2008/4/5

فرانسىيەدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت دوكتۇرلىرى

فرانسىيەدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت دوكتۇرلىرى
كىرىش سۆز:
بىر كۈنى مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىرسىنىڭ ئۆيىگە ئۇنى زىيارەت قىلىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن: "ئامان تۇرامسىز؟ ئوقۇشىڭىز نەدىن نەگىچە بولىۋاتىدۇ؟" دەپ سورىدۇم. ئۇ خېلىغىچە جىم-جىت تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا: "خۇداغا شۈكرى! بىلەمسىز؟! مېنىڭ ھەم سىزنىڭ يۇرتۇمىزدا بىر ئوبدان ئىللىق ئائىلىمىز، ئوماق پەرزەنتلىرىمىز بار ئىدى، بىراق مۇشۇ ئوقۇشنى دەپ ھەممىمىز بۇ جايدا تۇل يۈرىۋاتىمىز، ئەرلەرمۇ تۇل، ئاياللارمۇ تۇل..." دەپ جاۋاپ بەردى. دەرۋەقە ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقانلىرى راست ئىدى، تۇيۇقسىزلا ئىچىمنى خۇددى بىر نەرسە غاجىلاۋاتقاندەك بولۇپ كەتتىم. ئۇ ئىشنىڭ بولۇپ ئوتكىنىگە خېلى يىللار بولدى، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا شۇ "تۇللۇق" سالاھىتىنى ساقلاپ ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى نوختىسىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئۇزۇن يىللارنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆتكۈزدى. شۇڭا بۈگۈن كاللامغا ئەنە شۇ دوكتۇرلار ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە يېزىش ئىستىگى پەيدا بولغان ئىدى.
بىر چاغلاردا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ زۆر كۆپچىلىكىگە ئوخشاش مەنمۇ فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدا ئۈگەڭەن ئىدىم.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شىنجاڭ دىن بېرىپ "2-قارار" دىگەن نام بىلەن بەئىجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۈنىۋەرسىتىتى (ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى بەئىجىڭ تىل ئۈنىۋەرسىتىتىغا ئۆزگەرتىلدى) دە فرانسوسچە ئۈگەڭەن بىر سىنىپ ئوقوغۇچى بوپتىكەن (ئۇلارنىڭ بەئىجىڭدا تىل ئۈگەڭەن ۋاقتى: 1996-1997). بۇ بالىلاردىن قايسى بىرى فرانسوسچە سۆزلىگىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىق سۆزلىگەن فرانسوسچىسىدىن ھەيران قالغان ھەر قانداق بىر كىشى دەررۇلا ئۇلاردىن: "سىز فرانسىيەدە قانچە ئۇزۇن تۇرغان؟" دەپ سورايدىكەنمىش. شۇ زامانلاردا ئاشۇ سىنىپ ئوقوغۇچىلىرى ئۆزى تەييارلاپ ئۆزى ئويناپ چىققان فرانسىيە نومۇرلىرى (بۇلارنىڭ ئىچىدە شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش، فرانسوسچە ناخشا ئېيتىش، فانسوسچە كومىدىيە، فرانسىيە ئۆرۈپ ئادىتى-مەدىنىيىتىگە ئايىت باشقا نومۇرلار بار ئىدى) بەئىجىڭ ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ چوڭ زالىدىكى نەچچە مىڭ تاماشىبىننىڭ گۈلدىراس ئالقىشىغا سەۋەپ بولغان.
مېنىڭ بۇ يەردە سىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنىمنىڭ كۆپ قىسمى دەل كىيىنكى كۈنلەردە فرانسىيەدە دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى. بۇ كىشىلەر توغۇرلۇق قولۇمدە تەپسىلى ماتىرياللار بولمىغانلىقتىن مەن يازماقچى بولغان نەرسەمنى ئەن-ئەنىۋىي ئەدەبىي خاتىرە ئۇسۇلىدىن ئۆزەمنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇپ ئاددىي تىللار بىلەن بىلىدىغانلىرىمنىلا يازدىم. گەرچە بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ فەمىلىسىنى بىلمىسەممۇ، بۇنىڭ زىيىنى يوق ئەلۋەتتە، بىزدە "ئات تاپقىچە ئېشەك مىن!" دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟! مېنىڭ يازغانلىرىمنىڭ سىرتىدا قالغان يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىغاچقا بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ھازىر فرانسىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋارىس ئابدۇكەرىم جانباز ئەپەندىگە ھاۋالە قىلىمەن.
پەرھات:
فرانسوس تىلى جەھەتتە ھەممىمىزگە مويسىپىت ھېساپلىنىدۇ. ئۇ كىشى 80-يىللىرىدىلا خىئان دە فرانسوس تىلى ئۈگەڭەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا "ساياھەت يېتەكچىلىرى" دىن ئېلىنىدىغان فرانسوس تىلى ئىمتاھانىنىڭ ئېغىزچىسىنى شۇ كىشى ئالىدىكەن. ئۇ كىشىنىڭ فرانسىيەگە كېلىپ ئوقۇغان ۋاختىمۇ باشقىلاردىن خېلى بۇرۇن باشلانغان. پەرھات 90-يىللاردا فرانسىيەدە "فارماكولوگىيە" ئىلمىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ ئوقۇشىنى ناھايىيى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى ئۆزى ئىشلىگەن شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىگە قايتىپ بېرىپ خىزمەت قىلغان. گەرچە پەرھات فرانسىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئەڭ بۇرۇن ئوقۇغانلارنىڭ بىرى ھېساپلانسىمۇ ئۇنىڭدىن فرانسىيەدىكى ئوقۇش ھەققىدە "مەيلى قانداق قىيىنقىلىققا يولۇقما، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمە! " دىگەن بىر جۈملە سۆزدىن باشقا ھەچ نەرسە قالمىغان. پەرھات ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ پروفەسسورى، دوكتۇر يېتەكقىسى، شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتى ئاسپىرانتلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى. ئۇنىڭ ئايالى مۇھەببەت مۇ تىببىي ساھادە كۆزگە كۆرۈڭەن دوختۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىگە قاراشلىق 1-دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.
ئامىنە:
فرانسوس تىلىنى مەن يۇقۇردا ئەيتىپ ئۆكەن بەئىجىڭ دىكى "2-قارار"دا ئوقۇغان. فرانسىيەگە كېلىشنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنىۋەرسىتىتى تارىخ فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئامىنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق تىلشۇناسى ئىبرايىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ كېلىن قىزى. ئامىنەنىڭ يولدىشى تۈرگۈن ئەپەندىمۇ ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ ئەينى يىللاردا روسىيەدە ئوقۇغان، ھازىر شىنجاڭ ئۈنىۋەرسىتىدىكى تالانتلىق رەھبەر، كۆزگە كۆرۇڭەن كومپىيوتېر مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ 15-16 ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر قىزى بولۇپ ئامىنە ئوقۇش بىلەن بولغان مۇشۇ يىللاردا ئۇ قىز دادىسىنىڭ ھېمايىسىدە چوڭ بولدى. ئامىنە ھازىر پارىج دا "تارىخ" پەنلىرىدىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ئوقۇشى پات يېقىندا پۈتىدۇ.
زېبىبۇللا:
فرانسىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۈنىۋەرسىتىتى تەبىي جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭ دىكى "1-قارار" سىنىپتا ئوقۇغان بولۇپ، ئىرادىلىك، تىرىشچان كىشى. ئۇ فرانسىيەدىكى "تەبىي جۇغراپىيە" دىن ئوقۇغان دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا غەلبىلىك تاماملاپ ئۆزى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان شىنجاڭ ئۈنىۋەرسىتىتىگە قايتىپ بېرىپ شۇ جايدا ئىشلەۋاتىدۇ.
باھارگۈل زىياۋۇدۇن:
باھارگۈل زېبىبۇللانىڭ شىنجاڭ ئۈنىۋەرسىتىتىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كېيىن شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدىكى شىنجاڭ سىنىپنىڭ "4-قارار" ئىدا ئوقۇغان. ئۇ ھازىر پارىجدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يولدىشى شۆھرەتمۇ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى بولۇپ ئۇمۇ فرانسىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. باھارگۈل فرانسىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى بالىسى بىلەن يولدىشىنىمۇ فرانسىيەگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىسىلا پارىجدا ئوقۇۋاتىدۇ. باھارگۈل جاپاغا چىداملىق، ھېرىپ-قارقاشنى بىلمەيدىغەن جېنى تۆمۈر ئايال. بىر چاغدا مەن ئۇنىڭ : "مېنى بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن چۆل جەزىرىگە ئاپىرۋەتسىمۇ زېرىكمەيىتتىم!" دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىش.
ئاقا-سىڭىل دوكتۇرلار-ئىخپال بىلەن مېھراي:
بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئاقىسىنىڭ ئىسمى ئىخبال بولۇپ بەئىجىڭدىكى داڭلىق "2-قارار" نىڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچىسى بولغان. ئەيتىشلارغا قارىغا بۇ داڭلىق "2-قارار" دىكىلەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنى كۈتۈپخانىدىن ئۈگۈنۈش قىلىدىغان ئۆرۈن ئىگەللەش ئۈچۈن كۈتۈپخانىنى ئاقماستىن كۈتۈپخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆچرەت ساقلايدىكەندۇق. ئىخبالمۇ مەن يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئامىنەگە ئوخشاشلا ئۆچىرەت ساقلايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تىببىي ئۈنىۋەرسىتىگە قاراشلىق 3-دوختۇرخانىغا خىزمەتكە چىققان (ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى)، كېيىن فرانسىيەگە كېلىپ ئوقۇپ ئۆز كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن خازىر بەئىجىڭدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ غوللۇق ئادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىگە ئوخشاشلا شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇپكېيىن ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چىققان سىڭلىسى مېھراينى فرانسىيەگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇمۇ نۆۋەتتە ئۆز كەسپىدىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئوقۇشى پات يېقىندا تۈگەيدۇ. مېھراي ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بېرىپ فرانسىيەدە تونۇشقان فرانسوس يىگىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە توي قىلىپ كەلدى. ئۇلار ھازىر پارىج دا ياشاۋاتىدۇ.
ئەر-ئايال دوكتۇرلار-تۇرسۇنجان توقاي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئاسىيە:
بۇ بىر جۈپەر-ئايال دوكتۇرلار ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا بىر سىنىپتا ساۋاقداش ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كەيىن ھەر ئىككىلىسى شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىغا ئوقۇتقۇچۇلۇققا قېپ قالغان. بۇ ئىككىسىنىڭ مىللىتى قازاق بولۇپ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپى-ئادىتى دىگەنلەرنى ئۇيغۇرلاردىنمۇ ياخشى بىلىدۇ. تۇرسۇنجان فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدىكى داڭلىق "2-قارار" دا ئوقۇغان. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ فرانسوسچە تىلى ئۈگۈنىۋاتقان چاغلاردا ئۈستەل چىرىغىنى يوتقاننىڭ ئىچىگە ئەكىرۋېلىپ كېچىچە فرانسوسچە يادلاپ قىقىدىكەندۇق. ئۇ فانسىيەگە 99-يىلى كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوقۇشۇنى تاكى دوكتۇرلۇقنى تاماملىغۇچە داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇپ ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى ئۆزى ئوقۇتقۇچۇلۇق قىلغان تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىغا قايتىپ بېرىپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە فرانسىيەگە ئۆزى ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا ئىشلەۋاتقان ئايالى بىلەن ئوقۇۋاتقان قىزىنى فرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ بىر ئايىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ تۇرۇپ ئوقۇغان، ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىسى دوكتۇرلۇق ئۈنىۋانىغا ئېرىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئايالى ئاسىيەمۇ شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتى دورىگەرلىك ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى.
مۇخبۇل ئابلىز:
فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدا ئۈگەڭەن. ئۇ ئەينى چاغدا بەئىجىڭدىكى "شىنجاڭ 1-قارار فرانسوس تىلى سىنىپى" نىڭ ئەلاچى ئوقوغۇچىسى بولغان. يۇرتى قەشقەر مارالبېشىدىن. ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇپ تۈگۈتۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇلۇققا قېلىپ قالغان. ناھايىتى تىرىشچان، قابىلىيەتلىك، ئىشلارنى ئالدىن بىلىۋالايدىغان تولىمۇ ئەقىللىق كىشى. بېزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئىسمى ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا " مەخبۇل" ئىكەندۇق، كېيىن ئۇ ئاتاقلىق كومپوزىتور ياسىن مۇخبۇل ئەپەندىگە بەكلا چوقىنىدىغان بولغاچقا ئىسمىنى ئۇمۇ "مۇخبۇل" غا ئۆزگەرتىۋاپتىمىش. بۇ ئانچە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بىر مىش-مىش گەپ خالاس. ئۇ فرانسىيەگە تۈنجى بولۇپ 97-يىلىغۇ دەيمەن كەلگەن، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئالدىن يىلى ئۆزىنىڭ كەسپى بولغان "دورا خېمىيە" سىدىن دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپ ئۆزى ئىلغىرى خىزمەت قىلغان شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ دورىگەرلىك ئىنىستىتوتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ كومپىيوتىر قاچىلانغان يوغان بىر سومكىنى تېقىمىغىچە ئېسىۋەلىپ يۇرگەن ھالىتىنى تىببىي ئۈنىۋەرسىتىت قوراسى ئىچىدا دايىم كۆرۈپ تۇرارمىش. بۇمۇ بىر ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان مىش-مىش گەپ، بېلكىم ئۇ دايىم مەكتەپ قوراسىدا ئېسىۋېلىپ يۈرۈيدىغان ئۇ سومكا كىشىلەر مۇبالىغە قىلغاندەك ئۇنچىۋالا چوڭمۇ ئەمەستۇ. ئادەملەرنى دەيمەن، بىرى سومكا ئېسىۋېلىپ يۈرسىمۇ ئۇ كىشىنى بوش قويماي قالايمىقان گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن.
ئەنۋەر:
ئۇمۇ فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدىكى داڭلىق "2-قارار" سىنىپتا ئۈگەڭەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى تۇرسۇنجان، ئاسىيەلەر بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇمۇ شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىگە ئوقۇتقۇچۇلۇققا قېلىپ قالغان. فرانسىيەگە 98-يلى كەلگەندىن باشلاپ ئوقۇشۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ "فارماكولوگىيە" كەسپىي بويىچە بولغان ئوقۇشۇنى تاكى "دوكتۇر ئاشتى" غىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئۇمۇ ئىلغىرى ئۆزى ئىشلىگەن شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىگە قايتىپ بېرىپ شۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە كەم سۆز، ئەممە ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا كەلگەن تىرىشچان كىشى.
ئەخمەتجان تۇرسۇن:
ئۇمۇ فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدىكى داڭلىق "2-قارار" دا ئۈگەڭەن. ئۇ 99-يلى فرانسىيەگە تۈنجى كېلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىپ 2002-يىلى فرانسىيەگە قايتا كېلىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. ئۇ ئالىي مەكتەپنى مۇخبۇل ئابلىز بىلەن بىر سىنىپتا شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇمۇ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچۇلۇققا قېپ قالغان. ئۇ يەكەن نايىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا بىر دوختۇر ئايىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە توقلۇقسىز ئوتتۇرالارنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىشى تۈپەيلى تولۇق ئوتتۇرنى "قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ" تە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇنى شۇ جايدا تاماملىغان. ئۇ تولىمۇ كەمسۆز، تىرىشقان كىشى. ئۇنىڭ كەم سۆزلۈكى توغۇرلۇق مۇنداق گەپلەرمۇ بولغان، ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغدا مەكتەپ مۇدىرى سىنىپلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇ ئوقۇۋاتقان سىنىپقا كىرىپ ئۇنىڭدىن "ئىسمىڭ نىمە؟" دەپ سوراپتۇ، ئۇ كەم سۆز بولغاچقا قورۇنۇپ تۇرۇپ دىگۈدەك "ئەخمەتجان تۇرسۇن!" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇدەك، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا "ئەخمەتجان تۇرسۇن، گەپ قىلىپ تۇرسۇن!" دىگەن ئىكەن. بۇمۇ بىر مىش-مىش گەپ. ئاڭلاشلارغا قارىغادا ئۇ كىشى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلدۇرغان "ھاراق ۋە سالامەتلىك"، "دايىم قوللۇنىلىدىغان ئىمپورىت دورىلار قوللانمىسى" دەيدىغان 2 كىتاپ بارمىش، ئۇنىڭ بەزى بىر فوتو سۈرئەت ئەسەرلىرىمۇ بىر قىسىم گېزىت-زھورناللاردا ئېلان قىلىنغانمىش. بىرسىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ فرانسوس تىلىغا پىششىق كۆپ تەرەپتىن يېتىلگەن بىلىملىك كىشىمىش.
مەخپىرەت:
بەئىجىڭدا فرانسوس تىلىنى باھارگۈل بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان، باھارگۈلنىڭ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنىۋەرسىتىتى جۇغراپىيە فاكولتىتىدا بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشى. ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان ناھايىتى تىرىشچان ئايال، ئۇ بىر-ئىككى يىلدىن بېرى فرانسىيەدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەخپىرەتنىڭ 2 ئوغلى بار، بۇ بالىلارغا شىنجاڭ تىببىي ئۈنىۋەرسىتىتىدا ئىشلەيدىغان ئاق كۆڭۈل يولدىشى ئادىلجان قارايدۇ. ئۇنىڭ يولدىشى ئادىلجان ماگىستىرلىق ئۈنىۋانىغا ئىگە ئىختىدارلىق دوختۇر.
مۇيەسسەر توختى:
ئۇنمۇ فرانسوس تىلىنى بەئىجىڭدا ئۈگەڭەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ كۆزگە كۆرۈڭەن ئوقۇتقۇچىسى، جامائەتكە تونۇش داڭلىق كىنو ئارتىسى. يۇرتى خوتەندىن، جاپا-مۇشاقەت، ھېرىپ قارقاشقا باش ئەگمەيدۇ. ئۇ ئالدىنقى يىلى فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ماگىستىرلىق (دەئا) ئوقۇشۇنى غەلبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن دوكتۇرلۇققا تىزىملىتىپ كىرىپ ئوقۇۋاتىدۇ.
ۋارىس ئابدۇكەرىم جانباز:
يۇرتى پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ جانباز يېزىسىدىن بولغاچقا ئۆزىگە جانباز دىگەن ئىسىمنى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان. ئىستىقبالى بار تىرىشقان ئوغلان بولۇپ فرانسىيەگە كېلىشتىن ئىلغىرى ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈڭەن. ئۇ 2002-يىلى فرانسىيەگە كېلىپ فرانسىيەدىكى ئوقۇشۇنى فرانسوس تىلى ئۈگۈنۈشتىن باشلىغان، ھازىر پارىج دا دوكتۇرلۇقنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. بىراق بۇ كىشىدىن ئېھتىيات قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا ناۋادا سىز غەيرى نىيەت بىلەن كومپىيوتۇر يۇمشاق دىتالىنى ياسىسىڭىز ياكى ئۇنى جازانىخورلۇق قىلىپ ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى باھادا قىممەت ساتسىڭىز جانباز ئەپەندى دەرھاللا ئۇنىڭغا قارشى يۇمشاق دىتال ياساپ چىقىپ ئۇنى بىكارغا تارقىتىپ بولسىمۇ سىزنىڭ ھېلىگەرلىكىڭىزگە جاۋاپ بېرىدۇ.
ھىجران2006-يىلى 20-فېۋرال
ئەسلى مەنبەسى: www.Biliwal.com

0 باھالاش: