2008/4/5

كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟

كاناداغا كۆچمەن بولۇش يوللىرى
كاناداغا ھوكۇمىتى كۆچمەن بولىدىغانلارغا نىسبەتەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا بولغان جاۋاپىڭىزغا قاراپ نومۇر بېرىدۇ.
بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بولغاندىن كىيىن "ھىساپلاش" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز، نومۇرىڭىزنى بىلەلەيسىز.
ئەگەر نومۇرىگنىز 67 دىن يۇقۇرى بولسا لاياقەتلىك ئىلتىماس قىلغۇچى بولىسىز.
بۇ بەتنىڭ ئاستىدا يىزىلغان كېرەكلىك ماتىرىياللار چۇقۇم ئىنگىلىزچە ياكى فرانسۇسچە بولىشى كېرەك. كانادا ھوكۇمىتى ھەرقانداق ئىنگلىزچە ياكى فرانسۇسچە بولمىغان ماتىرىياللارنىڭ تەرجىمە قىلىش ئورگانلىرى ياكى شەخسىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىشىنى سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇ ئورگانننىڭ تامغىسى ياكى شەخسىنىڭ ئىمزاسى قويۇلىشى كېرەك. ئاساسلىق ئىلتىماس قىلغۇقى بۇ ماتىرىياللارنىڭ ھەمماسىنى تەييارلىشى كېرەك. يولدىشى ياكى ئايالى خىزمەت تەجرىبە گۇۋانامىسىدىن باشقا ھەمما ماتېرىياللارنى تەييارلىشى كېرەك.
كانادا ھوكۇمىتى ئىلتىماس قىلغۇقىلارنىڭ دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدە ئۆز ئائىلىسىنى قامدىغىدەك ئىختىزات بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتا بىر چوڭ ئادەمگە 7-10 مىڭ ئامەرىكا دوللىرى، كىچىك بالىلارغا 3-5 مىڭ دوللارغىچە پۇل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. سىز بۇ ماترىياللارنى توپلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ ئۇلىنىشتىكى جەدۋەلنى (JEDWELNI (PDF wenjian)) ئۆز كومپيۇتەرىڭىزغا چۈشۈرۋەلىپ، توشقۇزسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىز قىلىشقا ئەپسىز بولسا، بەزى ئورگانلارغا 1-2 مىڭ دوللارگىچە پۇل تۆلەپ قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر بۇ بەتتە يېزىلغان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن سوئالىڭىز بولسا، ماڭا ktuman at gmail dot com (ktuman@gmail.com) ئادىرىسقا خەت يازسىڭىز، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مەن سىزگە جاۋاپ قايتۇرىمەن.ئەسلى مەنبەدىن كۈرۈڭ :http://www.meripet.com/Canada/ImmCanadaUyghur.htm

0 باھالاش: