يەنە بىر قېرىندىشىمىز «قازاننىڭ قۇلىقى بەزى يەردە تۆت ئەمەس، ئالتە» دەپ يازدى. ئادەملەر پىكىر قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشتا، ھاياتتا كۆرگەنلىرىگە، باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن يەكۈن چىقىرىپ سۆزلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ئېنىق. جۈملىدىن ئاشۇ ئىككى قېرىندىشىمىزمۇ شۇنداق. ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ پىكرىدە مۇئەييەن ھەقىقەت بار. ئامېرىكا جەمئىيىتى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بەك چوقۇنىدۇ. ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كونكرېتلاشقان شەكلىنى دوللار ياكى ئىككىنچى بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ماددىي بايلىق بىلەن ئۆلچەيدۇ. كىشىلەر ئارا ئالاقە ۋە دوستانىلىك، مېھىر-مۇھەببەت سۇس. ئېھتىمال بۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىندۇر ۋە ياكى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. سىزمۇ بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەنسىز، ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىسىز. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بىز نىسبەتەن ئازادىرەك ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان. دەماللىققا بۇ بېسىملار ئېغىر كېلىدۇ.بۇ بېسىملارنى يوق قىلىشىنىڭ بىردىنبىر ئامالى، مۇقىم بىر خىزمەت ۋە ئۈيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن دۇنيانىڭ نەرىدە بولمىسۇن مەلۇم مۇناسىۋەتنى ساقلاش. تۇراقلىق كىرىم ھەر ھالدا نۇرغۇن غەم-ئەندىشىلەرنى كۆتۈرېۋىتىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە ھېچكىم سىزگە خىزمىتىڭ مۇقىم دەپ كاپالەت بېرەلمەيدۇ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ئالاھىدىلىكى. مېنىڭ يۇقىرىدا كەسپ تەڭشەش زۆرۈر بولسا تەڭشەش كېرەك دېگىنىم مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلغان. بولمىسا ئىشسىز قالىدىغان گەپ، ھەتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇك ئۇنۋانى بار ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىمۇ ئىشسىز ياكى يېرىم ئىشسىز ھالەتلەر مەۋجۇت. ئىش بولمىسا قانداق قىلىدىغان گەپ؟ كۈندىلىك ھايات "بىر نەرسە" تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىش ئىزدەپ، ۋەتەندىكى بەزى ياسىما سۆلەتلەرنى تاشلاپ ئاشخانىدا، كىرخانىدا دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان گەپ، ئازراق قاملاشتۇرالىسا تاكسى ھەيدەيدىغان گەپ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇمۇ ئەمگەك، ئەمگەك قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى تېپىپ يېيەلىگەن ئادەم يەنىلا شەرەپلىك.
خوش، «قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت » دېگەن قېرىندىشىمىز يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ دېگەن بولۇشى مۇمكىن، دېمەك ئۇ يالغان گەپ ئەمەس.
ئەمدى «قازاننىڭ قۇلىقى ئالتە" دېگەن يەرگە كەلسەك، بۇنى دېگۈچى قېرىندىشىمىزنىڭ تەلىيى ۋە قابىلىيىتى بار ئىكەن، ئۇ ئۆزى دېگەن شارائىتقا ئېرىشىپتۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىمۇ راست.
بۇ ئادەم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇلىدىغان ئەمەس، بەلكى قانۇن ئارقىلىق ئادەملەر ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت، (ئايرىم، يەككە ھادىسىلەرنى ھېساپكا ئالمىغاندا). ئەمەلىيەتتە، دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار ياكى ئەمەسلىكى شۇ دۆلەتنى تىرەپ تۇرىدىغان ئۈستقۇرۇلمىغا مەنسۇپ سىياسەت، قانۇن ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملەرنىڭ بايلىقنى كىشىلەرگە تەڭشەشتە ئادىل ۋە ھەققانىي بولغان مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش-بېرەلمەسلىكىگە باغلىق. ئامېرىكا ئىقتىسادى، خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك ئاساسىدىكى، بازار مېخانىزمى ئارقىلىق ئايلىنىدىغان ئىگىلىك. بۇ جەمئىيەتتە خۇسۇسىي ئىگىلىك قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق نەرسە قانۇنىي جەھەتتە سىزگە تەۋە ئىكەن، ئۇنى ھېچكىم سىزدىن تارتىپ ئالالمايدۇ. باي بولۇش ئۈچۈن خۇشامەت قىلىش كەتمەيدۇ. سىزدە بىلىم، ئىگىلىك تىكلەشتە زۆرۈر بولغان ئۆزگىچە تىجارەت ئىدىيىسى ۋە مەلۇم سوممىدىكى باشلانما كاپىتال بولسا بولدى. ھېچكىم سىزنى چەكلىمەيدۇ، كۆپ ئىشلىدىڭ، ئىشلىمىدىڭ، جىق تاپتىڭ، ئاز تاپتىڭ دېمەيدۇ، ئەمما خۇسۇسىي كىرىم بېجى ۋە تىجارەت بېجىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرسىڭىزلا.
گەرچە بۇ يەردە كەم دېگەندە پارچە-پۇرات ئىش بولسىمۇ چىقىپ تۇرسىمۇ (باشقا كەلگەندە ئامال يوق) لېكىن بىر ئۆمۈرنى بۇنداق ئىشلەپ ئۆتكۈزۈش قورقۇنچلۇق، شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئەلمى-تەلمىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يەنىلا يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، ياخشى خىزمەتلەرنى تاپقان ئەۋزەل. بۇ ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي مۇمكىن. دېمەك، خۇلاسە كالام، بۇ يەردە ۋەتەندىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىستېما جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرق قىلىدىغان يەنە بىرى تەرىپى، قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ھەرقانداق پەرەز بىلەن ئىسپاتسىز ھالدا بىر كىشىنى تۇتۇپ تۇرۇش، سوراق قىلىش ياكى جازالاش يەنى قانۇننى دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە پۇخرالار ئۆز پرېزىدېنتلىرىنى، باشلىقلىرىنى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمىغانلىقى، ھوقۇقىنى سۇيئىستېمال قىلغانلىقى ياكى ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىكلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭمۇ ۋەتەندە باشلىقلارنى تىللاش ھوقۇقى بار، ئەمما بۇ باشلىقلار جاھانگىر، ئەمپېرىئال دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇشى شەرت.
مېنىڭچە «قازاننىڭ ئالتە قۇلىقى بولىدىغان ئەھۋالمۇ بار» دېگەن قېرىندىشىمىز مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان.
يەنە كىمدۇر بىرى، ئېسىمدە قېلىشىچە، "بۇ يەردە بىكارلىق داۋالىنىش، بىكارلىق ئۆي، ئىش بولمىسا پۇل بېرىشلار بار" دېگەندەكلەرنى يازدى. بۇ ئېھتىمال كۆپرەك ئۇيغۇر چەت ئەلگە چىقسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن دېگەن گېپىدۇر. مېنىڭچە ئۇ خىل قاراش «ھېچنېمىگە قارىماي جان بېقىش مۇھىم» دېگەندەك تەسىر بېرىدىكەن. مەلۇم مەزگىل، ئىلاجىسىزلىقتىن ئۇ خىل شارائىتتىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇنى مەقسەت قىلىپ چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق ياكى ئەرزىمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاچالنىڭ چامغۇرىدا ئوماچ ئىچىپ، تۇرپاننىڭ كارىزلىرىدا ئاققان سۇغا زاغرا چىلاپ يەپ ئاشۇ يەردە ئۆز خەلقى بىلەن ياشىغان ياخشى.
خۇلاسىلىگەندە چەت ئەلگە كېلىش، ئوقۇشقا چىقىشنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇسبەت ۋە مەنفى تەرەپلىرى بار. ھەممىنى ئويلىشىپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ياخشى-يامانغا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىنگلىز تىلىنى ئاشۇ يەردىلا پۇختىلاپ، كەسپىي ئاساسنى ئوبدان سېلىپ، توفەل/گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ كېلىش كېرەك. بولمىسا تارتىدىغان جاپا باشتىلا كۆپ بولۇپ كېتىپ، ۋايسايدىغان، مەسلىھەت بەرگەنلەردىن، ياردەم قىلغانلاردىن ئاغرىنىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن يىرىكلىشىپ، پسىخىكا جەھەتتىن نورمالسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.ئەينى چاغدا "بېرىۋالساملا ھەرقانداق جاپا بولسا چىدايمەن، مەن دېگەن ئەركەك" دېگەن گەپنى دېمەك، ئە-مائىلدە يازماق ئوڭاي.رېئال تۇرمۇش دېگەن رەھىمسىز، ئۇنى باشتىن كەچۈرمىگىچە ئادەم بىلمەيدۇ. ( مەن ھەتتا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ تۇرۇپمۇ ۋايسىغان ئادەملەرنى كۆرگەن). ئۇنىگ ئۈستىگە بۇ يەردە ئادەم ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، خەلقىدىن ئايرىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ھەتتا خىزمەت تېپىپ بىر مەزگىلگىچە تەنھا ھالدا "ئوقۇش، ئىشلەش، ئىشلەش يەنە ئىشلەش" تىن ئىبارەت بىر خىل تۇرغۇن تۇرمۇش ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ياشايدىغان گەپ.
ئۇيغۇر ئۇكام، ئادەملىرىمىز چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياشلىرىمىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. بەزى ئادەملەردە شۇ ئۈمىدلەرنى ئاقلىغۇدەك ئارمان بولسىمۇ دەرمان بولمايدۇ، بەزىلەردە دەرمان بولسىمۇ، ئۇنداق يۈرەك بولمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆز لايىقىدا ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ. دېمەك چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ يەردە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تىلى ئىنگلىزچىدە مۇكەممەل، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلىرى ئۆگەتكەنلىرىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. يىل دېگەن ئۆتۈۋېرىدۇ، چوڭلارمۇ قېرىپ تۈگەيمىز. ئاشۇنداق كېتىۋەرسە، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش كۈچى زور بولغان جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئاڭلىسام، ئاز ساندىكى ئادەملەر بۇ دېگەن دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەت دەپ يۈرۈش-تۇرۇشتا بەكلا "ئەركىن" ئىكەن، توغرا، ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، نەگىلا بارمىساق، ئاتا -بوۋىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويمىغىنىمىز ياخشى. قىسقىسى بۇ يەردىمۇ يول ئۇنچىۋالا تۈز ئەمەس، ھەممىگە مېھنەت ۋە بەدەل كېتىدۇ.
مەن يەنە بىراۋنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغانغا نەچچە يىل بولۇپمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ قويمىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قېرىلىقى، سەت ئىكەنلىكى بىلەن نومۇس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. يەنە بىراۋنىڭ بەزى يۇرتداشلىرىنىڭ جاھاندارچىلىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ سۆزلىگىنىنى ئاڭلىدىم. مانا بۇلار ئاز ساندىكى ئاتالمىش چوڭ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن چىققىنى. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتداشلىرىدىن چانغان ئۇ خىل ماڭقۇرتلارچە ئىدىيەدىكى ئادەملەردىن نېمە ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن؟ مەن سىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئاقكۆڭۈل، جاپاكەش ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزىنىڭ بىغۇبار بالىلىقىنى يېتىلدۈرگەن مېھنەتكەش، ساددا، سۆيۈملۈك يۇرتداشلىرىدىن ۋە يەر شارىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۆسنىگە جايلاشكان مۇھەببەتلىك سەھرايىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆز خەلقىگە ئىلاجىسىزلىقتىن مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەندىمۇ، ھەرقانچە قىيىن ئەھۋالدىمۇ خىيانەت قىلمايدىغان، زىيان سالمايدىغان ۋاپادار، ۋىجدانلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى دەپ ئويلايمەن. مەن يەنى سىزنى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئوغلى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ئوغلان دەپ ئىشىنىمەن.
مېنىڭ ئوچۇق خەتنى يېزىشىم گەرچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، سىزگە بولغان ئاشۇ خىل ئۈمىد ۋە ئىشەنچتىن تۇغۇلدى.
تىرىشىڭ ئۇيغۇر ئۇكام، خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئە-مائىل ئاركىلىق مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
ئېھتىمال سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاز-تولا ياردىمىم تەگسە ئەجەپ ئەمەس.
سالام بىلەن،
بىر ئۇيغۇر ئاكىڭىز.
(بۇ خەتنىڭ ئاپتورى قەيسەر مىجىت ھازىر ئامېرىكا ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىڭ خەلقئارالىق سالامەتلىك ئىقتىسادى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ
.)

0 باھالاش: