显示标签为“ئوقۇپ قويۇڭ”的博文。显示所有博文
显示标签为“ئوقۇپ قويۇڭ”的博文。显示所有博文

2008/4/5

تەببىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى

تەببىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى
ئەركىن سىدىق
بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يەنە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەكۈنلەپ چىقىشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رادىئو كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مۇنداق بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم: 1) دەرستىن بۇرۇن كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش. 2) دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن ۋۇجۇد بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش. 3) دەرستىن پىششىغلاپ تەكرار قىلىش. 4) مۇھىم مەزمۇننى ئىخچام ھۇلاسە قىلىش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توھتىلىپ ئۆتەي.

1) تەببىئى پەندە يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، يېڭى ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ مېڭىش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن سىز ئۇ دەرسلىكنى بىر قېتىم ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز جىق ئاسانغا توختايدۇ. زېھنىڭىزنى يېڭى ئاتالغۇلارغا ئەمەس، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرەلەيسىز.
2) دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىغا جۈملىمۇ-جۈملە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ئاشۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغانلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش. بۇ خاتىرە ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ: سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى سوزلىگەنلىگىنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ شۇنداق
3) كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر قېتىم دەرس ئاڭلاش بىلەنلا ھەممە ماتېرىياللارنى چۈشىنىپ بولۇش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەرستىن چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرسكىچە بولغان ۋاقىتتا، چوقۇم يېڭى دەرسنى ئۆزلۈكىڭىزدىن تەكرار قىلىشىڭىز، سىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئۇستازىڭىزدىن سوراپ چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دەرسنى تەكرارلىمىسىڭىز قايسى مەسىلىنى چۈشىنىپسىز، قايسىسىنى چۈشەنمەپسىز ئۇنى بىلەلمەيسىز. بۇ قېتىمقى دەرستىكى چۈشەنمىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىسىڭىز، يېڭى دەرستىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيسىز.
4) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىۋەلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.
ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز
تولۇق ئوقۇش

ئاز - تولا پايدىسى بولۇپ قالار

ئاز - تولا پايدىسى بولۇپ قالار --- (1)

(چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىدىكى ياشلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب)
قەيسەر مىجىت
ئەسلى مەنبەسى: http://www.biliwal.com/postt819.html
ئاپتور ئىلاۋىسى:
يېقىندىن بۇيان، ۋەتەندە ئاليى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن خەت تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىدىم. گەرچە خەتلەرنىڭ سۆز قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ياشلارنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۆزى ئويلىغاندەك ئادەم بولۇش ئارزۇسى بىلەن ھەم تەسەۋۋۇرىدىكى ھەم رېئاللىقتىكى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش، شۇ تۈپەيلى پەيدا بولغان روھيى زىددىيەت ۋە بېسىملارنى قانداق تارمار قىلىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى سوراشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئورتاقلىقى بار ئىدى
.

ئۆزگىچە خاسلىقى بولغان بەزى خەتلەرگە ئايرىم جاۋاب قايتۇرغان بولساممۇ، ئەمما ئورتاقلىققا ئىگە سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇس ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاشۇنداق سۇئاللارنىڭ ئىچىدە چايقالغان، قايمۇققان، ۋە ئارامسىزلانغان، ئۆز ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىغان شەخسلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاش، ئۆگىنىش تەقەززاسىدا بولغان بولغاچقا بۇ خىل ئارزۇدىكى ياشلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، شۇ ۋەجىدىن سورالغان سۇئاللارغا مۇۋاپىقراق جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەمدە بۇنى كەڭ ياشلار جامائەتچىلىكى بىلەن "biliwal.com" ئارقىلىق يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى توغرا كۆردۈم.
ئەسكەرتىش ئورنىدا سەمىمىلىك بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بىلىدىغانلىرىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابلىرىمدا نۇقسانلىق ۋە نامۇۋاپىق جايلارنىڭ بولۇشى تەبىئى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتىڭىزغا باغلاپ تۇرۇپ بىر ئوقۇغۇچى قانداق روھنى ياكى قانداق بىلىمنى ئىگىلىگەندە بىر ئۆمۈر ئۆزىدىن رازى بولغۇدەك ياشىيالايدىغانلىقىنى يەكۈنلىدىڭىز؟
مېنىڭچە سۇئالىڭىزدا توختىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇنداق 3 مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بار: بىلىم، روھ ۋە رازىمەنلىك.
ئەگەر مەن "بىلىم دېگەن نېمە ياكى بىلىم دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتىسىز؟" دەپ ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە 10 ئادەمدىن سورىسام، ئېھتىمال 10 خىل جاۋابقا ئىگە بولۇشۇم مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما جاۋابلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنىڭ بەك چوڭ بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. ئومۇمەن، جاۋابلارنىڭ نېگىزىنى مۇنداق بىر ئېنىقلىمىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىلىم - شەيئىلەر ھەققىدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان مۇئەييەن بىلىش، ۋە چۈشەنچىدۇر.
ئادەتتە بىز "ئىسمەتجان بىلىملىك ئادەم" دېگىنىمىزدە، ئىسمەتجاننىڭ مەلۇم ساھەدە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك نەرسىنى بىلىدىغىنىنى، ھەممىدىن مۇھىمى بىلىدىغان نەرسىسىنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىمىز. كىشىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئېيتىلغان سۆزلەر، چىقىرىلىغان يەكۈنلەر ئادەتتە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ بىلىمى --- ئاساسلىقى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن، ۋە مائارىپ تەربىيىسىدىن كېلىدۇ. خاتالاشمىسام، سىزنىڭ سۇئالىڭىز مەكتەپتە قانداق بىلىم يەنى ئىلىم- پەن ئىگىلەشكە قارىتىلغان بولغاچقا مېنىڭ جاۋابىممۇ بۇ ھەقتە بولىدۇ.
ھازىرقى زامان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن ئۆگىتىشتۇر. ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش- كۆزىتىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق مۇئەييەن شەيئى ھەققىدە سىستېمىلىق بىلىشكە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئىگىلەنگەن ئىلىم-پەن
بىلىملىرى، مەن يۇقىرىدا قەيت قىلغان كەڭ مەنىدكى "بىلىم"نىڭ كەسمە توپلىمىدۇر.
ئالى مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەش بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەت تايىنىدىغان ئاساسلىق كۈچتۇر. بۇ خىل يەكۈن، ھەممە جەمئىيەتكە باپ كېلىدۇ. ئىختىساسلىق خادىملار ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇندا مەسىلەن ئالىم، ئىنجىنېر، مۇخبىر، يازغۇچى،
كارخانىچى، مەمۇرى خادىم سۈپىتىدە جەمئىيەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. كۆرۈش مۇمكىنكى "ئاخىرقى مەھسۇلات" نىڭ مەزمۇنى ھەر خىل بولغانلىقتىن، ئۇنى پەيدا قىلغان "تەركىبلەرمۇ" مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. گەپ، مانا مۇشۇ خاسلىقنى تېپىشتا. سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق نېمە بولماقچى؟ بۇ سىزنىڭ قانداق سۇئالنىڭ كەينىدىن "ئىز قوغلىشىڭىزغا" باغلىق.
كارل ماركىسنىڭ ھازىرمۇ نەقىل كەلتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر سۆزى بار:
"بىزنىڭ ۋەزىپىمىز -- دۇنيانى چۈشەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش".
مىسال ئۈچۈن، ئەگەر سىز "ئاي نېمىشقا 15 كۈن يورۇق، 15 كۈن قاراڭغۇ؟" دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بىر تەبىئى پەن ئالىمى بولۇپ چىقىشقا بەل باغلىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر سىز "ئادەمنىڭ ياشاشتىن مەقسىدى نېمە؟" دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئىزدەنسىڭىز، بۇ سىزنىڭ پەيلاسوپ بولۇشقا قىزىقىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ
بىشارىتى. دېمەك، سىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشەندۈرمەكچى. مۇبادا سىز، ماركىسنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەلىماتىنى قوبۇل قىلسىڭىز،
"پارىج خىتابنامىسىنى" تەھلىل قىلىش ۋە "ئىنتېرناتسىئونال شېئىرىنى" ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىسىز. دېمەك، مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، شۇنىنغا مۇناسىپ ۋاسىتە قوللىنىسىز، خۇددى، تۆمۈرچىلىك قىلىش ئۈچۈن بولقا كەتكەندەك.
ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىر مەشخۇر ئالىمدىن (ئالبەرت ئەئىنستەئىن غۇ دەيمەن) بىرسى سوراپتۇ:
---سىز شۇ قەدەر دۇنياغا مەشخۇر ئالىم، ئېيتىڭە سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز زادى قانچىلىك؟
ئالىم بورنى قولغا ئاپتۇ ۋە دوسكىغا بىر چەمبەرنى سىزىپ دەپتۇ:
"-- مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇ چەمبەرچىلىك نەرسە، ئەمما مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم مۇنۇ چەمبەرنىڭ سەرتىدىكى نەرسىلەر".
ئالىمنىڭ بۇ جاۋابى تەبىئى ھالدا "رازىمەنلىك" كە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىر مەشھۇر ئالىم شۇ قەدەر كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ چەكسىز بىلىنمىگەنلەرگە نىسبەتەن نەقەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان يەردە، سىز ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلىمەكچى بولغان بىلىمىم ھەققىدە بىر ئۆمۈر "قانائەتسىزلىك ياكى تويماسلىق ئىچىدە" ھايات كەچۈرىدىغىنىمنى قىياس قىلالىشىڭىز كىرەك؟
سىز جاۋابىمنى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش ھاياتىمغا باغلاپ سۆزلەشنى تەلەپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى كەچمىشلىرىمدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي.
كائىناتقا بولغان ھەيرانلىقىمنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىدىن بولسا كېرەك، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا قىزىقىشىم بىردىنلا تەبىئى پەنگە بۇرۇلدى.
شۇ چاغدا مەن ئويلايتتىمكى "تەبىئەت دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان سىرلار كائىناتنىڭ ئۆزىدەك چەكسىز، ئۇنى پەقەت تەبىئى پەن ئۆگىنىش ئارقىلىقلا يەشكىلى بولىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەر شەخسنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئوبيېكتىپلىققا ئىگە"، ئىجتىمائى پەن ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشاش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزگىرىشچانلىق ئامىلى چوڭ، ھەم سۇبيېكتىپلىققا ئىگە، قىسقىسى تەبىئى پەننى ئۆگىنىش قىزىقارلىق ھەم ئاسان، ئىجتىمائىي پەننى ئۆگىنىشتە غۇۋالىق كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئەت دۇنياسىغا نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈنلەر يوشۇرۇنغان، ئەگەر ھاياتىمنى مەلۇم بىر خىل نېمە ئۈچۈن گە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بېغىشلىسام، ئاخىرى بىر ياراملىق ئالىم بولۇپ چىقالايمەن " دەپ قارايتىم.
شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بەرگەندە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىمىيە ۋە تەبىئى جۇغراپىيە كەسىپلىرىدە ئوقۇش ئىشتىياقى بىلەن ئارزۇ تولدۇردۇم. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ ۋە ياكى تاسادىپىيلىقمۇ، مەن ئارزۇ قىلغان كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنماي، بەلكى ئەينى چاغدىكى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ قارمىقىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن18 ياشقا تولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ يىلى، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ناھايىتى مۇرەككەپ روھىي-ھالەت ئىچىدە ئاتلاپ كىردىم. مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىم، گوياكى تاغ قاپتاللىرىدا ئۇزۇن يول يۈرۈپ تۇيۇقسىز ھالدا پايانسىز تۈزلەڭلىككە چىقىپ قالغان ئوۋچىغا ئوخشايتتى. "قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىش كېرەك، نېمىنى نىشان قىلىش كېرەك؟"، يەنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپتە "نېمىنى ئۆگىنىشۇم كېرەك، قانداق ئۆگىنىشۇم كېرەك، نېمە بولۇشۇم ياكى قانداق ئادەم بولۇشۇم كېرەك؟" دېگەن سوئاللار مېنىڭ روھىيىتىمگە ئۈرۈمچىگە كۈز پەسلىنىڭنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا سىڭىپ كىردى.
"ئىگىلىك باشقۇرۇش" كەسپىگە تاللىنىپ قالغىنىم تۈپەيلى، مەنزىلىمدىكى پايانسىزلىققا يەنە بىر خىل نامەلۇم -پارامېتر، غۇۋالىق قوشۇلدى. نېمىشقىدۇر، مەن ئىجتىمائىئى -ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلەيدىغان پەنلەرگە بىر خىل گۇمانى نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارايتتىم، ئىچىمدە ئوتتۇزنى غۇدۇراپ، ئامال يوق ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇشنى باشلىدىم. دەل شۇ مەزگىلدە، مونغۇل يازغۇچىسى مېڭ چىبېي لو لۈلۈنىڭ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «تارىم» جورنىلىدا ئېلان قىلىندى". ئەسەر جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، بولۇپمۇ ھازىرقى زامانىمىزدىكى يېتۈك ئۇيغۇر ئالىمى--- مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى، ياش ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئۆز كەسپىدە قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى --مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى ۋە مېنى "ئۆز گۆھەرلىرىمىزنى ئاچساق، قازساق، قەدىرلىسەك، كۆپرەك ياشلىرىمىز ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس، تەبىئى پەن ئۆگەنسە، تارىختىكى يىتتۈرۈپ قويغان سەلتەنەتىمىزنى تېپىۋېلىشىمىز" نىڭ مۇمكىنچىلىكى بولىدىغىنىغا ئىشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قەتى ھالدا تەبىئى پەن ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم-دە مەكتەپكە كىرىپ يېرىم يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا بىر نەچچە رەت باردىم ۋە تەلەپ قىلدىم:
-- مەنى ياكى خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە ياكى فىزىكا، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىن بىرەرگە ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار.
دېدىكى ئۇلار:
-- سېنىڭ ھازىرقى كەسپىڭگە ئالدىراپ ئوقۇغۇچى ئالمايدۇ، ئەخمەق بولما. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىزدىن خۇش بولىسەن. خىزمەت پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. مۇشۇ كەسپىڭنى ئوقۇ".
ئۇرۇنۇشلىرىم ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەندىن كېيىن، مەن قايتا كەسپ ئالمىشىش كويىدا بولمىدىم. ئوقۇشنىڭ 2 -يىلىنىڭ ئاخىرىدا "ئىگىلىك باشقۇرۇش ھەققىدە قولغا چىققۇدەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمىدىم، قانداق قىلسام ئەمەلىي بىر نەرسە ئۆگىنەلەيمەن" دېگەن ئوي بىلەن بىر نەچچە پروفېسسورنى ئىزدەپ كۆرۈشتۈم. ھەر كىم ھەر خىل پىكىرلەرنى بەردى. ئەمما شۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسر قىلغان سۆزنى مەكتەپ ئىلمى جۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك نىجات ئەھمەتجان ئەپەندى ئېيتتى:
--ياخشى سۇئال بۇ-- دېدى نىجات ئەپەندىم نېمىشقا ئىزدەپ كىرگىنىمنى ئۇققاندىن كېيىن.
--بىلىم دېگەننىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئالىي مەكتەپتە ھەممە بىلىمنى ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، --ئەمما دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -- ئالىي مەكتەپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدىغان يەر، بىلىم دېگەن دەرىزىگە توپا قونغاندەك ئادەمگە يۇقىدىغان نەرسە، سەن ھازىر ئۆزۈڭنى بىر نەرسە ئۆگەنمىگەندەك ھېس قىلىسەن، ئەگەر سەن مۇشۇ خىل ئىزدىنىش روھىڭ بىلەن بوشاشماي ماڭساڭ، ئىشىنىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسەن ".
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تىنىپ، تەرتىپسىز ۋە ئۈزۈك بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. دەرھەقىقەت، نىجات ئەھمەتجان ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە خېلى
نەرسىلەرنى بىلىپ يەتتىم. گەرچە ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىلىدا مەندە قايسى كەسپنى تاللاش، قايسى پەننى ئۆگىنىش ھەققىدە كۆپ تەۋرىنىش بولغان بولسىمۇ، ئارىدىن بىر قەرنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، مەن يەنە شۇ "بىر ئېرىقنى چېپىۋاتىمەن". بەلكىم مېنىڭ ئىزچىللىقىم مۇشۇدۇر، "ھاشىماخۇنىكامنىڭ تۈگمىنى چۆگىلەيدۇ، چۆگىلەيدۇ، بىر قىردىن ئاشالمايدۇ" دېگەندەك. "چۆگىلەھسمۇ- ھەركەت،ھەرىكەتتە - بەرىكەت" ئىكەن، ئەينى چاغدا ئۆزۈم خالاپ كەتمەي ئوقۇغان كەسپىم بۈگۈن تۇرمۇشقا ئەسقېتىۋاتىدۇ. ئەمما، بىر مەھەل بولسىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئېيتىمەنكى، مەن تېخى ئۆزۈم كۆزلىگەن بىرەر قىردىن ئېشىپ كېتەلمىدىم. سەۋەبى، ئادەم بەزىدە ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان، قىلالايدىغان ئىشنى قىلغۇچە، تۇرمۇشتىكى قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن خالاپ -خالىماي ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالىدىكەن. تەلەيلىك يېرىم شۇكى، مەن ئەمدىلەتىن، ياشلىقىمنىڭ ئوتتۇرا ھال مەزگىللىرىدە سەپەر قىلىۋاتقىنىم ئۈچۈن، خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن "چوڭ داۋاندىن ئاشالمىساممۇ، كىچىك داۋاندىن ئېشىشقا مادار يېتىدۇ" دەپ ئۈمىد ۋە غەيرەت بىلەن ياشاۋاتىمەن.
ئەمدى مەن "روھ" ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش بىلەن بۇ سۇئالىڭىزگا بەرگەن جاۋابىمنى ئاخىرلاشتۇراي:
روھسىز ئادەم ئۆلۈككە ئوخشايدۇ.
مېنىڭچە ئادەمدە ئالدى بىلەن "ئىزدىنىش، ئىنتىلىش، ۋە ئىزچىللىق شۇنداقلا ئۆزىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ھەم ئەقىل-پاراسىتىگە ئىشىنىش روھى بولۇشى كېرەك".
ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى مەغلۇپ قىلغان ئادەمدۇر. سىزنىڭ مۇشۇ بىر قاتار سۇئاللارنى سورىشىڭىزنىڭ ئۆزى --سىزدە بۇ خىل روھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تېخىمۇ روھلۇق ۋە ئۈمىدۋار بولۇپ ئۆز كەسپىڭىزدە ياخشى ئاساس سېلىڭ ۋە ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ.
-------------------------------------------------------------------------------- ئەسەردە دëيىلگەن، «تارىم(88.11)» جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ھاجىمى كوپ بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇنى سايىلىغۇچ ئارقىلىق سايىلاپ رەسىم شاكلىدە خەلى بۇرۇن يوللىغان ئىدىم، ھازىر ئۇ بوشلۇق ئىشلىتىلمىگانلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇلى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئادىرىستىكىسىنى ئوقۇغۇلى بولىدىكەن.
http://www.arken106.com/ShowPost.asp?ThreadID=115
تولۇق ئوقۇش

قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى

قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى
يېقىندا، «ئۇيغۇر بوي» نامىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ تور ئارقىلىق دۇنيادىكى قېرىنداشلاردىن ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ يازغان خېتى ۋە ئۇنىنغا جاۋابەن بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ قالدىم. مەنمۇ ئاشۇ ئۇكامدەك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش، خىزمەت قىلىش، ياشاش قىسقىسى، رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان چايقىلىپ ئۆتۈشتەك جەريانلارنى باشتىن كۆچۈرگەچكە بۇ ئۇكام ۋە بۇ ئۇكامغا ئوخشاش ئارزۇسى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدىكى بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىپ چىقتىم.

سالام ئۇيغۇر ئۇكام،
ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ھەققىدە دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
ئەگەر يېقىن مەزگىلدىكى نىشانىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشلا بولسا مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى نىشانىنغىزغا قاراپ تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقىڭىزدۇر. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنسان باشقىلارنىڭ ياردىمىگە، مەسلىھەتىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ، مەسلىھەت بېرىدۇ. ياردەمنىڭ چوڭى بولىدۇ، كىچىكى بولىدۇ، مەسلىھەتنىڭ توغرىسى بولىدۇ، نامۇۋاپىقى بولىدۇ. گەپ، شۇ شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرالىشىدا، باشقىلار بەرگەن مەسلىھەتلەر ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشىدا.
شۇ ۋەجىدىن، مەن سىزنىڭ قېرىنداشلارغا خەت يېزىپ ھەل قىلالمىغان ئىدىيىۋى مەسىلىلىرىڭىز ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقىڭىزنى قوللايمەن، ئۆز نۆۋىتىدە، ۋاقىت ئاجرىتىپ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب يازغان قېرىنداشلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.
گېپىڭىزنىڭ ئورامىدىن كارىغاندا، 20-22 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ھاياتقا سوئال قويۇپ، ئويلىنىپ ياشايدىغان يىگىت ئوخشايسىز. مانا بۇ سىزنىڭ بايلىقىڭىز. ياشلىق، ئىنتىلىش، جاسارەت ---- توغرا نىشان ۋە ئىزچىل ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكەندىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. سىزدە ئالدىنقى ئۈچ خىل ئامىل بار ئىكەن، ئەمدى كېيىنكى ئىككى خىل ئامىل ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىمكانىيىتى ئاساسىدا قارار چىقىرىپ، ھەرىكەتكە ئاتلىنىڭ، يەنى بوشاشماي، تىرىشىپ ئۆگىنىڭ.
ئىشىنىڭكى، ئاللاھ - تىرىشچان، توغرا نىيەتلىك بەندىسىنى ئارمىنىغا يەتكۈزگۈچىدۇر.
مېنىڭ سىزگە بۇ دەرىجىدە مۇراجەت قىلىشىمىنىڭ سەۋەبى شۇكى-ھاياتتا بىز نۇرغۇن قەدەملەرنى باسىمىز، ئەمما ھاياتىمىزغا، تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە قەدەم ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم، ئاشۇنداق مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرىنى سىزنىڭ يېشىڭىزدىكى چاغلاردا باسىدۇ. خۇشاللىنارلىق يېرى، سىز قەدەمنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئېلىۋېتىپسىز. دىققەت، بۇ سىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى مەقسەت قىلغىنىغىڭىزلا توغرا يۆنىلىش دەپ كەسكىن ئېيتقىنىم ئەمەس، بەزىلەر چەت ئەلگە ئوقۇشكا چىقماي تۇرۇپمۇ، بەزى چەت ئەلگە چىققانلارغا قارىغاندا ۋەتىنىمىزدە ئەھمىيەتلىك، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياشايدۇ. ئالايلى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بەزى ئېسىل پەزىلەتلىك ئىنسانلار بار. ئۇلار ئۆز شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ پاك ۋە ساپ بولۇشى، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ داۋاملىشىشى، يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تۆكۈۋاتقان تەرلىرىنىڭ، بېرىۋاتكان قۇربانلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۆزۈممۇ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بىلدىم. مېنىڭ سىزنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپسىز دېگىنىمدە، سىزنىڭ بىلىم ئېلىشكا قىزىقىدىغانلىقىڭىز، كەلگۈسىڭىزنى ياخشى قىلىشقا ئىنتىلىدىغىنىڭىزنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ بىر خىل ساغلام پسىخىكا ۋە ئاكتىپ بولغان كىشىلىك قاراشتۇر. سىستېما نەزەرىيىسى بويىچە پىكىر يۈرگۈزگەندە، "توپنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىقتىدارى ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى يەككە ئامىللارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك". ياشلار مانا مۇشۇ توپنىڭ موتورى. ئەپسۇسكى، ئەتراپىمىزغا باقساق، سىز دىمەتلىك نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىمىز بار، بىراق قانچىسى سىزدەك ئارزۇ-ئىستەكتە؟ سىزدەك ئىنتىلىشتە؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك روھىي ھالەتتە بولسا ياخشى بولاتتى، ئەمما رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئىجتىمائىيىتىمىزدە، جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا، ئاكتىپ بولغان يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغان مېخانىزم بىزدە ئاشۇ يۇقىرىدا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن بىر قىسىم ياخشى ئىنسانلىرىمىزنىڭ تىرىشقىنىغا باقماي تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپلەيلى، كۈنسايىن سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن، بىر مىللەت، بىر جەمئىيەت زىددىيەت ۋە بېسىم ئىچىدە ياكى تەرەققىي قىلىدۇ ياكى غايىپ بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۈچۈن يول بىرلا---ئۇ بولسىمۇ يامانلىقتىن غالىپ كېلىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىش. كىشىلىرىمىز ئارىسىدا جاھان كۆرگەنسېرى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كۈچەيگەنسېرى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ ئۆزىنىلا ئەمەس، كۆپنىمۇ ئويلايدىغان، خەلقىگە جۈملىدىن ياشلارغا قولىدىن كەلسىلا ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن ھىس قىلىش مۇمكىن. ۋاھالەنكى، سىزدەك بىلىم ئىزدىگۈچىلەرنى قوللاشنى كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىز بۇرچ ۋە شەرەپ دەپ بىلسىمۇ، ئەمما قوللاشنىڭ دەرىجىسى ۋە مەزمۇنى كىشىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يەردىكى شارائىتى ۋە ئىمكانىيىتىگە بەقىپ ئوخشاش بولمايدۇ. سىز خۇدا بۇيرۇپ ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ چەتئەل تۇپرىقىغا قەدەم باسقاندا ئاشۇلارنى ھېس قىلىسىز. ئىشىنىڭكى، بوشاشماي تىرىشچانلىك كۆرسەتسىڭىزلا چەت ئەلگە چوقۇم كېلەلەيسىز، مەن ئۆزۈم تونۇيدىغان «چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن» دەپ نىيەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىرىنى بىلىمەن. دېمەك، ئۇ تامامەن مۇمكىن ئىش. مەن دېھقاننىڭ بالىسى، ئىقتىسادىي ئاساسىم يوق دەپ مەيۈسلەنمەڭ، مەنمۇ تاغلىك رايوندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ، ئاندىن توفەل، گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشكا كەلگەن. مەن تونۇيدىغان كىشىلەردىن بىر نەچچىسىمۇ قەشكەر، ئاكسۇنىڭ، كورلا، تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا، كىچىك بازارلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كەيپى-ساپانىڭ، ھوزۇر-ھالاۋەتنىڭ كەينىدە بولماي، تىرىشىپ ئوقۇپ چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئىقتىساد مەسىلىسى ئەلۋەتتە سىزنىڭلا ئەمەس، ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن مائاشلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كىرىم پەرقىنى ۋەتەندە چوڭراق دېيىشكە بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردكى تۇرمۇش ۋە باھا سىستېمىسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئاساسەن ئوخشاش. يەنى، ئاتا-ئانىسى دېھقان بولغان ۋە كادىر بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى چەت ئەلدە ئوقۇشنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ قەدىمىنى ئاساسەن ئوخشاش پەللىدىن باشلايدۇ.
سىز ئاۋال تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تەييار بولۇڭ، پۇرسەت، تەلەي، رىسقى دېگەنلەر ئاندىن سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. توردىكى بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك، چەت ئەلگە ھەر خىل ئامال بىلەن كەلگىلى بولۇشى مۇمكىن. كېلىشنىڭ ھەر خىل سەۋەبلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، قويۇق جامائەتچىلىك بولۇپ ياشاپ كەلگەن خەلق. مېنىڭچە، چەت ئەلنىڭ مۇھىتى ھەرقانچە ئەركىن،گۈزەل ۋە باياشات بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇھىتنى، ئىجتىمائىيلىقنى سېغىنىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائى مۇھىتنى، كەيپىياتنى مەلۇم سان ۋە سۈپەت پەيدا قىلىدۇ، دېمەك بۇ خىل مۇھىت ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بولسىمۇ، چەت ئەلدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى ئىش. سىزدەك ياشلارغا نىسبەتەن، ئوقۇش يولى بىلەن كېلىش تامامەن مۇمكىن، گەرچە ئۇنىڭ جەريانلىرى مۇرەككەپ، جاپالىق، ئۇزۇن ۋە قىممەت بولسىمۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش ۋە تىجارەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەلگە چىقىشى 1980-يىللاردىن كېيىن يىلسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 80- ۋە 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چەت ئەلگە چىققانلارغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى يۈزە كۆزەتكەندە، يىپەك يولى ۋادىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دالالىرىدا ئاتا - بوۋىلىرى خەلقئارا سودا-تىجارەت بىلەن شۇگۇللىنىپ، خەلقئارا ئالاقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ كەلگەن، ئەمما ئۇزۇن بىر مەزگىل سولچى، بەكىنمە سىياسەتنىڭ تەسىرىدە نادان ۋە نامرات قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ، دەماللىققا چەت ئەلگە چىقىشنى ماددىي جەھەتتە مەنپەئەت ئېلىشنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملىك يولى دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىقتىسادنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنىڭ بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدىغاندەك، ياكى يامغۇر ياغسا يەرنى ھۆل قىلىدىغاندەك ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە يۈرۈش قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ياپونىيەگە يۈرۈش قىلدى. ياپونىيەدەك ئەمگەك كۈچى قىممەت، مائاشى ئۈستۇن ۋە مال باھاسى يۇقىرى دۆلەتتە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇپ، دەرستىن سىرت چاغلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ ۋەتەنگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبەتەن "باي" ھالەتتە پەيدا بولۇشى، بەزى كىشىلىرىمىزگە چەت ئەلگە چىقىش خۇددى ئۇيغۇر خەلك چۆچەكلىرىدىكى "ئېچىل داستىخىنىم، ئېچىل" دىكىدەك، چەت ئەلگە چىقىش بىلەن پۇل، بايلىق ئۆزى كېلىدىغاندەك تەسىر بەردى. ئەمەليەتتە، ئۇ خىل تەسىرلەرنىڭ بەزىلىرى مۇھىت ۋە شارائىت ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدىلا راست بولۇشى مۇمكىن. (يەنى سىز ئامېرىكا، ياپونىيەدەك دۆلەتلەردە پۇل تېپىپ، شۇ دۆلەتلەردىكى چېغىڭىزدا ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشاپ، مەلۇم مىكداردىكى پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە ياكى قەشقەرگە قايتسىڭىز). ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىز پاكىستاندەك ئۆز پۇخرالىرىنىڭ قورسىقىنى تولۇق باقالمىغان، بىر مۇستەقىل دۆلەت بولسىمۇ بەزى جەھەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن قالاق، ئارقىدا قالغان دۆلەتكىمۇ چەت ئەل دەپ چىقىپ بېقىشتى. بۇنداق دۆلەتلەرگە چىققاندىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەگە چىقىپ كۆرۈپ باققان ياخشى، ئەگەر ئوقۇش ئۈچۈن بولمىسىمۇ.
ئىلاۋە-1: ئارىمىزدا بەزىلەر ئېھتىمال بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ «بۇ بەكلا ماتېرىيالىستىك قاراشقۇ، بىز قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار تۇرسا» دەپ ئېيىبلەش نەزەرىدە قارىشى مۇمكىن. توغرا ، بىز ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن «ئەھمىيەتلىك» ئىشلار بار. سۆزلەپ كەلسەك، «توغرا ئادەم بولۇپ ياشاشتىن تارتىپ، ئىمانلىق مۇسۇلمان بولۇپ ياشاشقىچە، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشتىن تارتىپ، ئەۋلادلارغا ئابىدە تىكلەشكىچە» بەزى مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىشتىن قىلغاندىن كۆرە ھەر كىشى ئۆز لايىقىدا ئىش قىلغان ياخشى.
ئەمما چەت دۆلەتلەر قانچە تەرەققىي قىلغان بولمىسۇن، ئۇلاردىن يەنىلا ئالدىراپ كۆپ ئۈمىد كۈتمىگەن ياخشى. مۇشۇنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مەن تۆۋەندىكىلەرنى سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ئىستەكتىكى كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم:
چەت ئەلگە كېلىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش.
چەت ئەلگە كېلىپ ئوقۇش ياخشى ئىش، ئادەم بىر تەرەپتىن بىلىم ئالىدۇ، بىر تەرەپتىن جاھان كۆرىدۇ.
دۇنيانى، شەيئىلەرنى چۈشىنىشى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاش جەريانىدا ئىنسانلىق خاراكتېرى مۇستەھكەم بولۇپ يېتىلىپ بارىدۇ. لېكىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش---بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتتا كۆزلىگەن مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمەس، ئەكسىنچە باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر قېرىندىشىمىز "ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئوقۇغۇچى بۇ يەردە تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزەلەيدۇ، مەسىلەن، ئازادە ياتاق، خۇسۇسىي كومپيۇتېرغا ئىگە بولىدۇ" دەپ يېزىپتۇ. ئۇنىسى راست، ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچىنى ئادەتتە بىكارلىق ئوقۇش ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا $1500 دوللاردىن ئوقۇش تەمىنات پۇلى بىلەن بىر يىلدا 9 ئاي تەمىنلەيدۇ. (بۇ ئوقۇشلار ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلىشى ئادەتتە 2-5 يىلغىچە ئىنتەرۋالدا بولىدۇ) ئەگەر 2-3 ئوقۇغۇچى بىلەن ياتاقداش بولۇپ ئېيىغا ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن 400-500 دوللار تۆلەپ، تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ يېسىڭىز، ئۇ پۇلدا تېخى كومپيۇتېرلا ئەمەس، ماشىنىمۇ ئالالايسىز. ئەگەر ئائىلىڭىز بولسا يەنە باشقا يەردە ئاز-تولا ئىشلىمىسىڭىز بۇ يەردە ئۇ پۇل بىلەن ھەتتا ئۈرۈمچىدە بار بەزى تۇرمۇش سەۋىيىڭىزنىمۇ ساقلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى بۇ پۇللار بۇ يەردە ئۇنقىۋالا كۆپ پۇلمۇ ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ شەخسلەرنىڭ ئىستېمالنى تاللىشىغا باغلىق.
ئىلاۋە-2: مۇشۇ ئىشلارنى يېزىۋېتىپ بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئامېرىكىدىن تەتىل قىلىپ ۋەتەنگە قايتقاندا، بىر نەققە بۇرادەرلەر بىلەن بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇردۇق. بۇرادەرلەردىن بىرى ماشىنام بار-يوقلۇقىنى سورىدى. "يوق" دەپ جاۋاب بەردىم مەن ۋە چۈشەنقە بەردىم. "خالىسام، 600$ غىمۇ 6000$ غىمۇ ماشىنا ئالالايمەن، لېكىن ھازىر زۆرۈرىيىتى يوق، مەن ئۈچۈن ماشىنا دېگەن ھەۋەس ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت بولسا ئالىدىغان نەرسە". دېمىسىمۇ، ئامېرىكىدەك ئىستېمال خاھىشى كۈچلۈك دۆلەتتە 3000-4000 دوللار پۇلىڭىز بولسا، يېڭى ماشىنا ئالالايسىز. چۈنكى، ئىناۋەتلىك كارتا(كرەدىت كارد) شىركەتلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمالچىلارنى ئۆسۈمسىز (قىسقا مەزگىللىك) ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش ئەمەليەتتە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىنقە قەرز ئېلىپ ئىشلىتىش بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا مەۋجۇت مۇھىم 6-7 خىل قەرز شەكىللىرى يەنى ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش (مورتگاگە)، ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش( ئائۇتو لوئان) لارغا ئوخشاش. ئەمما ئىناۋەتلىك كارتا ئاركىلىق قەرز ئۈچۈن تۆلەيدىغان ئۆسۈم ئۆي ئېلىش ئۈچۈن، ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشلار تۆلەيدىغان ئۆسۈمگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ) بۇ خىل تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ قىزىقتۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى باھالىق توۋارلارنى سېتىۋالغانلار مەلۇم ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، خالاس.
ئەپسۇسكى، ئوقۇش تۈگىگەن ھامان، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىڭىزمۇ توختايدۇ. دېمەك، مەيلى ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ ياكى دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ، خۇددى بۇ تاغقا چىققاندەك بىر ئىش. تاغقا چىققاندىن كېيىن ھەمىشە تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇۋالىدىغان ئىش بولمايدۇ، بەرىبىر چۈشمەي ئامال يوق. مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە. ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستېرلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىل، دوكتورلار بىر يېرىم يىل ئۆز كەسپىدىن پراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بار، ئەگەر شۇ جەرياندا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تېپىپ شىركىتىنىڭ قوللىسىھىغا ئېرىشەلىسە، ئامېرىكىدا تۇرۇش سالاھىيىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بولمىسا كەلگەن يېرىگە كەتمەي ئامال يوق، كەتمىسە، قوغلىۋەتمەيدۇ، ئەمما قانۇنسىز بولۇپ ھەر جەھەتتىن قىينىلىدۇ. ئامېركىغا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋال ئوقۇيدۇ، ئۇنۋاننى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ۋە چەت ئەللىكلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ خىزمەت تاپىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇپ خىزمەت تاپالمىغىنى يوق ئىكەن، دېمەك بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇپ خىزمەت تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ. (ۋەتەنگە قايتىپ كەتمەي تۇرۇپ قالىدۇ دېگەن پەرەز ئاستىدا). مېنىڭچە باشكا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇشۇنىنغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇشقا كەلگەندە، ئوقۇغاندا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئويلىنىپ، كەسپنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە ئىككىلەنمەي تەڭشەپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدغان كەسپلەرنى ئوقۇش كېرەك. كاپىتالىستىك ئىقتىساد-ئىكتىسادى دەۋرىيلىك ئاساسىدىكى ئىگىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا قەرەلسىز ھالدا ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، كاساتلىق ۋە گۈللىنىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنگەن چاغدا ئەمگەك بازىرى ئومۇمىيۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئازراق تېخنىكىلىك بىلىمىڭىز ۋە تەجىربىڭىز بولسىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كېتىسىز. ئىقتىساد ناچارلاشقاندا يەنى تۇرغۇنلۇق ۋە كاساتلىشىشقا يۈزلەنگەندە ئىشسىزلىق كۆپىيىپ، شىركەتلەر ۋەيران بولغاندا خېلى ئوبدانلا تەجرىبىڭىز ۋە قابىليىتىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ئىش چىقماي قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، بۇ جەھەتتە ئەھۋال كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقىنى پۇل-مۇئامىلە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېرغا ئالاقىدار كەسپلەردۇر. ئۇنداقتا،بۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلار ئۈچۈن زادى قانداق كەسپلەرنى ئوقۇغاندا ئاندىن نىسبەتەن خاتىرجەم خىزمەتكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بەزىلەر مۇشۇ سۇئالنى قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئېنىق ۋە مۇتلەق جاۋاب يوق. ئەمما مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، سەھىيە، تېببىي داۋالاش، دورىگەرلىك، بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ۋە بوغالتىرلىق، ئاكتۇئارىئال كەسپلىرىنى ئوقۇغانلار ھەمدە نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇك ئوقۇپ، نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغانلارنىڭ (ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتكۇچىلىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ) خىزمەتكە ئېرىشىشى ۋە خىزمەتنى ساقلاپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى.
ئىلاۋە-3: ئەلۋەتتە، بۇ مۇتلەق ئىش ئەمەس، يەنىلا كونكرېت شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە تالانتى بىلەن ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دورا شىركەتلىرىدە، سانائەت شىركەتلىرىدە، پەن-تېخنىكا ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ شۇلارنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلاملىرىغا كىرەلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ بار.
ئادەتتە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا، ئوقۇشقا كەلگەن بىر ياش،ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندە، ئۆيلۇك-ئوچاقلىق بولىدىغان مەزگىل بولىدۇ-دە، توي قىلىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ بىر ئۆينى باشقا كىيىدۇ، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، چەت ئەلگە كېلىپ ئوقۇپ، ئىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارماق ئوڭايمۇ ئەمەس. قەشقەر-ئاتۇشتا، ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش بىلەن نەۋ-يوركتا ياكى توكيودا ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىشنىڭ پەرقى كۆپ. يەنە بىر قېرىندىشىمىز «جاھاندا قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت» دەپ يازدى، يەنە بىر قېرىندىشىمىز «قازاننىڭ قۇلىقى بەزى يەردە تۆت ئەمەس، ئالتە» دەپ يازدى. ئادەملەر پىكىر قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشتا، ھاياتتا كۆرگەنلىرىگە، باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن يەكۈن چىقىرىپ سۆزلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ئېنىق. جۈملىدىن ئاشۇ ئىككى قېرىندىشىمىزمۇ شۇنداق. ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ پىكرىدە مۇئەييەن ھەقىقەت بار. ئامېرىكا جەمئىيىتى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بەك چوقۇنىدۇ. ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كونكرېتلاشقان شەكلىنى دوللار ياكى ئىككىنچى بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ماددىي بايلىق بىلەن ئۆلچەيدۇ. كىشىلەر ئارا ئالاقە ۋە دوستانىلىك، مېھىر-مۇھەببەت سۇس. ئېھتىمال بۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىندۇر ۋە ياكى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. سىزمۇ بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەنسىز، ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىسىز. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بىز نىسبەتەن ئازادىرەك ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان. دەماللىققا بۇ بېسىملار ئېغىر كېلىدۇ.بۇ بېسىملارنى يوق قىلىشىنىڭ بىردىنبىر ئامالى، مۇقىم بىر خىزمەت ۋە ئۈيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن دۇنيانىڭ نەرىدە بولمىسۇن مەلۇم مۇناسىۋەتنى ساقلاش. تۇراقلىق كىرىم ھەر ھالدا نۇرغۇن غەم-ئەندىشىلەرنى كۆتۈرېۋىتىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە ھېچكىم سىزگە خىزمىتىڭ مۇقىم دەپ كاپالەت بېرەلمەيدۇ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ئالاھىدىلىكى. مېنىڭ يۇقىرىدا كەسپ تەڭشەش زۆرۈر بولسا تەڭشەش كېرەك دېگىنىم مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلغان. بولمىسا ئىشسىز قالىدىغان گەپ، ھەتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇك ئۇنۋانى بار ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىمۇ ئىشسىز ياكى يېرىم ئىشسىز ھالەتلەر مەۋجۇت. ئىش بولمىسا قانداق قىلىدىغان گەپ؟ كۈندىلىك ھايات "بىر نەرسە" تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىش ئىزدەپ، ۋەتەندىكى بەزى ياسىما سۆلەتلەرنى تاشلاپ ئاشخانىدا، كىرخانىدا دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان گەپ، ئازراق قاملاشتۇرالىسا تاكسى ھەيدەيدىغان گەپ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇمۇ ئەمگەك، ئەمگەك قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى تېپىپ يېيەلىگەن ئادەم يەنىلا شەرەپلىك.
خوش، «قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت » دېگەن قېرىندىشىمىز يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ دېگەن بولۇشى مۇمكىن، دېمەك ئۇ يالغان گەپ ئەمەس.
ئەمدى «قازاننىڭ قۇلىقى ئالتە" دېگەن يەرگە كەلسەك، بۇنى دېگۈچى قېرىندىشىمىزنىڭ تەلىيى ۋە قابىلىيىتى بار ئىكەن، ئۇ ئۆزى دېگەن شارائىتقا ئېرىشىپتۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىمۇ راست.
بۇ ئادەم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇلىدىغان ئەمەس، بەلكى قانۇن ئارقىلىق ئادەملەر ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت، (ئايرىم، يەككە ھادىسىلەرنى ھېساپكا ئالمىغاندا). ئەمەلىيەتتە، دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار ياكى ئەمەسلىكى شۇ دۆلەتنى تىرەپ تۇرىدىغان ئۈستقۇرۇلمىغا مەنسۇپ سىياسەت، قانۇن ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملەرنىڭ بايلىقنى كىشىلەرگە تەڭشەشتە ئادىل ۋە ھەققانىي بولغان مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش-بېرەلمەسلىكىگە باغلىق. ئامېرىكا ئىقتىسادى، خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك ئاساسىدىكى، بازار مېخانىزمى ئارقىلىق ئايلىنىدىغان ئىگىلىك. بۇ جەمئىيەتتە خۇسۇسىي ئىگىلىك قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق نەرسە قانۇنىي جەھەتتە سىزگە تەۋە ئىكەن، ئۇنى ھېچكىم سىزدىن تارتىپ ئالالمايدۇ. باي بولۇش ئۈچۈن خۇشامەت قىلىش كەتمەيدۇ. سىزدە بىلىم، ئىگىلىك تىكلەشتە زۆرۈر بولغان ئۆزگىچە تىجارەت ئىدىيىسى ۋە مەلۇم سوممىدىكى باشلانما كاپىتال بولسا بولدى. ھېچكىم سىزنى چەكلىمەيدۇ، كۆپ ئىشلىدىڭ، ئىشلىمىدىڭ، جىق تاپتىڭ، ئاز تاپتىڭ دېمەيدۇ، ئەمما خۇسۇسىي كىرىم بېجى ۋە تىجارەت بېجىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرسىڭىزلا.
گەرچە بۇ يەردە كەم دېگەندە پارچە-پۇرات ئىش بولسىمۇ چىقىپ تۇرسىمۇ (باشقا كەلگەندە ئامال يوق) لېكىن بىر ئۆمۈرنى بۇنداق ئىشلەپ ئۆتكۈزۈش قورقۇنچلۇق، شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئەلمى-تەلمىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يەنىلا يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، ياخشى خىزمەتلەرنى تاپقان ئەۋزەل. بۇ ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي مۇمكىن. دېمەك، خۇلاسە كالام، بۇ يەردە ۋەتەندىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىستېما جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرق قىلىدىغان يەنە بىرى تەرىپى، قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ھەرقانداق پەرەز بىلەن ئىسپاتسىز ھالدا بىر كىشىنى تۇتۇپ تۇرۇش، سوراق قىلىش ياكى جازالاش يەنى قانۇننى دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە پۇخرالار ئۆز پرېزىدېنتلىرىنى، باشلىقلىرىنى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمىغانلىقى، ھوقۇقىنى سۇيئىستېمال قىلغانلىقى ياكى ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىكلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭمۇ ۋەتەندە باشلىقلارنى تىللاش ھوقۇقى بار، ئەمما بۇ باشلىقلار جاھانگىر، ئەمپېرىئال دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇشى شەرت.
مېنىڭچە «قازاننىڭ ئالتە قۇلىقى بولىدىغان ئەھۋالمۇ بار» دېگەن قېرىندىشىمىز مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان.
يەنە كىمدۇر بىرى، ئېسىمدە قېلىشىچە، "بۇ يەردە بىكارلىق داۋالىنىش، بىكارلىق ئۆي، ئىش بولمىسا پۇل بېرىشلار بار" دېگەندەكلەرنى يازدى. بۇ ئېھتىمال كۆپرەك ئۇيغۇر چەت ئەلگە چىقسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن دېگەن گېپىدۇر. مېنىڭچە ئۇ خىل قاراش «ھېچنېمىگە قارىماي جان بېقىش مۇھىم» دېگەندەك تەسىر بېرىدىكەن. مەلۇم مەزگىل، ئىلاجىسىزلىقتىن ئۇ خىل شارائىتتىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇنى مەقسەت قىلىپ چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق ياكى ئەرزىمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاچالنىڭ چامغۇرىدا ئوماچ ئىچىپ، تۇرپاننىڭ كارىزلىرىدا ئاققان سۇغا زاغرا چىلاپ يەپ ئاشۇ يەردە ئۆز خەلقى بىلەن ياشىغان ياخشى.
خۇلاسىلىگەندە چەت ئەلگە كېلىش، ئوقۇشقا چىقىشنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇسبەت ۋە مەنفى تەرەپلىرى بار. ھەممىنى ئويلىشىپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ياخشى-يامانغا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىنگلىز تىلىنى ئاشۇ يەردىلا پۇختىلاپ، كەسپىي ئاساسنى ئوبدان سېلىپ، توفەل/گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ كېلىش كېرەك. بولمىسا تارتىدىغان جاپا باشتىلا كۆپ بولۇپ كېتىپ، ۋايسايدىغان، مەسلىھەت بەرگەنلەردىن، ياردەم قىلغانلاردىن ئاغرىنىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن يىرىكلىشىپ، پسىخىكا جەھەتتىن نورمالسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.ئەينى چاغدا "بېرىۋالساملا ھەرقانداق جاپا بولسا چىدايمەن، مەن دېگەن ئەركەك" دېگەن گەپنى دېمەك، ئە-مائىلدە يازماق ئوڭاي.رېئال تۇرمۇش دېگەن رەھىمسىز، ئۇنى باشتىن كەچۈرمىگىچە ئادەم بىلمەيدۇ. ( مەن ھەتتا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ تۇرۇپمۇ ۋايسىغان ئادەملەرنى كۆرگەن). ئۇنىگ ئۈستىگە بۇ يەردە ئادەم ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، خەلقىدىن ئايرىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ھەتتا خىزمەت تېپىپ بىر مەزگىلگىچە تەنھا ھالدا "ئوقۇش، ئىشلەش، ئىشلەش يەنە ئىشلەش" تىن ئىبارەت بىر خىل تۇرغۇن تۇرمۇش ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ياشايدىغان گەپ.
ئۇيغۇر ئۇكام، ئادەملىرىمىز چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياشلىرىمىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. بەزى ئادەملەردە شۇ ئۈمىدلەرنى ئاقلىغۇدەك ئارمان بولسىمۇ دەرمان بولمايدۇ، بەزىلەردە دەرمان بولسىمۇ، ئۇنداق يۈرەك بولمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆز لايىقىدا ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ. دېمەك چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ يەردە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تىلى ئىنگلىزچىدە مۇكەممەل، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلىرى ئۆگەتكەنلىرىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. يىل دېگەن ئۆتۈۋېرىدۇ، چوڭلارمۇ قېرىپ تۈگەيمىز. ئاشۇنداق كېتىۋەرسە، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش كۈچى زور بولغان جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئاڭلىسام، ئاز ساندىكى ئادەملەر بۇ دېگەن دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەت دەپ يۈرۈش-تۇرۇشتا بەكلا "ئەركىن" ئىكەن، توغرا، ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، نەگىلا بارمىساق، ئاتا -بوۋىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويمىغىنىمىز ياخشى. قىسقىسى بۇ يەردىمۇ يول ئۇنچىۋالا تۈز ئەمەس، ھەممىگە مېھنەت ۋە بەدەل كېتىدۇ.
مەن يەنە بىراۋنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغانغا نەچچە يىل بولۇپمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ قويمىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قېرىلىقى، سەت ئىكەنلىكى بىلەن نومۇس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. يەنە بىراۋنىڭ بەزى يۇرتداشلىرىنىڭ جاھاندارچىلىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ سۆزلىگىنىنى ئاڭلىدىم. مانا بۇلار ئاز ساندىكى ئاتالمىش چوڭ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن چىققىنى. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتداشلىرىدىن چانغان ئۇ خىل ماڭقۇرتلارچە ئىدىيەدىكى ئادەملەردىن نېمە ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن؟ مەن سىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئاقكۆڭۈل، جاپاكەش ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزىنىڭ بىغۇبار بالىلىقىنى يېتىلدۈرگەن مېھنەتكەش، ساددا، سۆيۈملۈك يۇرتداشلىرىدىن ۋە يەر شارىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۆسنىگە جايلاشكان مۇھەببەتلىك سەھرايىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆز خەلقىگە ئىلاجىسىزلىقتىن مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەندىمۇ، ھەرقانچە قىيىن ئەھۋالدىمۇ خىيانەت قىلمايدىغان، زىيان سالمايدىغان ۋاپادار، ۋىجدانلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى دەپ ئويلايمەن. مەن يەنى سىزنى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئوغلى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ئوغلان دەپ ئىشىنىمەن.
مېنىڭ ئوچۇق خەتنى يېزىشىم گەرچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، سىزگە بولغان ئاشۇ خىل ئۈمىد ۋە ئىشەنچتىن تۇغۇلدى.
تىرىشىڭ ئۇيغۇر ئۇكام، خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئە-مائىل ئاركىلىق مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
ئېھتىمال سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاز-تولا ياردىمىم تەگسە ئەجەپ ئەمەس.
سالام بىلەن،
بىر ئۇيغۇر ئاكىڭىز.
(بۇ خەتنىڭ ئاپتورى قەيسەر مىجىت ھازىر ئامېرىكا ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىڭ خەلقئارالىق سالامەتلىك ئىقتىسادى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ
.)
تولۇق ئوقۇش

ئەيدىز كىسىلى ھەققىدە ئومومى بايان

ئەيدىز كىسىلى ھەققىدە ئومومى بايان
ئەسلى مەنبەسى: www.izdinix.com دىن لاچىن يازمىسى
1 . دۇنيا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيتى قانداق ؟ 1981 - يىلى ئامەركا تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كىسىلىنى بايقىغاندىن بۇيان ، ئەيدىز كىسىلى پۇتۇن دۇنياغا تارقالدى . گەرچە ئىنسانلار ئەيدىز كىسىلى بىلەن 20 نەچچە يىل كۇرەش قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ھازىرغا قەدەر يەنىلا بۇ كىسەلنى داۋالاشتا ئۇنۇملۇك ئۇسۇلىنى تەپىپ چىققىنى يوق . 2002 - يىلى 12 - ئايغا قەدەر پۇتۇن يەر شارىدا 60 مىليۇن ئادەم ئەيدىز ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ، 12 مىليۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كىسەللەر ھايات ياشاۋاتقان بولۇپ ،20 مىليۇن ئادەم ئەيدىز كىسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان . بۇنىڭ %95 تەرەققى قىلىۋاتقان دولەتلەردە بولۇپ ، ئادەم سانى تىز كوپىيىۋاتىدۇ . 2002 - يىلى بىر يىل ئىچىدە يەڭىدىن يوقۇملانغۇچىلار 5 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ ، مولچەرگە قارىغاندا ھازىر كۇنىگە 1400 ئادەم يەڭىدىن يۇقۇملىندىكەن . بەزى دولەت ۋە رايونلاردا ئەيدىز كىسىلى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئولۇپ كەتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالغان .
2 . دولىتىمىزدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى قانداق ؟ 1985 - يىلى دولىتىمىز تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىغا دىئاگىنۇز قۇيۇلغاندىن تارتىپ ، 2002 - يىلنىڭ ئاخىرغا قەدەر مەمىلكەت بويىچە ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغانلار 40560 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 2639 غا ، ئولگەنلەر سانى 1047 گە يەتكەن .مۇتەخەسسىلەرنىڭ مولچەرلىشىچە ، لىمىزدە ئەمىلى ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغانلار سانى 1 مىليۇندىن ئەشىپ كەتكەن بولۇپ ، جەلقئارا ئولچەم بويىچە ئەيتقاندا ، يۇقۇملىنىش نىسپىتى ئەشىپ كەتكەن . دولىتىمىزدە ھازىر يەنىلا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش توۋەن مەزگىلدە تۇرغان بولسىمۇ لىكىن ، دولىتىمىز نۇپۇس ئاساسى سانى كوپ بولغاچقا ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كوپ بولغاچقا ،ئەيدىز كىسىلىنڭ ئالدىنى ئەلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىيىتىدىن خوشال بولۇپ كەتىشكە بولمايدۇ . مۇتەخەسسىلەرنىڭ مولچەرلىشىچە ئەگەر پائال تەدبىر قوللانمىغاندا ، 2010 - يىلغا بارغاندا جۇڭگو ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىليۇنغا يىتىش ئەھتىمالى بار ئىكەن .
ئەيدىز كسىلى دىگەن نىمە ؟ ئەيدىز كىسىلى دىگەن بۇ سوز ئەنگىلىزچە ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىس بولۇپ ، تىببىي ئىلمىدە << ئىمونىت خارەكتىرلىك كەمتۇكلۇك ئۇنۋەرسال كىسىلى >> دەپ ئاتىلدۇ . جۇڭگوچە يەزىقتا ئەنگىلىزچە يەزىقىنىڭ تۇللۇق ئاتىلىشىغا ئاساسەن ( ئاكقۇئىتەد لممۇنەدەفىكىئەنكي سيندرومە) دىگەن خەتنىڭ قىسقارتىلمىسى بويىچە (ئائىدس) << ئەيدىز كىسىلى >> دەپ تەرجىمە قىلىنغان . بۇ نام ئەيدىز كىسىلى دىگەن مۇكەممەل ئۇقۇمنى ئىپادىلەپ بەرىدۇ . بۇنىڭدىن ئەيدىز كىسىلىنى دىگەن 3 ئەنىق مەنانى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ . بىرىنچىدىن ؛ ئەرىشىش دىگەن سوز ، كىسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا بۇرۇن كورۇلۇپ باقمىغان ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى پەيدا قىلغان يۇقۇملۇق كىسەل ئىكەنلىگىنى كورىۋالغىلى بولىدۇ . ئىككىنچىدىن ؛ ئەمونىت كەمتۇكلىگى ؛ كىسەللىك يۇز بەرىش جەھەتتە ، ئاساسلىغى ئادەم بەدىننىڭ ئەمونىت سەستىمىسى زىيانغا ئۇچىراش ئارقىلىق ، ئەمونىت سەستىمىسىنڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى توۋەلەپ كەتكەنلىكنى كورسىتىدۇ . ئۇچۇنچىدىن ؛ ئۇنۋىرسال ئالاھىدىلىگى : - كىلىنكىلىق داۋالاش جەھەتتە ئىمونىتلاش كەمتۇكلىگى تۇپەيلىدىن تۇرلۇك سەستىمىنىڭ پۇرسەت خارەكتىرلىك يۇقۇملانغانلىغىنى ، شۇنىڭ بىلەن مۇرەككەپ بولغان داۋالىنىشنىڭ كىلىپ چىققانلىغىنى بىلدۇرىدۇ .
4 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ قانداق ئوخشىماسلىغى بار ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋىروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەندىن باشلاپ ، ئادەم ئورگانىزىمى ئۇنىڭ بىلەن كۇرەش قىلىشنى باشلايدۇ . ۋەروس ئادەم بەدىندە كوپىيىش ئۇچۇن مەلۇم ۋاقىت كەتىدۇ . باشلىنىش باسقۇچىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىمونىت ئىقتىدارى ئەغىر زىيانغا ئۇچىرغان بولغاچقا رۇشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى كورىلمەيدۇ . بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار دەپ ئاتىلدۇ . يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەمونىت ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ مەلۇم دەرىجىدە يەتكەندىن كەيىن ، باشقا مىكروپلار ئادەم بەدىنىگە كىرىشكە باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن كوپ خىل كىسەللىك يۇز بىرىدۇ . بۇ ئادەتتە پۇرسەت خارەكتىرلىك يوقۇملىنىش دەپ ئاتىلدۇ . مەسىلەن ؛ ئەغىر ھالدا ئىچى سۇرۇش ، ئوپكە ياللۇغى ۋە باشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى كورىلدۇ . يەنە بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا گومۇشلۇق قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلدۇ . بۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز كسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان بولىدۇ . ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئىپادىلىرى كوپ خىل بولۇپ ، ئەڭ ئاخىردا قاتتىق ئىچى سۇرۇش ، ئوپكە ياللۇغى ،ئىشىقلىق راك قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن تىنى ئاجىزلاپ ئولۇپ كەتىدۇ . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئايلانغۇچىلار بىر قانچە ئايدىن كەيىن بىر قانچە يىلغىچە ئومۇر كورىدۇ . ئادەتتە 8 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ . ئەڭ ئۇزۇن ئومۇر كورگەنلەر 19 يىلغا يەتىدۇ .كىسەللىك تەرەققى قىلىشىغا تەسىر كورسىتىدىغان ئامىللا ناھايتى كوپ بولۇپ ، دوختۇرنىڭ يەتەكچىلىك قىلىشىغا پائال ماسلىشىپ داۋالىنىش ، ئۇزۇقلىنىش ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئۇنۇملۇك تەدبىرلەرنى قوللانغاندىلا كىسەللىك تەرەققى قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
5 . ساغلام كىشىلەر قانداق قىلغاندا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالىدۇ ؟ ئەيدىز كىسىلى ئاساسلىغى جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۇزۇش ، قان ۋە بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئۇچ خىل يول ئارقىلىق يوقىدۇ . ساغلام ئادەم تىرىسى بىلەن بەدەن قاتلىمى زەخمىلەنسە يەنە كىلىپ بۇ زەخمە ئورنى ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بارلارنىڭ قەنى ، ئۇرۇقدان ، ئىسپىرما ، سۇت سۇيۇقلىغى بىلەن ئۇچىراشسا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋرالىدۇ .
6 . ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟ گەرچە ئەيدىز كىسىلىنى ئۇنۇملۇك داۋالاش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ لىكىن ، ئۇنى يەنىلا داۋالاشقا بولىدۇ . ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋاقتىدا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش لازىم . مەسىلەن ؛ ئوپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ۋاقىدا داۋالانسا ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ . زۇكام بولغاندا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ داۋالاتسا ، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ . ھازىرغا قەدەر ۋەروسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ لىكىن ، ئىچكى ئورگانىزىمدىكى ئەيدىز ۋەروسىنى تۇللۇق يوقىتىدىغان ئۇسۇل تەپىلغىنى يوق . لىكىن ئۇنىڭ كوپۇيۇپ تارقىلىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومىرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .
7 . ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، تەرەققىي قىلغانغا قەدەر 4 دەۋىرگە بولىندۇ . 1) جىددىي خارەكتىرلىك يۇقۇملىنش دەۋرى . ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقۇملانغاندىن كەيىن ، 2~6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كورىلدۇ . ئالامەتلىرى ؛ قىزىش ، كارنەي ئاغرىش ، لىمفالىق ئىششىق ، تەرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلۇپ ، ئادەتتە 2 ھەپتە ئەتىراپىدا داۋاملىشىپ ، ئوزلىگىدىن يوقاپ كەتىدۇ . بەزىدە نەرۋا سەستىمىسى ئاغرىش ، باش ئاغرىش ، پۇتۇن بەدىننىڭ بۇغۇملىرى سىقىراپ ئاغرىش ، تۇقۇلمىلار ئاغرىش ، نەرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كورىلدۇ .لىكىن ھەممە ئادەمدە رۇشەن بولغان جىددى خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ كورىلۇش نىسپىتى %50~%70 گىچە بولىدۇ . 2) كىسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى رۇشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى كورىلمەيدۇ . بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلدۇ . يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋەروسى ئادەم بەدىندە كوپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۇچ پەيدا بولىدۇ . يۇشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇشۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى بىرگە ئەلىپ يۇرگەن بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسپىتى %100 گە يەتكەن بولىدۇ . 3) پۇتۇن بەدەنلىك لىمفالىق ئىشىق كىسىلىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى . يۇشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ۋەروس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئوزلۇكسىز كوپىيىپ ، ئىمونىت سەستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ . داۋاملىق قىزىش ، داۋاملىق ئىچى سۇرۇش ، سەۋەبى ئەنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئەغىرلىغى توۋەنلەپ كەتىش ، كوپ تەرلەش ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلدۇ . بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يىرىدە چوڭ - كىچىكلىگى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا لىمفالىق ئىششىق پەيدا بولغان بولۇپ ئاغرىمايدۇ .ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋەروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەن بولىدۇ . 4) ئەيدىز كىسىلى دەۋرى . ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىت سەستىمىسى ئەغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كوپ خىل بولۇپ ، ئۇنى 5 خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . ئا تىپلىق ؛ پۇتۇن بەدەن ئاغرىش . مەسىلەن ؛ نۇرىمالسىز قىزىتما ۋاقتى 1 ئايدىن يۇقرى بولۇش ، داۋاملىق لىمفا ئىشىقىنىڭ چوڭلىغى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا بولۇش . ئاستا خارەكتىرلىك ئىچى سۇرۇش 2 ئاي ئەتىراپىدا بولۇش ، 3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئەغىرلىغى %10 دىن يۇقرى كاملاپ كەتىش ، كوپ تەرلەش ، دەسلىپىدە كەچىسى كورۇلۇش ، كەيىن كۇندىزىگە ئوزگىرىش ، قاغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلدۇ . ب تىپلىق ؛نەرۋا سەستىمىسى ئاغرىش .مەسىلەن ؛ ھارغىنلىق ھىس قىلىش ، ھالسىزلىنىش ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى توۋەنلەش ، تەكرار باش ئاغرىش ، تىرىنىڭ سىزىمچانلىغى توۋەنلەش ، روھسىزلىنىش ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كورۇلدۇ . ك تىپلىق ؛ يۇقۇملانغۇچىدا ئوپكە ياللۇغى ، تىبىركىلىيۇز ، ئۇچەي ياللۇغى قاتارلىق كەسەللىك كورىلدۇ . د تىپلىق ؛ << ئوسمۇلۇك ئىشىق >> ئاساسلىغى داۋاملىق كورۇلدىغان ئوسمۇلۇك ئىشىق . ئە تىپلىق ؛ ئاساسلىغى ئاستا خارەكتىرلىك پۇتۇن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق لىمفالىق ئوپكە ياللۇغىنى كورسىتىدۇ . بۇنى داۋاملىق دەلىللەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كەلىدۇ . كۇزۇتىشكە قارىغاندا ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كەيىن 5 يىل ئىچىدە %10 دىن % 30 گىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 13 يىل ئىچىدە تەخمىنەن % 60 يۇكملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئوزگىردىكەن . ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز بولغۇچىغا ئايلىنىپ كەتمىسىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز .
8 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئولۇپ كەتەمدۇ ؟ ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئولۇپ كەتمەيدۇ .بۇ بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغاندىن تارتىپ ، ئولۇپ كەتكىچە 4 باسقۇچنى باشتىن كوچۇردىغانلىغىدىن خۇلاسىلاپ چىقىرىلدى . 1 - 2 باسقۇچ يەنىلا كىسەللىك ئالامەتلىرى كورۇلمىگەن باسقۇچ بولىدۇ .لىكىن ، ئورگانىزىمدا ئەيدىز ۋەروسى يۇشۇرۇن سىڭىپ كىرىپ ، يۇقۇملىنىش خارەكتىرىنى ئالغان بولىدۇ . 3 - 4 باسقۇچ << كەسەللىك ئالامەتلىرى كورۇلىش دەۋرى >> بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ئەلىپ يۇرگۇچىلەرنى << ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار >> دەيمىز . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ئەلىپ يۇرگۇچىلەر بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورگانىزىمىدا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بولىدۇ . بۇلار بىردەك ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتىلدۇ . يۇشۇرۇن دەۋرى قانچە ئۇزۇن بولسا ،ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ . شۇڭا ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئوزىنى تاشلىۋەتىپ ، روھىي چۇشكۇنلىككە ئۇچىرماستىن ، بەلكى ئامال قىلىپ كىسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇزارتىش لازىم . پەقەتلا تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرمىسىلا ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى ئەلىپ يۇرگىچىلەر نۇرمال ئادەمگە ئوخشاش ئەمگەك قىلالايدۇ . ۋە تۇرمۇش كەچۇرەلەيدۇ . تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرگەندىمۇ پائال داۋالانسا شۇ ئارقىلىق ئومۇرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .
ئەيدىز كىسىلى ۋە جىنسى تۇرمۇش . 9 . قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋەروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىشتا ، بىخەتەر بولغان جىنسى ھەركەتنى قوللۇنۇش كەرەك . بىخەتەر بولغان جىنسى ھەركەت 3 نوقتىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ . 1) قىستۇرما خارەكتىرلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۇزۇشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش كەرەك ياكى ساقلىنىش . باشقا مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق جىنىسى ھەۋەسنى قاندۇرۇش . 2) پەقەت بىر مۇقىم ، ئوز - ئارا بىر - بىرىگە سادىق بولغان ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ھەمرا تەپىپ جىنسى ئالاقە قىلىش كەرەك . 3) ھەر قەتىم جىنسى ئالاقە قىلغاندا سۇپىتى لاياقەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇغى ( گاندۇن يەنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇغى ) نى توغرا ئىشلىتىپ ، ئۇرۇقداننىڭ بىۋاستە ئۇچۇرشىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىش . يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ،جىنسى تۇرمۇش ئارقلىق ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقۇتۇرۋەلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . رىيال تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئوزىنى تۇتىۋالالمايدۇ . ئۇنداقتا ئەيدىز كىسىلى بار كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۇزۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئەلىشنىڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇلى ؛ ئوز - ئارا سەمىمىي سادىق بولۇش ، ئەيدىز كىسىلى يۇقتۇرۋالمىغان ھەمرا تەپىش ، جىنسى تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلىتىش كەرەك .
10 . جىنسى كىسەللىك ئەيدىز كىسىلىنى يۇقتۇرۋەلىش ئەھتىمالىنى ئاشۇرۋەتەمدۇ ؟ شۇنداق . چۇنكى كوپلىگەن جىنسى كىسەللىك كوپىيىش سەستىمىسى ياللۇغى ، سىبلىس ، تەرە كىسىلى پەرىدىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ . ئەگەر بۇنداق چاغدا ئەيدىز ۋەروسى يۇقتۇرۋرالغۇچىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۇزگەندە قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقدان سۇيۇقلىغى ياكى تۇخۇمدان سۇيۇقلىغىدىكى ئەيدىز ۋەروسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان تەرە ياكى پەرىدە ئارقىلىق ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرىدۇ . شۇڭا جىنسىي كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاسانلا يۇقۇملىندۇ . ياكى ئەيدىز كىسىلى تارقىلدۇ .
11 . جىنسى يۇقۇملۇق كىسىلى دىگەن نىمە ؟ جىنسى يۇقۇملۇق كىسىلى - جىنسى مۇناسىۋەت تارقىتىدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ ، بۇ خىل كىسەللىك تۇرى 20 جىلدىن ئاشىدۇ . جىنسى تارقىلىشچان كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىردىغان ئامىللار ناھايتى كوپ بولۇپ ، ۋەروس ، مىكروپ ، قۇرۇت قاتارلىقلار بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق يول .
12 . جىنسى كىسەللىكنىڭ قانداق خەۋىپى بار ؟ جىنسى كىسەللىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايتى كوپ بولۇپ ، جىنسى كىسەلنى يۇقتۇرۋالغاندىن كەيىن ۋاقتىدا بايقاپ ، داۋالانمىسا ، ئادەمنىڭ كوپيىئىش سەستىمىسىغا زىيان يەتكۇزۇپلا قالماستىن بەلكى ، پەرزەنت كورۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدۇ . تۇرەلمە چۇشۇپ كىتىدۇ ياكى ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ ئەغىر ھالدىكى ئەگەشمە كىسەللىك يۇز بىرىدۇ .بەزى جىنسى كىسەللەردە يۇرەك كىسىلى پەيدا بولىدۇ . ھەتتا ئولۇپ كەتىدۇ . ھامىلدار ئاياللار ئەگەر جىنسى كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ ۋاقىدا داۋالانمىسا ، كىسەللىك ھامىلىگە يۇقۇپ ، تۇغما خارەكتىرلىك كسىئەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ . مىڭە ياللۇغى ، ئوپكە ياللۇغى ، كوز مۇڭگۇز پەردىسى ئىشىغى پەيدا بولىدۇ . ئەغىر بولسا ھامىلە ئولۇپ كەتىدۇ . جىنسى كىسەللىك سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ قالماستىن ، يەنە نۇرغۇنلىغان پىسخىك ۋە مەسىللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ . بەزى تەكرار كورۇلگەن جىنسى كىسەللىك ئالامەتلىرى كىسەل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۇكىنى ئەغىرلاشتۇرۋەتىدۇ .
13 . ئوزىڭىزنىڭ جىنسى كىسەل بولۇپ قالغانلىغىڭىزنى قانداق بىلىسىز ؟ دائىم كورىلدىغان جىنسى كىسەللىكتىن بەزى ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ ، ئەرلەردە سۇيدۇك كوپ كەلىش ، سۇيدۇك ئاغىرتىپ كەلىش ، سۇيدۇك يولى قىزىرىپ ئىشىپ قەلىش ، يىرىڭ كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلدۇ . ئەر - ئاياللارنىڭ كوپىيىش سەستىمىسى ئەزاسى ئەتىراپىدا قاپارتما پەيدا بولىدۇ . لىكىن بارلىق جىنسى كىسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق ئالامەتلەر رۇشەن بولمايدۇ .بەزىلىرىدە ( بولۇپمۇ بەزى ئاياللاردا ) جىنسى كىسەللىك ئالامەتلىرى رۇشەن بولمايدۇ . بەزىلىرىدىكى قاپارتاما يۇشۇرۇن جايدا بولىدۇ . بەزىلىردە بولسا جىنسى كىسەللىك ئالامەتلىرى بەدەننىڭ باشقا قىسمىدا بولىدۇ . شۇڭا كوپۇيىش سەستىمىسىدا كورۇلمىگەن كىسەللىك ئالامەتلىرى جىنسى كىسەللىك بولماسلىغى ناتايىن . رۇشەن كورۇلمىگەن كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ جىنسى كىسەللىكنى تارقىتدۇ . ئەگەر سىز ئوزىڭىز جىنسى كىسەللىكنى يۇقتۇرۋالغانلىقىڭىزدىن ئەنسىرسىڭىز ، دوختۇرخانىغا بەرىپ تەكشۇرتۇپ كورىشىڭىز كەرەك . بۇ ئەڭ ئىشەنچىلىك چارە . جىنسى كىسەللىككە گىرىپتار بولغاندىن كەيىن ، دەرھال دوختۇرخانىغا بەرىپ داۋالاشنى قۇبۇل قىلىش كەرەك . ھەرگىزمۇ قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە ياكى كىچىك دوختۇرخانىلارغا بەرىپ داۋالىنىشقا بولمايدۇ . بۇنداق قىلغاندا كىسەل ئەغىرلىشىپ ، چەكسىز ئازاپ ئەلىپ كەلىدۇ .يەنە بەزى كىشىلەر دوختۇرنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇزۇل - كىسىل داۋالاتماستىن ، داۋالاشنى يەرىم يولدا توختۇتۇپ قويىدۇ . بۇنداق قىلغاندا كىسەلنى تۇپ يىلتىزدىن يوقاتقىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى تەخىمۇ ئەغىرلاشتۇرۋەتىدۇ .
14 . جىنسى تۇرمۇش ئوتكۇزگەندە نىمە ئۇچۇن ئەيدىز ۋەروسى تارقىلدۇ ؟ جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكەزگەندە قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقدان ياكى تۇخۇمدان بىر - بىرى بىلەن ئۇچۇشۇپ سۇركەلگەندە جىنسى يول تۇرىبىسى ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ جىنسى يول پەردىسى زەخمىلىنىپ ، قان سۇيۇقلىغى بىر - بىرى بىلەن ئۇچۇرشىدۇ . بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلەتمىگەندە جىنسى ئالاقە قىلماسلىق كىرەك . ئەگەر بىر تەرەپتە ئەيدىز ۋەروسى بولغان بولسا ئۇرۇقدان سۇيۇقلۇغى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپكە يۇقىدۇ . بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلەتمەي تۇرۇپ جىنسى ئالاقە قىلغاندا ئەيدىز ۋەروسى ئەردىن ئايالغا ياكى ئايالدىن ئەرگە يوقىدۇ . بەزىدە ئەردىن ئەرگىمۇ يوقىدۇ . ( ئوخشاش جىنىس مۇھاببىتى ئارقىلىق ) ئادەتتىكىدەك قىلىپ ئەيتقاندا جىنسى ھەمرالىرى ( جىنسى ئالاقە قىلىدىغانلار ) قانچە كوپ بولسا يۇقۇملىنىش پۇرسىتى شۇنچە كوپ بولىدۇ .
15 . بىخەتەر قاپچۇقنى قانداق توغرا تۇنۇش كەرەك ؟ بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلەتكەندە ھەم ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، جىنسى كىسىلى ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . لىكىن ئۇنى توغرا ئىشلىتىش كەرەك . سۇپىتى ياخشى ، لاياقەتلىك قاپچۇقنى ئىشلەتكەندىلا ئاندى بىخەتەر بولىدۇ . بۇ جەھەتتە توۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كەرەك . 1) ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئۇنۇملۇك ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كەرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا قاپنىڭ ئۇسىتگە ماركىسى ، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى ئەنىق يەزىلغان بولۇشى كەرەك . بۇلار ئەنىق يەزىلمىغان بىخەتەرلىك قاپچۇغى لاياقەتسىز بولىشى مۇمكىن . 2) ۋاقتى ئوتكەن بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى ئىشلتىشكە بولمايدۇ . رەڭگى ساغرىپ قالغان ياكى شىلىمشىق پەردىسى قەتىپ قالغان بىخەتەرلىك قاپچۇقنى ئىشلىتىشكە تەخىمۇ بولمايدۇ .
16 . بىخەتەرلىك قاپچۇقنى قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟ 1) ئىككىدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك قاپچۇقنى تەييارلاپ قۇيۇش ، جىنسى ئالاقە قىلغاندا بىخەتەرلىك قاپچۇغى يەرىلىپ كەتسە دەرھال يەڭىسىغا ئالماشتۇرۇش . 2) قاپنى ئەھتىيات بىلەن ئەچىپ ، بىخەتەرلىك قاپچۇغىنىڭ يەرىلىپ كەتىشىدىن ساقلىنىش . 3) بىر بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى بىر قەتىم ئىشلىتىش تەكرار ئىشلەتمەسلىك ، بىخەتەر قاپچۇغىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش . مەسىلەن ؛ تازلىق قەغىزىگە ئوراپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش .
ئەيدىز كىسلى ۋە زەھەر 17 . زەھەر چەككەنلەر ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن قانداق يۇقۇملىندۇ ؟ زەھەر چەككەنلەر دائىم بىر تال ئىشپىرىس ، بىر تال يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىگى ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئەيدىز ۋەروسى يۇقۇمىنى يۇقتۇرۋالغان بولسا ، ئۇكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق باشقىلارغا ئەيدىز ۋەروسى يوقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا زەھەر چەككەن كىشىنىڭ بەدەن ساپاسى توۋەنلەپ كەتكەچكە ئەيدىز ۋەروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كۇچەيتىدۇ .
18 . زەھەر دىگەن نىمە ؟ زەھەر دىگىنىمىز ؛ - ئەپىيۇن ، خىرويىن ، نەششە ، كۇكايىن ، مۇزلىتىلغان زەھەر ، باش چايقاش كومىلىچى قاتارلىقلارنى كورسىتىدۇ . زەھەرنىڭ تۇرلىرى دەسلەپكى سىتاستكىغا قارىغاندا ، خەلىقئارا ئەھدىنامە ، كىلىشىمىسىدە چەكلەنگەنلىرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ . ئەپىيۇن تۇرىدىكى زەھەرلىك بۇيىملار ئەپىيۇن ( نەششە )خىرويىن ( ئاق ئۇن ) قاتارلىقلار بولۇپ ئۇنىڭ زەھەرلىنىش كۇچى يۇقرى بولۇپ ، ئادەمنى ئاسانلا مەس قىلىپ قويىدۇ .
19 . زەھەرلىك بۇيۇملار نىمە ئۇچۇن ئادەمگە زىيان يەتكۇزدۇ ؟ زەھەرلىك بۇيۇملار ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا ياكى ئۇكۇل قىلغاندا ئادەمنى ئۇرۇقلۇتىپ ، بەدەن ساپاسى توۋەنلەيدۇ .كۇزى تورلۇشىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، كوڭلى ئىلىشىش ، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كورىلدۇ .ئادەمدە غەيرى ھەۋەس پەيدا قىلىپ قويىدۇ .ۋە چۇشۇنىش ، مەلۇم قىلىش ،ئەستە سالاش ئىقتىدارىنى توۋەنلىۋەتىدۇ . ئىمونىت كۇچى ئاجىزلاپ كەتىدۇ . ھەتتا روھىي جەھەتتىن نورماللىغىنى يوقىتىدۇ .بەك كوپ ئىستىمال قىلغاندا ئولۇك كەتىشى مۇمكىن .
20 . قان ئالغاندا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئەلىش كەرەك ؟ قان ئەلىش بىزنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئولۇم گىردابىغا بەرىپ قالغانلارنى ھاياتلىققا ئەرىشتۇرۇشتەك موجىزىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئەمىلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى ، ئەگەر قان ئالغاندا ئەيدىز ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغان قاننى ئەلىپ قويساق بەخىتسىزلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن قان ئالغاندا ۋە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،ئەيدىز ۋەروسىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىشنىڭ تۇپ كاپالىتى .دولىتىمىز بۇ جەھەتتە بەلگىلىمە چىقاردى . بارلىق دوختۇرخانىلار ئىشلەتكەن قان سۇيۇقلۇغى ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى تەكشۇرۇشتىن ئوتكەن بولۇشى كەرەك . بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلش - داۋالاش ، سەھيە تارمالىرىنىڭ مەسئۇليىتى . شۇڭا ھەر بىر ئادەم بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم . 1) زۇرۇر بولمىغان قان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كەرەك . 2) ئەگەر قان ئەلىش زۇرۇر بولۇپ قالسا ،قان ئالغۇچى قاننىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى تەكشۇرتۇشتىن ئوتكەن - ئوتمىگەنلىگىنى سۇرۇشتۇرۇشىكە ھوقوقلۇق . 3) ئاتالمىش << تاقابىل كۇچىنى ئاشۇرۇش >> ئۇچۇن قارغۇلارچە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك كەرەك .
21 . نىمە ئۇچۇن خالىس قان بەرىش تەشەببۇس قىلىندۇ ؟ قان ھاياتلىقتا بولمىسا ياكى كام بولسا بولمايدىغان بىر خىل موھىم ماددا ،نۇرغۇن بىمارلار قان ياكى قان سۇيۇقلىغىدىن ياسالغان بۇيۇملار ئارقىلىق ھاياتنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلىدۇ . قان سۇيۇقلۇقى سۇپىتىنىڭ لايەقەتلىكىگە قانداق ھوكۇم قىلغىلى بولىدۇ ؟ مۇنتىزىم قان پونكىتلىرگە بەرىپ ، خالىسانە قان تەقدىم قىلىشقا مۇقتاج . مۇنتىزىم قان پونكىتلىرى بارلىق قان تەقدىم قىلىنغان قاننى تەكشۇرۇپ ، لاياقەتسىزلىرىنى بۇراككا چىقىردۇ . پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قان سۇيۇلىغى پاكىزە بولىدۇ . پاكىزە بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . شۇ مەندىن ئەيتقاندا ، قان تەقدىم قىلغۇچىلار بىر قەتىم قان تەقدىم قىلسا بۇ قان ئىشلەتكۇچىگە بولغان قەلىب ئىزھارى بولۇپ قالماستىن بەلكى دولىتىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلنى كونتىرول قىلىشقا بىر ئۇلۇش ھەسسە قوشقان بولىدۇ .
ئەيدىز كىسىلى ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىش . 22 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ئانا ئارقىلىق بالىغا يۇقامدۇ ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلنىڭ ئاخىردا ، بۇشۇنۇش جەريانىدا ۋە بالا ئىمىتىش مەزگىلدە ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇش ، تارقىلىش ئەھتىمالى %30 ئەتىراپىدا بولىدۇ .
23 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ئانىدىن بالىغا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئەلىش كەرەك ؟ ئالدى بىلەن ئاياللار ئەيدىز ۋەروسىنى يۇقتۇرۋەلىشنىڭ ئالدىنى ئەلىش كەرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋەروسىنى بالىغا يۇقتۇرۋەلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئەگەر ئەيدىز ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغماقچى بولغاندا ، قەرەرلىك تۇردە دوختۇرخانىغا بەرىپ دوختۇرنىڭ كورسەتمىسىنى قۇبۇل قىلىشى ،تۇغۇت مەزگىلدە ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى قوللۇنۇش لازىم .بوۋاق تۇغۇلغاندىن كەيىن ئانا سۇتى بىلەن بەقىشتىن ساقلىنىش كەرەك .
ئەيدىز كەسىلى ۋە كۇندۇلىك تۇرمۇش 24 . ئادەتتىككى كۇندۇلىك تۇرمۇشتا ئۇچىراشقاندا ئەيدىز كىسىلى يۇقامدۇ ؟ ئادەتتىكى كۇندۇلىك تۇرمۇشتا ئۇچىراشقاندا ئەيدىز ۋەروسى كىسىلى يۇقمايدۇ . مەسىلەن ؛ 1) ئەيدىز كىسىللى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بىلەن قول ئەلىشىپ كۇرۇشىش ، قۇچاقلىشىش قاتارلىقلار . 2) ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن بىرگە تاماق يەيىش ، ئىچىملىك ئىچىش ۋە ئورتاق ھالدا قاچا - قۇچا ، چۇكا ، رومكا ئىشلىتىش . 3) ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن تەرەتخانا ، ۋاننا ، سۇ ئۇزۇش كولچىگى ، تەلىفۇن ، ماشنا قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە . 4)ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇش ، ئەمگەك قىلىش ، ۋە ئەمگەك سايمانلىرىنى بىرگە ئىشلەتكەندە . 5)ماددى بۇيۇم ، پۇل قاتارلىقلارنى بىرگە ئىشلەتكەندە . 6) پاشا ، چىۋىن ، ھاشارەت چاققاندا . 7) يۇتەلگەن ، چۇشكۇرگەندە ، يەشى ئاققاندا ، تەر چىققاندا ، سۇيدىكى چاچىراپ كەتكەندە . پەقەت يۇقۇملانغۇچى بىلەن قان ، سىپىرما ، جىنسى ئالاقە ۋە بالا ئەمىتىش قاتارلىق ھەركەتلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كورۇلدۇ .
25 . ئوزىڭىز ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق كۇمانىڭىز پەيدا بولغاندا ، نەگە بەرىپ تەكشۇرتىشىڭىز كەرەك ؟ ئادەتتىكىدەك قىلىپ ئەيتقاندا ، ناھيىدىن يۇقرى دوختۇرخانا ، سەھيە يۇقۇملۇق كەسەللىكنىڭ ئالدىنى ئەلىش پونكىتلىرىگە بەرىپ تەكشۇرتۇش كەرەك .
26 . قايسى ۋاقىتتا تەكشۇرتىش كەرەك ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا قارىتا دەسلەپكى 3 ئاي << كۇرنەك مەزگىلى >> دەپ ئاتىلدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىندە سالامەتلىككە قارشى مىكروپلار يەتەرلىك پەيدا بولمايدۇ . ھەمدە يۇقۇنلانغان - يۇقۇملانغانلىغىنى تەكشۇرتكە ئامال يوق بولىدۇ . چۇنكى ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى تەكشۇرتكەندە << كۇرنەك مەزگىلى >> دىن ئوتكەندىن كەيىن تەكشۇرۇش كەرەك .<< كوزنەك مەزگىلى >> دە ئادەم ئورگانىزمىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى تەكشۇرگىلى بولسىمۇ لەكىن ئوخشاشلا يۇقۇۋەرىدۇ . شۇڭا بۇ باسقۇچتا جىنسى تۇرمۇش ئوتكۇزگەندە جەزمەن بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلىتىش كەرەك .
27 . تەكشۇرۇش نەتىنجىسى مەخپى تۇتىلامدۇ ؟ تەكشۇرگەن ئورگان ۋە تەكشۇرگەن دوختۇرلار مەخپىيەتلىكنى ساقلايدۇ . ئەگەر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قويسا قانۇن تەرىپىدىن ئوزىڭىزنى قوغداشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز ، باشقا ئىسىمنى قوللۇنۇپ تەكشۇرتىشكە تامامەن بولىدۇ . يەنى سىز ئىشلەتكەن باشقا ئىسىمنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ .
ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا كۇڭۇل بۇلۇش . 28 . يەنىمىزدىكى ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كەرەك ؟ ئەگەر يەنىمىزدا ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولسا ئۇنڭدىن قورقماسلىغىمىز ، يامان كوز بىلەن قارىماسلىغىمىز ، چەتكە قاقماسلىغىمىز لازىم .ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھىسىداشلىق قىلىشىمىز ، كوڭۇل بۇلۇشىمىز ، ئىمكان قەدەر ياردەمدە بولۇشىمز ،تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سوزلەپ بەرمەسلىگىمىز كەرەك .شۇنداقلا ئۇلار بىلەن قول ئەلىپ كورۇشىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋەلىشقا ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە قارىشىنى تۇگىتىشىمىز كەرەك .
29 .ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كەرەك ؟ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى بىلەن يۇقتۇرالغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى ئەيدىز كىسىلىنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچ كەلگەن بولىدۇ ، كىسەلنى خەۋەر ئەلىش ۋە ئۇنىڭغا قاراش ئانچە ئاسان ئەمەس . شۇڭا بىز ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا بارلىق بەخىتسىزلىككە يۇلۇققان ئائىللەگە ئوخشاش ئۇلارغا ھىسىداشلىق قىلىشىمىز لازىم .ئۇلارغا كوڭۇل بۇلۇشىمىز ، ياردەم بەرىشىمىز لازىم . بۇ ئەيدىز كىسىلنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولغان ئىجىتمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئىنتايىن زۇرۇر .
30 . ئەگەر سىز ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغان بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كەرەك؟ ئەگەر بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ ئەيدىز ۋەروسى يۇقتۇرۋالغۇچىلار تۇرمۇش ۋە كەيپىيات جەھەتتە زور توسالغۇغا ئۇچۇرشى مۇمكىن . لەكىن ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغانلىق ، ھەرگىزمۇ ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئەمەس . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى ئادەم ئورگانىزىمىدا مەلۇم مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرىدۇ . يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە ساق ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ .ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغۇچىغا نسپەتەن ئەيتقاندا مەسىلە كىسەلنىڭ يەتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ، ھەم شۇنداقلا ئىمونىتقا قارشى تۇرۇش كۇچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتىشىدىن ساقلىنىپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنىڭ تىزدىن كوپۇيىپ كەتىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىشتىن ئىبارەت .
&پەقەت توۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا بۇ ئىككى ئىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . 1) پاكىتنى قۇبۇل قىلىش ، ئوزىنى تاشلىۋەتمەسلىك . پىسخىك تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاش ، ئوزىنى خوشال تۇتۇش . 2) قەرەرلىك تۇردە دوختۇرخانىغا بەرىپ تەكشۇرتى، دوختۇرنىڭ يەتەكچىلىگىنى قۇبۇل قىلىش لازىم . 3) يۇقۇملىنىش ۋە تىرىنىڭ زەخمىنلىشىدىن ساقلىنىش، پائال تۇردە قاراتمىلىغى بولغان داۋالىنىشنى يولغا قويۇش . 4) ئەگەر سالامەتلىگى ياخشى بولسىلا داۋاملىق ئىشلەشكە تامامەن بولىدۇ . ئىشلەشكە ئەمگەك قىلىشقا بولىدۇ . بۇ ھەم ئوزىڭىزنىڭ پىسخىك سالامەتلىگىڭىزگە پايدىلىق ، ھەم شۇنداقلا ئىقتىسادىي كىرىمنى ساقلاپ قەلىشقا پايدىلىق . 5) خەتەرلىك ھەركەتلەرنى قەتتئىي ئوزگەرتىش . 6) تۇللۇق ئۇزۇقلىنىش ۋە يەتەرلىك دەم ئەلىشقا كاپالەتلىك قىلىش . 7) تاماكا ، ھاراقنى تاشلاش ، مۇۋاپىق بەدەن چەنىقتۇررش ، تۇرمۇشنى قانونىيەتلىك ئوتكۇزۇش . شۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىز كىسىلنىڭ تەرەققى قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە كەينىگە سۇرۇپ ، ئومۇرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .شۇنىڭغا ئىشىنىش كەرەككى : ئىنسانىيەت ھامان ئەيدىز كىسىلى ئۇستىدىن غالىپ كەلىدۇ .
31 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار قانداق قىلغاندا باشقىلار بىلەن بىللە تۇرالايدۇ ؟ ئەيدىز ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار ئوزىنى كۇڭۇللۇك ، ئۇچۇق - يۇرۇق ، يەنە باشقىلارغا ئۇچۇق - يۇرۇق مۇئامىلە قىلىش ، ئوزىنى كەمسىتمەسلىك كەرەك . شۇنداق قىلغادىلا باشقىلارمۇ ئۇلارنى كەمسىتمەيدۇ . 1) كىسەللىك ئەھۋالىنى ئوزىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ھەمرايىغا ئەينەن ئەيتىش كەرەك . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسىنى يۇقتۇرۋالغاندىمۇ ئوخشاشلا يەنە جىنسى ھەۋەس پەيدا بولىدۇ . شۇنداقلا جىنسى تۇرمۇش ئوتكۇزۇشكە بولىدۇ . لىكىن ئوزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ئەينەن ئەيتىش ، ھەمدە بىخەتەر بولغان جىنسى تۇرمۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ، بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى توغرا ئىشلىتىش كىرەك .شۇنداق قىلغاندىلا كىسەللىك ۋەروسىنىڭ قارشى تەرەپكە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 2) ئوزىنىڭ جىنسى ھەمرايى بىلەن دوختۇرغا ئەيتقاندىن باشقا ھەر قانداق ئەدەمگە كىسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ .پەقەت سىز باشقىلار بىلەن ئەيدىز ۋەروسىنى تارقىتىدىغان ھەركەتتە بولمىسىڭىزلا. 3) قانۇندا ئەيدىزكىسەللىك ۋەروسىنى مەخسەتلىك تارقىتىش ، بىر جىنايى ھەركەت دەپ بەلگىلەنگەن . چۇنكى كىسەللىك ۋەروسىنى مەقسەتلىك تارقىتىشقا بولمايدۇ . 4) باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسى ، پىچاق ، چىش پاستىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كەرەك . 5) قان ، ئۇرۇق ، تۇخۇمدان سۇيۇقلۇغى تەقدىم قىلماسلىق كەرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەتىراپىڭىزدىكى ئاممىنىڭ ھورمىتىگە ئەرىشەلەيسىز . بۇ ئوزىڭىزنىڭ نۇرمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە پايدىلىق .
32 . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بىلەن گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليىتى قايسىلار ؟ مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليىتى . 1) ئەيدىز كىسىلى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار دوختۇرنىڭ كورسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىپ ، يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئەلىش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرشىغا ئەمەل قىلىش لازىم . 2) ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار توي قىلىش ۋاقتىنى كىچىكتۇرۇش كەرەك . ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغۇچى توي قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ئىككى تەرەپ تىببىي ئىلمى بويىچە بىرىلگەن مەسلەھەتنى قۇبۇل قىلىش كەرەك . 3) ئوزىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغانلىغىنى ئەنىق بىلىپ تۇرۇپ ، مەخسەتلىك ھالدا باشقىلارغا يۇقتۇرسا قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىغى سۇرۇشتە قىلىندۇ . 4) ئەيدىز كىسىلى ۋەروسى يۇقتۇرۋالغانلار بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلا قان ، ئىسپىرما نەيچە ، تۇقۇلما ۋە ھۇجەيرە تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ .

www.Biliwal.com تەمىنلىگەن.
تولۇق ئوقۇش

HIV بىلەن ئائىدس كېسىلىگە دائىر كۆپ سورىلىدىغان سۇئاللار
مەھمەت ئەمىن
1.ئائىدس بىلەن HIV نىڭ پەرقى نېمە؟ ئۇلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ھىۋ ۋىرۇسى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئەڭىلىزچىدە "ئاپەس"، خەنزۇچىدا "猿" دەپ ئاتىلىدىغان، مايمۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل ھايۋاننىڭ بەدىنىدە ياشاۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە مىڭ يىل بولغان بولۇپ، بۇ خىل ھايۋان بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلمايدۇ.
ئادەم بەدىنى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىپ، بىرنەچچە يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ؛ يەنى ھىۋ بولسا ئائىدس كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس.
2.ھىۋ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟
ھىۋ قان، پلاسما قانتارلىق قان مەھسۇلاتلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ، ئۇندىن باشقا نەم، تازىلىقى ناچار، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان شارائىتتىمۇ بىرنەچچە سائەتتىن بىر نەچچە كۈنگىچە ياشىيالايدۇ، قۇرغاق ھاۋادا، كۈن نۇرى ئاستىدا بىر نەچچە مىنۇتتىن بىرنەچچە ئون مىنۇتقىچىلا ياشىيالايدۇ، بىراق بۇ پۈتۈنلەي مۇتلەق ئەمەس.
3.ئائىدس/ھىۋ ئاساسلىقى قانداق يوللار ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدۇ؟
ئائىدس كېسىلى ئاسالىقى قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3 خىل يول ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقملانغۇچىلار ئىچىدە 88.60% زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۇۋالغان؛ 3.6% جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغان، قالغانلىرى ئانىدىن بالىغا ۋە باشقا نەمەلۇم يوللار ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغان.
4.ئادەم بەدىنىدىكى قايسى سۇيۇقلۇقلاردا ھىۋ بولىدۇ؟
قاندا، ئەرلەرنىڭ مەنىيسىدە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىدا ۋە سۈتىدە ھىۋ بولىدۇ. تەردە، ئېغىز سۇيۇقلۇقى ياكى شۆلگەيدە، چوڭ كىچىك تەرەتتە، كۆز يېشىدا ئادەتتە ھىۋ بولمايدۇ.
5.ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا قانچە كىشى ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان؟
شىنجاڭ خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكىتىكى سانى 9346 گە يېتىپ، ئائىدس كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مۆلچەرلىنىشىچە 2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 80 ~ 90 مىڭ كىشى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.
6.قانداق كىشىلەرنىڭ ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ؟
زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر، ئوكۇل ئۇرۇشتا بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەن ياكى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا ئىشلەتكەن كىشىلەر، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار كىشىلەر ياكى باشقىلار بىلەن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر، كۆپ قېتىم قان سالدۇرغان ياكى قان ئالغان كىشىلەر، لاياقەتسىز دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل ئۇردۇرغان، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ۋە ياكى بەدەننى مەلۇم جەھەتتە زەخمە قىلىدىغان بەزى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
7.ئائىدس/ھىۋ بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
ئادەم ھىۋ بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا، كۆپىنچە كىشىلەردە كۆپ ئالامەتلەر بولمايدۇ، بەزى كىشىلەردە قىزىش، بېشى ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بىئاراملىق ھېس قىلىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىق زۇكامدا بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ خىل ئالامەتلەر 2~4 ھەپتىلا داۋام قىلىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، بۇ ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
8.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەڭ ئاخىردا ئائىدس كېسىلىگە تەرەققى قىلىدۇ. ھىۋ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپىيىپ قانغا كىرىدۇ. ھازىر بار بولغان ھىۋ ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار پەقەت قاندىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەيلمەيدۇ. ھىۋ ۋىرۇسى ھۈجەيرە ئىچىدە ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، قانغا چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە داۋالاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىدس كېسىلىگە تەررەققى قىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆمۈرى داۋالاتمىغانلارغا نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق ھامان ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.
9.ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە قانچە يىل بولىدۇ؟
ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنى ئائىدس كېسىلى ۋىرۇسى يەنى ھىۋ بىلەن تۇنجى يۇقۇملىنىپ تا ئائىدس كېسىلىگە تەرەققى قىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئادەتتە 1 يىلدىن 12 يىلغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ 3~5 يىلغىچە بولىدۇ. ئائىدس كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كىشىلەرنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ھىۋ نى قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، داۋالىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە قان سېلىش ئارقىلىق ھىۋ نى يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىمۇ قىسقا بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ھىۋ نى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭ ئەسلى ساغلاملىق ئەھۋالى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ناچارلاشقان بولسا، بۇنداقلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىمۇ قىسقا بولىدۇ، يەنى ھىۋ نى يۇقتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئائىدس كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىشى تېز بولىدۇ. ھىۋ گە يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق داۋالاتمىغان كىشىلەرنىڭمۇ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، ئۆمۈرى قىسقا بولىدۇ.
10.ئائىدس كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟
ئادەم بەدىنى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىپ، بىر نەچچە يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋىرۇس بەدەندە تېزدىن كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ بىمارنىڭ ئائىدس كېسىلى باسقۇچىغا رەسمى قەدەم باسقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق كېسەلدە بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت كونترول قىلىش قىيىن بولغان قىزىش، ئورۇقلاش، نەمەلۇم ئۆسمە قاتارلىقلار.
11.ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟
1981-يىلى تېببىي ئالىملار تۇنجى قېتىم ئائىدس كېسىلىنى بايقىغاندا، ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپىنچە كېسەللەر بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ھازىر، ھىۋ ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتا ۋە ئۇنىڭدىن ئائىدس كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك دورىلار دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇنلىغان كېسەللەر خېلى ئۇزۇن ياشاۋاتىدۇ. بىراق، ئائىدس كېسىلى يەنىلا جاننى ئالىدىغان كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ھازىرچە ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا، 5 يىل ياشاۋاتىدۇ، بىراق بۇ سان داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
12.ئائىدس/ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك. قان ئېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەردە، ئىمكان بار بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى قوللىنىش كېرەك. ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەر-ئايال، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك. ئەگەر ئىمىۋاتقان بالىسى بار ئايالنىڭ ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.
13.زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئائىدس كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئائىدس كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار، كېيىنچە زەھەرلىك چېكىملىكنى نەپەس يولى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشتىن تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 88.60% زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان.
14.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالا تۇغۇشى خەتەرلىكمۇ؟
ئەلۋەتتە خەتەرلىك. ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايال بالىلىق بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ھەممىسى ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىشى ناتايىن، بىراق، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغا قەدەر ئائىدس كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۇك داۋاسى بولمىغاچقا، بالىنىڭ بالاغەتكە يەتمەيلا يېتىم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا، ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك.
15.قان سېلىش خەتەرلىكمۇ؟
ئائىدس كېسىلى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن كىشىلەر قان سېلىش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا سىستېمىلىق تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قان سېلىش ئارقىلىق ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ دەرجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار. (1) شارائىتى ناچار رايونلاردا، بولۇپمۇ بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا تەلەپ يۇقىرى ئەمەس. ئۇلار سىستېمىلىق تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان قان باشقىلارغا سېلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. (2) ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغىلى 3 بولمىغان بولسا تەكشۈرۈشتە ھىۋ يالغان ئىنكار قىلىنىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. (3) قاننى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، توشۇش ۋە كېسەلگە سېلىش جەريانىدا ھىۋ بىلەن بۇلغىنىش.
16.ئەگەر ناتونۇش بىرى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟
ئەڭ ياخشىسى ئائىلىڭىزگە سادىق بولۇڭ، ئەخلاق پەزىلىتىڭىزنى پاك تۇتۇڭ. ناتونۇش كەلسە-كەلمەس كىشىلەر بىلەن ياكى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزمەنلەشتۈرەلمەيدىغان كىشى بىلەن ئامال بار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭ. ساغلام جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. ئامال بار ئۆزىڭىزنى قوغداش چارىسىنى قوللىنىڭ، كوندوم ئىشلىتىڭ.
17.ئەگەر مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلار ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مېنىڭ بالامغا يۇقامدۇ؟
ياق، يۇقمايدۇ. ئادەتتىكى نورمال ئۇچرىشىش، مەيلى ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، خەتىرى يوق. بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىش بارلىق كوللېكتىپ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
18.ئەگەر رېستۇراندا تاماق ئەتكۈچى ئاشپەز ياكى كۈتكۈچى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مەن ئۇ رېستۇراندا تاماق يېسەم خەتەرلىكمۇ؟
ياق، خەتەرلىك ئەمەس. رېستۇراندا تاماق يېيىش ئائىدس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرمايدۇ. ھازىرغا قەدەر ھىۋ نىڭ تاماقتىن يۇققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق.
19.ئەگەر بەدىنىم ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانسا، مەن چوقۇم ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىمەنمۇ؟
ئەگەر بەدىنىڭىزدە ھېچقانداق زەخمە بولغان جاي بولمىسا، سىز ئادەتتە ھىۋ بىلەن يۇقۇملانمايسىز، بىراق شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ.
20.چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەھسىي بۇيۇملىرىمنى چوقۇم باشقىلاردىن ئايرىم ئىشلىتىشىم كېرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ بۇيۇملار قان بىلەن بۇلغىنىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ھىۋ ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ئەمەس.
21.بىر كىشىنىڭ ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بىر كىشىنىڭ ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى قاندىكى ھىۋ غا قارشى "كاڭتى" ياكى "ئانتىبودي" تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئادەم ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بەدەندە كاڭتى ياكى ئانتىبودي ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مەلۇم كىشىنىڭ قېنىدىن بۇ خىلدىكى كاڭتى ياكى ئانتىبودي تېپىلسا، بۇ كىشىنى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. بىراق، ئانىسى ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان يېڭى تۇغۇلغان بالىغا بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
22.ھىۋ ئۆزئارا كۆرۈشۈش ياكى قۇچاقلىشىشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقامدۇ؟
ھىۋ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇش، سىلاش، قۇچاقلاشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقىمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىۋ، بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قان ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقى، ئانا سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقايدۇ.
23.ھىۋ سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقامدۇ؟
تەتقىقات ئارقىلىق ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان بەزى كىشىلەرنىڭ شۆلگەي ياكى ئېغىز سۇيۇقلۇقىدا قىسمەن ھىۋ ۋىرۇسىنىڭ بارلىقى بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ھىۋ ۋىرۇسىنىڭ سۆيۈش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىغا تېخى تولۇق ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى كىشىلەرنى ھىۋ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى سۆيگەندە، فىرانسۇزچە سۆيۈشتىن ياكى قاتتىق سۆيۈشۈشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق سۆيگەندە ئېغىزدىن قان چىقىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ھىۋ بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
24.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش بىخەتەرمۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئائىلىلەرنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ھىۋ ۋىرۇسى قاچا-قۇچا، لۆڭگە، كارىۋات، يوتقان-كورپە، ئوبىرنى قاتارلىق ئۆي سەرەمجانلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقمايدۇ. ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش خەتەرلىك. شۇڭا ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك.
25.ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش بىخەتەرمۇ؟
ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش خەتەرلىك ئەمەس. ئەگەر ھىۋ بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلاشسىڭىز، ھىۋ ۋىرۇسى سىزگە يۇقىدۇ..
26.يۆتەل ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىق ھىۋ ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟
زۇكام قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر يۆتەل ۋە چۈشكىرىش ئارقىلىق تارقايدىغان بولسىمۇ، بىراق ھىۋ ئۇ يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ.
27.پاشا ھىۋ ۋىرۇسىنى تارقىتامدۇ؟
تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ھىۋ ۋىرۇسى پاشا ۋە باشقا ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقمايدۇ.
(ھەرقانداق پىكىر ۋە تەلەپلەر بولسا، در_مەمەت@yahoo.com غا خەت يېزىڭ)
ئەسلى مەنبەسى: http://www.biliwal.com/
تولۇق ئوقۇش

قۇش زۇكامى

قۇش زۇكامى
مەھمەت ئەمىن
قۇش زۇكامى دىگىنىمىز ئوي ۋە ياۋا قۇشلارنىڭ ئا تىپتىكى بىر خىل يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇشى تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئىغىر تىپتىكى نەپەس يوللىرى كىسەللىكلەر توپلىمىنى كورسىتىدىغان بولۇپ، بۇ كىسەل ئادەتتە توخۇ ۋاباسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىر بۇ كىسەللىك نۇرغۇن دوۋلەتلەردە تارقاپ، ئوي قۇشى باققۇچىلارغا ئىغىر دەرىجىدە زىيان سالماقتا.
ئوي قۇشى زۇكىمىنى پەيدا قىلغۇچى بۇ خىل ۋىرۇس ئىسسىقلىق ۋە قۇياش نۇرىغا سەزگۇر بولۇپ، 55 سىلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتا بىر سائەت، 60 سىلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتا ئاران 10 مىنۇت ياشىيالايدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس قۇرغاق چاڭ توزاڭ ئىچىدە 2 ھەپتە، 4 سىلسىيە گىرادۇسلۇق شاراھىتتا بىر نەچچە ھەپتە، توڭلاتقان گوش تەركىۋىدە 10 ئايدىن ئارتۇق ياشىيالايدۇ.
ئوي قۇشى زۇكىمىنى پەيدا قىلغۇچى بۇ خىل ۋىرۇس كوپ خىل ئوي ۋە ياۋا قۇشلارغا يۇقىدىغان بولۇپ، ئوي قۇشلىرى ئىچىدە توخا، ئودەكلەر بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدىغان ئاسالىق ئوي قۇشلىرى ھىساپلىنىدۇ، ئۇندىن قالسا غاز، كەپتەرلەرگىمۇ يۇقىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس ئادەتتە نەپەس يوللىرى، ھەزىم قىلىش يوللىرى، زەھمە بار تىرە، كوز پەردىسى ئارقىلىق يۇقۇدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس قۇشلارنىڭ تەرىتى، ئەغىز ۋە بەدەن سۇيقلىقى ئارقىلىق ئەتىراپتىكى مۇھىتقا تارقايدۇ. ياۋا قۇشلارنىڭ بىر جايدىن بىر جايغا ئۇچۇشىمۇ، بۇ كىسەللىكنىڭ تارقىشىدا مەلۇم رول ئوينايدۇ.
ئوي قۇشلىرى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن بىر نەچچە سائەتتىن بىر نەچچە كۇنلۇك يۇشۇرۇن مەزگىلنى باشتىن ئوتكۇزىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس ھ5، ھ7، ھ9 دەپ ئۇچ تۇرگە، ئاندىن ھەر بىر تۇرى ن1 دىن ن9 گىچە 9 كىچىك تۇرگە، جەمى 27 خىل تۇرگە بولۇنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى تۇردىكى ۋىرۇسنىڭ قۇشلاردا كىسەل پەيدا قىلىش نىسبىتى يۇقۇرى، بىراق كىسەل بولغان قۇشلارنىڭ ئولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش نىسبىتى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، يەنە بەزى تۇرلەردىكى ۋىرۇسلارنىڭ قۇشلاردا كىسەل پەيدا قىلىش ۋە كىسەل بولغان قۇشلارنىڭ ئولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش نىسبىتى 100% گە يىتىدۇ. يەنە بەزى تۇردىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بەكلا ئۇشتۇمتۇت بولۇپ، بۇ خىلدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قۇشلاردا ھىچقانداق ئالامەت كورۇلمەيلاي ئۇشتۇمتۇت ئولۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
كىسەل بولغان ۋاھتى سەل ئۇزۇن بولغان قۇشلاردا بىر نەرسە يىمەسلىك، ئاجىزلاپ كىتىش، ھەركەت قىلماسلىق، تۇك پەيلىرى بوشاپ كىتىش ياكى چۇشۇپ كىتىش، باش قىسمى ئىششىپ قىلىش، كوزى قىززىرىپ قىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئىقىش، بىشىنى لىڭشىتىش، نەپەس قىيىن بولۇشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. بەزى قۇشلاردا ئىچى سۇرۇلۇش، بەدىنى يىغىلىپ قىلىش، پالاج بولۇپ قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. ئادەتتە كىسەل ۋاختى 1، 2 كۇن بولۇپ، ئولۇپ كىتىش نىسبىتى 50%~100% ئەتىراپىدا بولىدۇ.
بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان قۇشلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇنۇملۇك داۋاسى يوق بولۇپ، بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش بەكلا مۇھىم. بۇ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئاسالىقى كىسەل تارقىغان رايۇنلارنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىپ، باشقا رايۇنلاردىن پۇتۇنلەي ئايرىۋىتىش، مۇھىت تازلىغىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، سۇ مەنبەسىنىڭ تازلىغىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش كىرەك.
قۇش زۇكىمى ئادەملەر ئارىسىدا يۇقامدۇ دىگەڭە كەلسەك، قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئادەتتە ئادەملەر ئارىسىدا تارقىمايدىغان بولۇپ، 1997-يىلىدىن بۇيان بەزى تۇردىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇپ كىسەل پەيدا قىلغانلىغى، ھەم شۇنداقلا بەزى كىسەللەرنىڭ ئولۇپ كەتكەنلىگى دوكىلات قىلىنماقتا. ھازىرغا قەدەر دوكىلات قىلىنغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئادەملەر قۇش زۇكىمىغا كىسەل قۇشلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرشۇش ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولۇپ، بى كىسەلنىڭ ھازىرغا قەدەر ئادەملەر ئارىسىدا ئوز ئارا تارقىغانلىغا مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتلار ئاساسەن يوقتا يەرلىك. قۇش زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئوي قۇشلىرى بىلەن بولۇپمۇ كىسەل تارقاش ئىھتىمالى بولغان رايۇنلاردىن ئىلىپ كىلىڭەن ئوي قۇشلىرى بىلەن ئۇچۇراشماسلىق كىرەك. ئوي قۇشلىرىنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش، ۋە قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ھازىرغا قەدەر گەرچە كىشىلەرنىڭ قۇش غوشى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق قۇش زۇكامىنى ئوزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغانلىغى دوكىلات قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق قۇش گوشلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى پۇشۇرۇپ يىيىش كىرەك.
يىقىندىن بىرى چىڭخائى ئولكىسىدە تارقاۋاتقان قۇش زۇكىم ھ5ن1 تىپتىكى قۇش زۇكىمى بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىغا تەھدىتى بارمۇ دىگەندە، ئەلۋەتتە بار. بۇنىڭ ئاسالىق سەۋىبى، بىرىنجىدىن چىڭخاي ئۇيغۇر ئىلىگە خوشنا، ئارىسىدىكى باردى كەلدى كوپ، ئىككىنجىدىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىرىدە توخۇ ۋە كەپتەر قاتارلىق ئوي قۇشلىرىنى بىقىشقا ئادەتلەڭەن بولۇپ، ئوي قۇشلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى كوپ. ئەگەر بۇ كىسەل ئۇيغۇر ئىلىدە تارقاپ كەتسە، ۋە شۇنداقلا قۇشلار ئارقىلىق ئادەملەرگە يۇقسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن. شۇڭا بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
1997-يىلىدىن بۇيان دوكىلات قىلىنغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىزىملىگى.
1997-يىلى ھوڭكوڭدا 18 ئادەم ھ5ن1 تىپتىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، 6 ئادەم ئولۇپ كەتكەن. جەمى 1.5 مىلىيۇن توھا ھ5ن1 تىپتىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ ئولۇپ كەتكەن ياكى ئولتۇرۋىتىلگەن.
1999-يىلى زھۇڭگۇئو ۋە ھوڭكوڭدا ئىككى بالىنىڭ ھ9ن2 تىپتىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان، ۋە كىيىن ساغلاملىقى ئەسلىگە كەلگەن.
2002-يىلى ئامىركىنىڭ ۋىرجىنىيا شىتاتىدىكى بىر كىشىنىڭ ھ7ن2 تىپتىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان.
2003-يىلى ھوڭكوڭلىق ئىككى كىشىنىڭ زھۇڭگۇئو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ساياھەتكە بىرىپ كەلگەندىن كىيىن ھ5ن1 تىپتىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان. بىرسى ئەسلىگە كەلگەن، يەنە بىرى ئولۇپ كەتكەن.
2003-يىلى گوللاندىيەدە جەمى 89 كىشى ھ7ن7 تىپتىكى قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كىشى ئولۇپ كەتكەن.
2003-يىلى ھوڭكوڭدا بىر بالىنىڭ ھ9ن2 تىپتىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان، ۋە كىيىن ساغلاملىقى ئەسلىگە كەلگەن.
2003-يىلى نەۋ يوركتا بىر كىشىنىڭ ھ7ن2 قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان.
2004-يىلى تايلانتتا 12 كىشى، ۋىتنامدا 23 كىشىنىڭ ھ5ن1 تىپتىكى قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى بايقالغان. بۇ قىتىملىق قۇش زۇكامى جەمى 8 ئائىيا دوۋلىتىدە كەڭ كولەمدە تارقاپ، جەمى 100 مىلىيۇن ئوي قۇشىنىڭ ئولۇپ كىتىشىنى ۋە ياكى ئولتۇرۇلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
2004-يىلى كانادادا ئوي قۇشى باققۇچىلارنىڭ ھ7ن3 تىپتىكى قۇش زۇكامىغا يۇقۇملانغانلىغى دوكىلات قىلىنغان.
ھازىر مۇتەھىسلەرنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى شۇكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئىرىس ئالاھىدىلىگىنى ئوزگەرتىشى يەنى مۇتانت بولۇشى نەتىجىسىدە ئوتكەن ئەسىردە يۇز بەرگەن يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشاش ئادەملەر ئارسىدا كەڭ كولەملىك تارقىشى بولۇپ، ئەگەر شۇنداق بولغان تەسەۋۇر قىلغۇسىز ئىغىر ئاقىۋەت يۇز بىرىشى مۇمكىن.
ئوتكەن ئەسىردە يۇز بەرگەن ئادەم يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ 3 قىتىملىق چوڭ تارقىلىش ئەھۋالى
1918-يىلىدىن 1919-يىلىغىچە تارقىغان ئىسپانە يۇقۇملۇق زۇكامى. بۇ يۇقۇملۇق زۇكامنى ھ1ن1 تىپتىكى يۇقۇملۇقلۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئىسپانىيەدىن بايقالغان. ئامىركىنىڭ ئوزىدىلا 500 مىڭ ئادەمنىڭ ئولىشىنى، پۇتۇن دۇنيادا 50 مىلىيۇن ئادەمنىڭ ئولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
1957-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە تارقىغان ئاسىيا يۇقۇملۇق زۇكامى. بۇ يۇقۇملۇق زۇكامنى ھ2ن2 تىپتىكى يۇقۇملۇقلۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، دەسلىپىدە زھۇڭگۇئودىن بايقالغان. ئامىركىنىڭ ئوزىدىلا 70 مىڭ ئادەمنىڭ ئولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. زھۇڭگۇئودا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئولگەنلىگى توغۇرسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق.
1968-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە تارقىغان ھوڭكوڭ يۇقۇملۇق زۇكامى. بۇ يۇقۇملۇق زۇكامنى ھ3ن2 تىپتىكى يۇقۇملۇقلۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، دەسلىپىدە ھوڭكوڭدىن بايقالغان. ئامىركىنىڭ ئوزىدىلا 34 مىڭ ئادەمنىڭ ئولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
(ھەرقانداق پىكىر ۋە تەلەپلەر بولسا، در_مەمەت@yahoo.com غا خەت يېزىڭ) تولۇق ئوقۇش

ئۆپكە راكى دېگەن قانداق كېسەل؟

ئۆپكە راكى دېگەن قانداق كېسەل؟ (لۇڭ كانكەر)
مەھمەت ئەمىن
ئۆپكە راكى (لۇڭ كانكەر) دېگىنىمىز بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئۆپكىدە مەۋجۇد بولغان نورمالسىز ھۈجەيرىلەرنىڭ كونترولسىز كۆپىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنى ئادەتتە ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھۈجەيرىلەر نورمال كۆپىيىش ئارقىلىق كونا ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. يېڭى ھۈجەيرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كونا ھۈجەيرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بەدەندە ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەر بەدەندە ئانچە-مۇنچە پەيدا بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق، بەدەننىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەرھال يوق قىلىنىدۇ.
راك كېسىلى بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا پەيدا بولىدۇ. 1.بەدەننىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئورگىنى بۇ نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ كونترولسىز كۆپىيىشىنى توسۇپ قالالمىغاندا. 2.بۇ نورمال بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ۋە ئۆزئارا توپلىشىپ ئۆسمە ھاسىل قىلغاندا. 3.بۇ ئۆسمىلەر داۋاملىق ئۆسۈپ ئەتراپىغا كېڭىيىپ، قوشنا ھۈجەيرىلەرنى زەخمىگە ئۇچراتقاندا.
گەرچە كىشىلەر بەزى راك پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق ماددىغا ئۇچراشقان ھامان ئۆپكىسى زىيانغا ئۇچرىسىمۇ، بىراق، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئاندىن ئۆپكە راكىغا ئايلىنىدۇ.
ئۆپكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە خىزمىتى
ئۆپكە كۆكرەكنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوڭ تەرىپى 3 قانات (لوبەس)، سول تەرىپى 2 قانات (لوبەس)، جەمئىي 5 قاناتتىن تۈزۈلگەن. كاناي كۆكرەك ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بۇ كانايچە (برونچۇس، 支气管) دەپ ئاتىلىدۇ. كانايچە ئۆپكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، نۇرغۇن كىچىك نەيچىلەرگە ۋە قىلدام نەيچىلەرگە بۆلۈنىدۇ، بۇلار ئۆپكە نەيچىلىرى (برونچىئولەس، 细支气管) ۋە قىلدام نەيچىلەر (كاپىللاري، 毛细支气管) دەپ ئاتىلىدۇ. قىلدام نەيچىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئۆپكە كۆپۈكچىلىرى (ئالۋەئولى، 肺泡) بىلەن تۇتىشىدۇ.
بىز نەپەسلەنگەن ھاۋا نەپەس يوللىرى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىدۇ. ھاۋا ئۆپكىگە كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ھاۋادىن قانغا كىرىدۇ، قاندىكى قالدۇق ماددا كاربون تۆت ئوكسىد (كو2، كاربون دىئوخىدە، 二氧化碳)قاندىن ئۆپكىگە كىرىدۇ ۋە نەپەس ئارقىلىق سىرتقا چىقىرۋېتىلىدۇ.
ئۆپكە راكىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى
ئۆپكە راكى پەيدا بولغان ھۈجەيرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆپكە راكىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە، كىچىك جەھەتتىن تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 1.كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (سمالل-كەلل لۇڭ كانكەر، 小细胞肺癌). بۇ خىل ئۆپكە راكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئەتراپقا تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىمۇ تېز بولىدۇ. دەسلەپتە بايقىغاندا كۆپىنچە كېسەل ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، داۋالاش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. 2.باشقا تۈردىكى ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (نون-سمالل-كەلل لۇڭ كانكەر، 非小细胞肺癌). بۇ خىلدىكى ئۆپكە راكى پۈتۈن ئۆپكە راكىنىڭ 80% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىشى ئاستا، داۋالاش ئۈنىمى نىسبەتەن ياخشى. بۇ خىلدىكى ئۆپكە راكى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تۈردىكى ئۆپكە راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاسراقسىمان ئۆپكە راكى (سقۇئاموئۇس كەلل كاركىنوما، 鳞癌)، بەز ئۆپكە راكى (ئادەنوكاركىنوما، 腺癌)، چوڭ ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى (لارگە كەلل كاركىنوما، 大细胞肺癌)
ئۆپكە راكىنىڭ ئالامەتلىرى
كۆپىنچە ئۆپكە راكى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن تارتىلغان كۆكرەك رېنتىگېن رەسىمى ئارقىلىق بايقالغان بولۇپ، ئۆپكە راكىنىڭ دەسلىپىدە ئېنىق ئالامەتلەر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالامەتلەر بولغاندىمۇ ناھايىتى يەڭگىل ھەم باشقا ئادەتتىكى كېسەللەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمايدۇ.
ئۆپكە راكى تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 1.قان تۈكۈرۈش ياكى تۈكۈرۈكتە قان بولۇش. 2.ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان يۆتەل (كوئۇغ، 咳嗽). 3.كۆكرەك ئاغرىش. 4.نەپەس قىسىلىش، دېمى سىقىلىش. 5.ئۆپكە ياللۇغلىنىپ قېلىش. 6.ئۇشتۇمتۇت ئورۇقلاپ كېتىش ۋە ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش. 7.ئوڭاي ھېرىپ قېلىش. بۇ ئادەتتە كۆپىنچە راكلا بولىدىغان ئالامەت بولۇپ، يالغۇز ئۆپكە راكىغىلا تەۋە ئەمەس..
ئۆپكە راكىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار
1.ئۆپكە راكىنىڭ 80% ئارتۇقى تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان. 2.تاماكىنى تاشلاش ئارقىلىق ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 3.ئۆپكە راكى ئەرلەردە كۆپ بولۇپ، ئەرلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللاردىن 25% ئارتۇق بولىدۇ. 4.ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئاران 15% بالدۇر بايقىلىدىغان بولۇپ، 85% بىمار تۇنجى قېتىم دىئاگنوز قويۇلغاندا، راك ئاللا بۇرۇن ئەتراپقا كېڭىيىپ كەتكەن. 5.ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ 5 يىل ياشاش نىسبىتى 50% ئەتراپىدا، يەنى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئاران 50% 5 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. 6.ئامېرىكىدا تەخمىنەن 171500 ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، پۈتۈن راك كېسىلىنىڭ 14% ئىگىلەيدۇ. 7.ئامېرىكىدا يىلىدا ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى، پۈتۈن راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 28% ئىگىلەيدۇ. 8.1987-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەمچەك راكى سەۋىبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى. 9.جۇڭگودىكى ئۆپكە راكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 10 يىلدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشقان بولۇپ، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سان 500000 غا يەتكەن.
قانداق ئامىللار ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا ئاساسلىق سەۋەپ تاماكا چېكىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسى سەۋەبى، تاماكىدا راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىنىڭ بولغانلىقىدا. تاماكا تەركىبىدىكى بۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى (كاركىنوگەنس، 致癌物质) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ زەخمىگە ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ راكقا ئايلىنىدۇ. بىراق، قايسى تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
ئادەتتە تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1.تاماكا چەككۈچىنىڭ تاماكا چېكىشنى باشلىغان يېشى. 2.تاماكا چېكىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى. 3.كۈندە چېكىدىغان تاماكا سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى.
باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تاماكىدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر تاماك چەككۈچى تەڭلا ۋاقىتتا بۇ سەۋەبلەرگە دۇچ كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: 1.خىزمەت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاش پاختا (ئاسبەستوس، 石棉)، كۆمۈر ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى (كوئال پرودۇكتس)، (ۋىنيل چلورىدە، 乙烯氯)، (نىككەل چروماتە، 铬酸镍)، (ئارسەنىك، 砷، 砒霜)، (چلورومەتھيل ئەتھەرس، 氯甲醚) قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا (كانكەر-كائۇسىڭ ئاگەنتس، 致癌物质) بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش. 2.خىزمەت، داۋالاش ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىش، مەسىلەن كۆپ قېتىم رېنتىگېنگە چۈچۈش، بەزى كېسەللەر تۈپەيلىدىن رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار. 3.رادون گازى (رادون گاس، 氡气) بىلەن ئۇچرىشىش. رادون گازى ئادەتتە بەزى ئۆڭكۈرلەردە، غارلاردا ۋە تۇپراقتا بولىدىغان بولۇپ، بۇ گاز بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆپكىدە زەخمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر رايونىدكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار.
1.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى. ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك پۈتۈن جەمئىيەتتە بىر خىل گەلىتە مۇناسىۋەت ئۇسۇلى ئومۇملاشقان ۋە كۈنسايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، كىشىلەر ناتونۇش بىرى بىلەن تونۇشماقچى بولسا ياكى بىرەر ئىشنى بېجىرمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە تاماكا سۇنىدۇ. ھەر قانداق ئىش تاماكا بىلەن باشلىنىدۇ. ئەگەر تاماكا چەكمىسىڭىز قارشى تەرەپنى رەت قىلغان بولىسىز، ئادەمگەرچىلىك ۋە سورۇندارچىلىقىمىز بولمىغان بولىدۇ دېگەندەك كۆز قاراشلار. بۇ خىل گەلىتە ئەھۋال تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا. 2.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياشلىشىشى. جۇڭگودا ياش ئۆسمۈرلەرگە تاماكا سېتىپ بېرىش توغرىسىدا مۇكەممەل قانۇن تۈزۈم بولمىغاچقا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى تاماكا چەككۈچىلەر كۆپەيمەكتە. 3.تاماكا چېكىش رايونلىرىنىڭ مۇۋاپىق چەكلەنمەسلىكىدە، يەنى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ كەم بولۇشىدا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئولتۇرۇش، توي-تۆكۈن قاتارلىق سورۇنلاردا تاماكا چېكىش ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ سورۇنلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئەمەس، ياكى دائىرسى كىچىك. پۈتۈن مۇھىت ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ مەيلى تاماكا چەككىنى بولسۇن ياكى چەكمىگىنى بولسۇن، ئوخشاشلا زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئېغىر. 4.ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى. سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سانائەت ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلماسلىقى ياكى قوللىنىلغان چارە- تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقى. 5.ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنۋى قاتناش قورالى بولغان ۋەلسىپىت ۋە ھارۋىلارنى ئىشلىتىشتىن، ماشىنىنى قاتناش قورالى قىلىشقا تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇنىڭ نىسبىتىنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ بېرىشى. بۇنىنغا مۇناسىپ قانۇن-تۈزۈمنىڭ بولماسلىقى ۋە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقى. 6.ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشسىزلىنىشى ۋە كۆپلەپ شەھەرگە كۆچۈپ كىرىشى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ زىچلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن قىشتا ئىسسىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان ئىسىنىڭ كۆپىيىشى. 7.كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى لاياقەتلىك بولمىغان ماتېرىياللار بىلەن بېزىشى، يەنى ئىشلەتكەن خام ماتېرىياللار تەكىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى ياكى ئەرزان دەپ بەزى ئۆلچەمگە توشمىغان ماتېرىياللار بىلەن ئۆيىنى بېزىشى. 8.شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىنالارنىڭ كۆپىيىشى ۋە زىچلىقىنىڭ ئېشىشى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. 9.رادىئاكتىپلىك نۇرنىڭ تەسىرى. كىشىلەرنىڭ رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشى، دوختۇرخانىلاردا رېنتىگېننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ رېنتىگېن ئارقىلىق تەكشۈرۈش، رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشى. 10.تۇرمۇشنىڭ رىتىمسىز، تېز ۋە جىددىيلىك بولۇشى. كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ روھىي بېسىمغا ئۇچرىشى.
قانداق قىلغاندا ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ياكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1.تاماكا چەكمەسلىك ياكى تاماكىنى تاشلاش كېرەك. 2.ئۆزئارا تاماكا سۇنىدىغان ۋە باشقىلارنى تاماكا چېكىشكە زورلايدىغان ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك 3.ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا تاماكىنىڭ زىيىنىنى چەشەندۈرۈش، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تاما چېكىشىنى قاتتىق توسۇش كېرەك. 4.ئۆي ئىچىدە ياكى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنلىرى تولۇق بولمىغان مۇھىتتا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. 5.ئېغىر ئاياغ ئايال ۋە يېشىغا توشمىغان بالىلار بار سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. 6.ئۆي ياسىغاندا ئىشلەتكەن ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش، ئۆينىڭ ھاۋا ئالماستۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاش كېرەك. 7.مۇھىتنى ئاسراش، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، ياكى بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق كېرەك. 8.رادىئاكتىپلىق بۇلغانغان رايوندىن يىراق تۇرۇش، كۆپ مىقتاردا رېنتىگېن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 9.تۇرمۇش رىتىملىق بولۇش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇرۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جىددىيچىلىكىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. 10.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى زاۋۇت سالغاندا، ئىمكان بار شەھەر سىرتىغا ياكى ئولتۇراق ئاھالە ئاز جايغا سېلىش كېرەك. سانائەت رايونى بىلەن ئولتۇراق رايوننى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش كېرەك.
ئۆپكە راكىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟
ئۆپكە راكى بىلەن گۇمانلانغان كىشىلەر ياكى ئۆزىدە ئۆپكە راكىدا بولىدىغان بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەر تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك. 1.كۆكرەكنى رېنتىگېن رەسىمىگە تارتىش (چەست خ-راي) 2.كت ۋە مرى ئارقىلىق ئۆپكىنى رەسىمگە ئېلىش. 3.تۈكۈرۈكنى تەكشۈرۈش (سپۇتۇم تەست). 4.ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش (بىئوپسي، 活组织检查) 5.يىڭنە ئارقىلىق بىر قىسىم ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش (نەئەدلە ئاسپىراتىئون) 6.كانايچە ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش (برونچوسكوپي، 支气管镜检查).
ئۆپكە راكىنى داۋالاش
1.خىمىيەلىك داۋالاش يەنە دورا بىلەن داۋالاش (چەموتھەراپي، 化疗). 2.رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش (رادىئاتىئون تھەراپي، 放疗). 3.ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش (سۇرگەري، 手术治疗). ئوپېراتسىيە ئادەتتە ئۆپكە راكىنىڭ ئورنىغا ۋە چوڭ-كىچىكلىگىگە ئاساسەن كېسىپ ئېلىۋېتىدىغان ئۆپكىنىڭ دائىرسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئۈچ خىل ئوپېراتسىيە ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆپكە قانىتىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىۋېتىش (ۋەدگە رەسەكتىئون، 楔形切除术)، ئۆپكە قانىتىنى كېسىۋېتىش (لوبەكتومي، 肺叶切除术) ۋە بىر تەرەپتىكى ئۆپكىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش (پنەئۇمونەكتومي، 肺切除术) دىن ئىبارەت. 4.نۇر بىلەن داۋالاش (پھوتودينامىك تھەراپي، 光疗) 5.ئىممونىتېتلىق داۋالاش (ئىممۇنوتھەراپي، 免疫疗法) تولۇق ئوقۇش