2008/4/5

دوكتور، ئىنجېنېر رەيھانگۈل بەكتۇر

<>دوكتور، ئىنجېنېر رەيھانگۈل بەكتۇر
<><> ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز، لېكىن شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تەپسىلىي پاراڭلىشىپ باقسىڭىز ھەر بىرسىنىڭ بىر كەچتە سۆزلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك، سىزنى زوق سېلىپ ئاڭلاتقۇزغۇدەك ھېكايىلىرى، كەچۈرمىشلىرى، تىرىشىش يوللىرى بار. <>ئادەم ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھېكايىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ ۋە ياكى بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەل ئۆزى قىلىۋاتقان بىر ئىشنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلغانلىقىنى، قىلغاندىمۇ بەك چىرايلىق قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئاڭلىسا قىزىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ. كەمتەر ئادەم بولسا ئۇ ئادەمگە زوقلىنىدۇ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
ئۇنداق بولمىسا يەنە سۈرۈشتۈرۈپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ئامېرىكىدا بولسا يەنە "ئۇ ئامېرىكىدا بولغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ، مەن بولغان بولساممۇ قىلالايتتىم" دەپ ئۆزىنى ئالدايدۇ. لېكىن ئۇ سىزنى ھەيران قالدۇرغان ئادەم سىز بىلەن بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان بولسىچۇ؟ مەن(جەكك) ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارزۇيۇم بەك چوڭ ئىدى. ئالىي مەكتەپنى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. كېيىن بىلدىمكى، مەن قىزىقىدىغان ساھەدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت خارۋارد بىلەن مىت ئىكەن. ئۆزۈمچە ياخشى تىرىشتىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئالغان نومۇرۇم چىڭخۇئانىڭ قوبۇل قىلىش سىزىقىغا يېقىنمۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ نومۇرىغا ماس كەلگەن مەكتەپكە باردىم. شۇنداقلا يەنە مېنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئالالماسلىقىم يالغۇز مەندىكى مەسىلە ئەمەس، خوتەن نامرات، خوتەننىڭ مائارىپى مۇشۇنداق قالاق بولغاچقا، مەندىمۇ ئامال يوق دەپ ئويلىدىم. لېكىن يېڭى سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن بىلدىمكى ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. خوتەنگە ئوخشاش نامرات جايلاردىن كەلگەن، مەندىن بىرەر يۈز نومۇرنى يۇقىرى ئېلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بالىلاردىنمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى بەلكىم ئىمتىھاندا بوش قويۇۋەتكەن بولسا كۆچۈرۈپ ئالغاندۇ دەپ يەنە تەن ئالمىدىم. لېكىن بىللە ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ھەقىقەتەن مەندىن قابىلىيەتلىككەن. دېمەك، شۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتا يەكۈنلىدىمكى، ئادەم بىر نىشانغا يېتىمەن دېسە، شۇنداقلا ئۇ نىشانغا تىرىشىش ئارقىلىق يەتكىلى بولسا، نامراتلىق، رايونلار پەرقى ھەل قىلغۇچ سەۋەب بولالمايدىكەن. بىز پەقەت ئۆزىمىزگە ھەر خىل سەۋەب ئىزدەپ ، تەن ئالماي، باھانىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى تاپىدىكەنمىز. كېيىن ئىچكىرىگە كىرگەندىن چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، نامرات جايلاردىن كەلگەن بالىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. ماڭا ئوخشاش باشقىلار مەن قىلالمىغاننى قىلىپتۇ. ئىچىمدە قايىل بولدۇم.
ئۆتكەن يىلنىڭ 8-ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك. ھازىرقى مەكتىپىمدىكى بىر نەچچە خەنزۇلار بىلەن كەچتە بىللە بولۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا بىرسى مېنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ پاراڭلاشقىلى كېلىپتۇ. جىق سۆزلەپ كەتتى، بەزى گەپلەردىن كېيىن "ئۇيغۇرلارنى مەن كاۋاپچى بىلەن ئوغرى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن بۇ كۆز قارىشىم يېقىندا ئۆزگەردى" دېدى. "قانداق بولۇپ شۇنداق بولدى" دەپ قىزىقىپ سورىدىم. ئۇ دېدىكى، ئۇ ھازىرقى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىنىڭ مىكرو دولقۇن، رادىئو تېخنىكىسى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بىر يىللار بۇرۇن كولورادودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنىكىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر ماقالە يوللىغان بولۇپ، ئۇ ماقالىگە كۆپ كۈچ سىڭدۈرۈپتۇ. ئۇ يىغىندا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇنغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىچىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار چوقۇم مۇشۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالىمىز دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. لېكىن كۈتمىگەندە ئۇلار نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە كىم ئېرىشكەندۇ دەپ ئاختۇرۇپ قارىسا، رەيھان ئىسىملىك بىرسىنى ۋە ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىمدۇر دەپ ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ، گوئوگلەدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ماقالىنىڭ راستتىنلا ئۆزىنىڭ ماقالىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ باققۇسى كېلىپ، يەنە ئىزدەش جەريانىدا كۈتمىگەن يەردىن يەنە باشقا بىر ئۇلىنىش ئۇنى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىنىڭ "چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى" دېگەن يېرىگە ئاپىرىپتۇ. قارىسا، ئۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى قىز بالا ئىكەن، چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇرۇندىن "كاۋاپچى ۋە ئوغرى " دەپ قاراپ كەلگەن مىللەتتىن ئىكەن...
مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۇ بالا جىق سۆزلىدى، جىق پاراڭلاشتۇق. بۇ بالىمۇ ئەسلى چىڭخۇئادا ئوقۇيمەن دەپ تىرىشىپ ئۆتەلمىگەن بالا ئىكەن، مەندىمۇ بۇرۇن ئوخشاش ھېس تۇيغۇلار بولۇپ باققان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەيران قالغىنىنى چۈشەندىم. شۇنداقلا يەنە گەرچە ئۇ قىزنى تونۇمىساممۇ، بۇ بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇ قىزغا قايىللىقىم ئاشتى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا گوئوگلە بىلەن بائىدۇدىن ئىزدەپ بىردەمدە ئۇ ئۇچۇرنى تاپتىم، ئۇ خەنزۇنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي راستكەن. ئادەم ئوخشاشراق بىر نەرسە بايقىسا سېلىشتۇرغۇسى كېلىدۇ. قارىسام ئۇ قىزمۇ جەنۇبتىن ئىكەن، 90-يىللارنىڭ رېئاللىقىدا جەنۇبتىكى ئىككى شەھەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بەك چوڭ پەرق قىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن كىرەلمىگەن چىڭخۇئاغا ئۇ كىرىپتۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ دەرسلەرنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. مەن ئېشىپ كەتسە 80-90، بولمىسا 60-70 نى ئاران ئېلىپ ئوقۇغان، ئۇ قىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن قاراپ باقسام، ئۇ قىزنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىپتۇ. قانداق ئادەمنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا ئالىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە موتورولا شىركىتىدە ئىشلەپتۇ، ئۆتكەن يىلى يازدا يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (ئۇتاھ ستاتە ئۇنىۋەرسىتي) تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ باققانلار بىلىدۇكى، ئامېرىكىدا باشقا خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان بىلەن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا مەن بىر ئىشنى مىسال ئالىمەن. ئۆتكەن يىلى يازدا مەن ئوقۇۋاتقان فاكۇلتېتمۇ بىر ياردەمچى پروفېسسورلۇق ئورنىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللىمىغان بولغاچقا، بۇ ئىشقا ھەر ۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇردۇم. چۈنكى ئەگەر مەن قىزىقىدىغان يۆنىلىشتىكى ياخشى ئادەم كېلىپ قالسا، شۇنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللاش نىيىتىممۇ بار ئىدى. 2 ئاي ئىچىدە جەمئىي 40 تەك ئادەم ئىلتىماس قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پروفېسسورلارمۇ بار. لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىكى شۇ يىل ئەتراپىدا پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مىت (ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، ھارۋارد، كالتەچ
(كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، بەركېلېي ، كولومبىئا دېگەندەك ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىن مىت نى پۈتتۈرگەن، ھابىل تېلېسكوپىدا ئىشلەپ ياخشى نەتىجە قازانغان بىرسىنى ئالدى. ھازىرقى بار پروفېسسورلارنىڭ ئارخىپىغا قارىساممۇ، ھەممىسى ئاساسەن ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. دېمەك، ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. بەزىدە مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ قورقۇپ قالىمەن، بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ بالىلىرى ھەممە يەرنى ئىگىلىۋالسا، كېيىن بىزلەر پۈتتۈرسەك نەگە بېرىپ خىزمەت تاپارمىز دەپ. رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن رەيھانگۈل ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدىكى دەرىجىسى ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ شۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇ يەرگىمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىلتىماس قىلغان بولۇشى چوقۇم. لېكىن ئاخىرى رەيھانگۈل تاللىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ئۇ قىزغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئالاقىلىشىپ باققۇم كەلدى. ئۇ قىزنىڭ فاكۇلتېتىدىن يەردىن ئاسانلا ئادرېسىنى تېپىپ ئاددى قىلىپ خەت يازسام ئەتىسى ئەتىگەندىلا قايتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاقىلەردە ئۇ قىز توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئانا تىلنى مەندىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەن. ناھايىتى كەمتەر، چىقىشقاق قىز ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ تەرجىمىھالىغا قاراپ بۇنداق ئوقۇغان قىزلار كىتابتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كېلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. كېيىنكى ئالاقىلەردىن ھېس قىلدىمكى، ئۇ قىز ئەدەپ، قائىدە يوسۇنلارنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ قىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرغۇم، تەشۋىق قىلغۇم كېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ئېتىزلىققا ئوت ئالغىلى، ئۆيدە تاماق ئېتىپ كىر-قات يۇغىلىلا سالماي، تەلپەك بىلەن بىرنى سالسا يىقىلىپ كەتمىسە ئەرگە بېرىۋەتمەي، ئالاھىدە بولمىسىمۇ نورمال ئوقۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ بىز ئەركەكلەردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغىنىنى ئىسپاتلاپ بەرگۈم كېلىپ، بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشايلى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)، ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (كولورودا بوئۇلدەر) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گوئوگلەدىن ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىق خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن.
ئادرېسى http://www7.nationalacademies.org/bisonews/Winter_2005_News.html
يەنە چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بېتىدە، مەكتەپنى تونۇشتۇرغان يېرىنىڭ "چىڭخۇئا ئۇنۋېرىسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005- يىلى قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى" دېگەن يېرىدە رەيھانگۈلنىڭ بۇ نەتىجىسىنى چىڭخۇئا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەخرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئادرېسى تۆۋەندىكىچە:
http://join-tsinghua.edu.cn/bkzsw/detail.jsp?seq=2419&boardid=1301
ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇئادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇئا ئۇنۋېرسىتېتى باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (ئىنتەرناتىئونال فەستىۋا)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ (چىنەسە ستۇدەنت ئاسسوكىئاتىئون) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( ئۇيغۇر فاشىئون شوۋ) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان.
رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە رف ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (ئاسسىستانت پروفەسسور) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگانگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئەلەكتروماگنەتىكس)، ئانتېننا (ئانتەنناس)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش
(مىكروۋاۋە كىركۇئىت دەسىگن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( ئەلەكتروماگنەتىكس)، مىكرو دولقۇن ( مىكروۋاۋە) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىربىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا ، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان.
رەيھانگۈل يەنە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك (پەرسون نەئەدس تو بە پھيسىكاللي ئاكتىۋە تو كەئەپ ھىس ئور ھەر مىند ئاكتىۋە).
2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.
يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن.
در. رەيھانگۈل بەكتۇرنىڭ ئالبۇمىنى توۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن كورەلەيسىز: http://www.biliwal.com/modules.php?name=coppermine&file=thumbnails&album=59
تەييارلىغۇچىلار: تۇرسۇنجان بىلەن دوكتۇر تاشپولات روزى
تەھرىر: مۇخبىر
ئەسلى مەنبەسى: http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_article_1224__0_0.html

0 باھالاش: